يۇھاننا 13:1-37 UIGB2010 - Bible AI

1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئىلگىرى، ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىنىڭ يېنىغا بارىدىغان ۋاقىت-سائەتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى. ◼ 13:1 +bd «ئەيسا... بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە كۆرسىتىپ كەلگەن مېھىر-مۇھەببىتىنى ئاخىرغىچە تولۇق كۆرسىتىپ تۇردى»+bd* ــ بۇ مۇھەببەت بەلكىم تۆۋەندىكى 1-20-ئايەتلەردە مۇخلىسلىرىنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشى، شۇنداقلا 13-18-بابلاردا خاتىرىلەنگەندەك ئۇلارغا كۆرسەتكەن سەۋر-تاقەت، كەچۈرۈم، مېھرىبانلىقىنى، ئاندىن ئاخىرىدا ئۇلار ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىشىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولسا كېرەك.* ◘ 13:1 مات. 26‏:2؛ مار. 14‏:1؛ لۇقا 22‏:1. *

2ئەمدى كەچلىك تاماق يېيىلىۋاتقانىدى؛ ئىبلىس ئاللىبۇرۇن سىموننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى. ◘ 13:2 لۇقا 22‏:3؛ يـۇھ. 13‏:2. *

3ئەيسا ئاتىنىڭ ھەر ئىشنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغىنىنى، ۋە ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا قايتىدىغانلىقىنى بىلگەچكە، ◘ 13:3 مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ يـۇھ. 3‏:35. *

4داستىخاندىن تۇرۇپ، تون-كۆڭلىكىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى.

5ئاندىن جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، مۇخلىسلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن سۈرتۈپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى.

6نۆۋەت سىمون پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس ئۇنىڭغا:

7ئەيسا ئۇنىڭغا:

8پېترۇس: ــ سەن مېنىڭ پۇتۇمنى يۇساڭ ھەرگىز بولمايدۇ! ــ دېدى.

9سىمون پېترۇس:

10ئەيسا ئۇنىڭغا:

11(چۈنكى ئۇ ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ «ھەممىڭلارلا پاكىز ئەمەس» دېگەنىدى). ◘ 13:11 يـۇھ. 6‏:64. *

12شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تون-كۆڭلىكىنى كىيىپ، يەنە داستىخانغا ئولتۇرۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

13سىلەر مېنى «ئۇستاز» ۋە «رەب» دەيسىلەر ۋە راست ئېيتىسىلەر، مەن شۇنداقتۇرمەن. ◘ 13:13 مات. 23‏:8،10؛ 1كور. 8‏:6؛ 12‏:3؛ فىل. 2‏:11. *

14ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. ◼ 13:14 +bd «ئەگەر مەن رەب ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق، پۇتلىرىڭلارنى يۇغانىكەنمەن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر مۇخلىسلارنىڭ مەسىھنى «ئۇستاز» ئاندىن «رەب» دەيدىغانلىقىنى (13-ئايەت)، لېكىن مەسىھ بولسا ئۆزىنى «رەب» ۋە «ئۇستاز» دەيدىغانلىقىنى بايقىيالايدۇ (13-14-ئايەت) ۋە شۇنداقلا تەرتىپنىڭ ئوخشىماسلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئويلىيالايدۇ.* ◘ 13:14 گال. 6‏:1، 2. *

15مەن سىلەرگە قىلغاندەك سىلەرنىڭمۇ ھەم شۇنداق قىلىشىڭلار ئۈچۈن بۇ ئۈلگىنى قالدۇردۇم. ◘ 13:15 1پېت. 2‏:21؛ 1يۇھ. 2‏:6. *

16بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. ◘ 13:16 مات. 10‏:24؛ لۇقا 6‏:40؛ يـۇھ. 15‏:20. *

17بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، شۇنداق قىلساڭلار بەختلىكسىلەر!

18مەن بۇلارنى ھەممىڭلارغا قارىتىپ ئېيتمىدىم. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا* ئالدىن پۈتۈلگەن: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي قالمايدۇ. ◼ 13:18 +bd «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ نېنىمنى يېگەنمۇ ماڭا پۇت ئاتتى!»+bd* ــ «زەب.» 9:41نى كۆرۈڭ.* ◘ 13:18 زەب. 41‏:9؛ مات. 26‏:23؛ 1يۇھ. 2‏:19*

19مەن بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر. ◼ 13:19 +bd «ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر»+bd* ــ ياكى «ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «ئۇ» (يەنى، مەسىھ) ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر».* ◘ 13:19 يـۇھ. 14‏:29؛ 16‏:4. *

20بەرھەق، بەرھەق، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، كىمكى مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىرسىنى قوبۇل قىلغان بولسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ؛ ۋە مېنى قوبۇل قىلغۇچىلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ◘ 13:20 مات. 10‏:40؛ لۇقا 10‏:16. *

21ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئېيتقاندىن كېيىن، روھتا قاتتىق پىغان چېكىپ، مۇنداق گۇۋاھلىق بەردى:

22مۇخلىسلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى.

23ئەمدى داستىخاندا مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ ياتقانىدى؛ ئۇ بولسا «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» ئىدى. ◼ 13:23 +bd «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس»+bd* ــ بەلكىم بۇ «بايان»نىڭ مۇئەللىپى روسۇل يۇھاننا. «كىرىش سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.* ◘ 13:23 يـۇھ. 20‏:2؛ 21‏:7،20. *

24سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ* كىمنى دەۋاتقىنىنى سوراپ بېقىشىنى ئىشارەت قىلدى.

25شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەيسانىڭ مەيدىسىگە يۆلىنىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن:

26ئەيسا جاۋاب بېرىپ:

27يەھۇدا ناننى ئېلىۋىدى، شەيتان ئۇنىڭ ئىچىگە كىردى.

28(ئەمدى داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭ يەھۇداغا* بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن دېگىنىنى بىلمىدى.

29يەھۇدا ئۇلارنىڭ ئورتاق ھەميانىنى تۇتقىنى ئۈچۈن، بەزىلەر ئەيسا ئۇنىڭغا: «بىزگە كېرەكلىك ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىرەر نەرسە بەر» دەۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى). ◘ 13:29 يـۇھ. 12‏:6. *

30يەھۇدا بۇ بىر چىشلەم ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى (بۇ چاغ كېچە ئىدى). ◼ 13:30 +bd «بۇ چاغ كېچە ئىدى»+bd* ــ بۇ دېگەننىڭ ئەسلى مەنىسىدىن باشقا، كۆچمە مەنىسى باردۇر. يۇقىرىدىكى 5:9، 9:11-10، 35:12-36دە ئەيسانىڭ «كۈندۈز» ۋە «قاراڭغۇلۇق» ياكى «كېچە» توغرۇلۇق سۆزلىرىنى كۆرۈڭ.*

31يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئەيسا مۇنداق دېدى:

32ۋە ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ. ◼ 13:32 +bd «ئەگەر خۇدا ئۇنىڭدا ئۇلۇغلانسا، خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ، شۇنداقلا دەرھال ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ»+bd* ــ بىزنىڭ قارىشىمىزچە «ئۆزىدە» مۇشۇ يەردە «خۇدا ئۆزىدە» دېگەننى كۆرسىتىدۇ. بەزى ئالىملار مۇشۇ يەردە «ئۆزىدە» «مەسىھنىڭ ئۆزىدە» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. +bd «خۇدامۇ ئۆزىدە ئۇنى ئۇلۇغلايدۇ»+bd* ــ ياكى (يۇقىرىقى ئىزاھاتتا ئېيتىلغاندەك) «خۇدا ئۇنى (ئىنسانئوغلىنىڭ) ئۆزىدە ئۇلۇغلايدۇ».

33بالىلىرىم، سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان يەنە ئازغىنا ۋاقتىم قالدى. سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن مېنىڭ يەھۇدىيلارغا: «مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەپ ئېيتقىنىمدەك، بۇنى سىلەرگىمۇ ئېيتىمەن. ◘ 13:33 يـۇھ. 7‏:34؛ 8‏:21. *

34سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر تاپشۇرىمەنكى، «بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار». سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار. ◘ 13:34 لاۋ. 19‏:18؛ مات. 22‏:39؛ يـۇھ. 15‏:12؛ ئ‍ەف. 5‏:2؛ 1تېس. 4‏:9؛ 1پېت. 4‏:8؛ 1يۇھ. 3‏:23؛ 4‏:21. *

35ئاراڭلاردا بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممە ئادەم سىلەرنىڭ مېنىڭ مۇخلىسلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىدۇ. ◘ 13:35 1يۇھ. 2‏:5؛ 4‏:20. *

36سىمون پېترۇس ئۇنىڭدىن:

37پېترۇس ئۇنىڭغا:

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>