يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى 2:1-21 UIGB2010 - Bible AI

1|א| (ئالەف) رەب غەزەپ بۇلۇتى بىلەن زىئون قىزىنى شۇنداق قاپلىدى!

2|ב| (بەت) رەب ياقۇپنىڭ بارلىق تۇرالغۇلىرىنى يۇتۇۋەتتى، ھېچ ئايىمىدى؛

3|ג| (گىمەل) ئۇ قاتتىق غەزەپتە ئىسرائىلنىڭ ھەممە مۈڭگۈزلىرىنى كېسىۋەتتى؛

4|ד| (دالەت) دۈشمەندەك ئۇ ئوقياسىنى كەردى؛

5|ה| (خې) رەب دۈشمەندەك بولدى؛

6|ו| (ۋاۋ) ئۇ ئۇنىڭ كەپىسىنى باغچىنى پاچاقلاتقاندەك پاچاقلاتتى؛

7|ז| (زائىن) رەب قۇربانگاھىنى تاشلىۋەتتى،

8|ח| (خەت) پەرۋەردىگار زىئون قىزىنىڭ سېپىلىنى چېقىۋېتىشنى قارار قىلغان؛

9|ט| (تەت) ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى يەر تېگىگە غەرق بولۇپ كەتتى؛

10|י| (يود) زىئون قىزىنىڭ ئاقساقاللىرى،

11|כ| (كاف) مېنىڭ كۆزلىرىم تاراملىغان ياشلىرىمدىن ھالىدىن كەتتى؛

12|ל| (لامەد) ئۇلار شەھەر كوچىلىرىدا يارىلانغانلاردەك ھالىدىن كەتكەندە،

13|מ| (مەم) مەن دەردىڭگە گۇۋاھچى بولۇپ، سېنى نېمىگە ئوخشىتارمەن؟

14|נ| (نۇن) پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ سەن ئۈچۈن كۆرگەنلىرى بىمەنىلىك ھەم ئەخمەقلىقتۇر؛

15|ס| (سامەق) يېنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ساڭا قاراپ چاۋاكلىشىدۇ؛

16|פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىڭ ساڭا قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مازاق قىلماقتا*،

17|ע| (ئايىن) پەرۋەردىگار ئۆز نىيەتلىرىنى ئىشقا ئاشۇردى؛

18|צ| (تسادە) ئۇلارنىڭ كۆڭلى رەبگە نىدا قىلماقتا!

19|ק| (كوف) تۈن كېچىدە ئورنۇڭدىن تۇر،

20|ר| (رەش) قارا، ئى پەرۋەردىگار، ئويلاپ باققايسەن،

21|ש| (شىين) ياشلار ھەم قېرىلار كوچىلاردا يېتىشماقتا؛

oter>