1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇس تۇرۇۋاتقان جاي ــ بەيت-ئانىياغا كەلدى. ◘ 12:1 مات. 26:6؛ مار. 14:3؛ لۇقا 7:37؛ يـۇھ. 11:2*
2شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بەردى. مارتا مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى؛ لازارۇس بولسا ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلارنىڭ بىرى ئىدى.
3مەريەم ئەمدى ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق ئەكىلىپ، ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى. ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى ئۆينى بىر ئالدى. ◼ 12:3 +bd «ناھايىتى قىممەت باھالىق ساپ سۇمبۇل ئەتىردىن بىر قاداق»+bd* ــ «بىر قاداق» (گرېك تىلىدا «بىر لىترا») ــ رىملىقلارنىڭ قادىقى، تەخمىنەن 325 گرام. +bd «ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ئاندىن چاچلىرى بىلەن پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى»+bd* ــ ياكى «ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى پۇتلىرىغا سۈردى».*
4لېكىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بىرى، يەنى ئۇنىڭغا پات ئارىدا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى، سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوت:
5ــ نېمىشقا بۇ قىممەت باھالىق* ئەتىر كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىپ بېرىلىشكە ئۈچ يۈز دىنارغا سېتىلمىدى؟ ــ دېدى ◼ 12:5 +bd «ئۈچ يۈز دىنار»+bd* ــ شۇ چاغدا ئاددىي بىر ئىشچىنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ بولاتتى.* ◘ 12:5 مار. 14:5. *
6(ئۇ بۇ سۆزنى كەمبەغەللەرنىڭ غېمىنى يېگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى؛ چۈنكى ئۇ مۇخلىسلارنىڭ ئورتاق* ھەميانىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، دائىم ئۇنىڭغا سېلىنغىنىدىن ئوغرىلىۋالاتتى). ◘ 12:6 يـۇھ. 13:29. *
7ئەمدى ئەيسا: ــ ئايالنى ئۆز ئىختىيارىغا قويغىن! چۈنكى ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر؛ ◼ 12:7 +bd «ئۇ بۇنى مېنىڭ دەپنە كۈنۈم ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ ساقلىغاندۇر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ شۇنداق قىلىپ مېنىڭ دەپنە كۈنۈمگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ».* ◘ 12:7 مار. 14:8. *
8چۈنكى كەمبەغەللەر ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ، لېكىن مەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن، ــ دېدى. ◘ 12:8 قان. 15:11؛ مات. 26:11؛ مار. 14:7. *
9زور بىر توپ يەھۇدىيلار ئۇنىڭ شۇ يەردە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ كېلىشى يالغۇز ئەيسانى دەپلا ئەمەس، يەنە ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارۇسنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئىدى. ◘ 12:9 يـۇھ. 11:44. *
10لېكىن باش كاھىنلار بولسا لازارۇسنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى مەسلىھەتلەشكەنىدى؛
11چۈنكى ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۆزلىرىدىن چېكىنىپ ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى.
12ئەتىسى، «ئۆتۈپ كېتىش* ھېيتى»نى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر توپ خالايىق ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ◘ 12:12 مات. 21:8؛ مار. 11:8؛ لۇقا 19:36*
13قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە: «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!» دەپ ۋارقىراشتى. ◼ 12:13 +bd «تەشەككۈر-ھوساننا! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچى، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولغاي!»+bd* ــ بۇ سۆزلەر «زەب.» 25:118-26دىكى بېشارەتتىن ئېلىنغان. «ھوساننا» دېگەن سۆز «قۇتقۇزغايسەن، ئى پەرۋەردىگار» دېگەن مەنىدە. ئىنجىل دەۋرىگە كەلگەندە مەنىسى «خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە»مۇ بولۇپ قالغانىدى. «زەبۇر» 118-كۈيىدىكى ئىزاھاتلارنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 12:13 زەب. 118:25، 26. *
14ئەيسا بىر تەخەينى تېپىپ، ئۇنىڭغا مىندى؛ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا* مۇنداق پۈتۈلگەندەك: ــ
15«قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!». ◼ 12:15 +bd «قورقما، ئى زىئون قىزى! مانا، پادىشاھىڭ ئېشەك تەخىيىگە مىنىپ كېلىۋاتىدۇ!»+bd* ــ «زەك.» 9:9. «زىئون قىزى» يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارنى، شۇنداقلا بارلىق يەھۇدىي خەلقىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 12:15 يەش. 62:11؛ زەك. 9:9؛ مات. 21:5. *
16ئەينى چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى بۇ ئىشلارنى چۈشەنمەيتتى، لېكىن ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، بۇ سۆزلەرنىڭ ئۇنىڭ توغرۇلۇق پۈتۈلگەنلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئىشلارنىڭ دەرۋەقە ئۇنىڭدا شۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈردى. ◼ 12:16 +bd «ئەيسا شان-شەرەپتە ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن...»+bd* ــ ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىپ ئەرشكە كۆتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.*
17ئەمدى ئۇ لازارۇسنى قەبرىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەن چاغدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان خالايىق بولسا، بۇ ئىشقا گۇۋاھلىق بېرىۋاتاتتى.
18ئەيسا ياراتقان بۇ مۆجىزىلىك ئالامەتنىمۇ ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئېلىشقا شۇ بىر توپ ئادەملەر چىقىشقانىدى.
19پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە:
20ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئارىسىدا بىرنەچچە گرېكلارمۇ بار ئىدى. ◘ 12:20 روس. 8:27. *
21بۇلار ئەمدى گالىلىيەنىڭ بەيت-سائىدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ:
22فىلىپ بېرىپ بۇنى ئاندرىياسقا ئېيتتى. ئاندىن ئاندرىياس ۋە فىلىپ ئىككىسى ئەيساغا مەلۇم قىلدى.
23لېكىن ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
24بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ. ◼ 12:24 +bd «بۇغداي دېنى تۇپراق ئىچىگە چۈشۈپ ئۆلمىگۈچە، ئۆزى يەنىلا يالغۇز قالىدۇ؛ لېكىن ئۆلسە، مول ھوسۇل بېرىدۇ»+bd* ــ مەسىھنىڭ «ئۇرۇقنىڭ ئۆلۈشى» دېگىنى بىرخىل ئوخشىتىشتۇر. ئۇرۇق يەرگە چۈشۈپ «ئۆلمىسە» بىر تال پېتى قېلىۋېرىدۇ. تۇپراققا چۈشكەندە «ئۆلسە»، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن ئۇرۇق مېۋىلەيدۇ.* ◘ 12:24 1كور. 15:36. *
25كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن بۇ دۇنيادا ئۆز ھاياتىدىن نەپرەتلەنسە، ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ساقلىيالايدۇ. ◼ 12:25 +bd «كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى ئايىسا..»+bd* ــ «ئايىسا» گرېك تىلىدا «سۆيىسە» ياكى «ئامراق بولسا».* ◘ 12:25 مات. 10:39؛ 16:25؛ مار. 8:35؛ لۇقا 9:24؛ 17:33. *
26كىمدەكىم خىزمىتىمدە بولۇشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ خىزمەتچىممۇ شۇ يەردە بولىدۇ. كېمدەكىم مېنىڭ خىزمىتىمدە بولسا، ئاتا ئۇنىڭغا ئىززەت قىلىدۇ. ◘ 12:26 يـۇھ. 14:3؛ 17:24. *
27ھازىر جېنىم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. مەن نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟ لېكىن مەن دەل مۇشۇ ۋاقىت-سائەت ئۈچۈن كەلدىم. ◼ 12:27 +bd «ئاتا، مېنى بۇ سائەتتىن قۇتقۇزغىن!» دەيمۇ؟»+bd* ــ بۇ «سائەت» ئۇنىڭ كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 12:27 مات. 26:37،38،39؛ مار. 14:34؛ لۇقا 22:44. *
28ئاتا، نامىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرگىن!».
29بۇنى ئاڭلىغان شۇ يەردە تۇرغان خالايىق:
30ئەيسا بولسا جاۋابەن: ــ بۇ ئاۋاز مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ چۈشتى. ◘ 12:30 يـۇھ. 11:42. *
31ئەمدى دۇنيانىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلىش ۋاقتى كەلدى؛ ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى. ◼ 12:31 +bd «ھازىر بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارىنىڭ تاشقىرىغا قوغلىنىش ۋاقتى كەلدى»+bd* ــ «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى» ــ شەيتاننى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئايەت توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 12:31 يـۇھ. 14:30؛ 16:11؛ كول. 2:15. *
32ۋە مەن بولسام، يەرنىڭ ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىپ تارتىمەن، ــ دېدى ◘ 12:32 چۆل. 21:9؛ 2پاد. 18:4؛ يـۇھ. 3:14؛ 8:28. *
33(ئۇنىڭ بۇنى دېگىنى ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكىنى ئىدى).
34خالايىق بۇنىڭغا جاۋابەن ئۇنىڭدىن:
35شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا: ــ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمايدۇ. شۇڭا قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا ئۇنىڭدا* مېڭىڭلار؛ قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. ◘ 12:35 يەر. 13:16؛ يـۇھ. 1:9؛ 8:12؛ 9:5؛ 12:46؛ ئەف. 5:8؛ 1تېس. 5:4*
36نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار؛ بۇنىڭ بىلەن نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، ــ دېدى.
37گەرچە ئۇ ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە تولا مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار تېخى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى.
38شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەن بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇردى:
39-40 خالايىقنىڭ ئېتىقاد قىلمىغىنىنىڭ سەۋەبى دەل شۇكى (خۇددى يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىنئالا ئېيتقاندەك):
41بۇ سۆزلەرنى يەشايا پەيغەمبەر* مەسىھنىڭ* شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى. ◼ 12:41 +bd «بۇ سۆزلەرنى يەشايا پەيغەمبەر مەسىھنىڭ شان-شەرىپىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا سۆز قىلغىنىدا ئېيتقانىدى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭشان-شەرىپىنى كۆرۈپ...» دېيىلىدۇ. كىمنىڭ شان-شەرىپى؟ ئېنىقكى، «ئۇنىڭ» مۇشۇ يەردە مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. 37-، 39- ۋە 42-ئايەتنى كۆرۈڭ (كىمگە ئېتىقاد قىلىش كېرەك؟). تولۇق ئىش «يەش.» 1:6-13دە خاتىرىلىنىدۇ. يەشايا بۇ بېشارەتنى بەرگەن چاغدا پەرۋەردىگار خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى كۆرگەچكە، خۇلاسىمىز شۇكى، «مەسىھ ئۆزى خۇدانىڭ شان-شەرىپى ۋە ئىپادىسى»دىن ئىبارەتتۇر.* ◘ 12:41 يەش. 6:1. *
42ۋەھالەنكى، گەرچە ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىنمۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى. ◼ 12:42 +bd «نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان بولسىمۇ، ئۇلار پەرىسىيلەر ۋەجىدىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنىڭ سىناگوگتىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن ئۇنى ئېتىراپ قىلمىدى»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «سىناگوگ» يەھۇدىيلارنىڭ ئومۇمىي جەمئىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. «سىناگوگتىن چىقىرىلىش» ــ كىمكى سىناگوگتىن چىقىرىۋېتىلسە، يەھۇدىيلار جەمئىيىتىدىكىلەر ئۇلار بىلەن ھېچ باردى-كەلدى قىلمايتتى.* ◘ 12:42 يـۇھ. 7:13؛ 9:22. *
43بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنسانلاردىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتنى خۇدادىن كېلىدىغان ئىززەت-شۆھرەتتىن ياخشى كۆرەتتى. ◘ 12:43 يـۇھ. 5:44. *
44بىراق ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
45كىمكى مېنى كۆرگۈچى بولسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى كۆرگۈچى بولىدۇ. ◘ 12:45 يـۇھ. 10:30؛ 14:9. *
46مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچىلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، نۇر سۈپىتىدە دۇنياغا كەلدىم. ◘ 12:46 يەش. 42:6؛ 49:6؛ يـۇھ. 1:9؛ 8:12؛ 9:5؛ 12:46؛ روس. 13:47. *
47بىرسى سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، ئۇلارنى تۇتمىسا، ئۇنى سوراققا تارتمايمەن؛ چۈنكى مەن دۇنيادىكىلەرنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى دۇنيادىكىلەرنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. ◘ 12:47 يـۇھ. 3:17؛ 9:39. *
48بىراق مېنى چەتكە قاققۇچىنى، شۇنداقلا سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغاننى بولسا، ئۇنى سوراققا تارتقۇچى بىرسى بار. ئۇ بولسىمۇ، مەن ئېيتقان سۆز-كالامىمدۇر. ئۇ ئاخىرقى كۈنى ئۇنى سوراققا تارتىدۇ. ◘ 12:48 مار. 16:16؛ يـۇھ. 3:18؛ 8:24. *
49چۈنكى مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىگە ئەمر بەرگەن. ◼ 12:49 +bd «مېنىڭ نېمىنى دېيىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكى»+bd* ــ ياكى بولمىسا «مېنىڭ نېمە تەلىم-ئەمر بېرىشىم ۋە نېمىنى سۆزلىشىم كېرەكلىكى».* ◘ 12:49 قان. 18:18؛ يـۇھ. 3:11؛ 5:20؛ 7:16؛ 8:28؛ 14:10، 24؛ 16:13. *