يۇھاننا 10:1-41 UIGB2010 - Bible AI

1بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قوي قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، باشقا يەردىن يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر.

2ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا قويلارنىڭ پادىچىسىدۇر.

3ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ؛ ئۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا باشلاپ چىقىدۇ. ◼ 10:3 +bd «ئىشىك باقار ئۇنىڭغا ئىشىكنى ئېچىپ بېرىدۇ ۋە قويلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ تونۇيدۇ...»+bd* ــ «ئىشىك باقار» بەلكىم چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانى كۆرسىتىشى مۇمكىن. بۇ ئايەت ھەم 4-ئايەتكە مۇناسىۋەتلىك، «مىك.» 13:2 ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*

4ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. ◼ 10:4 +bd «ئۇ قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى قويچىلار دەل شۇنداق يول بىلەن قويلارنى باقىدۇ. قويچى بارلىق قويلارغا ئىسىم قويۇپ ئۇلارنى بۇ ئىسىم بىلەن چاقىرىدۇ. ئۇ دائىم «قويلىرىنى باشلايدۇ»، ئۇلار ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن ئەگىشىپ ماڭىدۇ. ئادەتتە قويچىنىڭ قويلارنى «ھەيدەش»نىڭ ھېچ ھاجىتى يوق.*

5لېكىن ئۇلار يات ئادەمنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭدىن قاچىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.

6ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەرگىنى بىلەن، لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە نېمە دەۋاتقانلىقىنى ھېچ چۈشەنمىدى.

7شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

8مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى. ◼ 10:8 +bd «مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر، لېكىن قويلار ئۇلارغا قۇلاق سالمىدى»+bd* ــ بۇ يەردە ئەيسانىڭ كۆزدە تۇتقىنى تەۋراتتىكى پەيغەمبەرلەر ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنى «ئىسرائىلنى باققۇچىلار» دەپ ئاتىۋالغانلار ــ يەنى پەرىسىيلەر، باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى، شۇنداقلا ئۆزىدىن ئىلگىرى پەيدا بولغان «ساختا مەسىھلەر» (مەسىلەن، «روس.» 36:5-37)دىن ئىبارەت. ئىسرائىلغا باققۇچى بولۇش كېرەك بولغانلار ئەكسىچە پادىدىن پايدا-مەنپەئەت ئالىدىغانلارغا ئايلاندۇرۇلغان («يەر.» 23-باب، «ئەز.» 34-بابنى كۆرۈڭ).*

9ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ، ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. ◘ 10:9 يـۇھ. 14‏:6. *

10ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە شۇ ھاياتلىقى مول بولسۇن دەپ كەلدىم. ◼ 10:10 +bd «ئوغرى بولسا پەقەت ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ»+bd* ــ «ئۆلتۈرۈش» گرېك تىلىدا «بوغۇزلاش».*

11ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ. ◼ 10:11 +bd «ياخشى پادىچى قويلار ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلىدۇ»+bd* ــ «+bd ياخشى+bd* پادىچى» بولغاندىن كېيىن باشقا خىل پادىچىلار بولامدۇ؟ بۇ توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 10:11 يەش. 40‏:11؛ ئ‍ەز. 34‏:11، 12، 15، 22، 23؛ مىك. 1‏:14؛ ئىبر. 13‏:20؛ 1پېت. 5‏:4. *

12لېكىن مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ بەلكى نە قويلارنىڭ ئىگىسى نە پادىچىسى بولمىغاچقا، بۆرىنىڭ كەلگىنىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ ۋە بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. ◼ 10:12 +bd «بۆرە كېلىپ قويلارنى تىتىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ»+bd* ــ ياكى «بۆرە كېلىپ قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ».* ◘ 10:12 زەك. 11‏:16. *

13ئەمدى مەدىكار بولسا پەقەت ھەققىنى دەپ ئىشلەپ، قويلارغا كۆڭۈل بۆلمەي بەدەر قاچىدۇ.

14‏-15 ياخشى پادىچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتا مېنى تونىغىنىدەك مەن ئاتىنى تونۇغىنىمدەك، مەن ئۆزۈمنىڭكىلەرنى تونۇيمەن ۋە ئۆزۈمنىڭكىلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ؛ قويلار ئۈچۈن جېنىم پىدا. ◘ 10:14‏-15 2تىم. 2‏:19؛ مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 6‏:46؛ 7‏:29. *

16بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ۋە ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ. ◼ 10:16 +bd «بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ ئېلىپ باشلىشىم كېرەك ... شۇنىڭ بىلەن بىر پادا بولىدۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ بىر پادىچىسى بولىدۇ»+bd* ــ ھېچقانداق شۈبھە يوقكى، مۇشۇ يەردە «بۇ قوتاندىن بولمىغان»لار مەسىھكە ئېتىقاد قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 10:16 ئ‍ەز. 37‏:22. *

17ئاتا مېنى شۇ سەۋەبتىن سۆيىدۇكى، مەن جېنىمنى قايتۇرۇۋېلىشىم ئۈچۈن ئۇنى پىدا قىلىمەن. ◘ 10:17 يەش. 53‏:12. *

18جېنىمنى ھېچكىم مەندىن ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى پىدا قىلىشقا ھوقۇقلۇقمەن ۋە شۇنداقلا ئۇنى قايتۇرۇۋېلىشقىمۇ ھوقۇقلۇقمەن؛ بۇ ئەمرنى ئاتامدىن تاپشۇرۇۋالغانمەن. ◘ 10:18 يـۇھ. 2‏:19. *

19بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. ◘ 10:19 يـۇھ. 7‏:12؛ 9‏:16. *

20ئۇلاردىن كۆپ ئادەملەر:

21يەنە بەزىلەر بولسا:

22قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. ◼ 10:22 +bd «قايتا بېغىشلاش ھېيتى»+bd* ــ (ئىبادەتخانىنى) «قايتا بېغىشلاش ھېيتى» بولسا مىلادىيەدىن ئىلگىرى 164-يىلى «يەھۇدا ماككابۇس» ئىبادەتخانىنى يۇناندىكىلەرنىڭ بۇتپەرەسلىكىدىن قايتۇرۇۋېلىپ، ئۇنى قايتىدىن خۇدانىڭ يولىغا ئاتاپ بېغىشلىغانلىقىنى تەبرىكلەيدىغان ھېيت. بۇ ھېيت يەھۇدىيلار ئارىسىدا ھازىرغىچە «خاننۇكاھ» دەپ ئاتىلىدۇ.*

23ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايماننىڭ پېشايۋىنى»دا ئايلىنىپ يۈرەتتى. ◘ 10:23 1پاد. 6‏:3؛ روس. 3‏:11؛ 5‏:12. *

24يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ:

25ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

26بىراق مەن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر.

27مېنىڭ قويلىرىم مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ، مەن ئۇلارنى تونۇيمەن ۋە ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. ◘ 10:27 يـۇھ. 8‏:47. *

28مەن ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن؛ ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ھېچكىم ئۇلارنى قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. ◘ 10:28 يـۇھ. 6‏:39؛ 17‏:12؛ 18‏:9. *

29ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر ۋە ھېچكىم ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋالالمايدۇ.

30مەن ۋە ئاتا ئەسلىدىنلا* بىردۇرمىز. ◼ 10:30 +bd «مەن ۋە ئاتا ئەسلىدىنلا بىردۇرمىز»+bd* ــ «قان» 39:32نى كۆرۈڭ. مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ «بىر» دېگىنى، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ خۇدائاتا بىلەن بىرگە بىر بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.* ◘ 10:30 يەش. 54‏:5؛ يـۇھ. 5‏:19؛ 14‏:9؛ 17‏:5. *

31بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىشماقچى بولۇپ، يەردىن قوللىرىغا تاش ئېلىشتى. ◘ 10:31 يـۇھ. 8‏:59؛ 11‏:8. *

32ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتامدىن كەلگەن نۇرغۇن ياخشى ئەمەللەرنى سىلەرگە كۆرسەتتىم. بۇ ئەمەللەرنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ ــ دېدى.

33ــ سېنى ياخشى بىر ئەمەل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۇپۇرلۇق قىلغىنىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى سەن بىر ئىنسان تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! ــ دېدى يەھۇدىيلار جاۋابەن. ◘ 10:33 يـۇھ. 5‏:18. *

34ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

35خۇدا ئۆز سۆز-كالامىنى يەتكۈزگەنلەرنى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە (ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى ھەرگىز كۈچتىن قالمايدۇ)

36نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ ◼ 10:36 +bd «نېمە ئۈچۈن ئاتا ئۆزىگە خاس-مۇقەددەس قىلىپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتكەن زات «مەن خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، ئۇ توغرۇلۇق «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟»+bd* ــ بۇ 36-ئايەت بويىچە، خۇدا «زەبۇر»دا «خۇدانىڭ +bd سۆز-كالامى يەتكۈزۈلگەنلەر+bd*»نى «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغان يەردە، +bd خۇدانىڭ سۆز-كالامىنىڭ ئۆزى+bd* دۇنياغا كەلگەندە، «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسە، بۇ قانداقمۇ كۇپۇرلۇق بولىدۇ؟* ◘ 10:36 يـۇھ. 5‏:1؛ 6‏:27. *

37ئەگەر ئاتامنىڭ ئەمەللىرىنى قىلمىسام، ماڭا ئىشەنمەڭلار. ◘ 10:37 يـۇھ. 15‏:24. *

38بىراق قىلسام، ماڭا ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، ئەمەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاتىنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتىدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلەر. ◼ 10:38 +bd «ئېتىقاد قىلىدىغان بولىسىلە»+bd* ــ بەزى كونا تېكىستكلەردە «چۈشىنىىدىغان بولىسىلەر» دېيىلىدۇ.* ◘ 10:38 يـۇھ. 14‏:11؛ 17‏:21. *

39بۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ئۇ ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇ يەردىن كەتتى. ◘ 10:39 لۇقا 4‏:29؛ يـۇھ. 8‏:59. *

40ئاندىن ئۇ يەنە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر* دەسلىپىدە ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى. ◘ 10:40 يـۇھ. 1‏:28؛ 3‏:23. *

41نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار:

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>