1|א| (ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن. ◼ 3:1 +bd «مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن...»+bd* ــ 3-بابتا (1-66) سۆزلىگۈچى بەلكىم يەرەمىيانىڭ ئۆزى؛ ئۇ بەزى يەرلەردە (1) «يېرۇسالېمغا ۋەكىل بولۇپ» سۆزلەيدۇ؛ (2) (بىزنىڭچە) يەنە بەزى يەرلەردە مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ئارقىلىق مەسىھنىڭ گۇناھىمىز ئۈچۈن تارتىدىغان قۇربانلىق ئازابلىرىنى ئالدىنئالا كۆرسىتىدۇ. +bd «مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتىكى «ئادەم» دېگەن سۆز، ئادەتتە «ئەركەك»، «ئوغۇل بالا»، باتۇر-پالۋاننى كۆرسىتىدۇ.*
2مېنى ئۇ ھەيدىۋەتتى،
3بەرھەق، ئۇ كۈن بويى قولىنى ماڭا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدۇردى؛
4|ב| (بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى،
5ئۇ ماڭا مۇھاسىرە قۇردى،
6ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك قاپقاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى.
7|ג| (گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛
8مەن ۋارقىراپ نىدا قىلساممۇ،
9ئۇ يوللىرىمنى جىپسىلاشقان تاش تام بىلەن توسۇۋالدى،
10|ד| (دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك،
11مېنى يوللىرىمدىن بۇراپ تىتما-تىتما قىلدى؛
12ئۇ ئوقياسىنى كېرىپ،
13|ה| (خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى. ◼ 3:13 +bd «ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى»+bd* ــ ئىبرانىيلار بۆرەكنى ۋىجدان ياكى ھېسسىياتنىڭ مەنبەسى دەپ قارايتتى.*
14مەن ئۆز خەلقىمگە رەسۋا ئوبيېكتى،
15ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ،
16|ו| (ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى،
17جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛
18مەن: «دەرمانىم قالمىدى، پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم قالمىدى» ــ دېدىم.
19|ז| (زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەردان بولغانلىرىمنى،
20جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ،
21لېكىن شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ ئەسلەيمەنكى،
22|ח| (خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛
23ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛
24ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛
25|ט| (تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە،
26پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش،
27ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر. ◼ 3:27 +bd «ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر»+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ بەلكىم ئىككى مەنىسى بار: ــ (1) ئادەم ياش ۋاقتىدا جاپا-مۇشەقەتنى كۆرۈش ياخشى ئىشتۇر؛ (2) بابىلنىڭ بويۇنتۇرۇقى يۈكلەنگەنلەر (سۈرگۈن بولغانلار) ئارىسىدىن ياشلار ئاخىرىدا بۇ بويۇنتۇرۇقنىڭ (تەخمىنەن 60 يىلدىن كېيىن) ئېلىپ تاشلىنىشىنى كۆرەلەيدۇ. شۇڭا شۇ چاغدا «بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرگەن ياشلار»نىڭ بەختى بولىدۇ؛ ئۇلارغا نىسبەتەن «ياشلىقتا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈش ياخشى ئىشتۇر».*
28|י| (يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛
29يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن،
30مەڭزىنى ئۇرغۇچىغا تۇتۇپ بەرسۇن؛
31|כ| (كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛
32ئازار بەرگەن بولسىمۇ،
33چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر.
34|ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا،
35ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا،
36ئىنسانغا ئۆز دەۋاسىدا ئۇۋال قىلىشقا، ــ رەب بۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى ئەمەسمۇ؟
37|מ| (مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا،
38كۈلپەتلەر بولسۇن، بەخت-سائادەت بولسۇن، ھەممىسى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟ ◘ 3:38 يەش. 45:7؛ ئام. 3:6*
39ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ،
40|נ| (نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى،
41قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى!
42بىز ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سەندىن يۈز ئۆرىدۇق؛
43|ס| (سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛
44سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇت بىلەن قاپلىغانسەنكى،
45سەن بىزنى خەلقلەر ئارىسىدا داشقال ۋە نىجاسەت قىلدىڭ.
46|פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مازاق قىلدى*؛
47ئۈستىمىزگە چۈشتى ئالاقزادىلىك ۋە ئورا-تۇزاق،
48خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت بولغىنى ئۈچۈن،
49|ע| (ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ،
50تاكى پەرۋەردىگار ئاسمانلاردىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ ھالىمىزغا* قارىغۇچە.
51مېنىڭ كۆزۈم روھىمغا ئازاب يەتكۈزمەكتە،
52|צ| (تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار،
53ئۇلار ئورىدا جېنىمنى ئۈزمەكچى بولۇپ،
54سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛
55|ק| (كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛
56سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭ؛
57ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ،
58|ר| (رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛
59ئى پەرۋەردىگار، ماڭا بولغان ئۇۋاللىقنى كۆردۈڭسەن؛
60سەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى،
61|ש| (شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى،
62ماڭا قارشى تۇرغانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى،
63ئولتۇرغانلىرىدا، تۇرغانلىرىدا ئۇلارغا قارىغايسەن!
64|ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛
65ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كاج قىلغايسەن!