يۇھاننا 19:1-41 UIGB2010 - Bible AI

1شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى. ◼ 19:1 +bd «شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ئەيسانى ئېلىپ بېرىپ قامچىلاتتى»+bd* ــ مۇشۇ خىل «قامچىلاش» ئادەتتە كرېستلىنىشتىن ئاۋۋالقى جازا ئىدى. جازا ئەسۋابى تۆمۈر ياكى سۆڭەك پارچىلىرى باغلاقلىق نەچچە تانىلىق قامچا ئىدى. بۇ جازانىڭ ئۆزى شۇنچە ئېغىركى، جازالانغۇچى گاھى ۋاقىتلاردا تېخى كرېستلەنمەي تۇرۇپلا، ئۇنىڭدىن ئۆلۈپ كېتەتتى.* ◘ 19:1 مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:15. *

2لەشكەرلەر تىكەنلىك شاخلارنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ئۇنىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭغا شاھانە* سۆسۈن رەڭلىك بىر تون كىيدۈرۈپ،

3ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

4پىلاتۇس بولسا يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا:

5بۇنىڭ بىلەن ئەيسا بېشىغا تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىغا سۆسۈن تون كىيگۈزۈلگەن ھالدا تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. پىلاتۇس ئۇلارغا:

6باش كاھىنلار ۋە قاراۋۇللار ئۇنى كۆرۈپ:

7يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن:

8پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ، ◼ 19:8 +bd «پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ،...»+bd* ــ پىلاتۇس نېمىشقا قورقتى؟ ئەگەر بىرسى ئۆزىنى رىملىق ئىمپېراتور قەيسەرگە باراۋەر قىلىپ «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېسە، «قەيسەرنىڭ دۈشمىنى» دەپ ھېسابلىنىشى مۇمكىن؛ شۇڭا گەرچە ئۇنىڭ ئەيسانى قويۇۋەتكۈسى بولسىمۇ، يەنىلا شۇنداق قىلىشتىن قورقاتتى. ئۇ يەنە بىر تەرەپتىن، يەنى ئايالىنىڭ ئەيسا توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇشىدىن قورقىشىمۇ مۇمكىن ئىدى («مات.» 19:27).*

9يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ئەيسادىن:

10شۇڭا پىلاتۇس ئۇنىڭغا: ــ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بارلىقىنى، شۇنداقلا كرېستلەشكىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ ــ دېدى.

11ئەيسا جاۋابەن: ــ ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، ــ دېدى. ◼ 19:11 +bd «ساڭا ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، مېنىڭ ئۈستۈمدىن ھېچقانداق ھوقۇقۇڭ بولمىغان بولاتتى»+bd* ــ «ئەرشتىن» دېگەن سۆز گرېك تىلىدا «يۇقىرىدىن». مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، ئەرشنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «... مېنى ساڭا تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەم»+bd* ــ مۇشۇ يەردە يەھۇدا ئەمەس، بەلكى باش كاھىن قايافا ئىدى. قايافا يەھۇدىيلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قۇتقۇزغۇچى-مەسىھىنى ئېتىقادسىز رىملىقلارغا تاپشۇرغاندا، ئەمەلىيەتتە ئۇ پۈتكۈل يەھۇدىي خەلقىنىڭ ۋەكىلى بولغانىدى.*

12شۇ چاغدىن تارتىپ، پىلاتۇس ئۇنى قويۇۋېتىشكە ئامال ئىزدەيتتى. لېكىن يەھۇدىيلار ۋارقىرىشىپ:

13پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش تاختايلىق ھويلا» دەپ ئاتالغان، ئىبرانىي تىلىدا «گابباتا» دەپ ئاتالغان يەردە «سوراق تەختى»گە ئولتۇردى

14(ئۇ ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنىنىڭ ئالتىنچى سائىتى ئەتراپىدا ئىدى). پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا:

15لېكىن ئۇلار ۋارقىرىشىپ: ــ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستلەڭ! ــ دېدى.

16‏-17 لەشكەرلەر* ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى يۈدۈپ، «باش سۆڭەك جايى» (ئىبرانىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. ◘ 19:16‏-17 مات. 27‏:26؛ مار. 15‏:22؛ لۇقا 23‏:24، 25؛ مات. 27‏:31، 33؛ مار. 15‏:22؛ لۇقا 23‏:26، 33. *

18ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە يەنە ئىككى كىشى بىلەن تەڭ كرېستكە تارتتى؛ بۇ تەرىپىدە بىرسى، ئۇ تەرىپىدە بىرسى ۋە ئەيسا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كرېستكە تارتىلدى.

19پىلاتۇس تاختىغا ئېلان يېزىپ كرېستكە بېكىتىپ قويدى. ئۇنىڭغا: ــ «ناسارەتلىك ئەيسا ــ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. ◘ 19:19 مات. 27‏:37؛ مار. 15‏:26؛ لۇقا 23‏:38. *

20ئەيسا كرېستلىنىدىغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغاچقا، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇدى. تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە يېزىقتا يېزىلغانىدى.

21شۇڭا يەھۇدىيلارنىڭ باش كاھىنلىرى پىلاتۇسقا:

22بىراق پىلاتۇس جاۋابەن:

23لەشكەرلەر ئەيسانى كرېستلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىر لەشكەر بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى؛ ئۇلار ھەم ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى؛ لېكىن بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن، ئۈستىدىن ئايىغىغىچە بىر پۈتۈن توقۇلغانىدى. ◘ 19:23 مات. 27‏:35؛ مار. 15‏:24؛ لۇقا 23‏:34. *

24شۇنىڭ ئۈچۈن لەشكەرلەر بىر-بىرىگە:

25ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى. ◼ 19:25 +bd «ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپاسنىڭ ئايالى مەريەم ۋە ماگداللىق مەريەملەر تۇراتتى»+bd* ــ بۇ ئايەتنى «مات.» 56:27 بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىغاندا، «ئەيسانىڭ ئانىسىنىڭ سىڭلىسى»، يەنى مەريەمنىڭ سىڭلىسى بولسا زەبەدىينىڭ ئايالى، شۇنداقلا روسۇللاردىن يۇھاننا بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى بولۇش مۇمكىنچىلىكى باردۇر. «مار.» 40:15دە ئۇ «سالومى» دەپ ئاتىلىدۇ.* ◘ 19:25 مات. 27‏:55؛ مار. 15‏:40؛ لۇقا 23‏:49. *

26ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى سۆيىدىغان مۇخلىسىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا:

27ئاندىن ئۇ بۇ مۇخلىسقا:

28ئاندىن ئەيسا ھەممە ئىشلارنىڭ تامام بولغىنىنى بىلىپ (مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش ئۈچۈن):

29ئۇ يەردە سىركە شاراب بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كوزا بار ئىدى. ئۇلار بىر پارچە بۇلۇتنى سىركە شارابقا چىلاپ، بىر لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ئەيسانىڭ ئاغزىغا تەڭلىدى.

30ئەيسا سىركە شارابنى ئىچكەندىن كېيىن:

31ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ* تەييارلىق كۈنى بولغاچقا، كرېستلەنگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى شابات كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇرماسلىق ئۈچۈن (شابات كۈنى «ئۇلۇغ كۈن» ھېسابلانغاچقا) يەھۇدىيلار پىلاتۇستىن كرېستلەنگەنلەرنىڭ پۇتلىرىنى چېقىپ ئاندىن جەسەتلىرىنى كرېستتىن تېزرەك چۈشۈرۈۋېتىشنى تەلەپ قىلدى. ◼ 19:31 +bd «ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تەييارلىق كۈنى بولغاچقا،...»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» بولسا «پېتىر نان ھېيتى»نىڭ بىرىنچى كۈنى (يەنى بىرخىل «شابات كۈنى» دەپ ھېسابلىناتتى). 14-ئايەت ۋە ئىزاھاتىنى كۆرۈڭ.

32شۇنىڭ بىلەن لەشكەرلەر بېرىپ ئەيسا بىلەن بىللە كرېستلەنگەن بىرىنچى ئاندىن ئىككىنچى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چاقتى.

33لېكىن ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى.

34ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى. ◼ 19:34 +bd «ئەمما لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى»+bd* ــ «1يۇھ.» 6:5-8نى كۆرۈڭ. «قان ۋە سۇ»نىڭ تەڭ چىقىشى ئادەمنىڭ ھەقىقىي ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.*

35بۇنى كۆرگۈچى سىلەرنىڭ ئىشىنىشىڭلار ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ كۆرگۈچىنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر، ئۇ ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ھەق دەپ بىلىدۇ.

36‏-37 بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ» ۋە يەنە بىر بېشارەتتە: «ئۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يۈز بەردى. ◼ 19:36‏-37 +bd «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمايدۇ»+bd* ــ «مىس.» 10:12، (LXX) ، 46:12، «چۆل.» 12:9، «زەب.» 20:34. +bd «ۇلار ئۆزلىرى سانجىغان ئادەمگە قارايدۇ»+bd* ــ «زەك.» 10:12.* ◘ 19:36‏-37 مىس. 12‏:46؛ چۆل. 9‏:12؛ زەب. 34‏:20؛ زەك. 12‏:10. *

38بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ پىلاتۇستىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى (يۈسۈپ ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىدىن ئىدى، لېكىن يەھۇدىيلاردىن قورققىنى ئۈچۈن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى)؛ پىلاتۇس رۇخسەت بەردى، شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كەتتى. ◘ 19:38 مات. 27‏:57؛ مار. 15‏:42؛ لۇقا 23‏:50؛ يـۇھ. 12‏:42. *

39بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىممۇ مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ، ئۇنىڭ* بىلەن بىللە* كەلدى. ◼ 19:39 +bd «بۇرۇن بىر كېچىسى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن ھېلىقى نىكودىم»+bd* ــ «يۇھ.» 1:3-15نى كۆرۈڭ. +bd «مۇرمەككى بىلەن سەبرە ئارىلاشتۇرۇلغان خۇشبۇي دورا-دەرماندىن يۈز جىڭچە ئېلىپ،...»+bd* ــ شۇ چاغدىكى «جىڭ» بەلكىم 0.325 كىلوگرام ئىدى، شۇڭا دورا-دەرمانلار 32 كىلوچە ئىدى.* ◘ 19:39 يـۇھ. 3‏:1؛ 7‏:50. *

40ئىككىيلەن ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كاناپ رەختلەر بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى.

41ئەيسا كرېستلەنگەن يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى. ◼ 19:41 +bd «باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم يەرلەنمىگەن يېڭى بىر بوش يەرلىك بار ئىدى»+bd* ــ ئىنجىلدىكى باشقا بايانلاردىن ئېنىقكى، بۇ قەبرە (يەرلىك) تاش ئۆڭكۈر ئىدى. «ھېچكىم شۇ يەرگە قويۇلمىغان» بولغاچقا، شۇ يەر تەۋرات قانۇنى بويىچە پۈتۈنلەي «پاكىز بىر جاي» (ھېچ ئۆلۈك تېگىپ باقمىغان) دەپ ھېسابلىناتتى.*

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>