يۇھاننا 9:1-40 UIGB2010 - Bible AI

1ۋە ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى.

2مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن:

3ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

4كۈننىڭ يورۇقىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك. كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. ◼ 9:4 +bd «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىم كېرەك»+bd* ــ ياكى «مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئەمەللىرىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك». +bd «كەچ كىرسە، شۇ چاغدا ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ»+bd* ــ ئەيسانىڭ يەر يۈزىدە بولىدىغان خىزمىتىگە بەلكىم پەقەت ئالتە ئاي قالغان بولسا كېرەك.*

5مەن دۇنيادا تۇرغان ۋاقتىمدا، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ◘ 9:5 يەش. 42‏:6؛ لۇقا 2‏:32؛ يـۇھ. 1‏:9؛ 8‏:12؛ 12‏:35،46؛ روس. 13‏:47. *

6بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، ئۇ يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈكتىن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى ◘ 9:6 مار. 8‏:23. *

7ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى («سىلوئام» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ*، «ئەۋەتىلگەن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ). شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى. ◼ 9:7 +bd «سىلوئام»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «سىلوھا». +bd +bdit ئەيسا+bdit* ئۇنىڭغا: «سىلوئام كۆلچىكى»گە بېرىپ يۇيۇۋەتكىن» دېدى... ھېلىقى ئادەم بېرىپ يۇيۇۋىدى، كۆزى كۆرىدىغان بولۇپ قايتىپ كەلدى»+bd* ــ بۇ كور ئادەم ئىبادەتخانىغا يېقىن جايدا تىلەمچىلىك قىلىپ ئولتۇرغان بولسا، ئىبادەتخانىدىن «سىلوئام كۆلچىكى»گە بىر كىلومېتردەك كېلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ سەپەر كور ئادەمنىڭ ئىشەنچىگە نىسبەتەن خېلى بىر سىناق ئىدى. لاي قاتتىقلاشقاندىن كېيىن ئۇ كۆزلىرىنى ھېچ ئاچالمىغان ھالدا مۇشۇ ئۇزۇن يولنى مېڭىشى كېرەك ئىدى. بۇ كور ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ئىدى، ئەلۋەتتە. ئۇنىڭ ئۈستىگە يولنى بىكار ماڭسا كۆپ «تىلەمچىلىك ۋاقتى» ئىسراپ بولۇپ كېتەتتى.*

8قوشنىلىرى ۋە ئۇ ئىلگىرى تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر:

9بەزىلەر: «ھەئە، شۇ ئىكەن» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، لېكىن ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى.

10ــ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار.

11ئۇ جاۋابەن مۇنداق دېدى:

12ــ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ ــ دەپ سوراشتى ئۇلار.

13خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى

14(ئەسلىدە ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ئاچقان كۈن دەل شابات كۈنى ئىدى). ◘ 9:14 مات. 12‏:1؛ مار. 2‏:23؛ لۇقا 6‏:1؛ يـۇھ. 5‏:9. *

15شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەر قايتىدىن بۇ ئادەمدىن قانداق كۆرەلەيدىغان بولغىنىنى سورىۋىدى، ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇ كۆزلىرىمگە لاي سۈرۈپ* قويدى، مەن يۇيۇۋىدىم ۋە مانا، كۆرەلەيدىغان بولدۇم! ــ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى:

17ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە:

18يەھۇدىيلار كۆرەلەيدىغان قىلىنغان كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆرەلەيدىغان قىلىنغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ،

19ئۇلاردىن:

20ئاتا-ئانىسى ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى، شۇنداقلا تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز؛

21لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى* ئۆزىدىن سوراڭلار، ئۇ ئۆزى دەپ بەرسۇن، ــ دەپ جاۋاب بەردى.

22ئاتا-ئانىسىنىڭ شۇنداق دېيىشى يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىدى؛ چۈنكى يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى. ◼ 9:22 +bd «يەھۇدىيلار كىمدەكىم ئەيسانى مەسىھ دەپ ئېتىراپ قىلسا، ئۇ سىناگوگ جامائىتىدىن قوغلاپ چىقىرىلسۇن دەپ قارار قىلغانىدى»+bd* ــ «سىناگوگتىن چىقىرىلىش»نىڭ نەتىجىسى، جەمئىيەتتىكىلەردىن ھېچكىم سىناگوگتىن چىقىرىلغان كىشى بىلەن باردى-كەلدى قىلمايتتى.* ◘ 9:22 يـۇھ. 7‏:13؛ 12‏:42. *

23شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، بۇنى* ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى.

24پەرىسىيلەر ئەسلىدە قارىغۇ بولغان ئادەمنى يەنە چاقىرىپ ئۇنىڭغا:

25ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

26ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە بىر قېتىم:

27ئۇ جاۋابەن:

28بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى قاتتىق تىللاپ:

29خۇدانىڭ مۇساغا سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز؛ لېكىن بۇ نېمىنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، ــ دېيىشتى.

30ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

31بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تىلەكلىرىنى ئاڭلىمايدۇ؛ بىراق ئۆزىگە ئىخلاسمەن بولۇپ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلغۇچىلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. ◘ 9:31 زەب. 66‏:18؛ پەند. 15‏:29؛ 28‏:9؛ يەش. 1‏:15؛ مىك. 3‏:4. *

32دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ، بىرەرسىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەس.

33ئەگەر بۇ ئادەم خۇدادىن كەلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى.

34ئۇلار ئۇنى:

35ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۇنى سىناگوگتىن* قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ:

36ئۇ جاۋابەن: ــ تەقسىر، ئۇ كىم؟ مەن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، ــ دېدى.

37ــ سەن ھەم ئۇنى كۆردۈڭ ھەم مانا، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، ــ دېدى ئەيسا ئۇنىڭغا.

38ھېلىقى ئادەم:

39ــ مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم، ــ دېدى ئەيسا. ◼ 9:39 +bd «مەن كورلارنى كۆرىدىغان بولسۇن، كۆرىدىغانلارنى كور بولسۇن دەپ بۇ دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم»+bd* ــ «ھۆكۈم چىقىرىشقا كەلدىم» ــ بۇ «ھۆكۈم» توغرۇلۇق «يەش.» 1:42 ۋە ئۇنىڭدىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. بۇ قانداق «ھۆكۈم»؟ بىزنىڭچە يەشايا پەيغەمبەرنىڭ بېشارىتىدە ئېيتىلغاندەك ئاز دېگەندە بۇ «ھۆكۈم»نىڭ ئۆچ تەرىپى باردۇر: (1) ئېتىقادچىلارغا توغرا كۆزقاراشلارنى يەتكۈزۈش؛ (2) خۇدانىڭ كۆپ ئىشلار ئۈستىدىكى ھۆكۈملىرىنى بىلدۈرۈش؛ (3) مەسىھنىڭ خەۋىرى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ياكى يورۇق ياكى تېخىمۇ قاراڭغۇ، كور قىلىش؛ خۇددى يەشايا پەيغەمبەر ئۆز ۋاقتىدا خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئىسرائىلغا يەتكۈزگەندە، ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالى «سىلەر ئاڭلاشنى ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر؛ كۆرۈشنى كۆرۈسىلەر، بىراق بىلىپ يەتمەيسىلەر» («يەش.» 9:6-10) دېگەندەك بولغانغا ئوخشاش. «يەش.» 18:44نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 9:39 يـۇھ. 3‏:17؛ 12‏:47. *

40ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ئۇنىڭدىن:

© 2010 Institute for Bible Translation
div>