يۇھاننا 8:1-58 UIGB2010 - Bible AI

1ئەيسا بولسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى.

2ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىردى ۋە خالايىقنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشكەنىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

3شۇ چاغدا*، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ،

4ئىنىڭدىن:

5مۇسا پەيغەمبەر* تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان. ئەمدى سەنچە، ئۇنى قانداق قىلىش كېرەك؟ ــ دەپ سوراشتى. ◼ 8:5 +bd «مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا بىزگە مۇشۇنداق ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى ئەمر قىلغان»+bd* ــ قىزىق يېرى شۇكى، ئۇلار پەقەت «ئاياللار»نى تىلغا ئالىدۇ. ئەمەلىيەتتە تەۋرات قانۇنى بويىچە زىنا قىلغان ئەركەكلەرنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش كېرەك ئىدى.* ◘ 8:5 لاۋ. 20‏:10؛ قان. 22‏:22. *

6ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى. ئەمما ئەيسا ئېڭىشىپ، بارمىقى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. ◼ 8:6 +bd «ئەمدى ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى نىيىتى، ئۇنى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر باھانە ئىزدەش ئىدى»+bd* ــ ئەگەر ئەيسا «بۇ ئايالغا رەھىم قىلىش كېرەك» دېسە، ئۇلار دەرھال «سەن مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنى ئۈندەيسەن، دەيتتى. باشقا بىر تەرەپتىن، شۇ چاغدا يەھۇدىي خەلقى رىم ئىمپېرىيەسىنىڭ قانۇنى ئاستىدا تۇرغاچقا، يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ھېچكىمگە ئۆلۈم جازاسىنى بەجا كەلتۈرۈش ھوقۇقى يوق ئىدى. شۇڭا ئەگەر ئەيسا «چالما-كېسەك قىلىنسۇن» دېسە، ئۇ چاغدا ئۇلار رىملىقلارغا «مۇشۇ كىشى رىم ئىمپېرىيەسىگە قارشى چىقتى!» دېگەندەك شىكايەت قىلاتتى.*

7ئۇلار شۇ سوئالنى توختىماي سوراۋاتاتتى، ئۇ رۇسلىنىپ ئۇلارغا:

8ئاندىن ئۇ يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. ◘ 8:8 يەر. 17‏:13*

9ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى* ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىرىدا ئەيسا ئوتتۇرىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. ◼ 8:9 +bd «ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە: «ئۇلار بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشى بىلەن ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن قالغانلىرى بىر-بىرلەپ ھەممىسى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى» دېيىلىدۇ.*

10ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، شۇ ئايالدىن باشقا ھېچكىمنى كۆرمىگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن:

11ــ ھەزرەتلىرى، ھېچكىم چىقمىدى، ــ دېدى ئايال.

12شۇڭا ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ:

13پەرىسىيلەر:

14ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

15سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. ◼ 8:15 +bd «سىلەر ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر»+bd* ــ «ئەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆلچىمى بويىچە» ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى، ئىنجىلدا «ئەت» ياكى «ئەتلەر» كۆپ يەرلەردە ئىنسانلارنىڭ خۇداغا تايانماي ئۆزلۈكىدىن ئىش قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. «رىملىقلارغا»دىكى «كىرىش سۆز»نىمۇ كۆرۈڭ.*

16مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر؛ چۈنكى مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتا بۇ ئىشتا* مەن بىلەن بىللىدۇر. ◼ 8:16 +bd «بىراق مەن ھېچكىمنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايمەن. مەن ھۆكۈم قىلساممۇ، ھۆكۈمۈم ھەقىقىيدۇر»+bd* ــ ئەيسا مەسىھ بۇ دۇنيادا تۇرغاندا +bd كىشىلەرنىڭ+bd* ئۈستىگە ھۆكۈم قىلمايتتى (سوراققا تارتمايتتى)، بەلكى ئ+bd ۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنىڭ+bd* ئۈستىگە، توغرا، توغرا ئەمەس، دەپ ھۆكۈم قىلاتتى. پەقەت ئاخىرەتكە كەلگەندە ئاندىن ئۇ بارلىق كىشىلەرنى سوراققا تارتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئەلۋەتتە. پەرىسىيلەر بولسا ئۆزلىرىنى سوراقچى، مەسىھنى سوراققا تارتىش ھوقۇقىمىز بار دەپ قارايتتى. +bd «مېنى ئەۋەتكەن ئاتا بۇ ئىشتا مەن بىلەن بىللىدۇر»+bd* ــ «بۇ ئىشتا» دېگەن سۆزلەر ئەينى تېكىستتە بولمىسىمۇ، مەنىسى دەل «مېنىڭ ھۆكۈم قىلغىنىم پەقەت ئۆزۈمدىن ئەمەس، بۇنىڭدا ئاتا مەن بىلەن بىللىدۇر» دېگەندەكتۇر.*

17سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ» دەپ پۈتۈلگەندۇر. ◼ 8:17 +bd «سىلەرگە تەۋە بولغان تەۋرات قانۇنىدا...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «سىلەرنىڭ تەۋرات قانۇنىڭلاردا» دېيىلىدۇ. بۇ ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپتۇر. پەرىيسىلەر دائىم: «تەۋرات قانۇنىنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ، ھەقىقىي مەنىسى بىلەن ئۆزلەشتۈرگۈچىلەر پەقەت بىزلەرمىز» دەپ ھالىنى چوڭ قىلىپ يۈرۈشەتتى. ئەمەلىيەتتە «تەۋرات قانۇنى» خۇدانىڭ بارلىق خەلقىگە تەۋە ئىدى، ئەلۋەتتە. 34:10 ۋە 25:15نىمۇ كۆرۈڭ. +bd «ئىككى ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بولسا راست ھېسابلىنىدۇ»+bd* ــ «قان.» 6:17.* ◘ 8:17 چۆل. 35‏:30؛ قان. 17‏:6؛ 19‏:15؛ مات. 18‏:16؛ 2كور. 13‏:1؛ ئىبر. 10‏:28. *

18راست، مەن ئۆزۈم توغرامدا ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، ۋە مېنى ئەۋەتكەن ئاتىمۇ مېنىڭ توغرامدا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. ◘ 8:18 مات. 3‏:17؛ 17‏:5؛ مار. 1‏:11؛ 9‏:7؛ لۇقا 3‏:22؛ 9‏:35؛ يـۇھ. 1‏:33؛ 5‏:37؛ 6‏:27. *

19ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئاتاڭ قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى.

20ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە، سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ ئېيتقانىدى. بىراق ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. ◼ 8:20 +bd «سەدىقە ساندۇقىنىڭ ئالدىدا»+bd* ــ ياكى «خەزىنىدە».* ◘ 8:20 يـۇھ. 7‏:30. *

21شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا يەنە:

22بۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار:

23ئەيسا ئۇلارغا:

24شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ «ئەزەلدىن* بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر، ــ دېدى. ◼ 8:24 +bd «چۈنكى سىلەر مېنىڭ «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر»+bd* ــ ياكى «چۈنكى سىلەر مېنىڭ «مەن بولىمەن» ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار ئىچىدە ئۆلىسىلەر». «ئەزەلدىن بار بولغۇچى» ياكى ««مەن بولىمەن» ــ بۇ خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە ئاشكارىلىغان نامى بولۇپ («مىس.» 14:3)، ئەيسامۇ بۇ نامنى ئۆزىگە قوللانغان. باشقا بىر تەرجىمىسى: «مېنىڭ +bd ئۇ+bd* (يەنى، مەسىھ) ئىكەنلىكىمگە...». لېكىن «يۇھاننا»دا ئوخشاش شۇ ئىبارە تېپىلىدىغان كۆپ باشقا ئايەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا (مەسىلەن، 28-، 58-ئايەت) بۇ تەرجىمىمىز توغرا بولۇشى كېرەك.* ◘ 8:24 يـۇھ. 8‏:21. *

25سەن زادى كىم؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار.

26ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن، ــ دېدى. ◼ 8:26 +bd «ئۆزۈمنىڭ سىلەرنىڭ توغراڭلاردا ۋە ئۈستۈڭلاردىن ھۆكۈم قىلىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار؛ لېكىن مېنى ئەۋەتكۈچى ھەقتۇر ۋە مەن ئۇنىڭدىن نېمىنى ئاڭلىغان بولسا، بۇلارنىلا دۇنيادىكىلەرگە ئۇقتۇرۇپ ئېيتىمەن»+bd* ــ مەسىھنىڭ پەرىسىيلەرگە ئېيتقان باشقا كۆپ سۆزلىرىگە ئوخشاش، بۇ سۆزى ئىنتايىن ئىخچامدۇر. بىزنىڭچە ئومۇمىي مەنىسى: «سىلەر توغرۇلۇق نۇرغۇن ئەيىبلەيدىغان سۆزلىرىم بار. بۇ سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلماسلىقىڭلار مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ بۇ سۆزلىرىم ئەمەلىيەتتە ئۆزۈمدىن ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامدىندۇر؛ شۇڭا ئىشىنىشىڭلار كېرەك؛ چۈنكى نېمىنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىسام، شۇنى دۇنياغا ئېيتىمەن» دېگەندەك بولسا كېرەك.* ◘ 8:26 يـۇھ. 7‏:28؛ 15‏:15؛ رىم. 3‏:4. *

27ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. ◼ 8:27 +bd «ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى»+bd* ــ «ئاتا» ئۆز ئاتىسى خۇدا، ئەلۋەتتە. دېمىسەكمۇ، مەسىھنىڭ نېمىشقا بەزىدە پەقەت «ئاتا» ۋە باشقا يەرلەردە «ئاتام» دېيىشىنى تەتقىق قىلىش بەك پايدىلىق ئىشتۇر.*

28شۇڭا ئەيسا مۇنداق دېدى:

29مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ئەسلا يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. ◘ 8:29 يـۇھ. 14‏:10؛ 16‏:32. *

30ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ◘ 8:30 يـۇھ. 7‏:31. *

31ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا:

32ۋە ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئازادلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ــ دېدى. ◘ 8:32 رىم. 6‏:18؛ گال. 5‏:1؛ 1پېت. 2‏:16. *

33ئۇلار جاۋابەن: ــ بىز ئىبراھىمنىڭ نەسلىمىز، ــ ھېچقاچان ھېچكىمنىڭ قۇللۇقىدا بولمىدۇق. سەن قانداقسىگە: ئازادلىققا ئېرىشسىلەر، دەيسەن؟ ــ دېدى. ◘ 8:33 مات. 3‏:9. *

34ئەيسا ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر. ◘ 8:34 رىم. 6‏:20؛ 2پېت. 2‏:1. *

35قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ. ◼ 8:35 +bd «قۇل ئائىلىدە مەڭگۈ تۇرمايدۇ، لېكىن ئوغۇل مەڭگۈ تۇرىدۇ»+bd* ــ دېمەك، بىرسى «قۇل» بولسا (مۇشۇ يەردە «گۇناھنىڭ قۇلى») ھەرقانداق ئۆي ئىگىسى بىلەن مەڭگۈلۈك مۇناسىۋەتتە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزاسى بولالمايدۇ؛ پەقەت ئۆي ئىگىسىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەنلا مەڭگۈلۈك مۇناسىۋىتى بولىدۇ؛ ئۆي ئىگىسىنىڭ ئوغلى ئۆي ئىگىسىنىڭ ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمدى «ئۆي ئىگىسى» خۇدا بولسا، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ تولۇق ھوقۇقلۇق بولىدۇ، ئەلۋەتتە. بۇ ئىش 36-ئايەتتىكى ھەقىقەت بىلەن زىچ باغلىنىدۇ.*

36شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر. ◼ 8:36 +bd «شۇنىڭ ئۈچۈن ئوغۇل سىلەرنى ئازاد قىلسا، ھەقىقىي ئازاد بولىسىلەر»+bd* ــ يۇقىرىقى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ. «قۇل» «قۇل»نى ئازاد قىلمايدۇ، «قۇل»نى ئازاد قىلالايدىغان پەقەت ئۆزى ئازاد بولغان كىشى، ئەلۋەتتە. ئەمدى بۇ دۇنيادا كىم گۇناھتىن ئازادتۇر؟ مەسىھتىن باشقا ھەربىر كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، ھەقىقىي ئازاد بولغان كىشى پەقەت «ئوغۇل»، يەنى مەسىھدۇر؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشقىلارنى (ئۇلاردا ئېتىقاد بولسا) گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئازاد قىلالايدۇ.* ◘ 8:36 رىم. 8‏:2. *

37سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ نەسلى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ سۆزۈم ئىچىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى.

38مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى ئېيتىۋاتىمەن؛ سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر! ◼ 8:38 +bd «سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن كۆرگەنلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!»+bd* ــ ياكى «سىلەر بولساڭلار ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!».* ◘ 8:38 يـۇھ. 3‏:11؛ 7‏:16؛ 12‏:49؛ 14‏:10، 24. *

39ئۇلار جاۋاب بېرىپ: ــ بىزنىڭ ئاتىمىز ئىبراھىمدۇر، ــ دېدى.

40بىراق ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن ئادەمنى ئۆلتۈرۈشكە قەستلەيسىلەر. ئىبراھىم ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. ◘ 8:40 يـۇھ. 17‏:17. *

41سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! ــ دېدى.

42ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار؛ چۈنكى مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ، بۇ يەرگە كەلدىم. مەن ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن. ◼ 8:42 +bd «مەن خۇدانىڭ باغرىدىن چىقىپ...»+bd* ــ گرېك تىلىدا «مەن خۇدانىڭ ئىچىدىن چىقىپ...».* ◘ 8:42 يـۇھ. 5‏:43؛ 7‏:29. *

43سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ سۆز-كالامىم قۇلىقىڭلارغا كىرمەيۋاتىدۇ!

44سىلەر ئاتاڭلار ئىبلىستىن بولغانسىلەر ۋە ئۇنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە ئەمەل قىلىشنى خالايسىلەر. ئۇ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ قاتىل ئىدى ۋە ئۇنىڭدا ھەقىقەت بولمىغاچقا، ھەقىقەتتە تۇرمىغان. ئۇ يالغان سۆزلىگەندە، ئۆز تەبىئىتىدىن سۆزلەيدۇ، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر. ◼ 8:44 +bd «... +bdit ئىبلىس+bdit* يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ ئاتىسىدۇر»+bd* ــ ياكى «... ئۇ (ئىبلىس) يالغانچى ۋە شۇنداقلا يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر».* ◘ 8:44 يار. 3‏:1؛ 2كور. 11‏:3؛ 1يۇھ. 3‏:8. *

45لېكىن مەن ھەقىقەتنى سۆزلىگىنىم ئۈچۈن، ماڭا ئىشەنمەيسىلەر.

46قايسىڭلار مېنى گۇناھى بار دەپ دەلىللىيەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟

47خۇدادىن بولغان كىشى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ؛ سىلەر ئۇلارنى ئاڭلىمايسىلەر، چۈنكى سىلەر خۇدادىن بولغان ئەمەسسىلەر! ◘ 8:47 يـۇھ. 6‏:37؛ 10‏:26،27؛ 1يۇھ. 4‏:6. *

48يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا جاۋابەن:

49ئەيسا جاۋابەن: ــ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، بەلكى مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن؛ لېكىن سىلەر ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلىۋاتىسىلەر. ◘ 8:49 يـۇھ. 7‏:18. *

50مەن ئۆز شان-شەرىپىمنى ئىزدىمەيمەن؛ لېكىن بۇنى ئىزدىگۈچى ھەم ئۇنىڭ ئۈستىدىن* ھۆكۈم قىلغۇچى بىرسى بار.

51بەرھەق، بەرھەق، مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سۆز-كالامىمنى تۇتىدىغان كىشى ئەبەدىلئەبەد ئۆلۈم كۆرمەيدۇ. ◘ 8:51 يـۇھ. 5‏:24؛ 11‏:25. *

52شۇنىڭ بىلەن يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا:

53ئەجەبا، سەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ئۇلۇغمۇسەن؟ ئۇ ئۆلدى، پەيغەمبەرلەر ھەم ئۆلدى!؟ سەن ئۆزۈڭنى كىم قىلماقچىسەن؟ ◘ 8:53 ئىبر. 11‏:13. *

54ئەيسا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

55سىلەر ئۇنى تونۇمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولاتتىم؛ بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆز-كالامىنى تۇتىمەن.

56ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى ھەم دەرۋەقە ئۇنى ئالدىنئالا كۆرۈپ شادلاندى. ◼ 8:56 +bd «ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كۈنۈمنى كۆرىدىغانلىقىدىن يايراپ-ياشنىدى»+bd* ــ ئەيسانىڭ «مېنىڭ كۈنۈم» دېگىنى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ بىزنىڭچە بۇ ئىبارە: (1) ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۆرسىتىدۇ؛ (2) ئۇنىڭ شان-شەرەپ ئىچىدە قايتىپ كېلىدىغان كۈنىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىم قاچان ئالدىنئالا بۇنى كۆرگەن؟ يەھۇدىي «راببىلار»نىڭ كۆپىنچىسى «ئىبراھىم ئىسھاقنى قۇربانلىق قىلىشقا سۇنغان ۋاقىتتا باقىي ئالەم ئۇنىڭغا ئايان قىلىنغان» دەپ قارايتتى ۋە بىزمۇ بۇ پىكىرگە مايىلمىز.* ◘ 8:56 يار. 17‏:17؛ لۇقا 10‏:24؛ ئىبر. 11‏:13. *

57ــ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمەي تۇرۇپ، ئىبراھىمنى كۆردۈڭمۇ؟ ــ دېيىشتى ئۇلار.

58ئەيسا ئۇلارغا:

© 2010 Institute for Bible Translation
div>