1ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەر، ماگداللىق مەريەم قەبرىگە باردى ۋە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. ◼ 20:1 \+bd «ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى»\+bd* ــ يەنى يەكشەنبە كۈنى. \+bd «ماگداللىق مەريەم... قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى»\+bd* ــ قەبرە ئۆڭكۈر ئىدى («مات.» 60:27، «لۇقا» 53:23). ◘ 20:1 مات. 28:1؛ مار. 16:1؛ لۇقا 24:1.
2شۇڭا ئۇ يۈگۈرگىنىچە كېلىپ سىمون پېترۇس ۋە ئەيسا سۆيگەن ھېلىقى مۇخلىسنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا: ــ ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق! ــ دېدى. ◼ 20:2 \+bd «ئۇلار رەبنى قەبرىدىن يۆتكىۋېتىپتۇ، ئۇنى قەيەرگە قويغىنىنى بىلمىدۇق!»\+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «بىز» ئىسپاتلايدۇكى، ئىنجىلدىكى باشقا «بايانلار»دا ئېيتىلغاندەك، ئەسلىدە مەريەم بىلەن بىللە يەنە باشقا ئاياللارمۇ بار ئىدى («مات.» 1:28، «مار.» 1:16-2. «لۇقا» 54:23-1:24نى كۆرۈڭ). ◘ 20:2 يـۇھ. 13:23؛ 21:7،20.
3پېترۇس بىلەن ھېلىقى مۇخلىس تاشقىرىغا چىقىپ، قەبرىگە قاراپ يول ئالدى. ◘ 20:3 لۇقا 24:12.
4ئىككىيلەن تەڭ يۈگۈرۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى مۇخلىس پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، قەبرىگە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى.
5ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كاناپ كېپەنلەرنىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. ◘ 20:5 يـۇھ. 19:40.
6ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن سىمون پېترۇس يېتىپ كېلىپ، قەبرىگە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كاناپ كېپەنلەرنى،
7شۇنداقلا ئەيسانىڭ بېشىغا ئورالغان ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەنلەر بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى. ◘ 20:7 يـۇھ. 11:44.
8ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى ◼ 20:8 \+bd «ئاندىن قەبرىگە ئاۋۋال كەلگەن ھېلىقى مۇخلىسمۇ قەبرىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ ئىشەندى»\+bd* ــ «ھېلىقى مۇخلىس» (يۇھاننا) نېمىگە ئىشەندى؟ ئۇ شۇ كېپەنلەرنى ۋە ياغلىقنىڭ شۇنداق رەتلىك قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ جەسىتىنى ھېچكىم ئوغرىلىمىدى، بەلكى ئۇ چوقۇم ئۆلۈمدىن تىرىلدى، دەپ ئىشەندى.
9(چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەتنى تېخىچە چۈشەنمەيتتى). ◼ 20:9 \+bd «ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشى..»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۇنىڭ ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن تىرىلىشى...». \+bd «ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن قايتا تىرىلىشىنىڭ مۇقەررەرلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردىكى بېشارەت...»\+bd* ــ بىز باشقا يەرلەردە كۆرسەتكىنىمىزدەك، تەۋرات-زەبۇردا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلىشىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن بېشارەتلەر باردۇر. ◘ 20:9 زەب. 16:10؛ روس. 2:25،31؛ 13:35.
10شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى. ◼ 20:10 \+bd «شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن ئۆز تۇرالغۇلىرىغا قايتىشتى»\+bd* ــ «ئۆز تۇرالغۇلىرىغا» گرېك تىلىدا «ئۆزلىرىنىڭكىگە» ياكى «ئۆزلىرىنىڭكىلەرگە». ئەيسانىڭ ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈنۈشى مار. 16:9-11
11ئەمما مەريەم بولسا قەبرىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ قەبرىنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، ◘ 20:11 مات. 28:1؛ مار. 16:5؛ لۇقا 24:4.
12مانا ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتە تۇراتتى؛ ئۇلارنىڭ بىرى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى.
13ئۇلار مەريەمدىن: ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ــ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا.
14ئۇ شۇ سۆزلەرنى قىلىپلا، كەينىگە بۇرۇلۇۋىدى، ئەيسانىڭ شۇ يەردە تۇرغانلىقىنى كۆردى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. ◘ 20:14 مات. 28:9؛ مار. 16:9.
15ئەيسا ئۇنىڭدىن ــ خانىم، نېمىشقا يىغلايسەن، كىمنى ئىزدەيسەن؟ ــ دەپ سورىدى. مەريەم ئۇنى باغۋەن شۇ، دەپ ئويلاپ: ــ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز شۇ يەردىن يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كېتىمەن، ــ دېدى.
16مەريەم! ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا. مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا: ــ راببونى! ــ دېدى (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە).
17ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن! چۈنكى مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن، دېدى. ◼ 20:17 \+bd «ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئېسىلمىغىن!.. \+bdit دېدى\+bdit*»\+bd* ــ «ماڭا ئېسىلمىغىن!» ياكى «ماڭا قول تەگكۈزۈۋەرمە». كېيىنكى سۆزلەر بۇنىڭ مەنىسىنىڭ «ئېسىلمىغىن» ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىدۇ. \+bd «بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا: مېنى «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ ئاتامنىڭ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلارنىڭ، يەنى مېنىڭ خۇدايىمنىڭ يېنىغا چىقىمەن!» دەيدۇ، ــ دەپ يەتكۈزگىن»\+bd* ــ ئەيسانىڭ ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈنۈشى توغرۇلۇق ۋە ئۇنىڭغا ئېيتقان بۇ مۇھىم سۆزلىرى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز. ◘ 20:17 زەب. 22:22؛ مات. 28:10؛ يـۇھ. 16:2؛ ئىبر. 2:11.
18شۇنىڭ بىلەن ماگداللىق مەريەم مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا: «رەبنى كۆردۈم!» دېدى ۋە شۇنداقلا ئەيسا ئۆزىگە ئېيتقان ئۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. ◘ 20:18 مات. 28:8؛ مار. 16:10؛ لۇقا 24:9. ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرىغا كۆرۈنۈشى مات. 28:16-20؛ مار. 16:14-18؛ لۇقا 24:36-49
19شۇ كۈنى كەچتە، يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى كەچتە، يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن مۇخلىسلار يىغىلغان ئۆيدە ئىشىكلىرىنى ھىم تاقىۋالغانىدى؛ شۇ ۋاقىتتا، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا كۆرۈنۈپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى. ◼ 20:19 \+bd «سىلەرگە خاتىرجەملىك بولغاي»\+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «شالوم ئەلەيقۇم!» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ئەرەب تىلىدا «ئەسسالامۇئەلەيكۇم». ◘ 20:19 مار. 16:14؛ لۇقا 24:36؛ 1كور. 15:5.
20بۇنى دەپ، قوللىرىنى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇخلىسلار رەبنى كۆرگىنىدىن شادلاندى. ◘ 20:20 يـۇھ. 16:22.
21شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا يەنە: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ئاتا مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، ــ دېدى. ◘ 20:21 يەش. 61:1؛ مات. 28:19؛ مار. 16:15؛ لۇقا 4:18؛ يـۇھ. 17:18.
22بۇ سۆزنى ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بىر پۈۋلەپ: ــ مۇقەددەس روھنى قوبۇل قىلىڭلار.
23كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ! ــ دېدى. ◼ 20:23 \+bd «كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ؛ كىمنىڭ گۇناھلىرىنى تۇتۇۋالساڭلار، شۇنىڭ گۇناھى تۇتۇۋېلىنىدۇ!»\+bd* ــ بۇ روسۇللارنىڭ كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى تولۇق كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار، دېگەنلىك ئەمەس. ئۇنداق ھوقۇق پەقەت خۇداغىلا تەۋەدۇر. «مات.» 19:16 ۋە 18:18نى كۆرۈڭ. بىزنىڭچە، بۇ «گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش» جامائەتنىڭ تەرتىپىگە باغلىقتۇر. ئېغىر گۇناھ سادىر قىلغان ئېتىقادچىلار جامائەتكە قاتنىشىۋېرەمدۇ؟ رەببىمىز «مات.» 15:18-20دە بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئەمر بېرىدۇ؛ بۇ ئەمر بويىچە جامائەتنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان ئەمما توۋا قىلمىغان قېرىنداشلىرىنى جامائەتتىن چىقىرىش ھوقۇقى باردۇر. «كورىنتلىقلارغا (1) ۋە (2)»دىكى «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ، بولۇپمۇ «2كور.» 11:2 توغرۇلۇق چۈشەندۈرۈشىمىزنى كۆرۈڭ. ◘ 20:23 مات. 16:19؛ 18:18. ئەيسانىڭ توماسقا كۆرۈنۈشى
24ئەمما ئون ئىككىيلەننىڭ بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. ◼ 20:24 \+bd ««قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس»\+bd* ــ گرېك تىلىدا ««دىدىمۇس» دەپ ئاتالغان توماس».
25شۇڭا باشقا مۇخلىسلار ئۇنىڭغا: ــ بىز رەبنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. لېكىن توماس ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخلارنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تىقىپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، ــ دېدى.
26سەككىز كۈندىن كېيىن، مۇخلىسلار يەنە شۇ ئۆي ئىچىدە جەم بولغاندا، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق تۇرسىمۇ، ئەيسا كېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ: ــ سىلەرگە ئامان-خاتىرجەملىك بولغاي! ــ دېدى.
27ئاندىن ئۇ توماسقا: ــ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تىقىپ، گۇماندا بولماي، ئىشەنگۈچى بولغىن! ــ دېدى. ◘ 20:27 1يۇھ. 1:1.
28توماس ئۇنىڭغا: ــ مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. ◼ 20:28 \+bd «مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىمسەن!»\+bd* ــ گرېك تىلىدا «مېنىڭ رەببىم ھەم مېنىڭ خۇدايىم!». ھازىر بارلىق مۇخلىسلار مەسىھنىڭ تولۇق سالاھىيىتىنى تونۇپ يەتكەنىدى.
29ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭ. كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگۈچىلەر بەختلىكتۇر! ــ دېدى. ◘ 20:29 1پېت. 1:8. ئۇشبۇ كىتابنىڭ مەقسىتى
30ئەيسا مۇخلىسلىرىنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابتا خاتىرىلەنمىگەن باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلىك ئالامەتلەرنىمۇ كۆرسەتتى. ◘ 20:30 يـۇھ. 21:25.
31لېكىن مۇشۇلار سىلەرنى ئەيسانىڭ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭ نامى ئارقىلىق ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.