1لازارۇس دېگەن بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ مەريەم ۋە ھەدىسى مارتا تۇرغان، بەيت-ئانىيا دېگەن كەنتتە تۇراتتى
2(بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى). ◼ 11:2 +bd «بۇ مەريەم بولسا، رەبگە خۇشبۇي ماينى سۈركىگەن، پۇتلىرىنى ئۆز چاچلىرى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتقان ھېلىقى مەريەم ئىدى؛ كېسەل بولۇپ ياتقان لازارۇس ئۇنىڭ ئىنىسى ئىدى»+bd* ــ بۇ ئىش دەسلەپتە «مات.» 6:26-13 ۋە «مار.» 3:14-9دە ۋە كېيىن «يۇھ.» 3:12-8دە خاتىرىلىنىدۇ. يۇھاننا ئوقۇرمەنلەر بۇ ئىشتىن ئىنجىلدىكى باشقا «بايانلار» ئارقىلىق ئاللىقاچان خەۋەر تاپقان، دەپ پەرەز قىلىدۇ.* ◘ 11:2 مات. 26:6؛ مار. 14:3؛ لۇقا 7:37؛ يـۇھ. 12:3. *
3لازارۇسنىڭ ھەدىلىرى ئەيساغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ: «ئى رەب، مانا سەن سۆيگەن دوستۇڭ* كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ يەتكۈزدى.
4لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ:
5ئەيسا مارتا، سىڭلىسى ۋە لازارۇسنى تولىمۇ سۆيەتتى.
6شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى. ◼ 11:6 +bd «شۇڭا ئۇ لازارۇسنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان جايدا يەنە ئىككى كۈن تۇردى»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «شۇڭا» بەلكىم ئوقۇرمەنلەرنى ھەيران قالدۇرىدۇ. بىزدە قىلچە شۈبھە يوقكى، خۇدا ئۆزىنى سۆيگەنلەرنىمۇ ئىنتايىن سۆيگەچكە، ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىي شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈپ چۈشىنىشى، شۇنداقلا ئېتىقادىنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن بەزىدە بېشىمىزدىن بۇ ئىشقا ئوخشاپ كېتىدىغان ئازابلىق ئىشلارنى ئۆتكۈزىدۇ (15-ئايەتنى كۆرۈڭ).*
7ئاندىن كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا:
8مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا:
9ئەيسا مۇنداق دېدى:
10لېكىن كېچىسى يول ماڭغان كىشى پۇتلىشار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.
11بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ:
12شۇڭا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا:
13ھالبۇكى، ئەيسا لازارۇسنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق ئېيتقانىدى، لېكىن ئۇلار ئۇ دەم ئېلىشتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.
14شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ:
15ــ بىراق سىلەرنى دەپ، سىلەرنىڭ ئېتىقاد قىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ قېشىدا* بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. ئەمدى ئۇنىڭ يېنىغا بارايلى، ــ دېدى.
16«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا مۇخلىسداشلىرىغا:
17ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بەيت-ئانىياغا بارغاندا، لازارۇسنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا ئاللىقاچان تۆت كۈن بولغانلىقى ئۇنىڭغا مەلۇم بولدى.
18بەيت-ئانىيا يېرۇسالېمغا يېقىن بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئالتە چاقىرىمچە يىراقلىقتا ئىدى، ◼ 11:18 +bd «ئالتە چاقىرىم»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئون بەش ستادىيون». بىر «ستادىيون» 185 مېتر ئىدى.*
19شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمگە ئىنىسى توغرىسىدا تەسەللى بەرگىلى ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى.
20مارتا ئەمدى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقىنىنى ئاڭلاپلا، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. لېكىن مەريەم بولسا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ قالدى.
21مارتا ئەمدى ئەيساغا: ــ ئى رەب، بۇ يەردە بولغان بولساڭ، ئىنىم ئۆلمىگەن بولاتتى.
22ھېلىھەم خۇدادىن نېمىنى تىلىسەڭ، ئۇنىڭ ساڭا شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن، ــ دېدى.
23ــ ئىنىڭ قايتا تىرىلىدۇ، ــ دېدى ئەيسا.
24مارتا:
25ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تىرىلىش ۋە ھاياتلىق مەن ئۆزۈمدۇرمەن؛ ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشى ئۆلسىمۇ، ھايات بولىدۇ؛ ◘ 11:25 يـۇھ. 1:4؛ 3:16، 36؛ 5:24؛ 6:47؛ 14:6؛ 1يۇھ. 5:10. *
26ۋە ھايات تۇرۇپ، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى ئەبەدىلئەبەد ئۆلمەس؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسەن؟ ◘ 11:26 يـۇھ. 6:51. *
27ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئىشىنىمەن، ئى رەب؛ سېنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭگە ئىشىنىمەن. ◘ 11:27 مات. 16:16؛ مار. 8:29؛ لۇقا 9:20؛ يـۇھ. 6:69. *
28بۇنى دەپ بولۇپ، ئۇ بېرىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ:
29مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى
30(شۇ پەيتتە ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئۇنىڭ ئالدىغا مېڭىپ، ئۇچرىشىپ قالغان يەردە ئىدى).
31ئەمدى مەريەمگە* تەسەللى بېرىۋاتقان، ئۆيدە ئۇنىڭ بىلەن ئولتۇرغان يەھۇدىيلار ئۇنىڭ ئالدىراپ قوپۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، ئۇنى قەبرىگە بېرىپ شۇ يەردە يىغا-زار قىلغىلى كەتتى، دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.
32مەريەم ئەمدى ئەيسا بار يەرگە بارغاندا ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ:
33ئەيسا مەريەمنىڭ يىغا-زار قىلغىنىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن يەھۇدىي خەلقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەندە، روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى ۋە: ◼ 11:33 +bd «+bdit ئەيسا+bdit* ... روھىدا قاتتىق پىغان چېكىپ، كۆڭلى تولىمۇ بىئارام بولدى»+bd* ــ ئەيسا نېمىگە شۇنداق ئىنكاس قايتۇردى؟ بىزنىڭچە، بۇ ئۇنىڭ گۇناھنىڭ ئىنسانلارنى ئۆلۈمگە ۋە ھالاكەتكە، جۈملىدىن شەيتاننىڭ ئىلكىگە ئېلىپ بارغانلىقى تۈپەيلىدىن بولغان پاراكەندىچىلىك ۋە پىغان-قايغۇغا قاراپ، بۇ ئىشلاردىن قاتتىق ھاياجانلانغانلىقى ۋە بەلكىم غەزەپلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.*
34ــ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ ــ دەپ سورىدى.
35ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. ◼ 11:35 +bd «ئەيسا كۆز يېشى قىلدى»+bd* ــ ئەيسانىڭ كۆز ياشلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختالمىساق بولمايدۇ.* ◘ 11:35 لۇقا 19:41. *
36يەھۇدىي خەلقى: ــ قاراڭلار، ئۇ ئۇنى قانچىلىك سۆيگەن! ــ دېيىشتى.
37ۋە ئۇلاردىن بەزىلىرى:
38ئەيسا ئىچىدە يەنە قاتتىق پىغان چېكىپ، قەبرىنىڭ ئالدىغا باردى. قەبرى بىر غار ئىدى؛ ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا چوڭ بىر تاش قويۇقلۇق ئىدى.
39ئەيسا:
40ئەيسا ئۇنىڭغا:
41بۇنىڭ بىلەن خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى. ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى:
42تىلەكلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن؛ لېكىن شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى مۇشۇ خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن! ◘ 11:42 يـۇھ. 12:30. *
43بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا:
44ئۆلگۈچى قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ئەيسا ئۇلارغا:
45مەريەمنىڭ يېنىغا پەتە قىلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئەمىللىرىنى كۆرگەن يەھۇدىيلار ئىچىدىن نۇرغۇنلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
46لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى.
47شۇڭا پەرىسىيلەر ۋە باش كاھىنلار يەھۇدىيلارنىڭ بىر كېڭەشمىسىنى يىغىپ:
48ئۇنىڭغا شۇنداق يول قويۇپ بېرىۋەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! ــ دېيىشتى. ◼ 11:48 +bd «رىملىقلار كېلىپ بۇ بىزنىڭ جايىمىز ۋە قوۋمىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ!»+bd* ــ «بۇ بىزنىڭ جايىمىز» بىزنىڭچە ئىبادەتخانىنى كۆرسەتسە كېرەك. ئېنىقكى، بۇ ئادەملەرنىڭ ئىبادەتخانىنى «خۇدانىڭ» دېمەيدۇ، بەلكى «بىزنىڭ» دەيدۇ. ئۇلارنىڭ گېپىدىن روشەنكى، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ، ئۆز خەلقىنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ.
49ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش كاھىن بولغان قايافا:
50پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشىنىپ يەتمەيدىكەنسىلەر، ــ دېدى ◘ 11:50 يـۇھ. 18:14. *
51-52 (بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەيسانىڭ يەھۇدىي* خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا تارقىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى). ◼ 11:51-52 +bd «بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى؛ بەلكى ئۇ شۇ يىلى باش كاھىن بولغانلىقى ئۈچۈن... ئالدىن بېشارەت بېرىپ شۇنداق دېگەنىدى»+bd* ــ دېمەك، گەرچە ئۇ ئۆزى خۇداسىز ئادەم بولسىمۇ، تەۋرات بېكىتكەن ئورۇندا تۇرغاچ، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ئارقىلىق (ئۆزىنىڭ دەۋاتقىنىنىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمىگەن ھالدا) بېشارەت بەردى.* ◘ 11:51-52 ئەف. 2:14، 15، 16. *
53شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىشنى قەستلىدى.
54شۇنىڭ ئۈچۈن ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەيتتى، ئۇ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرائىم ئىسىملىك بىر شەھىرىگە بېرىپ، مۇخلىسلىرى بىلەن ئۇ يەردە تۇردى.
55ئەمدى يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. ◼ 11:55 +bd «نۇرغۇن كىشىلەر تاھارەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن...»+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «تاھارەت» توغرۇلۇق: مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە، بىرسى ئۆلۈك بىر نەرسىگە، قانغا ياكى مەلۇم كېسەل يارىسىغا تېگىپ كەتكەن بولسا، «ناپاك» دەپ ھېسابلىناتتى ۋە شۇنداقلا پاك ھېسابلىنىش ئۈچۈن يۇيۇنۇشى كېرەك ۋە يەنە بەزى ئەھۋاللاردىمۇ قۇربانلىق قىلىشى كېرەك ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىسىيلەر ۋە «تەۋرات ئۇستازلىرى» ئۆزلۈكىدىن بۇ ئىشلارغا نۇرغۇن باشقا مۇرەككەپ قائىدىلەرنى قوشۇۋالغانىدى. مەسىلەن، «مار.» 3:7-4نى كۆرۈڭ. شۇڭا «تاھارەت»نى ئۆتكۈزۈشكە بەزىدە خېلى ۋاقىت كېرەك بولغان. +bd «يېرۇسالېمغا كېلىشتى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «يېرۇسالېمغا چىقىشتى».*
56شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇ كىشىلەر ئەيسانى ئىزدەشتى. ئۇلار ئىبادەتخانىدا يىغىلغاندا بىر-بىرىگە: