1يەھۇدانىڭ گۇناھى ئالماس ئۇچلۇق تۆمۈر قەلەم بىلەن تاشتاختاي كەبى يۈرەكلىرىگە ۋە قۇربانگاھلىرىدىكى مۈڭگۈزلەرگە ئويۇلغان؛ ◘ 17:1 يەر. 11:13*
2بالىلىرىمۇ يېشىل دەرەخلەر بويىدا تىكلەنگەن، ئېگىز دۆڭلەر ئۈستىدە ياسىغان بۇتلىرىنىڭ* قۇربانگاھلىرىنى ۋە «ئاشەراھ»لىرىنى ھەردائىم سېغىنىدۇ. ◼ 17:2 +bd ««ئاشەراھ»لار+bd* ــ بەلكىم بۇتپەرەسلىككە بېغىشلانغان دەرەخلىكلەردۇر. دەرەخلەر بەلكىم «ئايال مەبۇد» شەكلىدە ئويۇلغان ياكى نەقىشلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 17:2 يەر. 2:20*
3مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى، ــ سېنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىڭمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس ــ بۇ چېتىڭدىن ئۇ چېتىڭگىچە بولغان گۇناھىڭ تۈپەيلىدىن ئولجا بولۇشقا تاپشۇرىمەن؛ ◼ 17:3 +bd «مەن تاغلىرىڭلاردا ۋە ئېتىزلىرىڭلاردا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى... تاپشۇرىمەن»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «دالىدا تۇرغان مېنىڭ تېغىمنى بولسا، ھەم بايلىقلىرىڭنى ھەم خەزىنىلىرىڭنى... تاپشۇرىمەن».
4ئۆزۈڭنىڭ شورى، مەن ساڭا تەقدىم قىلغان مىراسىڭ قولۇڭدىن كېتىدۇ؛ مەن سەن تونۇمايدىغان بىر زېمىندا سېنى دۈشمەنلىرىڭنىڭ قۇللۇقىغا تاپشۇرىمەن؛ چۈنكى سىلەر غەزىپىمگە ئوت يېقىپ ئۇنى قوزغىغانسىلەر؛ ئۇ مەڭگۈگە كۆيىدۇ. ◘ 17:4 قان. 28:68؛ يەر. 15:14؛ 16:13*
5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
6ئۇ چۆل-باياۋاندا ئۆسكەن قارا ئارچا چاتقىلىدەك بولىدۇ؛ بەخت-ياخشىلىق كەلسىمۇ ئۇ بۇنى كۆرمەيدۇ؛ ئۇ بەلكى چۆلدىكى قاغجىراق يەرلەردە، ئادەمزاتسىز شورلۇق بىر زېمىندا تۇرىدۇ.
7پەرۋەردىگارغا تايانغان، پەرۋەردىگارنى تايانچ قىلغان ئادەم بەخت-بەرىكەتلىك بولىدۇ! ◘ 17:7 زەب. 2:12؛ 34:8؛ پەند. 16:20؛ يەش. 30:18*
8ئۇ سۇلار بويىدا تىكلەنگەن، ئېرىق بويىدا كەڭ يىلتىز تارتقان دەرەختەك؛ پىژغىرىم ئىسسىقتىن ئۇ قورقمايدۇ؛ ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى ھەمىشە يېشىلدۇر؛ قۇرغاقچىلىق يىلى ئۇ سولاشمايدۇ ۋە مېۋە بېرىشتىن قالمايدۇ. ◘ 17:8 زەب. 1:3*
9قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر. كىممۇ ئۇنى چۈشىنەلىسۇن؟
10مەنكى پەرۋەردىگار ئىنسان قەلبىنى كۆزىتىپ تەكشۈرىمەن؛ ھەربىرسىگە ئۆز يوللىرى بويىچە، قىلغان ئەمەللىرىنىڭ مېۋىسى بويىچە تەقسىم قىلىش ئۈچۈن، ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن. ◼ 17:10 +bd «ئىنسان ۋىجدانىنى سىنايمەن»+bd* ــ «ۋىجدان» ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەك» دېگەن بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 17:10 1سام. 16:7؛ زەب. 7:9*
11خۇددى ئۆزى تۇغمىغان تۇخۇملارنى بېسىۋالغان كەكلىكتەك، ھارامدىن بايلىقلارغا ئېرىشكەن كىشىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ كۈنلىرىنىڭ يېرىمى ئۆتمەيلا ئېرىشكىنىدىن ئايرىلىدۇ، ئۇ ئاخىرىدا ئەخمەق بولۇپ چىقىدۇ. ◼ 17:11 +bd «خۇددى ئۆزى تۇغمىغان تۇخۇملارنى بېسىۋالغان كەكلىكتەك...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «خۇددى تۇخۇملارنى بېسىپ لېكىن تۆرەلدۈرمەيدىغان بىر كەكلىكتەك...».*
12شان-شەرەپلىك بىر تەخت، ئەزەلدىن يۇقىرىغا تىكلەنگەن، دەل بىزنىڭ باشپاناھىمىز بولغان جايدۇر؛
13ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىسرائىلنىڭ ئۈمىدىسەن! سەندىن ۋاز كەچكەن ھەممەيلەن يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ سەندىن يىراقلاشقانلار تۇپراقتا ياتقانلار ئارىسىدا تىزىملىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار ھاياتلىق سۇلىرىنىڭ مەنبەسى بولغان پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكەن. ◘ 17:13 زەب. 73:27؛ يەش. 1:28؛ يەر. 2:13؛ يـۇھ. 8:8*
14مېنى ساقايتقىن، ئى پەرۋەردىگار، مەن شۇنىڭ بىلەن جەزمەن ساقايتىلىمەن! مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن! ــ چۈنكى ئۆزۈڭ مېنىڭ مەدھىيەمدۇرسەن! ◼ 17:14 +bd «مېنى قۇتقۇزغىن، شۇنىڭ بىلەن جەزمەن قۇتقۇزۇلىمەن!»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «قۇتقۇزۇش» ھەرگىز يەرەمىيانىڭ ئۆز ھاياتىنىڭ ئامان-ئېسەن ساقلىنىشىنى تىلىشىلا ئەمەس. مۇھىم ئىش شۇكى، ئۇ بۇ ئايەتتىكى گەپ بىلەن 1-11-ئايەتلەردىكى بېشارەتكە، بولۇپمۇ: «قەلب ھەممىدىن ئالدامچى، ئۇنىڭ داۋاسى يوقتۇر» دېگەنگە بولغان ئىنكاسى. ئۇ بىرىنچىدىن ئۆزىنىڭ، ئىككىنچىدىن خەلقىنىڭ قەلبىنىڭ گۇناھىنىڭ تولۇق تۈگىتىلىشى (ساقايتىلىشى)نى تىلەيدۇ. «داۋاسى يوق» قەلبنى بولسا پەقەت ھەممىگە قادىر بىر خۇدا ساقايتالايدۇ. بۇ ئىش دەل «يېڭى ئەھدە»دىن ئىبارەت ــ 31:31-34نى كۆرۈڭ.*
15مانا، ئۇلار ماڭا: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆز-بېشارىتى قېنى؟! قېنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلسۇن!» ــ دەيدۇ. ◘ 17:15 يەش. 5:19؛ 2پېت. 3:4*
16لېكىن مەن بولسام، ساڭا ئەگەشكىنىمدە «پادا باققۇچى» بولۇشتىن ھېچ قاچقان ئەمەسمەن، ۋە ئەجەل كۈنىنى ھېچ ئارزۇ قىلمىغانمەن، ــ سەن بىلىسەن! ئاغزىمدىن بارلىق چىققانلار سېنىڭ يۈز ئالدىڭدا بولغان. ◼ 17:16 +bd «پادا باققۇچى»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرنىڭ خەلققە بولغان رولىنى كۆرسىتىدۇ. «لېكىن مەن بولسام، ساڭا ئەگەشكىنىمدە «پادا باققۇچى» بولۇشتىن ھېچ قاچقان ئەمەسمەن» دېگەننىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن بولسام، بالايىئاپەتنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ساڭا ئېسىلمىدىم!»*
17ماڭا ۋەھىمە بولمىغايسەن؛ كۈلپەتلىك كۈنىدە سەن مېنىڭ باشپاناھىمدۇرسەن. ◘ 17:17 يەر. 16:19*
18ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار يەرگە قاراپ قالسۇن، لېكىن مېنى يەرگە قاراتمىغايسەن! ئۇلار دەككە-دۈككىگە چۈشسۇن، لېكىن مېنى دەككە-دۈككىگە چۈشۈرمىگەيسەن؛ ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت كۈنىنى چۈشۈرگەيسەن؛ ئۇلارنى ئىككى ھەسسىلىك ھالاكەت بىلەن ئۈزۈل-كېسىل پاچاقلاپ تاشلىغايسەن! ◘ 17:18 زەب. 35:4-5؛ 40:14-15؛ يەر. 15:15*
19پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېگەن: ــ بارغىن، يەھۇدا پادىشاھلىرى شەھەرگە كىرىدىغان ۋە چىقىدىغان «خەلقنىڭ بالىلىرى» دېگەن دەرۋازىدا، ھەمدە يېرۇسالېمنىڭ بارلىق دەرۋازىلىرىدا تۇرغىن، ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ◼ 17:19 +bd «شابات كۈنى»+bd* ــ بۇ بېشارەت (19-21-ئايەت)نىڭ تېمىسى «شابات كۈنى»، يەنى شەمبە كۈنى، يەنى دەم ئېلىش كۈنى. خۇدا مۇشۇ يەردە بۇ كۈن ئارقىلىق خەلقىگە مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسەتمەكچى.*
20پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىدىغان يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى، بارلىق يەھۇدا ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان خالايىق!
21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز جېنىڭلارغا ھېزى بولۇڭلار! «شابات» كۈنىدە ھېچقانداق يۈكنى كۆتۈرمەڭلار، يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن ھېچنەرسىنى ئېپكىرمەڭلار؛ ◘ 17:21 نەھ. 13:19*
22شابات كۈنلىرىدە ئۆيلىرىڭلاردىن ھېچ يۈكنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماڭلار، ۋە ھېچقانداق ئەمگەك قىلماڭلار؛ بەلكى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا بۇيرۇغىنىمدەك، شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈن دەپ قاراڭلار. ◼ 17:22 +bd «شابات كۈنلىرىدە ئۆيلىرىڭلاردىن ھېچ يۈكنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىقماڭلار، ۋە ھېچقانداق ئەمگەك قىلماڭلار... شابات كۈنىنى ئۆزۈمگە ئاتالغان مۇقەددەس بىر كۈن دەپ قاراڭلار»+bd* ــ ئوقۇرمەنكەرگە ئايانكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەھۇدىيلارغا، «شابات كۈنى» (شەمبە كۈنى)نى ئۆزىنى سېغىنىشقا، ھېچقانداق مېھنەت قىلماي ھەر ئادەم ۋە مال-ۋاراننىڭ دەم ئالىدىغان كۈنى بولسۇن دەپ بۇيرۇغان.* ◘ 17:22 مىس. 20:8؛ 23:12؛ 31:13؛ ئەز. 20:12*
23لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان ياكى قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئاڭلىماسلىققا ھەم تەربىيىنى قوبۇل قىلماسلىققا بوينىنى قاتتىق قىلغان. ◘ 17:23 يەر. 11:10؛ 13:10؛ 16:12*
24شۇنداق بولىدۇكى، سىلەر ئاۋازىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىساڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەنى شابات كۈنىدە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن ھېچ يۈكنى ئېلىپ كىرمىسەڭلار ۋە ھېچ ئەمگەك قىلماسلىق ئارقىلىق شابات كۈنىنى ماڭا پاك-مۇقەددەس بىر كۈن ھېسابلىساڭلار،
25بۇ شەھەر دەرۋازىلىرىدىن داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرىدىغان پادىشاھلىرى ۋە ئەمىرلىرى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ كىرىدۇ؛ ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمىرلىرى، يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلارمۇ كىرىپ-چىقىشىدۇ؛ بۇ شەھەر مەڭگۈ ئاۋات بولىدۇ. ◘ 17:25 يەر. 22:4؛ ۋەھ. 3:21*
26شۇنداق قىلساڭلار، خەلقلەر يەھۇدا شەھەرلىرىدىن، يېرۇسالېم ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن، بىنيامىننىڭ زېمىنىدىن، غەربتىكى* «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىن، جەنۇبتىكى تاغلىقتىن*، يەھۇدادىكى جەنۇبىي باياۋانلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار، ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى، ئاشلىق ھەدىيەلىرى ۋە خۇشبۇيلارنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگارغا بولغان* رەھمەتلىرىنى ئېيتىشقا كىرىدىغان بولىدۇ.