1پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئېيتقان سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، ئى ئىسرائىل جەمەتى: ــ
2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار. ◼ 10:2 +bd «ئەللەرنىڭ يوللىرىنى ئۆگەنمەڭلار؛ گەرچە ئەللەر ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەردىن قورقۇپ دەككە-دۈككىگە چۆمگەن بولسىمۇ، سىلەر بۇلاردىن ھېچ چۆچۈپ كەتمەڭلار»+bd* ــ يات ئەللەر بۇنداق «ئاسماندىكى ھادىسە-ئالامەتلەر»نى خۇراپىيلىق، يەنى مۇنەججىملىك يولىدا چۈشىنەتتى، ئەلۋەتتە.*
3چۈنكى ئەللەرنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىسى ئورمانلىقتىن كېسىلگەن دەرەختىن، ياغاچچىنىڭ ئىسكىنىسى بىلەن ئويۇلغان نەرسىگە ئاساسلانغاندۇر. ◘ 10:3 يەش. 44:14-17*
4ئۇلار بۇنى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن ھەللەيدۇ؛ ئۇنى يىقىلمىسۇن دەپ ئۇلار بولقا، مىخلار بىلەن بېكىتىدۇ. ◘ 10:4 يەش. 41:7*
5بۇنداق بۇتلار تەرخەمەكلىكتە تۇرىدىغان بىر قارانچۇقتۇر، خالاس؛ ئۇلار ھېچ سۆزلىيەلمەيدۇ؛ ئۇلار باشقىلار تەرىپىدىن كۆتۈرۈلۈشى كېرەك، چۈنكى ئۇلار ماڭالمايدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار رەزىللىك قىلالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قولىدىن ياخشىلىق قىلىشمۇ كەلمەيدۇ. ◘ 10:5 زەب. 115:4-7؛ يەش. 41:23؛ 46:1، 7*
6ــ ساڭا ئوخشايدىغان ھېچكىم يوق، ئى پەرۋەردىگار؛ سەن ئۇلۇغ، كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن نامىڭ ئۇلۇغدۇر. ◘ 10:6 زەب. 86:8،10*
7كىم سەندىن قورقماي تۇرالىسۇن، ئى بارلىق ئەللەر ئۈستىگە ھۆكۈمران پادىشاھ!؟ چۈنكى بۇ ساڭا تېگىشلىكتۇر؛ چۈنكى ئەللەردىكى دانىشمەنلەر ئارىسىدا ۋە بارلىق پادىشاھلىقلار ئارىسىدا ساڭا ئوخشاش ھېچكىم يوقتۇر. ◘ 10:7 ۋەھ. 15:4*
8ئەللەرنىڭ* ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ ◼ 10:8 +bd «ئەللەرنىڭ ھەممىسى ئىستىسناسىز ئەقلى يوق، نادانلاردۇر؛ بۇ ئەرزىمەسلەر ياغاچتۇر، خالاس! ئۇلار تەلىم بېرەلەمدۇ!؟ »+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر ئايەتنىڭ باشقا خىل تەرجىمىلىرىنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن.* ◘ 10:8 يەش. 41:29؛ ھاب. 2:18؛ زەك. 10:2*
9سوقۇپ يالپاقلانغان كۈمۈش تارشىشتىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئالتۇنمۇ ئۇفازدىن ئېلىپ كېلىنىدۇ؛ ئاندىن ھۈنەرۋەن ۋە زەرگەرلەرنىڭ قولى بۇ ياسىغىنىغا كۆك ۋە سۆسۈن رەخت بىلەن كىيىم كىيگۈزىدۇ ــ بۇلارنىڭ ھەممىسى شۈبھىسىزكى، دانىشمەن ئۇستىلارنىڭ ئەجرىدۇر!
10لېكىن پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئۆزى ھەقىقەتتۇر؛ ئۇ ھايات خۇدادۇر، مەڭگۈلۈكنىڭ پادىشاھىدۇر؛ ئۇنىڭ غەزىپى ئالدىدا يەر-زېمىن تىترەيدۇ؛ ئەللەر ئۇنىڭ قەھرىنى كۆتۈرەلمەيدۇ.
11ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!». ◼ 10:11 +bd «ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «ئاسمان بىلەن زېمىننى ياراتمىغان ئىلاھلار، ئۇلار زېمىن يۈزىدىن ۋە ئاسمان ئاستىدىن يوقايدۇ!»+bd* ــ بۇ ئايەت ئىبرانىي تىلىدا ئەمەس، بەلكى ئارامىي تىلىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئېنىقكى، خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆز خەلقىنىڭ بۇ ھەقىقەتنى يات ئەللەرگە ئۇلارنىڭ ئۆز تىلىدا بىلدۈرۈشى كېرەك.*
12پەرۋەردىگار بولسا* يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياسىغان،
13ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛
14مۇشۇ كىشىلەرنىڭ ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛
15ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛
16ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر،
17زېمىندىن چىقىشقا يۈك-تاقىڭنى يىغىشتۇرۇپ ئال، ئى مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز؛ ◼ 10:17 +bd «مۇھاسىرىگە ئېلىنغۇچى قىز»+bd* ــ «قىز» مۇشۇ يەردە شۈبھىسىزكى، پۈتۈن خەلقنى بىلدۈرىدۇ.*
18چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «مانا، مەن بۇ ۋاقىتتا زېمىندىكىلەرنى ئېلىپ ئۇ يەردىن چۆرۈۋېتىمەن ۋە ئۇلارنىڭ كۆڭلى تونۇپ يەتكۈچە ئازار بېرىمەن!». ◘ 10:18 يەر. 6:24*
19جاراھىتىم ئۈچۈن ھالىمغا ۋاي! مېنىڭ يارام داۋالىغۇسىزدۇر! بىراق ئەسلىدە مەن: «بۇ پەقەت بىر كېسەللىك، خالاس، ئۇنىڭغا چىدىغۇدەكمەن» ــ دەپتىكەنمەن. ◼ 10:19 +bd «پەقەت بىر كېسەللىك»+bd* ــ بەلكىم خەلقنىڭ بېشىغا چۈشكەن كۈلپەتلەر «پەقەت ۋاقتىلىق ئاۋارە، خالاس» دېگەن ھېسسىياتىنى كۆرسىتىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر بۇنداق ھېسسىياتنى كۆپ قوللايتتى.*
20مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى، بارلىق تانىلىرىم ئۈزۈلدى؛ بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ، ئۇلار يوق بولدى؛ چېدىرىمنى قايتىدىن سوزۇپ تىككۈدەك، چېدىر پەردىلىرىنى ئاسقۇدەك ھېچكىم قالمىدى. ◼ 10:20 +bd «مېنىڭ چېدىرىم ھالاك بولدى... بالىلىرىم مەندىن جۇدا بولۇپ،...»+bd* ــ مۇمكىنچىلىك باركى، مۇشۇ يەردە سۆزلىگۈچىنىڭ سۆزلىرى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ سۆزلىرىگە ئۆتىدۇ، ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ دەردىنى تارتۋاتىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشايدىغان بېشارەتنى كۆرۈش ئۈچۈن «يەش.» 16:12-9نى كۆرۈڭ.* ◘ 10:20 يەش. 15:5؛ 16:9-12؛ 15:5*
21چۈنكى خەلق پادىچىلىرى ئەقىلسىز بولۇپ، پەرۋەردىگارنى ئىزدەپ يول سورىمايدۇ؛ شۇڭا ئۇلار دانىشمەنلەردەك ئىش كۆرەلمەيدۇ، ئۇلارنىڭ بارلىق پادىسى تارقىلىپ كەتتى. ◼ 10:21 +bd «خەلق پادىچىلىرى»+bd* ــ (يەنى «پادا باققۇچىلىرى») شۈبھىسىزكى، يەھۇدانىڭ پادىشاھى، ۋەزىرلىرى، كاھىنلىرى ۋە پەيغەمبەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.*
22ئاڭلاڭلار! بىر گەپنىڭ شەپىسى! مانا، ئۇ كېلىدۇ، شىمالىي زېمىندىن چىققان زور بىر چۇقان-سۈرەن! يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىنى بىر ۋەيرانە، چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسىغا ئايلاندۇرغۇچى كېلىۋاتىدۇ! ◘ 10:22 يەر. 1:14؛ 4:6؛ 9:11*
23بىلىمەنكى، ئى پەرۋەردىگار، ئىنساننىڭ ئۆز يولىنى بېكىتىشى ئۆز قولىدا ئەمەستۇر؛ مېڭىۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزىدە قەدەملىرىنى خالىغانچە تاشلاش قۇدرىتى بولماستۇر؛ ◘ 10:23 پەند. 16:1؛ 20:24*
24پەرۋەردىگار، مېنى تۈزىگەيسەن، لېكىن غەزىپىڭ بىلەن ئەمەس، ئادىل ھۆكۈمىڭ بىلەن تۈزىگەيسەن؛ بولمىسا سەن مېنى يوققا باراۋەر قىلىسەن. ◘ 10:24 زەب. 6:1؛ 38:1؛ يەر. 30:11؛ 46:28*