1ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ كىدرون جىلغىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ئەيسا بىلەن مۇخلىسلىرى ئۇ باغچىگە كىردى. ◼ 18:1 +bd «ئەيسا بۇلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ...»+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «تاشقىرىغا چىقىپ...» زىياپەت بولغان ئۆيدىن ياكى يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ ئۆزىدىن چىقىشنى بىلدۈرىدۇ. كىدرون ۋادىسى بولسا شەھەرنىڭ سىرتىدا (شەرق تەرەپتە) ئىدى.* ◘ 18:1 2سام. 15:23؛ مات. 26:36؛ مار. 14:32؛ لۇقا 22:39. *
2ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە يىغىلىپ ئولتۇراتتى.
3شۇنىڭ بىلەن يەھۇدا بىر توپ رىم لەشكەرلىرى بىلەن باش كاھىنلار ھەم پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن قاراۋۇللارنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى. ◘ 18:3 مات. 26:47؛ مار. 14:43؛ لۇقا 22:47. *
4ئەيسا بېشىغا چۈشىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:
5ناسارەتلىك ئەيسانى، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.
6ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى. ◼ 18:6 +bd «ئەيسا: «مانا مەن بولىمەن» دېۋىدى، ئۇلار ئارقىسىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى»+bd* ــ «يۇھاننا»دىكى باشقا بەزى يەرلەردىكى «مەن بولىمەن» دېگەن سۆز خۇدانىڭ «مەن ئەزەلدىن بار بولغۇچىدۇرمەن» دېگەن نامىنى بىلدۈرىدۇ. بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە «مانا مەن بولىمەن» دېگەنمۇ شۇ مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ چۈنكى ئاڭلىغۇچىلار ئۇنى ئاڭلاپلا «ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى».*
7شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم:
8ئەيسا: ــ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مەن شۇ بولىمەن. ئەگەر ئىزدىگىنىڭلار مەن بولسام، بۇلارنى كەتكىلى قويۇڭلار، ــ دېدى.
9بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ: «ئاتا*، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يىتتۈرمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. ◼ 18:9 +bd «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى»+bd* ــ ياكى «بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ ... سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى». بۇ سۆزلەر ئاساسەن ھەم 39:6 ھەم 12:17دە تېپىلىدۇ.* ◘ 18:9 يـۇھ. 6:39؛ 10:28؛ 17:12. *
10سىمون پېترۇسنىڭ يېنىدا بىر قىلىچ بولغاچ، ئۇ شۇئان ئۇنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا بىرنى ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. چاكارنىڭ ئىسمى مالكۇس ئىدى. ◘ 18:10 مات. 26:51؛ مار. 14:47؛ لۇقا 22:50. *
11ئەيسا پېترۇسقا:
12شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر توپى بىلەن مىڭبېشى ھەم يەھۇدىيلارنىڭ قاراۋۇللىرى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى.
13ئاندىن ئۇنى ئالدى بىلەن ئانناسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. ئانناس بولسا شۇ يىلى باش كاھىن بولۇپ تۇرغان قايافانىڭ قېينئاتىسى ئىدى. ◘ 18:13 مات. 26:57؛ مار. 14:53؛ لۇقا 3:2؛ 22:54. *
14بۇرۇن يەھۇدىي كېڭەشمىسىدىكىلەرگە: «پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ* ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى. ◼ 18:14 +bd ««پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ھالاك بولۇشى ياخشى» دەپ مەسلىھەت بەرگەن كىشى دەل شۇ قايافا ئىدى»+bd* ــ 49:11-50نى كۆرۈڭ.* ◘ 18:14 يـۇھ. 11:50. *
15ئەمدى سىمون پېترۇس بىلەن يەنە بىر مۇخلىس ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ بارغانىدى. ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا، باش كاھىننىڭ سارىيىغا ئەيسا بىلەن تەڭ كىردى. ◼ 18:15 +bd «يەنە بىر مۇخلىس...»+bd* ــ «يەنە بىر مۇخلىس» گرېك تىلىدا «ھېلىقى مۇخلىس». يۇھاننا بايانىدا پات-پات ئۆزىنى نامسىز كۆرسىتىپ «ھېلىقى مۇخلىس» دەيدۇ (16:18، 2:20، 3، 4 ۋە 8نى كۆرۈڭ). +bd «ئۇ مۇخلىس باش كاھىنغا تونۇش بولغاچقا...»+bd* ــ ئالىملار نامسىز «ئۇ مۇخلىس»نى يۇھاننا دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئۇشبۇ باياندا بولغاندەك ئۇ دائىم دېگۈدەك پەقەت «ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىرىم»نىلا ئاساس قىلىدۇ. 24:21نى كۆرۈڭ.* ◘ 18:15 مات. 26:58؛ مار. 14:54؛ لۇقا 22:54. *
16لېكىن پېترۇس بولسا دەرۋازىنىڭ سىرتىدا قالدى. شۇڭا باش كاھىنغا تونۇش بولغان ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى.
17دەرۋازىۋەن بولغان شۇ دېدەك پېترۇستىن:
18ئەمدى ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، چاكارلار ۋە قاراۋۇللار شاخاردىن گۈلخان ياققان بولۇپ، ئۇنىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئىسسىندى. ◘ 18:18 مات. 26:69؛ مار. 14:67؛ لۇقا 22:55. *
19باش كاھىن بولسا ئەيسادىن مۇخلىسلىرى توغرۇلۇق ۋە تەلىمى توغرۇلۇق سوئال سوراشقا باشلىدى.
20ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق بەردى:
21بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسەن؟ ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سورىغىن؛ مانا، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ.
22ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان قاراۋۇللاردىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ:
23ــ ئەگەر يامان سۆز قىلغان بولسام، ئۇنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەتكىن. ئەمما ئېيتقانلىرىم دۇرۇس بولسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.
24بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى. ◼ 18:24 +bd «بۇنىڭ بىلەن ئانناس ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش كاھىن قايافاغا يوللىدى»+bd* ــ بۇ ئايەتكە قارىغاندا ئىككى باش كاھىن بار ئىدى. 22-ئايەتتە ئانناسمۇ «باش كاھىن» دېيىلىدۇ. مۇمكىنچىلىكى باركى، ئۇلار نۆۋەت بويىچە باش كاھىنلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان. 21:19نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 18:24 مات. 26:57؛ مار. 14:53؛ لۇقا 22:54. *
25سىمون پېترۇس ئوتنىڭ* ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقانىدى. يېنىدىكىلەر*:
26ئۇ يەردە باش كاھىننىڭ چاكارلىرىدىن، پېترۇس قۇلىقىنى كېسىپ تاشلىغان كىشىگە تۇغقان بىرسى بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا:
27پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا خوراز چىللىدى. ◘ 18:27 يـۇھ. 13:38. *
28ئاندىن ئۇلار ئەيسانى قايافانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىينىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى (شۇ چاغدا تاڭ ئاتقانىدى). ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىيلار* بولسا ئۆزىمىزنى ناپاك قىلىپ بۇلغىمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمىدى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى. ◼ 18:28 +bd «...بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىدىن غىزالىنالمايتتى»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى)نى كۆرسىتىدۇ. 14:19دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.
29شۇڭا ۋالىي* پىلاتۇس سىرتقا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارغا:
30ئۇلار:
31ــ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە ھۆكۈم چىقىرىڭلار! ــ دېدى پىلاتۇس ئۇلارغا.
32بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى. ◼ 18:32 +bd «بۇ ئىشلار ئەيسانىڭ ئۆزى قانداق ئۆلۈم بىلەن ئۆلۈدىغىنى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقان بېشارەتلىك سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۈز بەردى»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، مەسىھ بىرنەچچە قېتىم يەھۇدىي خەلقىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئېتىقادسىز يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىدىغانلىقىنى ۋە شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ رىملىقلار ئىجاد قىلغان كرېستتە ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى (مەسىلەن، «مات.» 19:20، 2:26، «لۇقا» 32:18-33، «يۇھ.» 14:3، 32:12-33).* ◘ 18:32 مات. 20:19؛ يـۇھ. 12:32. *
33ئاندىن پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:
34ئەيسا ئۇنىڭغا:
35ــ مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە باش كاھىنلارغۇ! نېمە جىنايەت* ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ ــ دېدى پىلاتۇس. ◼ 18:35 +bd «مەن بىر يەھۇدىيمۇ؟»+bd* ــ پىلاتۇسنىڭ بۇ سۆزى: «مەن يەھۇدىي ئەمەس، خەلقىڭ سەن توغرۇلۇق بىرنېمە دېمىگەن بولسا، مەنمۇ ھېچنېمە دېمەيمەنغۇ» دېگەن پۇرىقى بار سوئالدۇر.*
36ئەيسا جاۋابەن: ــ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر. ئەگەر بۇ دۇنياغا تەۋە بولغان بولسا، خىزمەتچىلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ يەرگە تەۋە ئەمەستۇر، ــ دېدى. ◼ 18:36 +bd «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەستۇر»+bd* ــ ياكى «مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىن ئەمەستۇر».* ◘ 18:36 يـۇھ. 6:15؛ 1تىم. 6:13. *
37شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا:
38پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:
39لېكىن ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سىلەر ئۈچۈن مەھبۇسلاردىن* بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار. شۇڭا بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى سىلەرگە قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى. ◼ 18:39 +bd «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش قائىدەم بار»+bd* ــ ياكى: «...مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىش بىر ئادىتىم بار».* ◘ 18:39 مات. 27:15؛ مار. 15:6؛ لۇقا 23:17. *