يۇھاننا 2:1-24 UIGB2010 - Bible AI

1ئۈچىنچى كۈنى، گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم* ئۇ يەردە ئىدى

2ھەم ئەيسا ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.

3تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، ئەيسانىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا:

4ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟ مېنىڭ ۋاقتى-سائىتىم تېخى كەلمىدى، ــ دېدى. ◼ 2:4 +bd «خانىم، مېنىڭ سەن بىلەن نېمە كارىم؟»+bd* ــ مەسىھنىڭ بۇ سۆزى بىزنى ھەيران قالدۇرۇشى مۇمكىن. نېمىشقا ئەيسا ئۆز ئانىسىغا شۇنداق گەپ قىلىدۇ؟

5ئانىسى چاكارلارغا:

6ئەمدى شۇ يەردە يەھۇدىيلارنىڭ تاھارەت ئادىتى بويىچە ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە ئىككى-ئۈچ تۇڭدىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى. ◼ 2:6 +bd «ئىككى-ئۈچ تۇڭ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئىككى-ئۈچ «مېترېت»». ھەربىر كۈپكە 80-100 لىتر سۇ سىغىدۇ، جەمئىي 480-720 لىتر سۇ بار ئىدى.*

7ئەيسا چاكارلارغا:

8ئاندىن ئۇ ئۇلارغا يەنە:

9توي باشقۇرغۇچى شارابقا ئايلاندۇرۇلغان سۇدىن تېتىپ كۆرگەندە (ئۇ ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغان چاكارلار بىلەتتى) توي باشقۇرغۇچى تويى بولۇۋاتقان يىگىتنى چاقىرىپ،

10ئۇنىڭغا:

11بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ، گالىلىيەنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ◼ 2:11 +bd «بۇ بولسا، ئەيسا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىڭ دەسلەپكىسى بولۇپ،...»+bd* ــ «يۇھاننا»دا ئالاھىدە خاتىرىلەنگەن «مۆجىزىلىك ئالامەت» ياكى «مۆجىزىلىك بەلگە»لەر جەمئىي يەتتە بولۇپ، ھەربىرى ئەيسا مەسىھنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىدىن بىر تەرىپىنى كۆرسىتىدىغان مۆجىزىدۇر. +bd «بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ شان-شەرىپىنى ئايان قىلدى، ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى»+bd* ــ «ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى» دېيىلگىنى بىلەن، كېيىنكى نۇرغۇن ئىشلار مۇخلىسلارنىڭ بۇ ئېتىقادىنىڭ مۇقىم ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن نازۇك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ، ئەلۋەتتە.*

12بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ، ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە مۇخلىسلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە چۈشۈپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى.

13يەھۇدىيلارنىڭ «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا يېقىن قالغاندا، ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. ◼ 2:13 +bd «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»+bd* ــ («پاسخا» ھېيتى) ــ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھېيتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئىبادەتخانىدا قۇربانلىقلىرىنى سويۇپ، ھېيتنى شۇ يەردە ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى. «مىس.» 12-بابنى كۆرۈڭ.*

14ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا* كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرغان پۇل تېگىشكۈچىلەرنى كۆردى. ◼ 2:14 +bd «ئىبادەتخانا»+bd* ــ پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىبادەتخانىنى سۇلايمان پادىشاھ بىرىنچى بولۇپ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 950-يىلى قۇرغانىدى؛ ئاندىن يەھۇدىيلار پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولۇشىدىن قايتىپ كەلگەندە، يەنى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى قايتا قۇرغانىدى. بۇ ئىبادەتخانىنى ھېرود پادىشاھ بۇرۇنقىدىنمۇ ھەيۋەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققانىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى بۇ ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. +bd «كالا، قوي ۋە كەپتەر-پاختەك»+bd* ــ بۇلارنى قۇربانلىقلار ئۈچۈن ساتاتتى.* ◘ 2:14 مات. 21‏:12؛ مار. 11‏:15؛ لۇقا 19‏:45. *

15ئۇ تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشكۈچىلەرنىڭ پۇللىرىنى چېچىپ، شىرەلىرىنى ئۆرۈۋەتتى

16ۋە پاختەك-كەپتەر ساتقۇچىلارغا:

17بۇنى كۆرگەن مۇخلىسلىرى زەبۇردا* مۇنداق پۈتۈلگىنىنى ئېسىگە ئېلىشتى:

18شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇ ئىشلارغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ ئۇنىڭدىن:

19ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

20شۇنىڭ بىلەن بۇ يەھۇدىيلار يەنە ئۇنىڭغا:

21ھالبۇكى، ئۇنىڭ «ئىبادەتخانا» دېگىنى ئۇنىڭ ئۆز تېنىنى كۆرسەتكەنىدى.

22شۇڭا، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بۇ دېگىنىنى ئېسىگە ئالدى ۋە شۇنداقلا مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ھەقتىكى بېشارەتكە ھەمدە ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشەندى. ◘ 2:22 لۇقا 24‏:8. *

23ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنى كۆرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلىشتى.

24لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ* قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى. ◼ 2:24 +bd «لېكىن ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۆزىنى ئۇلارغا تاپشۇرمايتتى»+bd* ــ بۇ باياندىن «خۇش خەۋەر»دىكى ئاخىرقى مەقسەتنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارغا بەخت-بەرىكەت ئەمەس، بەلكى +bd ئۆزىنى+bd* ئاتا قىلىشنى ياكى «تاپشۇرۇش»نى خالايدۇ. لېكىن ئىنسان ئۆزى تۈپتىن ئۆزگەرتىلمىسە، تېخى كونا گۇناھىي تەبىئەتتە بولسا، «ئۆزىنى تاپشۇرۇش» قەتئىي مۇمكىن بولمايتتى. ھەربىر ئىنسان روھتا «قايتا تۇغۇلۇشى» كېرەك ــ بۇ 3-بابنىڭ چوڭ تېمىسىدۇر.*

© 2010 Institute for Bible Translation
div>