يۇھاننا 6:1-70 UIGB2010 - Bible AI

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە دېڭىزى (تىبېرىياس دېڭىزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ◼ 6:1 +bd «گالىلىيە دېڭىزى»+bd* ــ ئىسرائىلىيەنىڭ شىمال تەرىپىدىكى چوڭ بىر كۆل. خەرىتىلەرنى كۆرۈڭ.*

2زور بىر توپ خالايىق ئۇ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىك ئالامەتلىرىنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى.

3ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى.

4ئۇ چاغدا يەھۇدىيلارنىڭ ھېيتى، يەنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى. ◘ 6:4 مىس. 12‏:18؛ لاۋ. 23‏:5، 7؛ چۆل. 28‏:16؛ قان. 16‏:1. *

5ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن:

6(لېكىن ئۇ بۇ سۆزنى فىلىپنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلەتتى).

7فىلىپ جاۋابەن:

8مۇخلىسلاردىن بىرى، يەنى سىمون پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئاندرىياس ئەيساغا:

9ــ بۇ يەردە كىچىك بىر ئوغۇل بالا بار، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى كىچىك بېلىق بار. لېكىن شۇنچە كۆپ خەلققە بۇ نېمە بولىدۇ؟! ــ دېدى.

10ئەيسا: ــ كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى (ئۇ يەردە ئوت-چۆپ مول ئۆسكەنىدى). شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىلەر ئولتۇردى؛ ئۇلارنىڭ سانى بەش مىڭچە بار ئىدى.

11ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا* تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى؛ كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. ◘ 6:11 1سام. 9‏:13. *

12ھەممەيلەن يەپ تويۇنغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا:

13شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بەش ئارپا نېنىدىن يەپ ئاشقان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى. ◼ 6:13 +bd «سېۋەت»+bd* ــ گرېك تىلىدا «قول سېۋەت»، بەلكىم ئىككى قوللاپ كۆتۈرىدىغان سېۋەتنى كۆرسىتىدۇ.*

14ئەمدى خالايىق ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىلىك ئالامىتىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى. ◼ 6:14 +bd «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بۇ پەيغەمبەر توغرۇلۇق ئالدىن ئېيتقان بېشارىتى «چۆل.» 15:18دە تېپىلىدۇ.* ◘ 6:14 لۇقا 7‏:16؛ 24‏:19؛ يـۇھ. 4‏:19. *

15شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارنىڭ كېلىپ ئۆزىنى پادىشاھ بولۇشقا زورلىماقچى بولغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا يالغۇز چىقىپ كەتتى.

16كەچقۇرۇن، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى دېڭىز بويىغا چۈشۈشتى. ◘ 6:16 مات. 14‏:23؛ مار. 6‏:47. *

17ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى (قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەنىدى ۋە ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى).

18قاتتىق بوران چىقىپ، دېڭىز دولقۇنلاپ كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى.

19مۇخلىسلار پالاق ئۇرۇپ ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا، ئەيسانىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇشۇپ كەتتى. ◼ 6:19 +bd «ئون-ئون بىر چاقىرىمچە ماڭغاندا...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «يىگىرمە بەش ياكى ئوتتۇز «ستادىيون»چە ماڭغاندا...». بىر ستادىيون 185 مېتر، شۇڭا ئۇلار قىرغاقتىن 6-5 كىلومېتر ماڭغانىدى (بىر چاقىرىم 500 مېتر ئەتراپىدۇ). دېڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتر، كەڭلىكى 12 كىلومېتر بولۇپ، ئۇلار دېڭىز ئوتتۇرىسىغا يەتكەن بولسا كېرەك.*

20لېكىن ئۇ ئۇلارغا:

21شۇنى ئاڭلاپ ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىۋالغۇسى كەلدى؛ ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى. ◼ 6:21 +bd «ئۇ كېمىگە چىقىپلا، كېمە دەرھال ئۇلار بارىدىغان يەرگە يېتىپ باردى»+bd* ــ «زەب.» 23:107-31نى كۆرۈڭ.* ◘ 6:21 زەب. 107‏:29-30*

22ئەتىسى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە قالغان خالايىق ئالدىنقى كۈنى* ئۇ يەردە ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى چىققان كېمىدىن باشقا كېمىنىڭ يوقلۇقىنى، ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى شۇ كېمىگە چىققاندا، ئەيسانىڭ ئۇلار بىللە چىقمىغانلىقىنى، بەلكى مۇخلىسلىرىنىڭ ئۆزلىرىلا كەتكەنلىكىنى كۆرگەنىدى.

23ھالبۇكى، بىرنەچچە كېمە-قولۋاق تىبېرىياس شەھىرىدىن رەب تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن خەلق نان يېگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى.

24شۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيسانىڭ ۋە مۇخلىسلىرىنىڭ ئۇ يەردە يوقلۇقىنى كۆرۈپلا، كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، ئەيسانى ئىزدىگىلى كەپەرناھۇم شەھىرىگە ماڭدى.

25ئۇلار ئۇنى دېڭىزنىڭ ئۇ تەرىپىدە تېپىپ ئۇنىڭغا:

26ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:

27بۇزۇلۇپ كېتىدىغان پانىي ئوزۇقلۇققا ئەمەس، بەلكى مەڭگۈ ھاياتلىققا باقىي قالىدىغان ئوزۇقلۇققا ئىنتىلىپ ئىشلەڭلار؛ بۇنى ئىنسانئوغلى سىلەرگە بېرىدۇ؛ چۈنكى ئۇنى ئاتا، يەنى خۇدا ئۆزى مۆھۈرلەپ تەستىقلىغان، ــ دېدى. ◘ 6:27 مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 3‏:16؛ 4‏:14؛ 5‏:37؛ 6‏:40، 54؛ 8‏:18؛ 2پېت. 1‏:17. *

28شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭدىن:

29ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ خۇدانىڭ ئىش-خىزمىتى دەل شۇكى، ئۇ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشىڭلاردۇر، ــ دېدى. ◘ 6:29 1يۇھ. 3‏:23. *

30شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە:

31ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، زەبۇردا*: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى. ◼ 6:31 +bd «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى»+bd* ــ «زەب.» 24:78. +bd «ئاتا-بوۋىلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، زەبۇردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دەپ پۈتۈلگەندەك، «ماننا»نى يېگەن ــ دېيىشتى»+bd* ــ ئۇلارنىڭ بۇنى ئەيساغا دېگىنىدە كۆزدە تۇتقىنى: «سەن مۇسا پەيغەمبەرگە ئوخشاش «دۇنياغا كېلىشى مۇقەررەر بولغان» شۇ پەيغەمبەر ياكى مەسىھ بولساڭ، ئەمدى مۇساغا ئوخشاش ئاسماندىن نان («ماننا») چۈشۈرۈشۈڭگە توغرا كەلمەمدۇ؟» دېگەندەك مەنە ئىدى. ئەيسا ئۇلارغا «بۇ نان بەرگۈچى مۇسا ئەمەس، خۇدادۇر» دەپ خاتالىقنى تۈزەتكەندىن كېيىن (32-ئايەت) ئۆزىنىڭ «ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي نان» ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.* ◘ 6:31 مىس. 16‏:4، 14؛ چۆل. 11‏:7؛ نەھ. 9‏:15؛ زەب. 78‏:24، 25؛ 1كور. 10‏:3. *

32ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

33چۈنكى خۇدانىڭ نېنى بولسا پۈتكۈل دۇنياغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغان، ئەرشتىن چۈشكۈچىدۇر.

34ــ تەقسىر، ھەمىشە بىزگە شۇ ناننى بېرىپ تۇرغايسەن! ــ دېيىشتى ئۇلار.

35ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

36لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.

37ئاتا ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەربىرى يېنىمغا كېلىدۇ ۋە مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن.

38چۈنكى ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. ◘ 6:38 مات. 26‏:39؛ مار. 14‏:36؛ لۇقا 22‏:42؛ يـۇھ. 5‏:30. *

39مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا دەل شۇكى، ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن ھېچبىرىنى يىتتۈرمەي، بەلكى ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. ◼ 6:39 +bd «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى... ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈشۈمدىن ئىبارەت»+bd* ــ «ئاخىرقى كۈنى» قىيامەت كۈنى.* ◘ 6:39 يـۇھ. 10‏:28؛ 17‏:12؛ 18‏:9. *

40چۈنكى مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى شۇكى، ئوغۇلغا كۆز تىكىپ قاراپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەربىرىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر؛ ۋە مەن ئاخىرقى كۈنى ئۇلارنى تىرىلدۈرىمەن. ◘ 6:40 يـۇھ. 3‏:16؛ 4‏:14؛ 6‏:27،54. *

41ئەمدى يەھۇدىيلار ئەيسانىڭ: «ئەرشتىن چۈشكەن نان ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگىنى ئۈچۈن ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غوتۇلدىشىشقا باشلىدى:

42ــ «بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ــ «ئەرشتىن چۈشتۈم!» دېسۇن؟» ــ دېيىشەتتى ئۇلار. ◘ 6:42 مات. 13‏:55؛ مار. 6‏:3. *

43ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ توغرامدا* ئۆزئارا غوتۇلداشماڭلار.

44مېنى ئەۋەتكەن ئاتا ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تارتقۇزمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ؛ مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن ھەربىرىنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. ◘ 6:44 كۈي. 1‏:4؛ يـۇھ. 6‏:65. *

45پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن ئۆگىتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. شۇڭا، ئاتىنىڭ سۆزىنى* تىڭشىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن ھەربىرى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. ◘ 6:45 يەش. 54‏:13؛ يەر. 31‏:33؛ ئىبر. 8‏:10؛ 10‏:16. *

46بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر. ◼ 6:46 +bd «بىراق بۇ بىرەركىم ئاتىنى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس؛ پەقەت خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگۈچى بولسا، ئۇ ئاتىنى كۆرگەندۇر»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ ئايەتتىكى سۆزلەرنى ئەيسا ئەمەس، بەلكى روسۇل يۇھاننا چۈشەندۈرۈش يولىدا قوشۇپ يازغان، دەپ قارايدۇ. بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ئانچە ئىسپات كۆرمىگەچكە، يەنىلا ئەيسانىڭ ئۆز سۆزى، دەپ ئويلايمىز.* ◘ 6:46 مات. 11‏:27؛ لۇقا 10‏:22؛ يـۇھ. 1‏:18؛ 7‏:29؛ 8‏:19. *

47بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگىدۇر. ◘ 6:47 يـۇھ. 3‏:16،36. *

48ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن.

49ئاتا-بوۋىلىرىڭلار چۆللەردە «ماننا» يېگىنى بىلەن يەنىلا ئۆلدى. ◘ 6:49 مىس. 16‏:4؛ چۆل. 11‏:7؛ زەب. 78‏:24*

50لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ. ◼ 6:50 +bd «لېكىن مانا، ئەرشتىن چۈشكەن نان دەل شۇنداقكى، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدۇ»+bd* ــ ياكى «لېكىن مانا، بىرسى ئۇنىڭدىن يېگەن بولسا ئۆلمەيدىغان، ئەرشتىن چۈشكەن نان مۇشۇ يەردىدۇر».*

51ئەرشتىن چۈشكەن ھاياتلىق نېنى ئۆزۈمدۇرمەن؛ كىمدەكىم بۇ ناندىن يېسە، ئەبەدىلئەبەدگىچە ياشايدۇ. مەن بېرىدىغان شۇ نان بولسا مېنىڭ ئەت-تېنىمدۇر، پۈتكۈل دۇنيادىكىلەر ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، مەن ئۇنى ئاتىماقچىمەن. ◘ 6:51 يـۇھ. 11‏:26؛ ئىبر. 10‏:5، 10. *

52بۇ سۆز بىلەن يەھۇدىيلار ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىقا باشلاپ:

53شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

54ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ ۋە مەن ئۇنى ئاخىرقى كۈنى تىرىلدۈرىمەن. ◼ 6:54 +bd «ئەت-تېنىمنى يېگۈچى»+bd* ــ ياكى «ئەت-تېنىمنى ئىستېمال قىلغۇچى».* ◘ 6:54 يـۇھ. 3‏:16؛ 4‏:14؛ 6‏:27،40. *

55چۈنكى ئەت-تېنىم ھەقىقىي ئوزۇقلۇق، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر.

56ئەت-تېنىمنى يېگۈچى ۋە قېنىمنى ئىچكۈچى مەندە ياشايدۇ ۋە مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن. ◼ 6:56 +bd «ئەت-تېنىمنى يېگۈچى»+bd* ــ ياكى «ئەت-تېنىمنى ئىستېمال قىلغۇچى».*

57ھايات ئاتا مېنى ئەۋەتكەن ۋە مەن ئاتىنىڭ بولغانلىقىدىن ياشاۋاتقىنىمدەك، مېنى يېگۈچى كىشى ھەم مېنىڭ ۋاسىتەم بىلەن ياشايدۇ.

58مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن ناندۇر. بۇ نان ئاتا-بوۋىلىرىڭلار يېگەن «ماننا*»دەك ئەمەس؛ چۈنكى ئۇلار «ماننا*»نى يېيىشى بىلەن ئۆلدى؛ بىراق بۇ ناننى ئىستېمال قىلغۇچى بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ! ◘ 6:58 يـۇھ. 3‏:13. *

59بۇ سۆزلەرنى ئۇ كەپەرناھۇمدىكى سىناگوگتا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى.

60شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن نۇرغۇنلىرى بۇنى ئاڭلىغاندا:

61بىراق ئۆز ئىچىدە مۇخلىسلىرىنىڭ بۇ توغرىسىدا غوتۇلداشقىنىنى بىلگەن ئەيسا ئۇلارغا:

62ئەمدى مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايغا كۆتۈرۈلۈۋاتقىنىنى كۆرسەڭلار، قانداق بولار؟! ◘ 6:62 مار. 16‏:19؛ لۇقا 24‏:50؛ يـۇھ. 3‏:13؛ روس. 1‏:9؛ ئ‍ەف. 4‏:8. *

63ئىنسانغا* ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر. ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ. مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر. ◼ 6:63 +bd «ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى ــ روھتۇر»+bd* ــ مۇشۇ يەردە «روھ»، شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ روھىنى كۆرسىتىدۇ. +bd «ئىنساننىڭ ئەتلىرى بولسا ھېچقانداق پايدا بەرمەيدۇ»+bd* ــ «ئىنساننىڭ ئەتلىرى» ــ خۇداغا تايانمايدىغان ئىنسانلارنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى كىرىش سۆزىمىزدە «ئەتئەتلەر» توغرۇلۇق بولغان ئىزاھاتىمىزنى كۆرۈڭ. +bd «مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم بولسا ھەم روھتۇر ۋە ھەم ھاياتلىقتۇر»+bd* ــ دېمەك، روھىي مەنىدە، ئادەمنىڭ روھىغا ھايات كىرگۈزىدىغان، مەڭگۈلۈك ھايات يەتكۈزىدىغان.* ◘ 6:63 2كور. 3‏:6. *

64لېكىن ئاراڭلاردىن ئېتىقاد قىلمىغان بەزىلەر بار، ــ دېدى (چۈنكى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغاننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى باشتىلا بىلەتتى). ◘ 6:64 يـۇھ. 2‏:25؛ 13‏:11. *

65شۇنىڭ بىلەن ئۇ مۇنداق دېدى: ــ مەن شۇ سەۋەبتىن سىلەرگە شۇنى ئېيتتىمكى، ئاتامدىن ئاتا قىلىنمىسا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ! ◘ 6:65 يـۇھ. 6‏:44. *

66شۇ ۋاقىتتىن تارتىپ مۇخلىسلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭ بىلەن يەنە ماڭمايدىغان بولدى.

67شۇڭا ئەيسا ئون ئىككىيلەندىن:

68سىمون پېترۇس ئۇنىڭغا جاۋاب قىلىپ:

69ۋە شۇنىڭغا ئىشەندۇق ۋە شۇنى بىلىپ يەتتۇقكى، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىدۇرسەن! ــ دېدى. ◘ 6:69 مات. 16‏:16؛ مار. 8‏:29؛ لۇقا 9‏:20؛ يـۇھ. 11‏:27. *

70ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن:

© 2010 Institute for Bible Translation
div>