يۇھاننا 3:1-35 UIGB2010 - Bible AI

1يەھۇدىيلار كېڭەشمىسىنىڭ* پەرىسىيلەردىن بولغان نىكودىم ئىسىملىك بىر يولباشچىسى بار ئىدى.

2بۇ ئادەم بىر كېچىسى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

3ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

4نىكودىم:

5ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

6ئەتتىن تۇغۇلغان بولسا ئەتتۇر؛ روھتىن تۇغۇلغان بولسا روھتۇر. ◘ 3:6 رىم. 8‏:5. *

7ساڭا: «يۇقىرىدىن تۇغۇلۇشۇڭلار كېرەك» دېگىنىمگە ھەيران قالما.

8شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر. ◼ 3:8 +bd «شامال خالىغان تەرەپكە سوقىدۇ، سەن ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسەن، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە بارىدىغىنىنى بىلمەيسەن. روھتىن تۇغۇلغان ھەربىرىمۇ شۇنداقتۇر»+bd* ــ گرېك تىلىدا «شامال» ۋە «روھ» بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

9نىكودىم يەنە جاۋابەن ئەيساغا:

10ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

11بەرھەق، بەرھەق، مەن ساڭا شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ◼ 3:11 +bd «بىز بىلگىنىمىزنى ئېيتىمىز ۋە كۆرگىنىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىمىز، لېكىن سىلەر بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايسىلەر»+bd* ــ نېمىشقا ئەيسا نىكودىمغا شۇنچە ئېغىر تەنبىھ بېرىدۇ؟ ئۇنىڭ بۇ بايانىدىن ئىككى مۇھىم سوئال چىقىدۇ: «بىز» كىم؟، «سىلەر» كىم؟ بۇلار توغرىسىدا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە توختىلىمىز.* ◘ 3:11 يـۇھ. 3‏:32؛ 7‏:16؛ 8‏:28؛ 12‏:49؛ 14‏:24. *

12سىلەرگە زېمىندىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرشتىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟

13ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى. ◼ 3:13 +bd «ئۆزى ئەرشتە بولۇپ، ئەرشتىن چۈشكۈچىدىن، يەنى ئىنسانئوغلىدىن باشقا ھېچكىم ئەرشكە چىقمىدى»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە «ئۆزى ئەرشتە بولۇپ» دېگەن سۆز تېپىلمايدۇ.* ◘ 3:13 يـۇھ. 6‏:62؛ ئ‍ەف. 4‏:9. *

14مۇسا چۆلدە تۇچ* يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك. ◼ 3:14 +bd «مۇسا چۆلدە +bdit تۇچ+bdit* يىلاننى كۆتۈرگەندەك، ئىنسانئوغلىمۇ ئوخشاشلا شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشى كېرەك»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر تىلغا ئېلىنغان بۇ ۋەقەنىڭ تەپسىلاتلىرىنى «چۆل.» 4:21-9دە تاپالايدۇ. ئىسرائىللار گۇناھ سادىر قىلغاندا، خۇدا ئۇلارغا تەربىيە بېرىش ئۈچۈن ئارىسىغا يىلانلارنى ئەۋەتكەن. يىلانلار نۇرغۇن ئادەملەرنى چاققان، مۇسا خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن تۇچتىن بىر يىلان ياساپ، ئۇنى ھاسىغا بېكىتىپ، ھاسىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئىسرائىلنىڭ بارگاھىنى ئايلىنىپ ماڭغان. يىلانلارنىڭ زەھىرىدىن ئۆلەي دەپ قالغانلار ئەگەر ئىمان بىلەن شۇ تۇچ يىلانغا قارىسا ساقايغان.

15شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ». ◼ 3:15 +bd «شۇنداق بولغاندا، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ»+bd* ــ بۇ كىمنىڭ سۆزى؟ مەسىھنىڭ سۆزلىرى بەلكىم 15-ئايەتتە توختايدۇ. 16-21-ئايەتلەرنى روسۇل يۇھاننا مۇقەددەس روھنىڭ تۈرتكە-يوليورۇقى بىلەن يازغان، دەپ ئىشىنىمىز.* ◘ 3:15 يـۇھ. 3‏:15. *

16چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنى پىدا بولۇشقا بەردى. مەقسىتى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىرىنىڭ ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈندۇر. ◼ 3:16 +bd «شۇ قەدەر سۆيىدۇكى،...»+bd* ــ گرېك تىلىدا يەنە «شۇ يول بىلەن سۆيىدۇكى،...» دېگەن مەنىنىمۇ بىلدۈرىدۇ.* ◘ 3:16 يـۇھ. 3‏:36؛ لۇقا 19‏:10؛ رىم. 5‏:8؛ 8‏:31؛ 1يۇھ. 4‏:9؛ 5‏:10. *

17خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى گۇناھقا بېكىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن دۇنياغا ئەۋەتتى. ◘ 3:17 لۇقا 9‏:56؛ يـۇھ. 9‏:39؛ 12‏:47؛ 1يۇھ. 4‏:14. *

18كىمكى ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغۇچى بولسا، گۇناھقا بېكىتىلمەيدۇ؛ لېكىن ئېتىقاد قىلمىغۇچى بولسا ئاللىقاچان گۇناھقا بېكىتىلگەندۇر؛ چۈنكى ئۇ خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىنىڭ نامىغا ئېتىقاد قىلمىغان. ◘ 3:18 يـۇھ. 5‏:24؛ 6‏:40،47؛ 20‏:31. *

19ۋە گۇناھقا بېكىتىش سەۋەبى مانا شۇكى، نۇر دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئىنسانلار نۇرنى ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇقنى ياخشى كۆردى؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەمەللىرى رەزىل ئىدى. ◘ 3:19 يـۇھ. 1‏:5. *

20چۈنكى رەزىللىك قىلغۇچى ھەربىرى نۇرنى يامان كۆرۈپ ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرىنىڭ ئاشكارا قىلىنماسلىقى ئۈچۈن نۇرغا كەلمەيدۇ؛

21لېكىن ھەقىقەتنى يۈرگۈزگۈچى بولسا، ئەمەللىرىنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى ئايان بولسۇن دەپ، نۇرغا كېلىدۇ. ◼ 3:21 +bd «خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «خۇدادا قىلغانلىقى» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 3:21 ئ‍ەف. 5‏:13،8. *

22بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن يەھۇدىيە زېمىنىغا باردى؛ ئۇ ئۇ يەردە ئۇلار بىلەن بىللە تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. ◘ 3:22 يـۇھ. 4‏:1. *

23شۇ چاغدا يەھيا پەيغەمبەرمۇ* سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى ◘ 3:23 مات. 3‏:6؛ مار. 1‏:5؛ لۇقا 3‏:7. *

24(چۈنكى شۇ چاغدا يەھيا تېخى زىندانغا تاشلانمىغانىدى). ◘ 3:24 مات. 14‏:3. *

25شۇ ۋاقىتلاردا* يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى بىر يەھۇدىي كىشى بىلەن تاھارەت قائىدىلىرى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىشىپ قالدى.

26ئاندىن مۇخلىسلار يەھيانىڭ يېنىغا كېلىپ:

27يەھيا مۇنداق جاۋاب بەردى:

28مېنىڭ سىلەرگە: «مەن مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا ئەۋەتىلگەنمەن» دېگىنىمگە ئۆزۈڭلار گۇۋاھچىسىلەر. ◘ 3:28 مال. 3‏:1؛ مات. 11‏:10؛ مار. 1‏:2؛ لۇقا 1‏:17؛ 7‏:27؛ يـۇھ. 1‏:20، 21 ،23. *

29كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ. ◼ 3:29 +bd «كېلىنچەكنى ئەمرىگە ئالغۇچى يىگىتتۇر؛ قولدىشى يىگىتنىڭ ئاۋازىنى كۈتىدۇ؛ قولداش ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قەلبىدە تولىمۇ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەندىمۇ خۇرسەنلىك تولۇپ تاشىدۇ»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر بىلەن يەھيا پۆيغەمبەر ئەيسا مەسىھنى توي يىگىتىگە ئوخشىتىدۇ ۋە: ئۆزۈم بولسام پەقەت توي يىگىتىنىڭ قولدىشىمەن، خالاس، دەيدۇ.*

30ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر. ◼ 3:30 +bd «ئۇنىڭ يۈكسىلىشى، مېنىڭ ئاجىزلىشىشىم مۇقەررەردۇر»+bd* ــ يەھيانىڭ سۆزلىرى مۇشۇ يەردە تۈگەيدۇ، 31-36-ئايەتلەرنى يۇھاننا مۇقەددەس روھنىڭ تۈرتكە-يوليورۇقى بىلەن يازغان، دېگەن پىكىرگە مايىلمىز. بەزى ئالىملار 32-34- ياكى 32-36-ئايەتلەرنىمۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرى، دەپ قارايدۇ.*

31ئۈستۈندىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. زېمىندىن كەلگۈچى زېمىنغا تەۋە بولۇپ زېمىندىكى ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈندۇر؛ ◘ 3:31 يـۇھ. 8‏:23. *

32ئۆزىنىڭ ئەرشتە* كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى بولسا، ئۇ بۇلار توغرۇلۇق گۇۋاھلىق بېرىدۇ؛ بىراق ھېچكىم ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلمايدۇ. ◘ 3:32 يـۇھ. 5‏:30؛ 8‏:26؛ 12‏:49؛ 14‏:10؛ 1يۇھ. 5‏:10. *

33ھالبۇكى*، كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ . ◼ 3:33 +bd «كىمكى ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلغان بولسا، خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ مۆھۈرىنى باسقان بولىدۇ»+bd* ــ «خۇدا ھەق» دېگەن سۆزدە كۆزدە تۇتۇلغىنى نېمە؟ شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ ئەسلىدە قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ ئەۋەتىمەن، دەپ بەرگەن نۇرغۇن ۋەدىلىرى ھازىر ئەيسادا تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، دېگەنلىك بولىدۇ.

34چۈنكى خۇدا ئەۋەتكىنى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سۆزلەيدۇ؛ چۈنكى خۇدا روھنى ئۇنىڭغا* ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس. ◼ 3:34 +bd «...چۈنكى خۇدا روھنى ئۇنىڭغا ئۆلچەم بىلەن كەملەپ بەرمەس»+bd* ــ «روھ» ــ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى. دېمەك، خۇدا پەيغەمبەرلىرىگە ئۆز روھىدىن «ئۆلچەم بىلەن كەملەپ» ئاتا قىلغىنى بىلەن، مەسىھكە بولسا ئۆلچىمەي بەرمەكتە.

35ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر. ◼ 3:35 +bd «ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغاندۇر»+bd* ــ «ئاتا» مۇشۇ يەردە خۇدانى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە؛ «ئوغۇل» بولسا ــ خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، ئەلۋەتتە. «يۇھاننا»دا «ئۇغۇل» كۆپ ئىشلىتىلىدۇ؛ چۈنكى خۇدانىڭ ئوغلى بىردىنبىردۇر.* ◘ 3:35 مات. 11‏:27؛ 28‏:18؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 5‏:22؛ 17‏:2؛ ئىبر. 2‏:8. *

© 2010 Institute for Bible Translation
div>