1يەرەمىياغا چۈشكەن، پەرۋەردىگارنىڭ قۇرغاقچىلىقلار توغرۇلۇق سۆزى: ــ
2يەھۇدا ماتەم تۇتىدۇ، ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى زاۋالغا يۈز تۇتماقتا، خەلق يەرگە چاپلىشىپ قارىلىق تۇتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلمەكتە. ◼ 14:2 +bd «يەھۇدا ماتەم تۇتىدۇ، ... خەلق يەرگە چاپلىشىپ قارىلىق تۇتىدۇ؛ يېرۇسالېمدىن نالە-پەرياد كۆتۈرۈلمەكتە»+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ 2-9-ئايەتلەر
3مۆتىۋەرلىرى چاپارمەنلىرىنى سۇ ئەكىلىشكە ئەۋەتىدۇ؛ ئۇلار سۇ ئازگاللىرىغا بارىدۇ، لېكىن ھېچ سۇ تاپالمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ كۈپلىرى قۇرۇق قايتىپ كېلىدۇ؛ ئۇلار يەرگە قاراپ قالىدۇ، ساراسىمىگە چۈشىدۇ؛ ئۇلار بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ. ◼ 14:3 +bd «ئۇلار ... ساراسىمىگە چۈشىدۇ؛ ئۇلار بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ»+bd* ــ كونا زامانلاردا بېشىنى يېپىش قاتتىق پۇشايمان قىلىش، قاتتىق ئازابلىنىشنى بىلدۈرەتتى.*
4ھېچ يامغۇر بولمىغاچقا يەر يۈزى يېرىلىپ كەتتى؛ يەر ھەيدىگۈچىلەر يەرگە قاراپ بېشىنى يېپىپ تۆۋەن ساڭگىلىتىدۇ.
5مارال بولسا دالادا بالا قوزىلايدۇ، ئاندىن قوزىسىدىن ۋاز كېچىدۇ؛ چۈنكى ئوت-چۆپ يوق.
6ياۋا ئېشەكلەر ئېگىزلىكلەردە تۇرۇپ چىلبۆرىلەردەك ھاسىراپ كېتىدۇ؛ ئوزۇق ئىزدەپ كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ كېتىدۇ، چۈنكى ئوزۇق يوق. ◘ 14:6 يەر. 12:4*
7ــ ئى پەرۋەردىگار، قەبىھلىكلىرىمىز بىزنى ئەيىبلەپ گۇۋاھلىق بەرگىنى بىلەن، ئۆزۈڭنىڭ نامىڭ ئۈچۈن بىر ئىشنى قىلغايسەن! چۈنكى بىزنىڭ يولۇڭدىن چىقىپ كېتىشىمىز ئىنتايىن كۆپتۇر؛ بىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق.
8ئى ئىسرائىلنىڭ ئارزۇسى، كۈلپەت چۈشكەندە ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولغۇچى، سەن نېمىشقا بىزگە زېمىنىمىزدىكى مۇساپىردەك، بىر كېچىلا قونماقچى بولغان بىر يولۇچىدەك بولىسەن؟
9نېمىشقا ھېچ ئامالسىز كىشىدەك، ھېچكىمنى قۇتقۇزالمايدىغان بىر پالۋانغا ئوخشاش بولىسەن؟ لېكىن سەن، ئى پەرۋەردىگار، ئارىمىزدا تۇرىسەن، بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغاندۇرمىز؛ بىزدىن ۋاز كېچىپ كەتمە! ◼ 14:9 +bd «بىز سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالغاندۇرمىز»+bd* ــ مەلۇم بىر كىشى باشقا بىرسىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان بولسا ئۇنىڭغا مەنسۇپ ۋە ئۇنىڭ مەسئۇللۇقى ۋە ھىمايىسى ئاستىدا تۇرىدۇ. «ئىسرائىل» (خۇدا بىلەن بولغان شاھزادە) ۋە «يەھۇدا» (مەدھىيە) دېگەن ئىسىملار خۇدانىڭ ئىككى نامىنى كۆرسەتكەن؛ خۇدا ئۆزى ئىسرائىلنى «مېنىڭ خەلقىم» دەپ ئاتىغانىدى.*
10پەرۋەردىگار مۇشۇ خەلققە مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۇلار دەرھەقىقەت مەندىن* تېزىپ، كېزىشكە ئامراقتۇر؛ ئۇلار قەدەملىرىنى يامان يولدىن* ھېچ تىزگىنلىمەيدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلاردىن ھېچقانداق خۇرسەنلىكى يوق؛ ئەمدى ھازىر ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى جازالايدۇ.
11ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: ــ بۇ خەلقنىڭ بەخت-بەرىكىتى ئۈچۈن دۇئا قىلما ــ دېدى. ◘ 14:11 مىس. 32:10؛ يەر. 7:16؛ 11:14*
12ــ ئۇلار روزا تۇتقاندا، پەريادىنى ئاڭلىمايمەن؛ ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى ئاشلىق ھەدىيەلىرى بىلەن سۇنغاندا، مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن؛ مەن ئۇلارنى قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابالار ئارقىلىق يوقىتىمەن. ◘ 14:12 پەند. 1:28؛ يەش. 1:15؛ يەر. 6:20؛ 7:21،22؛ 11:11؛ ئەز. 8:18؛ مىك. 4:3*
13مەن بولسام: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! مانا، پەيغەمبەرلەر ئۇلارغا: «سىلەر قىلىچنى ھېچ كۆرمەيسىلەر، قەھەتچىلىككىمۇ دۇچ كەلمەيسىلەر؛ چۈنكى مەن بۇ يەردە سىلەرنىڭ ئامان-ئېسەنلىكىڭلارغا كاپالەتلىك قىلىمەن» دەيدۇ، ــ دېدىم.
14ئەمدى پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىمدا يالغان بېشارەتلەر بېرىدۇ؛ مەن ئۇلارنى ئەۋەتمىگەنمەن، ئۇلارنى بۇيرۇغان ئەمەسمەن، ۋە ئۇلارغا گەپ قىلغىنىم يوق. ئۇلار سىلەرگە ساختا كۆرۈنۈش، پالچىلىق، ئەرزىمەس نەرسىلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆڭلىدىكى خام خىياللارنى ئېيتىپ بېشارەت بەرمەكتە. ◼ 14:14 +bd «ئۇلار سىلەرگە ساختا كۆرۈنۈش، پالچىلىق، ئەرزىمەس نەرسىلەر توغرۇلۇق ئۆز كۆڭلىدىكى خام خىياللارنى ئېيتىپ بېشارەت بەرمەكتە»+bd* ــ «ئەرزىمەس نەرسىلەر» بەلكىم بۇتلارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 14:14 يەر. 23:21؛ 27:15؛ 29:8، 9*
15شۇڭا پەرۋەردىگار: ــ مېنىڭ نامىمدا بېشارەت بېرىۋاتقان، مەن ئەۋەتمىگەن، يەنى: «قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بۇ زېمىنغا ھېچ كەلمەيدۇ» دەيدىغان پەيغەمبەرلەر توغرۇلۇق: ــ بۇ پەيغەمبەرلەر قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك بىلەن يوقىتىلىدۇ؛
16ئۇلار بېشارەت بەرگەن خەلقنىڭ بولسا، قىلىچ ۋە قەھەتچىلىك تۈپەيلىدىن جەسەتلىرى يېرۇسالېم كوچىلىرىغا تاشلىۋېتىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى، ئاياللىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى كۆمگۈدەك ھېچكىم قالمايدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا تۆكىمەن.
17سەن ئۇلارغا شۇ سۆزنى ئېيتىسەن: ــ «كۆزلىرىمدىن كېچە-كۈندۈز ياش توختىمىسۇن؛ چۈنكى مېنىڭ پاك قىزىم بولغان خەلقىم يارىسى بۆسۈلگەندەك قاتتىق بىر زەرب يەپ، ئىنتايىن ئېغىر يارىلاندى»، ــ دەيدۇ. ◼ 14:17 +bd «مېنىڭ پاك قىزىم بولغان خەلقىم»+bd* ــ «پاك +bd قىزىم+bd* بولغان خەلقىم»، ۋە «زىئون +bd قىزى+bd*» «خەلقىمنىڭ +bd قىزى+bd*» قاتارلىق ئىبارىلەر خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ياكى باشقا خەلق (مەسىلەن، «مىسىرنىڭ +bd قىزى+bd*»، 11:46)قە بولغان مېھىر-شەپقىتىنى، ئۇلارغا باغلىغان مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدىغان مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.* ◘ 14:17 يەر. 13:17؛ يىغ. 1:16؛ 2:18*
18مەن دالاغا چىقسام، مانا قىلىچتىن ئۆلتۈرۈلگەنلەر؛ شەھەرگە كىرسەم، مانا قەھەتچىلىكتىن سولىشىپ كەتكەنلەر! چۈنكى پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسىلا بىلىمسىز-نادان بولۇپ، ئۇلار زېمىندا ئۆز سودىسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى. ◼ 14:18 +bd «چۈنكى پەيغەمبەر ھەم كاھىن ھەر ئىككىسىلا ... زېمىندا ئۆز سودىسى بىلەنلا بولۇپ كەتتى»+bd* ــ پەيغەمبەرلەر ۋە كاھىنلار سودا بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك ئىدى، ئەلۋەتتە. مۇشۇ ئايەتتىكى «سودىسى» ئۇلارنىڭ «خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلاپ ساتىدىغانلىقى»نى كۆرسىتىدۇ.
19سەن يەھۇدادىن نېمىشقا ۋاز كەچتىڭ؟ جېنىڭ زىئوندىن زېرىكتىمۇ؟ سەن نېمىشقا بىزنى شۇنچە داۋالىغۇسىز دەرىجىدە ئۇرغانىدىڭ؟ بىز ئارام-تىنچلىقنى كۈتتۇق، لېكىن ھېچ قۇتلۇق كۈنلەر يوقتۇر؛ شىپالىق بىر ۋاقىتنى كۈتتۇق، لېكىن مانا دەككە-دۈككە ئىچىدىدۇرمىز! ◘ 14:19 يەر. 8:15*
20ئى پەرۋەردىگار، رەزىللىكىمىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ قەبىھلىكىنى تونۇپ ئىقرار قىلىمىز؛ چۈنكى سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ سادىر قىلدۇق. ◘ 14:20 زەب. 106:6؛ دان. 9:8*
21ئۆزۈڭ نامىڭ ئۈچۈن يېرۇسالېمنى* كۆزۈڭگە ئىلماي قويمىغايسەن؛ شان-شەرەپلىك تەختىڭ بولغان جاينى رەسۋا قىلمىغايسەن؛ ئەھدەڭنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن، ئۇنى بۇزمىغايسەن! ◼ 14:21 +bd «شان-شەرەپلىك تەختىڭ بولغان جاينى رەسۋا قىلمىغايسەن»+bd* ــ «شان-شەرەپلىك تەختىڭ» بەلكىم يېرۇسالېمدا تۇرغان مۇقەددەس ئىبادەتخانىنى كۆرسىتىدۇ.*