1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا تىبېرىياس دېڭىزىنىڭ بويىدا مۇخلىسلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. ئۇنىڭ بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشى مۇنداق بولدى: ◼ 21:1 +bd «تىبېرىياس دېڭىزى»+bd* ــ گالىلىيەدە بولۇپ، «گالىلىيە دېڭىزى» ۋە «خىننەسەرەت كۆلى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان چوڭ كۆلدۇر.*
2سىمون پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتالغان توماس، گالىلىيەدىكى كانالىق ناتانىيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى مۇخلىس بىللە ئىدى. ◘ 21:2 مات. 4:21؛ مار. 1:19؛ يـۇھ. 1:46. *
3سىمون پېترۇس:
4تاڭ ئاتاي دېگىنىدە، ئەيسا قىرغاقتا تۇراتتى، بىراق مۇخلىسلار ئۇنىڭ ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى.
5شۇڭا ئەيسا:
6ئەيسا ئۇلارغا ــ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، شۇنداق قىلساڭلار تۇتىسىلەر، ــ دېدى.
7ئەيسا سۆيگەن مۇخلىس پېترۇسقا:
8قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز يىراقلىقتا بولغاچقا، قالغان مۇخلىسلار بېلىق بىلەن تولغان تورنى تارتىپ كىچىك كېمىسى بىلەن قىرغاققا كەلدى. ◼ 21:8 +bd «تەخمىنەن ئىككى يۈز گەز»+bd* ــ يۈز مېتردەك.*
9ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، شاخاردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق قويۇقلۇق گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى.
10ئەيسا:
11سىمون پېترۇس كېمىگە* چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولغىنى بىلەن، تور يىرتىلمىغانىدى. ◼ 21:11 +bd «بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى»+bd* ــ بۇنىڭ ئەھمىيىتى توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە ئازراق توختىلىمىز.* ◘ 21:11 لۇقا 5-6:5*
12ئەيسا:
13ئەيسا ناننى ئەكىلىپ ئۇلارغا بەردى ھەم بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى.
14مانا بۇ ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى ئىدى. ◼ 21:14 +bd «ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئەيسانىڭ ئۆلگەنلەر ئىچىدىن تىرىلىپ،...». +bd «ئۆزىنى مۇخلىسلىرىغا ئۈچىنچى قېتىم ئايان قىلىشى»+bd* ــ بەلكىم ئون بىرەيلەننىڭ جەم بولغان ۋاقتىدا ئۇلارغا نىسبەتەن ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىدۇ.*
15ئۇلار ناشتا قىلغاندىن كېيىن، ئەيسا سىمون پېترۇستىن:
16ئۇ ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن:
17ئۈچىنچى قېتىم ئۇنىڭدىن يەنە:
18بەرھەق، بەرھەق، ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ياش ۋاقتىڭدا بېلىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، قەيەرگە باراي دېسەڭ شۇ يەرگە ماڭاتتىڭ؛ لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، ــ دېدى. ◼ 21:18 +bd «ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىسەن ۋە باشقا بىرسى سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ»+bd* ــ بەزى كونا تارىخلار بويىچە، روسۇل پېترۇس ئاخىردا رەببى ئەيسادەك كرېستلەنگەن (رىم شەھىرىدە).* ◘ 21:18 يـۇھ. 13:36؛ روس. 12:3؛ 2پېت. 1:14. *
19ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە:
20پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى (بۇ مۇخلىس كەچلىك تاماقتا ئەيسانىڭ قۇچىقىغا يۆلىنىپ: «ئى رەب، سېنى تۇتۇپ بېرىدىغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان مۇخلىس ئىدى). ◼ 21:20 +bd «پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىسنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى..»+bd* ــ يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، «ئەيسا سۆيىدىغان مۇخلىس» روسۇل يۇھاننادۇر.* ◘ 21:20 يـۇھ. 13:23؛ 20:2؛ 21:7. *
21پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ئەيسادىن:
22ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟! ماڭا ئەگەشكۈچى بولغىن، ــ دېدى.
23بۇنىڭ بىلەن قېرىنداشلار ئارىسىدا «ھېلىقى مۇخلىس ئۆلمەيدۇ» دېگەن گەپ تارقالدى. لېكىن ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى، بەلكى پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى خالىساممۇ، سېنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ؟!» دېگەنىدى.
24بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ مۇخلىستۇر. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ◘ 21:24 يـۇھ. 19:35. *
25ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى؛ ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرلەپ يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە يېزىلغان كىتابلار پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئۆزىگە سىغمايتتى! ◘ 21:25 يـۇھ. 20:30. *