1ئەمدى پەرىسىيلەرنىڭ «ئەيسانىڭ مۇخلىس قىلىپ چۆمۈلدۈرگەنلىرى يەھيانىڭكىدىن كۆپ ئىكەن» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغىنىنى رەب ئۇققاندىن كېيىن ◘ 4:1 يـۇھ. 3:26. *
2(ئەمەلىيەتتە ئەيسا ئۆزى ئەمەس، مۇخلىسلىرى چۆمۈلدۈرەتتى)
3ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە گالىلىيەگە كەتتى.
4ئەمدى ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى. ◼ 4:4 +bd «ئۇ يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك ئىدى»+bd* ــ يەھۇدىيلار سامارىيەلىكلەرگە ئۆچ بولغاچقا، ئۇلار يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە ماڭغاندا، سامارىيەدىن ئەمەس، دائىم ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ ماڭاتتى. شۇڭا «سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشى كېرەك» دېگەن سۆز مۇشۇ يەردە ئەيسانىڭ بۇ يول بىلەن مېڭىشى خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئايان قىلىدۇ.*
5شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە بەرگەن يەرگە يېقىن بولغان سامارىيەنىڭ سىخار دېگەن بىر شەھىرىگە كەلدى. ◘ 4:5 يار. 33:19؛ 48:22؛ يە. 24:32. *
6شۇ يەردە «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى» بار ئىدى. ئەيسا سەپىرىدە چارچىغىنىدىن قۇدۇقنىڭ قېشىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى. ◼ 4:6 +bd «ياقۇپنىڭ قۇدۇقى»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ياقۇپنىڭ بۇلىقى». ئۇ يەر ئاستىدىكى بۇلاق بولغاچقا، «قۇدۇق» ئىدى. +bd «بۇ تەخمىنەن ئالتىنچى سائەت ئىدى»+bd* ــ ياكى ئەتىگەندە سائەت ئالتىدە ياكى چۈشتىن كېيىن ئالتىنچى سائەتتە (4:5دىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ).*
7-8 ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى. شۇ چاغدا، سامارىيەلىك بىر ئايال سۇ ئالغىلى كەلدى. ئەيسا ئۇنىڭغا:
9ئايال ئۇنىڭدىن:
10ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
11ئايال ئۇنىڭدىن:
12ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە مىراس* قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن ــ دېدى. ◼ 4:12 +bd «ئەجەبا، بۇ قۇدۇقنى بىزگە مىراس قالدۇرغان ئاتىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغمۇسىز؟ بۇ قۇدۇقتىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن»+bd* ــ ئايالنىڭ بۇ سۆزىنىڭ ئىچكى مەنىسى بەلكىم «قۇدۇق كولاپ سۇ تېپىش ئاسان ئەمەس. پەقەت ناھايىتى بىلىملىك ئادەملەر شۇنداق قىلالايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەتتا ئۇلۇغ ياقۇپ ئۆزىمۇ مۇشۇ سۇدىن ئىچكەن، ئۇنىڭدىن ياخشى سۇ تاپالمىغان. سىز ئۇنىڭدىن ئۇلۇغسىز، ياقۇپ ئىچكەن سۇدىن ئەۋزەل سۈيۈڭ بارمۇ؟!» دېگەنلىك بولسا كېرەك.*
13ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:
14ئەمما مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكۈچى ھەركىم مەڭگۈگە ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ ۋە بەلكى مەن ئۇنىڭغا بېرىدىغان سۇ ئۇنىڭ ئىچىدە ئۇنى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدىغان، ئۇرغۇپ چىقىدىغان بىر بۇلاق بولىدۇ، ــ دېدى. ◘ 4:14 يـۇھ. 3:16؛ 6:27، 35، 54؛ 7:38. *
15ئايال: ــ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي! ــ دېدى. ◼ 4:15 +bd «تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىزكى، مەن يەنە ئۇسسىمايدىغان ۋە مۇشۇ يەرگە سۇ تارتقىلى ئىككىنچى كەلگۈچى بولمايدىغان بولاي!»+bd* ــ ئايالنىڭ تەلەپپۇزى بەلكىم كىنايىلىكرەك ياكى گۇمانلىقراق بولسا كېرەك. بىزنىڭچە پەقەت ئەيسا ئايالنىڭ ئۆز ئەرلىرى توغرۇلۇق بېشارەتلىك سۆز قىلغاندا (18-ئايەت)، ئاندىن ئايال ئۇنىڭ ھەقىقىي مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىدۇ.*
16ئەيسا:
17ــ ئېرىم يوق، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.
18چۈنكى بەش ئەرگە تەگدىڭ ۋە ھازىر سەندە بولغىنى سېنىڭ ئېرىڭ ئەمەس. بۇنى توغرا ئېيتتىڭ! ــ دېدى ئەيسا.
19ئايال ئۇنىڭغا: ــ تەقسىر، ئەمدى كۆردۈمكى، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! ◘ 4:19 لۇقا 7:16؛ 24:19؛ يـۇھ. 6:14. *
20ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار* «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟ ــ دېدى. ◼ 4:20 +bd «ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن»+bd* ــ «بۇ تاغ» گەرىزىم تېغىدۇر. سامارىيەلىكلەر شۇ يەردە ئۆز ئىبادەتخانىسىنى قۇرغانىدى. +bd «لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەۋالىسىلەرغۇ؟»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، ئايالنىڭ بۇ سۆزى ئەمەلىي بىر سوئالدۇر، يەنى: ــ نېمىشقا شۇنداق؟ بۇ توغرىمۇ؟ ــ دېگەندەك.* ◘ 4:20 قان. 12:5،11؛ 1پاد. 9:3؛ 2تار. 7:12. *
21ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
22سىلەر ئىبادەت قىلغىنىڭلارنى بىلمەيسىلەر؛ بىراق بىز كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ. ◼ 4:22 +bd «نىجات-قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق بولىدۇ»+bd* ــ چۈنكى (1) خۇدا ھەقىقىي سۆز-كالامىنى ئەسلىدە يەھۇدىي خەلقىگە ئالاھىدە تاپشۇرغان؛ (2) ھەممىدىن مۇھىمى، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئاساسەن مەسىھ يەھۇدىيلاردىن چىقىدۇ.* ◘ 4:22 يار. 12:3؛ 18:18؛ 22:18؛ 26:4؛ 2پاد. 17:29؛ ئىبر. 7:14. *
23لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ ــ ۋە شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلار ئاتىغا روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ. ئاتا ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. ◼ 4:23 +bd «روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئىبادەت قىلىدۇ»+bd* ــ دېمەك، (1) خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى ئارقىلىق؛ (2) ھەربىر ئىبادەت قىلغۇچى ئىنسان ئۆزىنىڭ پۈتكۈل روھى بىلەن؛ (3) خۇدا ئىنسانلارغا تاپشۇرغان ھەقىقەت (ئۆز سۆز-كالامى) بويىچە؛ (4) ھەرقانداق يالغانچىلىقنى تاشلىغان ھالدا ئىبادەت قىلىشتۇر.*
24خۇدا روھتۇر ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھ ۋە ھەقىقەت بىلەن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەكتۇر. ◘ 4:24 2كور. 3:17. *
25ئايال ئۇنىڭغا:
26ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقۇچى مەن دەل شۇدۇرمەن! ــ دېدى. ◘ 4:26 يـۇھ. 9:37. *
27شۇ چاغدا ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى؛ لېكىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭدىن: «ئۇنىڭدىن نېمە ئىزدەيسەن؟» ياكى «نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسەن؟» دەپمۇ سورىمىدى.
28شۇنىڭ بىلەن ئايال كوزىسىنى تاشلاپ قويۇپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە:
29ــ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن بىر كىشىنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، مەسىھ شۇمىدۇ؟ ــ دېدى.
30بۇنىڭ بىلەن خالايىق شەھەردىن چىقىپ، ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى.
31شۇ ئارىلىقتا مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا:
32لېكىن ئۇ ئۇلارغا:
33مۇخلىسلار بىر-بىرىگە:
34ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ يېمەكلىكىم ــ مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان* خىزمىتىنى تاماملاشتۇر.
35ــ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟ مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى! ◼ 4:35 +bd «سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي قالدى» دەۋاتمامسىلەر؟»+bd* ــ شۇ ۋاقىت بەلكىم ئونىنچى ياكى ئونبىرىنچى ئاي ئىدى. +bd «مانا، سىلەرگە ئېيتايكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولدى!»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئەيسا مۇشۇ يەردە تەسۋىرلەنگەن «ھوسۇل» ھازىر شەھەردىن چىقىپ ئۆزىنىڭ يېنىغا كېلىۋاتقانلارنى، شۇنداقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتىدۇ ــ «خۇددى زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولغاندەك، بۇ كىشىلەرمۇ ئېتىقاد قىلىشقا تەييار بولدى» دېگەندەك.* ◘ 4:35 مات. 9:37؛ لۇقا 10:2. *
36ۋە ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ. ◼ 4:36 +bd «ئورمىچى ئىش ھەققىنى ئالىدۇ ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتقا توپلانغان ھوسۇلنى يىغىدۇ»+bd* ــ «ئورمىچى»لار خۇدانىڭ كىشىلەرنى ئۆز خۇش خەۋەرىگە ئىشەندۈرۈشتىكى ئاخىرقى ۋاسىتىسى بولغانلارنى كۆرسىتىدۇ. خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. مۇشۇلار بولسا دەل خۇدا ئۆز كالامى بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىدىن كۈتكەن ھوسۇلدۇر (مەسىلەن، «رىم.» 29:8-30، «1كور.» 5:3-9، «ئىبر.» 10:2نى كۆرۈڭ). +bd «شۇنىڭ بىلەن تېرىغۇچى بىلەن ئورمىچى تەڭ شادلىنىدۇ»+bd* ــ «تېرىغۇچى» خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى كىشىلەرگە بىرىنچى بولۇپ يەتكۈزگۈچى بولىدۇ.*
37چۈنكى بۇ ئىشتا «بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.
38مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمگەك سىڭدۈرمىگەن ھوسۇلنى يىغىشقا ئەۋەتتىم؛ باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار. ◼ 4:38 +bd «باشقىلار ئەمگەك قىلدى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىنى ئېلىشقا نېسىپ بولدۇڭلار»+bd* ــ كىم «ئەمگەك قىلىپ» تېرىغان؟ بىزنىڭچە ئۇلار: (1) تەۋرات دەۋرىدىكى خۇدانىڭ مۇقەددەس بەندىلىرى، بولۇپمۇ پەيغەمبەرلەر؛ (2) پەيغەمبەرلەرنىڭ بېشارەتلىرىنى ئەتىۋارلاپ ئۇلارنى ئىسرائىللارغا (شۇنداقلا سامارىيەلىكلەرگە) ئۆگەتكەن، خۇداغا سادىق بولغان تەۋرات ئۇستازلىرى؛ (3) يەھيا پەيغەمبەر ۋە مۇخلىسلىرى. بۇ ئۈچ تۈركۈم كىشىلەر خەلققە خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى قالدۇرۇپ، ئۇلارنى مەسىھنىڭ كېلىشىگە، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشقا تەييارلىغانىدى. (4) مەسىھنىڭ ئۆزى «تېرىغان». «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە يەنە بۇنىڭ ئۈستىدە توختىلىمىز.*
39شۇ شەھەردىكى نۇرغۇن سامارىيەلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ئۇ ھاياتىمدا قىلغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى» دېگەن گۇۋاھلىق سۆزىنى ئاڭلاپ، ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.
40شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى ئۆتۈنۈشكىلى تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى.
41ئۇنىڭ سۆز-كالامى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.
42ئۇلار ئايالغا:
43بۇ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇ شۇ يەردىن چىقىپ گالىلىيەگە قاراپ ماڭدى
44(چۈنكى ئەيسا ئۆزى: «ھېچبىر پەيغەمبەرنىڭ ئۆز يۇرتىدا ئىززىتى يوقتۇر» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەنىدى). ◘ 4:44 مات. 13:57؛ مار. 6:4؛ لۇقا 4:24. *
45شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەگە كەلگىنىدە، گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىش* ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە، ئۇنى قارشى ئېلىشتى (چۈنكى ئۇلارمۇ ھېيتقا چىققانىدى). ◼ 4:45 +bd «گالىلىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمدا قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرگەچكە،...»+bd* ــ 23:2نى كۆرۈڭ. +bd «گالىلىيەلىكلەر... ئۇنى قارشى ئېلىشتى»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر 44-ئايەت بىلەن كۆرۈنۈشتە سەل زىترەك بولغىنى بىلەن، 48-ئايەتتە گالىلىيەدىكىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى كۆرسىتىلىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە ئاخىر بېرىپ (6-بابتا) ئۇنىڭ سۆزلىرىنى رەت قىلىپ ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىنى قىلمىدى.*
46ئەمدى ئەيسا بۇ قېتىم گالىلىيەدىكى كانا يېزىسىغا يەنە باردى (ئۇ دەل شۇ يەردە سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى). شۇ كۈنلەردە*، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. ◘ 4:46 يـۇھ. 2:1،11. *
47ئۇ ئەيسانىڭ يەھۇدىيەدىن گالىلىيەگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە:
48شۇنىڭ بىلەن، ئەيسا ئۇنىڭغا:
49ئوردا ئەمەلدارى ئەيساغا:
50ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بارغىن، ئوغلۇڭ ھايات قالدى! ــ دېدى.
51يولدا كېتىپ بارغىنىدا، ئۇنىڭ قۇللىرى ئالدىغا چىقىپ، بالىلىرى ھايات، دەپ ئۇقتۇردى.
52ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قايسى سائەتتىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىۋىدى، ئۇلار:
53بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلۇڭ ھايات قالدى!» دېگەن سائەت ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆزى پۈتكۈل ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ئېتىقاد قىلىشتى.