يۇھاننا 16:1-32 UIGB2010 - Bible AI

1سىلەرنىڭ پۇتلىشىپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن بۇلارنى سىلەرگە ئېيتتىم.

2ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ؛ ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەت كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرگۈچى ئۆزىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ. ◼ 16:2 +bd «ئۇلار سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ جامائەتلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ»+bd* ــ يۇقىرىقى باشقا ئىزاھاتلاردا ئېيتقىنىمىزدەك، يەھۇدىي خەلقى بىرسىنى «سىناگوگتىن چىقىرىۋەتسە»، كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھېچقانداق باردى-كەلدى قىلماي، بەلكى ئۇنىڭغا تېخىمۇ زىيانكەشلىك قىلىشىمۇ مۇمكىن.* ◘ 16:2 يـۇھ. 9‏:22، 34؛ 12‏:42. *

3ئۇلار بۇلارنى يا ئاتىنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. ◘ 16:3 يـۇھ. 15‏:21؛ 1كور. 2‏:8. *

4لېكىن مەن بۇ ئىشلارنى سىلەرگە ئېيتتىمكى، ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن شۇنداق ئالدىنئالا ئېيتقىنىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرەلەيسىلەر. ◼ 16:4 +bd «... ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە»+bd* ــ دېمەك، يەھۇدىي خەلقىدىن ۋە كېيىن باشقىلار تەرىپىدىن بولغان زىيانكەشلىكلەر كەلگەندە.* ◘ 16:4 يـۇھ. 13‏:19؛ 14‏:29. *

5ــ مەن باشتا بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم.

6ئەكسىچە، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقىنىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار قايغۇغا چۆمۈپ كەتتى.

7ئەمما مەن سىلەرگە ھەقىقەتنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىقتۇر. چۈنكى ئەگەر كەتمىسەم، ياردەمچى سىلەرگە كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن. ◘ 16:7 لۇقا 24‏:49؛ يـۇھ. 14‏:26؛ 15‏:26. *

8ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكىلەرگە گۇناھ توغرىسىدا، ھەققانىيلىق توغرىسىدا ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا ھەقىقەتنى بىلگۈزىدۇ.

9ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى. ◼ 16:9 +bd «ئۇ ئۇلارنى گۇناھ توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ»+bd* ــ ياكى «ئۇ ئۇلارنى ئۆز گۇناھى توغرۇلۇق بىلگۈزىدۇ» ياكى «ئۇ ئۇلارنى گۇناھنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگۈزىدۇ». دېگەندەك ئۈچ تەرجىمىسى بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئومۇمىي مەنىسى ئاساسەن ئوخشاش.*

10ئۇلارنى ھەققانىيلىق توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ*، چۈنكى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ بارىمەن ۋە سىلەر مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر.

11ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ*، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى. ◼ 16:11 +bd «بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى»+bd* ــ شەيتان، ئىبلىس. +bd «...ئۇلارنى ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا بىلگۈزىدۇ، چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى ئۈستىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى»+bd* ــ 9-11-ئايەتتىكى «ئۇ (مۇقەددەس روھ)...گۇناھ توغرىسىدا... ھەققانىيلىق توغرىسىدا... ۋە ئاخىرەت سورىقى توغرىسىدا...بىلگۈزىدۇ....» دېگەنلەرنىڭ ئۈستىدە «قوشۇمچە سۆز»دە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 16:11 يـۇھ. 12‏:31؛ 14‏:30؛ ئ‍ەف. 2‏:2؛ كول. 2‏:15. *

12سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر. ◼ 16:12 +bd «سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى؛ لېكىن سىلەر ئۇلارنى ھازىرچە كۆتۈرەلمەيسىلەر»+bd* ــ مۇخلىسلار قانداق سۆزلەرنى كۆتۈرەلمەيدۇ؟ بۇ توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 16:12 1كور. 7-10:2؛ ئەف. 2-6:3؛ 1تىم. 16:3*

13لېكىن ئۇ، يەنى ھەقىقەتنىڭ روھى كەلگەندە، ئۇ سىلەرنى بارلىق ھەقىقەتكە باشلاپ بارىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ. ◼ 16:13 +bd «چۈنكى ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ، بەلكى نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ»+bd* ــ «ئۇ (مۇقەددەس روھ)... نېمىنى ئاڭلىغان بولسا» ــ دېمەك، مۇقەددەس روھنىڭ خۇدا ۋە ئۇنىڭ كالامىدىن ئاڭلىغىنى. +bd « +bdit مۇقەددەس روھ+bdit*،... نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، شۇنى سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن سىلەرگە خەۋەر بېرىدۇ»+bd* ــ بۇ مۇھىم ۋەدە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 16:13 يـۇھ. 12‏:49؛ 14‏:26*

14ئۇ مېنى ئۇلۇغلايدۇ؛ چۈنكى ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ.

15ئاتىدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭكىدۇر؛ مانا شۇنىڭ ئۈچۈن مەن: «ئۇ مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ» دەپ ئېيتتىم. ◼ 16:15 +bd «+bdit مۇقەددەس روھ+bdit* مەندە بار بولغاننى تاپشۇرۇۋېلىپ، سىلەرگە جاكارلايدۇ»+bd* ــ بۇ مۇھىم ۋەدە توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 16:15 يـۇھ. 17‏:10. *

16ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر؛ ۋە يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن». ◼ 16:16 +bd «يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ. لېكىن بىزنىڭچە 17-ئايەت ئۇنىڭ ئەسلىدە بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.* ◘ 16:16 يـۇھ. 7‏:33. *

17شۇڭا مۇخلىسلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە:

18«ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى نېمە؟ ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلمىدۇق، ــ دېيىشىدۇ.

19ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى سورىماقچى بولغىنىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

20بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر يىغا-زار كۆتۈرۈسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيادىكىلەر خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ؛ سىلەر قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار شادلىققا ئايلىنىدۇ.

21ئايال كىشى تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن؛ لېكىن بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ شادلىقى بىلەن تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. ◘ 16:21 يەش. 26‏:17. *

22شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن، قەلبىڭلار شادلىنىدۇ ۋە شادلىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ.

23شۇ كۈندە سىلەر مەندىن ھېچنەرسە سورىمايسىلەر. بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى سىلەرگە بېرىدۇ. ◘ 16:23 يەر. 29‏:12؛ مات. 7‏:7؛ 21‏:22؛ مار. 11‏:24؛ لۇقا 11‏:9؛ يـۇھ. 14‏:13؛ 15‏:7؛ ياق. 1‏:5؛ 1يۇھ. 3‏:22؛ 5‏:14. *

24ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر، بۇنىڭ بىلەن شادلىقىڭلار تولۇپ تاشىدۇ!

25سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن. ◼ 16:25 +bd «سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن ئېيتىپ بەردىم. بىراق شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سىلەرگە يەنە تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتا توغرۇلۇق سىلەرگە ئوچۇق ئېيتىمەن»+bd* ــ تەمسىللەردىن بولغان بىرنەچچە مىساللار 10-بابتىن («قويلارنىڭ ئىشىكى» ۋە «ياخشى پادىچى» توغرۇلۇق) 13-بابتىن (ئۇلارغا «پۇت يۇيۇش» توغرۇلۇق تەمسىل ۋە ئۆلگە) 15-بابتىن («ھەقىقىي ئۈزۈم تېلى» توغرۇلۇق) ۋە 21-ئايەتتىن («تۇغۇتتا بولغان ئايال» توغرۇلۇق) تېپىلىدۇ.*

26شۇ كۈنى تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن ئىلتىجا قىلىسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتىدىن تەلەپ قىلىمەن، دەپ ئېيتمايمەن؛

27چۈنكى ئاتا ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ؛ چۈنكى سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىمگە ئىشەندىڭلار. ◘ 16:27 يـۇھ. 17‏:8. *

28مەن ئاتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ بۇ دۇنياغا كەلدىم؛ ئەمدى مەن يەنە بۇ دۇنيادىن كېتىپ ئاتىنىڭ يېنىغا بارىمەن». ◘ 16:28 يـۇھ. 13‏:3. *

29مۇخلىسلىرى:

30بىز سېنىڭ ھەممىنى بىلگىنىڭنى، شۇنداقلا ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئەمدى بىلىپ يەتتۇق. شۇنىڭدىن سېنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭگە ئىشەندۇق، ــ دېيىشتى. ◼ 16:30 +bd «ھېچكىمنىڭ سەندىن سوئال سورىشىنىڭ ھاجىتى يوق»+bd* ــ مەنىسى بەلكىم مەسىھنىڭ ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن سورىماقچى بولغان سوئاللىرىنى تېخى سورىماي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ سورىماقچى بولغىنىنى ئاللىقاچان بىلگەنلىكىنى كۆزدە تۇتىدۇ.* ◘ 16:30 يـۇھ. 21‏:17. *

31ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا:

32مانا، شۇنداق ۋاقىت-سائىتى كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر. بىراق مەن يالغۇز ئەمەسمەن، چۈنكى ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر. ◼ 16:32 +bd «ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ھەربىرىڭلار ئۆز يوللىرىڭلارغا تارقىلىپ كېتىسىلەر»+bd* ــ «ئۆز يوللىرىڭلارغا» ياكى «ئۆزۈڭلارنىڭكىگە» (دېمەك، ئۆز ئۆيۈڭلارغا). «ماتتا» 56:26، «مار.» 50:14نى كۆرۈڭ.* ◘ 16:32 زەك. 13‏:7؛ مات. 26‏:31؛ مار. 14‏:27؛ يـۇھ. 8‏:29؛ 14‏:10. *

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>