1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيەدە ئايلىنىپ يۈردى. ئۇ يەھۇدىيەدە ئايلىنىپ يۈرۈشنى خالىمايتتى، چۈنكى شۇ يەردىكى* يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا قەست قىلماقچى ئىدى.
2بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ «كەپىلەر ھېيتى»غا ئاز قالغانىدى. ◘ 7:2 لاۋ. 23:34. *
3شۇڭا ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا:
4چۈنكى ئۆزىنى خەلق-ئالەمگە تونۇتماقچى بولغان ھېچكىم يوشۇرۇن جايدا ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئەمەللەرنى قىلىۋاتقانىكەنسەن، ئۆزۈڭنى دۇنياغا كۆرسەت! ــ دېيىشتى.
5چۈنكى ئۇنىڭ ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. ◘ 7:5 مار. 3:21. *
6شۇڭا ئەيسا ئۇلارغا:
7بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرگە ھەرگىز ئۆچ بولمايدۇ؛ لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى رەزىل دەپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن. ◘ 7:7 يـۇھ. 3:19؛ 14:17؛ 15:18. *
8سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، ــ دېدى. ◼ 7:8 +bd «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن بۇ ھېيتقا بارمايمەن»+bd* ــ كۆپ كونا كۆچۈرمىلەردە «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن تېخى بۇ ھېيتقا بارمايمەن» ياكى «سىلەر بۇ ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بۇ ھېيتقا بارمايمەن» دېگەن سۆز تېپىلىدۇ. «تېخى» ياكى «ھازىرچە» دېگەن سۆزلەر ئەسلىدە بولسۇن، بولمىسۇن، بەرىبىر ئايەتنىڭ مەنىسى ئاساسەن ئوخشاشتۇر؛ چۈنكى ئەيسا ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن ئاستىرتىن باردى (10-ئايەت). بەزىلەر «ھازىرچە» دېگەننى چۈشەندۈرۈش يولىدا كىرگۈزىدۇ.* ◘ 7:8 يـۇھ. 8:20. *
9ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، گالىلىيەدە قالدى.
10ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ھېيتقا چىققاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىمۇ ئۇنىڭغا باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى.
11ھېيتتا يەھۇدىيلار ئۇنى ئىزدەپ: «ئۇ قەيەردىدۇر؟» دەپ سوراۋاتاتتى. ◘ 7:11 يـۇھ. 11:56. *
12كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭ توغرىسىدا كۆپ غۇلغۇلا بولدى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ خالايىقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى. ◘ 7:12 مات. 21:46؛ لۇقا 7:16؛ يـۇھ. 6:14؛ 9:16؛ 10:19. *
13بىراق يەھۇدىي چوڭلىرىدىن* قورقۇپ، ھېچكىم ئوچۇق-ئاشكارە ئۇنىڭ گېپىنى قىلمايتتى. ◼ 7:13 +bd «يەھۇدىي چوڭلىرىدىن قورقۇپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «يەھۇدىيلاردىن قورقۇپ» دېيىلىدۇ. مۇشۇ يەردە «يەھۇدىيلار» چوقۇم ئۇلارنىڭ چوڭلىرىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 7:13 يـۇھ. 9:22؛ 12:42؛ 19:38. *
14ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ◼ 7:14 +bd «..كىرىپ»+bd* ــ گرېك تىلىدا «..چىقىپ».*
15يەھۇدىيلار:
16ئەيسا ئۇلارغا:
17ئۇنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلىشقا ئۆز ئىرادىسىنى باغلىغان ھەركىم بۇ تەلىم توغرۇلۇق ــ ئۇنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.
18ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق-سادىقتۇر، ئۇنىڭدا ھەققانىيسىزلىق يوقتۇر.
19مۇسا پەيغەمبەر* سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمايۋاتىسىلەر! نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ ــ دېدى. ◼ 7:19 +bd «نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟»+bd* ــ ياكى «نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرگىلى ئىزدەيسىلەر؟».* ◘ 7:19 مىس. 20:1؛ 24:3؛ مات. 12:14؛ مار. 3:6؛ يـۇھ. 5:18؛ 10:39؛ 11:53؛ روس. 7:53. *
20كۆپچىلىك:
21ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار. ◼ 7:21 +bd «مەن بىر كارامەتنى يارىتىشىم بىلەن ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار»+bd* ــ بۇ «بىر كارامەت»، شۈبھىسىزكى، ئۇ ئالدىنقى قېتىم يېرۇسالېمدا بولغاندا شابات كۈنىدە پالەچ ئادەمنى ساقايتقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ (23-ئايەت ۋە 5-بابنى كۆرۈڭ). ئەيسانىڭ سۆزىگە قارىغاندا، گەرچە بۇ مۆجىزە بىرنەچچە ئاي ئىلگىرى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئېسىدە تېخىچە بار ئىدى. شۇ ۋەجىدىن ئۇلار ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولىدۇ. 22-24-ئايەتلەردە ئەيسا «شابات كۈنىدە ئادەمنى ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ»، دېگەن خىيالغا قاتتىق رەددىيە بېرىدۇ. بىزنىڭچە ئۇ ئەسلىدە ئۇلارنى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئويلاندۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۆجىزىنى قەستەن شابات كۈنىدە ياراتقانىدى.*
22ــ ئەمدى مۇسا پەيغەمبەر* سىلەرگە خەتنە قىلىش توغرۇلۇق ئەمر قالدۇرغان (ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان)، شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ* شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر. ◼ 7:22 +bd «ئەمەلىيەتتە بولسا خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئاتا-بوۋىلاردىن قالغان»+bd* ــ «خەتنە قىلىش»نى خۇدا ئەسلىدە ئىبراھىم پەيغەمبەرگە (مۇسا پەيغەمبەردىن ئىلگىرى، ئەلۋەتتە) ئۆزىنىڭ ئىبراھىم ۋە ئەۋلادلىرى بىلەن بولغان ئەھدىنىڭ سىمۋولى بولسۇن دەپ تاپشۇرغانىدى («يار.» 17-باب). +bd «شۇڭا سىلەر شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ شۇ كۈنىدە ئادەمنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر»+bd* ــ ئەمر بولسا «بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك» («يار.» 13:17). شۇنىڭ بىلەن «سەككىزىنچى كۈن» شابات كۈنىگە توغرا كېلىپ قالسىمۇ (ۋە شابات كۈنى «ئىشلەش»كە بولمايدۇ) بالىنى سۈننەت قىلىۋېرىش كېرەك. بولمىسا تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق بولىدۇ.* ◘ 7:22 لاۋ. 12:3؛ يار. 17:10. *
23ئەمدى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىنمىسۇن دەپ شابات كۈنىدە ئادەم خەتنە قىلىنغان يەردە، مەن شابات كۈنىدە بىر ئادەمنى سەللىمازا ساقايتسام، سىلەر نېمە دەپ ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟
24سىرتقى قىياپەتكە قاراپ ھۆكۈم قىلماڭلار، بەلكى ھەققانىي ھۆكۈم قىلىڭلار! ◘ 7:24 قان. 1:16،17؛ پەند. 24:23؛ ياق. 2:1. *
25ئۇ ۋاقىتتا يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى:
26ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمىدىغۇ! دەرۋەقە، ئاقساقاللارنىڭ ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەنمۇ؟
27ھالبۇكى، بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز. لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى. ◼ 7:27 +bd «بۇ ئادەمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىز ئېنىق بىلىمىز»+bd* ــ ئۇلار ئۇنى گالىلىيەلىك دەپ بىلەتتى. ئەمەلىيەتتە ئۇ بەيت-لەھەمدە تۇغۇلغان، ئەلۋەتتە. +bd «لېكىن مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەستىغۇ، ــ دېيىشتى.»+bd* ــ خالايىقنىڭ بۇ سۆزلىرى ئانچە توغرا ئەمەس ئىدى؛ بۇ كىشىلەر پەيغەمبەرلەرنىڭ مەسىھ توغرۇلۇق بېشارەتلىك يازمىلىرىنى تولۇق بىلمىگەن بولسا كېرەك. بەلكىم ئۇلارنىڭ كۆزدە تۇتقىنى پەقەت مەسىھنىڭ تۇيۇقسىز نامايان بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن بېشارەتلەرلا ئىدى.* ◘ 7:27 مات. 13:55؛ مار. 6:3؛ لۇقا 4:22. *
28شۇڭا ئەيسا ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:
29مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى. ◘ 7:29 يـۇھ. 10:15. *
30شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. ◼ 7:30 +bd «شۇڭا ئۇلار ئۇنى تۇتۇش يولىنى ئىزدەيتتى...»+bd* ــ «ئۇلار» بەلكىم يەنىلا چوڭلارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 7:30 مار. 11:18؛ لۇقا 19:47؛ 20:19؛ يـۇھ. 7:19؛ 8:20، 37. *
31لېكىن خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ كەلگەندە بۇ كىشى كۆرسەتكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەردىن ئارتۇق مۆجىزە* يارىتالارمۇ؟!» دېيىشتى. ◘ 7:31 يـۇھ. 8:30. *
32پەرىسىيلەر خالايىقنىڭ ئۇ توغرۇلۇق غۇلغۇلا بولۇۋاتقان بۇ گەپ-سۆزلىرىنى ئاڭلىدى؛ شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر بىلەن باش كاھىنلار ئۇنى تۇتۇش ئۈچۈن بىرنەچچە قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى. ◼ 7:32 +bd «قاراۋۇللارنى ئەۋەتتى»+bd* ــ ياكى «ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى». لېكىن بىزنىڭچە 30- ۋە 44-ئايەتلەر (لاۋىيلاردىن بولغان) مۇشۇ كىشىلەرنى ئايرىم كۆرسىتىدۇ.*
33شۇنىڭ بىلەن ئەيسا:
34مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، ــ دېدى. ◘ 7:34 يـۇھ. 8:21؛ 13:33. *
35بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار بىر-بىرىگە:
36«مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ ــ دېيىشتى.
37ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ كاتتا كۈنى، ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ
38ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ! ــ دەپ جاكارلىدى ◼ 7:38 +bd «ماڭا ئېتىقاد قىلغۇچى كىشىنىڭ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنىدەك، ئىچ-باغرىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ!»+bd* ــ «مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغاندەك» ــ «يەش.» 11:58 ۋە «ئەز.» 1:47-12نى كۆرۈڭ.
39(ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان مۇقەددەس روھقا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ* روھى تېخى ھېچكىمگە ئاتا قىلىنمىغانمىدى، چۈنكى ئەيسا تېخى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى). ◘ 7:39 يەش. 44:3؛ يو. 2:27-29؛ روس. 2:17. *
40خالايىق ئىچىدە بەزىلەر بۇ سۆزنى ئاڭلاپ:
41بەزىلەر: «بۇ مەسىھ ئىكەن!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ياق، مەسىھ گالىلىيەدىن كېلەتتىمۇ؟ ◘ 7:41 يـۇھ. 1:47؛ 4:42. *
42مۇقەددەس يازمىلاردا، مەسىھ پادىشاھ* داۋۇتنىڭ نەسلىدىن ھەم داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم يېزىسىدىن كېلىدۇ، دېيىلمىگەنمىدى؟» ــ دېيىشتى. ◘ 7:42 زەب. 132:11؛ مىك. 5:1؛ مات. 2:6. *
43بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ئۇنىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى.
44بەزىلىرى ئۇنى تۇتايلى دېگەن بولسىمۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى.
45قاراۋۇللار ئىبادەتخانىدىن* باش كاھىنلار بىلەن پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگەندە، ئۇلار قاراۋۇللارغا:
46قاراۋۇللار:
47پەرىسىيلەر ئۇلارغا جاۋابەن:
48ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بولغانمۇ؟! ◘ 7:48 يەش. 33:18؛ يـۇھ. 12:42؛ 1كور. 1:20؛ 2:8. *
49لېكىن تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ! ــ دېيىشتى. ◼ 7:49 +bd «تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان بۇ چۈپرەندىلەر لەنەتكە قالىدۇ!»+bd* ــ «چۈپرەندىلەر» ئاددىي خەلقنى كۆرسىتىدۇ. ئاقساقاللار ۋە پەرىسىيلەر ئۇلارنى ئىنتايىن كەمسىتەتتى.*
50ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن ئاخشامدا ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا: ◘ 7:50 يـۇھ. 3:2؛ 19:39. *
51ــ تەۋرات قانۇنىمىز ئاۋۋال كىشىنىڭ نېمە قىلغىنىنى ئۆزىدىن ئاڭلاپ بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈم چىقىرامدۇ! ◘ 7:51 مىس. 23:1؛ لاۋ. 19:15؛ قان. 1:17؛ 17:8؛ 19:15. *
52ئۇلار جاۋاب قىلىپ: ــ سەنمۇ گالىلىيەدىنمۇ؟ مۇقەددەس يازمىلارنى* كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ! ــ دېدى. ◼ 7:52 +bd «مۇقەددەس يازمىلارنى كۆر، قېتىرقىنىپ ئوقۇپ باق، گالىلىيەدىن ھېچقانداق پەيغەمبەر چىقمايدۇ!»+bd* ــ ئۇلارنىڭ بۇ سۆزىدە گالىلىيەلىك بولغان يۇنۇس پەيغەمبەرنى قەستەن ئۇنتۇغانىدى. چۈنكى تەۋراتنىڭ «يۇنۇس پەيغەمبەر» دېگەن قىسمىدا، خۇدانىڭ +bd يەھۇدىي ئەمەسلەرگە+bd* نىجات پۇرسىتىنى يەتكۈزگەنلىكى ئېنىق خاتىرىلىنىدۇ. ئۇلار يەنە «يەش.» 12:8دىكى بېشارەت، يەنى مەسىھنىڭ ئۆز خىزمىتىنى گالىلىيەدە باشلايدىغانلىقى توغرۇلۇق بېشارەتنى قەستەن ئۇنتۇغان ئوخشايدۇ.*