1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى ۋە ئەيسا يېرۇسالېمغا چىقتى. ◘ 5:1 لاۋ. 23:2؛ قان. 16:1. *
2يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيت-ئەسدا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى.
3بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ بىمارلار، يەنى قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. ئۇلار ئۇ يەردە يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. ◼ 5:3 +bd «پالەچلەر»+bd* ــ ياكى «يىگلىگەنلەر».*
4چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن. ◼ 5:4 +bd «چۈنكى بىر پەرىشتە مەلۇم ۋاقىتلاردا كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى ئۇرغۇتىدىكەن؛ سۇ ئۇرغۇغاندا كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ چۈشكەن كىشى ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن»+bd* ــ 3-ئايەتتىكى «ئۇلار يېتىپ... 4-ئايەتتىكى «...ئۆزىنى باسقان ھەرقانداق كېسەلدىن ساقىيىدىكەن» دېگەن سۆزلەرگىچە بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە تېپىلمايدۇ. ئەمما بىزنىڭچە، بۇ سۆزلەر 7-ئايەتتىكى سۆزلەرنى چۈشەندۈرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ سۆزلەرنى چوقۇم ئەسلىدىكى تېكىستنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايمىز.*
5ئەمدى ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىلدىن بېرى ئاغرىق ئازابى تارتقان بىر بىمار بار ئىدى.
6ئەيسا بۇ ئادەمنىڭ شۇ يەردە ياتقىنىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن شۇ ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن:
7بىمار ئۇنىڭغا جاۋابەن:
8ئەيسا ئۇنىڭغا:
9ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ كۆتۈرۈپ ماڭدى. شۇ كۈنى شابات كۈنى ئىدى. ◼ 5:9 +bd «شابات كۈنى»+bd* ــ يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان، دەم ئالىدىغان مۇقەددەس كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كۈنى ئىشلەش قەتئىي مەنئى قىلىنغان. «تەبىرلەر»نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 5:9 يـۇھ. 9:14. *
10شۇڭا بەزى* يەھۇدىيلار ساقايغان كىشىگە:
11لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن:
12ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئەمدى ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭغىن» دېگەن كىشى كىم ئىكەن؟ ــ دەپ سوراشتى.
13بىراق ساقايغان ئادەم ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. چۈنكى ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى.
14بۇ ئىشلاردىن كېيىن ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدا تېپىپ ئۇنىڭغا:
15ھېلىقى ئادەم يەھۇدىيلارنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
16ئەيسا بۇ ئىشلارنى شابات كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. ◼ 5:16 +bd «يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى»+bd* ــ «يەھۇدىيلار» مۇشۇ يەردە بەلكىم يەھۇدىي چوڭلار، ھۆكۈمدارلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
17لېكىن ئەيسا ئۇلارغا:
18شۇ سەۋەبتىن يەھۇدىيلار ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تېخىمۇ ئۇرۇناتتى؛ چۈنكى ئۇ شابات كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ، ئۆزىنى خۇداغا باراۋەر قىلغانىدى. ◼ 5:18 +bd «...يەنە خۇدانى «ئاتام» دەپ چاقىرىپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «... يەنە خۇدانى ئۈزەلمەي «ئاتام» دەپ چاقىرىپ...»* ◘ 5:18 يـۇھ. 7:19. *
19شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
20چۈنكى ئاتا ئوغۇلنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ. ◼ 5:20 +bd «...ھەم سىلەرنى ھەيران قالدۇرۇشقا بۇلاردىن تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىدۇ»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، «تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلار» ئوغۇلغا ئايان قىلىنىدۇ ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارقىلىق باشقىلارغىمۇ ئايان قىلىنىدۇ. بۇ «ئۇلۇغ ۋە زور (گرېك تىلىدا بىرلا سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ) ئىشلار» 21-22-ئايەتلەردە بايان قىلىنىدۇ؛ ئۇ ئوغۇل سۈپىتىدە بولغاچقا، خالىسا بۇ ئىشلارنى (خۇدا ئۆزى قىلىدىغاندەك) شابات كۈنىدىمۇ قىلىش ھوقۇقى بار.* ◘ 5:20 يـۇھ. 1:2؛ 3:35؛ 7:16؛ 8:28؛ 14:24. *
21چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ. ◼ 5:21 +bd «چۈنكى ئۆلگەنلەرنى ئاتا قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغۇلمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆزلەر ھەم جىسمانىي ھەم روھىي مەنىدە ئېيتىلىدۇ.*
22شۇنىڭدەك، ئاتا ئۆزى ھېچكىمنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارمايدۇ، بەلكى بارلىق ھۆكۈم ئىشلىرىنى ئوغۇلغا تاپشۇرغان. ◘ 5:22 مات. 11:27؛ يـۇھ. 3:35. *
23بۇنىڭدىن مەقسەت، ــ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئاتىغا ھۆرمەت قىلغاندەك، ئوغۇلغىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىشى ئۈچۈندۇر. كىمكى ئوغۇلنى ھۆرمەتلىمىسە، ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. ◘ 5:23 يـۇھ. 2:23. *
24ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەن ھەركىم مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ؛ ئۇ ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، بەلكى ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ. ◘ 5:24 لۇقا 23:43؛ يـۇھ. 3:18؛ 6:40، 47؛ 8:51. *
25ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. ◼ 5:25 +bd «...ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى، ئاڭلىغانلار ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ»+bd* ــ بۇ سۆزلەر، شۈبھىسىكى، بولۇپمۇ روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ («ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا ھازىر كەلدىكى،...»). چۈنكى 28-ئايەتتە جىسمانىي ئۆلۈكلەر ئايرىم كۆرسىتىلىدۇ.* ◘ 5:25 ئەف. 2:1، 5؛ 1تىم. 5:6. *
26چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى ◼ 5:26 +bd «چۈنكى ئاتا ئۆزىدە قانداق ھاياتلىققا ئىگە بولسا، ئوغۇلغىمۇ ئۆزىدە شۇنداق ھاياتلىققا ئىگە بولۇشنى ئاتا قىلدى»+bd* ــ باشقا بىرخىل ياخشى تەرجىمىسى «چۈنكى ئاتا ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغۇلنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى».*
27ۋە يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر.
28بۇنىڭغا تەئەججۈپ قىلماڭلار؛ چۈنكى بارلىق گۆردە ياتقانلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ ◘ 5:28 1تېس. 4:16. *
29ۋە ئۇلار شۇئان يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار ھاياتقا تىرىلىدۇ، يامانلىق قىلغانلار سوراققا تارتىلىشقا تىرىلىدۇ. ◘ 5:29 دان. 12:2؛ مات. 25:34،46. *
30مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامدىن* ئاڭلىغىنىم بويىچە ھۆكۈم قىلىمەن؛ ۋە مېنىڭ ھۆكۈمۈم ھەققانىيدۇر، چۈنكى مېنىڭ ئىزدىگىنىم ئۆزۈمنىڭ ئىرادىسى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. ◘ 5:30 يـۇھ. 6:38. *
31ــ ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ. ◼ 5:31 +bd «ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم گۇۋاھلىقىم ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ»+bd* ــ «ھەقىقەت ھېسابلانمايدۇ» گرېك تىلىدا «ھەقىقەت ئەمەس».* ◘ 5:31 يـۇھ. 8:14. *
32لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن. ◼ 5:32 +bd «لېكىن مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى بار. ئۇنىڭ ماڭا بېرىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن»+bd* ــ ئەيسا ئېيتقان بۇ مۇھىم «گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرسى» يەھيا پەيغەمبەر ئەمەس، بەلكى خۇدائاتىسى ئۆزىدۇر. 34-ئايەتنى كۆرۈڭ («ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق»).* ◘ 5:32 يەش. 42:1؛ مات. 3:17؛ 17:5. *
33سىلەر يەھياغا ئەلچى ئەۋەتكىنىڭلاردا، ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن ◘ 5:33 يـۇھ. 1:15، 19، 27. *
34(ئەمەلىيەتتە*، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق؛ مېنىڭ يەھيا توغرۇلۇق* شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇر). ◼ 5:34 +bd «ئەمەلىيەتتە، ماڭا ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلىشىمنىڭ كېرىكى يوق»+bd* ــ گرېك تىلىدا «ئۆزۈم توغرۇلۇق ئىنسانلارنىڭ گۇۋاقلىقىنى قوبۇل قىلمايمەن» +bd «مېنىڭ يەھيا توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىۋاقىنىم پەقەتلا سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلار ئۈچۈندۇ»+bd* ــ دېمەك، سىلەر پەرىيسىلەر يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئۆزۈم توغرۇلۇق («مانا مەسىھ-قۇتقۇزغۇچى!» دېگەن) گۇۋاھلىقىنى قوبۇل قىلساڭلار، نىجات تاپالايسىلەر.*
35يەھيا* بولسا كۆيۈپ نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغ ئىدى ۋە سىلەر ئۇنىڭ يورۇقىدا بىر مەزگىل شادلىنىشقا رازى بولدۇڭلار.
36لېكىن يەھيانىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ ئۇلۇغ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ، ئاتا ماڭا ئادا قىلىشقا تاپشۇرغان ئەمەللەر، يەنى مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ◼ 5:36 +bd «مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر، بۇلار مېنىڭ توغرامدا ئاتىنىڭ مېنى ئەۋەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ»+bd* ــ «مەن قىلىۋاتقان ئەمەللەر» ــ ئەيسا يارىتىۋاتقان كۆپ مۆجىزىلەردىن ئىبارەت.* ◘ 5:36 يـۇھ. 10:25؛ 1يۇھ. 5:9. *
37ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگەندۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار ◘ 5:37 مىس. 33:20؛ قان. 4:12؛ مات. 3:17؛ 17:5؛ مار. 1:11؛ 9:7؛ لۇقا 3:22؛ 9:35؛ يـۇھ. 1:33؛ 6:27؛ 8:18؛ 1تىم. 6:16؛ 2پېت. 1:17؛ 1يۇھ. 4:12. *
38ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنى بولسا، ئۇنىڭغا ئىشەنمەيسىلەر.
39مۇقەددەس يازمىلارنى قېتىرقېنىپ ئوقۇپ ئولتۇرىسىلەر؛ چۈنكى ئۇلاردىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولدۇق، دەپ قارايسىلەر. دەل بۇ يازمىلار مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. ◘ 5:39 قان. 18:18؛ يەش. 34:16؛ لۇقا 16:29؛ 24:27؛ يـۇھ. 1:46؛ روس. 17:11. *
40شۇنداقتىمۇ سىلەر يەنىلا ھاياتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن مېنىڭ يېنىمغا كېلىشنى خالىمايسىلەر.
41مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلمايمەن؛
42لېكىن مەن سىلەرنى بىلىمەنكى، ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق. ◼ 5:42 +bd «ئىچىڭلاردا خۇدانىڭ مۇھەببىتى يوق»+bd* ــ ياكى «خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭلار يوق».*
43مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلگەنمەن، ئەمما سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر. ◼ 5:43 +bd «ھالبۇكى، باشقا بىرسى ئۆز نامى بىلەن كەلسە، سىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر»+bd* ــ «باشقا بىرسى» ــ شۈبھىسىزكى، بۇ سۆز كۆپ «ساختا مەسىھ»لەرنى، بولۇپمۇ ئاخىرقى زاماندا پەيدا بولغان دەججالنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن بىر مىسال، مىلادىيە 135-يىلى ئۆزىنى «مەسىھ بولىمەن» دېگەن، «بار-قوقبا» ئىسىملىك دەججالدەك بىر شەخس پەلەستىندە پەيدا بولغان ۋە نۇرغۇن يەھۇدىي خەلقى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئالدانغان. ئۇلار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، رىم ئىمپېرىيەسى بىلەن قارشىلىشىشقا چىقىپ، ئاخىر بېرىپ رىمنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلغان.*
44سىلەر بىر-بىرىڭلاردىن ئىززەت-شۆھرەت قوبۇل قىلىسىلەر-يۇ، يېگانە خۇدادىن كەلگەن ئىززەت-شۆھرەتكە ئىنتىلمىسەڭلەر، ئۇنداقتا سىلەر قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟! ◘ 5:44 يـۇھ. 12:43. *
45بىراق مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتىغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلغۇچى مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا پەيغەمبەردۇر*.
46چۈنكى ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا پەيغەمبەرگە* ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا* مەن توغرۇلۇق پۈتكەندۇر. ◘ 5:46 يار. 3:15؛ 22:18؛ 26:4؛ 28:14؛ قان. 18:18. *