1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ بارغىن، كاناپ ئىچ تامبالنى ئال، بېلىڭگە باغلا؛ لېكىن ئۇنى سۇغا چىلىما.
2شۇڭا پەرۋەردىگار ماڭا دېگەندەك مەن بىر ئىچ تامبالنى ئالدىم ۋە بېلىمگە باغلاپ قويدۇم.
3ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئىككىنچى قېتىم ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
4«سەن پۇلغا ئالغان، بېلىڭگە باغلانغان ئىچ تامبالنى ئېلىپ، ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ شۇ يەردە تاشنىڭ يېرىقىغا يوشۇرۇپ قوي». ◼ 13:4 +bd «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ،...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئورنۇڭدىن تۇر، ئەفرات (دەرياسى)غا بېرىپ...».
5شۇڭا مەن باردىم ۋە پەرۋەردىگار ماڭا بۇيرۇغاندەك ئۇنى فراتقا يوشۇرۇپ قويدۇم.
6كۆپ كۈنلەر ئۆتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا: «ئورنۇڭدىن تۇر، فراتقا بېرىپ، مەن ساڭا شۇ يەرگە يوشۇرۇشقا بۇيرۇغان ئىچ تامبالنى قولۇڭغا ئال» ــ دېدى.
7شۇڭا مەن فراتقا باردىم؛ مەن يوشۇرغان يەردىن ئىچ تامبالنى كولاپ چىقىرىپ قولۇمغا ئالدىم؛ مانا، ئىچ تامبال سېسىپ چىرىپ كەتكەنىدى، پۈتۈنلەي كىيگۈسىز بولغانىدى.
8پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
9پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدانىڭ پەخرىنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ چوڭ پەخرىنى مۇشۇ ھالدا يوقىتىمەن؛
10مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلاشنى رەت قىلغان، كۆڭلىدىكى جاھىللىقىدا ماڭىدىغان، باشقا ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ، ئۇلارغا ئىبادەت قىلىشقا ئىنتىلىدىغان بۇ رەزىل خەلق پۈتۈنلەي كاردىن چىققان بۇ ئىچ تامبالغا ئوخشاش بولىدۇ.
11چۈنكى خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا يېقىن* بىر خەلق بولسۇن، ماڭا نام-ئابرۇي، مەدھىيە ۋە شان-شەرەپ كەلتۈرسۇن دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ لېكىن ئۇلار ھېچ قۇلاق سالمىدى. ◼ 13:11 +bd «خۇددى ئىچ تامبال ئادەمنىڭ چاتىرىقىغا چىڭ باغلانغاندەك، ئۇلارمۇ ماڭا يېقىن بىر خەلق بولسۇن ... دەپ، مەن ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ۋە يەھۇدانىڭ پۈتكۈل جەمەتىنى ئۆزۈمگە چىڭ باغلاندۇرغانمەن»+bd* ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى بەلكىم شۇكى، ئىسرائىل خۇداغا چىڭ باغلانغان بولسا، ھېچ بۇلغانمايتتى (تەمسىلدە پەيغەمبەر ئۆزى خۇداغا ۋەكىل بولىدۇ). لېكىن بۇ زىچ مۇناسىۋەتتىن ئايرىلسا، بەرىبىر يات ئەللەر (مەسىلەن، ئاسۇرىيە، بابىلدەك) تەرىپىدىن بۇلغىنىدۇ. 1-ئايەتتىكى «سۇغا چىلىما» دېگەن سىرلىق بۇيرۇق، بەلكىم بۇ زىچ مۇناسىۋەتنىڭ ھېچ ئايرىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇشى مۇمكىن.*
12ئۇلارغا مۇشۇ سۆزنى دېگىن: ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك». ئۇلار ساڭا: «ئەجەبا، ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەكلىكىنى ئوبدان بىلمەمدۇق؟» ــ دەيدۇ؛ ◼ 13:12 +bd «ھەممە شاراب ئىدىشى شاراب بىلەن تولۇشى كېرەك»+bd* ــ بەلكىم خەلق ئارىسىدىكى ماقال-تەمسىل بولۇشى مۇمكىن ــ مەنىسى بەلكىم «ھەممە ئىش ئوڭۇشلۇق بولىدۇ» ياكى «كۆپرەك كۈتكۈن بولساڭ كۆپرەك ئالىسەن» قاتارلىقلار.
13سەن ئۇلارغا مۇنداق دەيسەن: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بۇ زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى، داۋۇتقا ۋەكىل بولۇپ ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلارنى، كاھىنلارنى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ھەمدە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنى مەستلىك-بىھوشلۇق بىلەن تولدۇرىمەن.
14مەن ئۇلارنى بىر-بىرىگە، يەنى ئاتا بىلەن ئوغۇللىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر-بىرىگە سوقۇشقا سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتمايمەن، ئۇلارنى ئايىمايمەن، ئۇلارغا رەھىم قىلمايمەن؛ ئۇلارنى نابۇت قىلىشقا ھېچنەرسە مېنى توسمايدۇ.
15ئاڭلاڭلار، قۇلاق سېلىڭلار، ھالى چوڭ بولماڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار سۆز قىلغان.
16ئەمدى ئۇ بېشىڭلارغا زۇلمەت چۈشۈرگىچە، پۇتۇڭلار زاۋال چۈشكەن تاغلاردا پۇتلاشقاندەك پۇتلاشقۇچە، ئۇ سىلەر ئىزدىگەن نۇرنى ئۆلۈم سايىسىغا، قاپقاراڭغۇلۇققا ئايلاندۇرغۇچە، پەرۋەردىگار خۇدايىڭلارغا لايىق شان-شەرەپ قايتۇرۇڭلار! ◘ 13:16 زەب. 44:20-21*
17بۇنى ئاڭلىمىساڭلار، سىلەرنىڭ ھاكاۋۇرلۇقۇڭلار تۈپەيلىدىن جېنىم يوشۇرۇنچە يىغلايدۇ؛ ئاچچىق يىغلاپ كۆز ياشلىرىم ئېقىپ تاشىدۇ؛ چۈنكى سىلەر، ئى پەرۋەردىگارنىڭ پادىسى، سۈرگۈن قىلىنىسىلەر. ◘ 13:17 يىغ. 1:2،16*
18پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار؛ چۈنكى كۆركەم تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن. ◼ 13:18 +bd «پادىشاھ ۋە خانىشقا: «تەختىڭلاردىن چۈشۈپ يەرگە ئولتۇرۇڭلار... تاجلىرىڭلار بېشىڭلاردىن چۈشۈرۈلىدۇ» ــ دېگىن»+bd* ــ پادىشاھ ۋە خانىش بەلكىم يەھوئاكىن ۋە ئانىسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار مىلادىيەدىن ئىلگىرى 597-يىلى سۈرگۈن بولغان («يەر.» 26:22، 2:29، «2پاد.» 14:24-16نى كۆرۈڭ).*
19جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ پۈتكۈل يەھۇدا سۈرگۈن بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئەسىرگە چۈشۈپ سۈرگۈن بولىدۇ. ◼ 13:19 +bd «جەنۇبدىكى شەھەرلەر قورشىۋېلىپ تاقىلىدۇ؛ ئۇلارنى ئاچىدىغان ھېچكىم بولمايدۇ»+bd* ــ دېمەك، ھېچكىم چىقالمايدۇ، ھېچكىم كىرەلمەيدۇ.*
20بېشىڭنى كۆتۈر، ئى زىئون*، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟ ◼ 13:20 +bd «بېشىڭنى كۆتۈر، ئى زىئون، شىمالدىن چىققانلارغا قارا؛ ساڭا تاپشۇرۇلغان پادا، يەنى يېقىملىق پاداڭ نەگە كەتكەندۇ؟»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى پېئىللار «ئايالچە رود»تا بولۇپ، بۇ سۆزلەر بەلكىم يېرۇسالېمغا، يەنى ئۇنىڭدا تۇرغان «خۇدانىڭ خەلقى بولغان پادا باققۇچىلىرى»غا ــ پادىشاھقا، كاھىنلارغا ۋە «پەيغەمبەرلەر»گە ئېيتىلىدۇ.*
21پەرۋەردىگار* سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ! شۇ تاپتا تولغاق تۇتقان ئايالدەك ئازاب-ئوقۇبەتلەر سېنى تۇتمامدۇ؟ ◼ 13:21 +bd «پەرۋەردىگار سېنى باشقۇرۇشقا دوستلىرىڭنى بېكىتكىنىدە سەن نېمە دېيەلەيتتىڭ؟ ئەسلى ئۆزۈڭ ئۇلارغا باشقۇرۇشنى ئۆگەتكەن تۇرساڭ!»+bd* ــ ئىسرائىلنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى («دوستلار»ى) ئاۋۋال ئاسۇرىيە، ئاندىن بابىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغانىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىل بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلانماقچى بولغان، خالاس (مەسىلەن، «يەشايا» 39-بابنى كۆرۈڭ؛ بابىلنىڭ ئەلچىلىرى يەھۇدانىڭ كۆپ مەلۇماتلىرىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئۇلارغا ئاسىيلىق قىلغان).*
22سەن ئەگەر كۆڭلۈڭدە: بۇ ئىشلار نېمىشقا بېشىمغا چۈشتى؟ ــ دەپ سورىساڭ، بۇ ئىشلار قەبىھلىكىڭ ئىنتايىن ئېغىر بولغانلىقىدىن بولدى ــ كۆينىكىڭ سالدۇرۇپ تاشلاندى، يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى. ◼ 13:22 +bd «يوتىلىرىڭ زوراۋانلىقتا ئاشكارىلاندى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «تاپانلىرىڭ زوراۋانلىقتا يارىلاندى» ــ ۋاپاسىز ئايال بەلكىم ئۆز يولدىشى تەرىپىدىن شۇنداق مۇئامىلىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.* ◘ 13:22 يەش. 47:2، 3؛ يەر. 5:19؛ 16:10*
23ئېفىئوپىيەلىك قارا تېرىسىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ياكى يىلپىز چىپار تەڭگىلىرىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ ئۇنداق بولغاندا سىلەر رەزىللىكنى قىلىشقا كۆنگەنلەرمۇ ياخشىلىقنى قىلالايدىغان بولىسىلەر!
24ئەمدى چۆل-باياۋاندىكى شامال ھەيدىۋەتكەن ساماندەك مەن سىلەرنى ھەيدەپ چاچىمەن.
25بۇ سېنىڭ ئاقىۋىتىڭ بولىدۇ، مەن ساڭا بېكىتكەن نېسىۋەڭ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ چۈنكى سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن. ◼ 13:25 +bd «سەن مېنى ئۇنتۇغانسەن، يالغانچىلىققا تايانغانسەن»+bd* ــ «يالغانچىلىق» مۇشۇ يەردە بەلكىم بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.*
26شۇڭا مەن كۆينىكىڭنىڭ پەشلىرىنى يۈزۈڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈپ تاشلايمەن، نومۇسۇڭ كۆرۈلىدۇ.