يەرەمىيا 19:1-14 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بارغىن، ساپالچىدىن بىر ساپال كوزىنى ئالغىن؛ ئاندىن ئەلنىڭ ئاقساقاللىرىدىن ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىنى ئاپىرىپ،

2«ساپال پارچىلىرى» دەرۋازىسىغا يېقىن بولغان «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»غا بېرىپ شۇ يەردە مەن ساڭا ئېيتىدىغان سۆزلەرنى جاكارلىغىن. ◼ 19:2 +bd «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى»+bd* ــ بەزىدە «ھىننومنىڭ جىلغىسى» (ئىبرانىي تىلىدا «گە-ھىننوم») دەپ ئاتىلىدۇ. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بەلكىم ساپالچىلار شۇ يەردە ساپال پارچىلىرىنى تاشلىۋېتەتتى. كېيىن، خەلق شۇ يەرگە ھەرخىل ئەخلەتلەرنى تۆككەچكە، ئۇ يەر «دوزاخ»نىڭ بىر سىمۋولى بولۇپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن «گە-ھىننوم» دېگەن سۆز «دوزاخ»نى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ قالغان. ئەرەب تىلى ئارقىلىق بۇ سۆز «جەھەننەم» شەكلىدە ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن.*

3مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى يەھۇدانىڭ پادىشاھلىرى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەر! ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مۇشۇ يەرگە بالايىئاپەتنى چۈشۈرىمەنكى، كىمكى ئۇنى ئاڭلىسىلا قۇلاقلىرى زىڭىلداپ كېتىدۇ. ◘ 19:3 1سام. 3‏:11؛ 2پاد. 21‏:12*

4چۈنكى بۇ خەلق مەندىن ۋاز كېچىپ، بۇ يەرنى ماڭا «يات» قىلغان، ئۇنىڭدا نە ئۆزلىرى، نە ئاتا-بوۋىلىرى، نە يەھۇدا پادىشاھلىرى ھېچ تونۇمىغان باشقا ئىلاھلارغا خۇشبۇي ياققان؛ ئۇلار بۇ يەرنى گۇناھسىزلارنىڭ قانلىرى بىلەن تولدۇرغان. ◘ 19:4 يەش. 65‏:11؛ يەر. 2‏:13،17،19؛ 5‏:7،19؛ 7‏:6؛ 15‏:6؛ 17‏:13*

5ئۇلار بائالغا ئۆز بالىلىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار سۈپىتىدە كۆيدۈرۈش ئۈچۈن بائالنىڭ «يۇقىرى جايلار»ىنى قۇرغان؛ مەن بۇنداق بىر ئىشنى ھېچقاچان بۇيرۇپ باقمىغان، ھېچ ئېيتمىغان، ئۇ ھەرگىز ئويۇمغا كىرىپ باقمىغان.

6شۇڭا مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ يەر كەلگۈسىدە «توفەت»، ياكى «ھىننومنىڭ ئوغلىنىڭ جىلغىسى» دەپ ئاتالمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. ◘ 19:6 يەر. 7‏:32*

7مەن بۇ يەردە يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ پىلان-تەدبىرلىرىنى قۇرۇق قىلىۋېتىمەن؛ مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن، يەنى جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىدا يىقىتىمەن؛ مەن جەسەتلىرىنى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە يەر-زېمىندىكى ھايۋاناتلارغا ئوزۇق بولۇشقا بېرىۋېتىمەن. ◘ 19:7 يەر. 15‏:3؛ 16‏:4*

8مەن بۇ شەھەرنى دەھشەت باسىدىغان ھەم كىشىلەر ئۇش-ئۇش قىلىدىغان ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇنىڭدىن ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن دەھشەت بېسىپ ئۈشقىرتىدۇ.

9مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ ھەم جانلىرىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قاتتىق قىستايدىغان قورشاۋىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئوغۇللىرىنىڭ گۆشىنى ھەم قىزلىرىنىڭ گۆشىنى يەيدىغان قىلىمەن، ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ گۆشىنى يەيدۇ. ◘ 19:9 لاۋ. 26‏:29؛ قان. 28‏:53؛ يىغ. 4‏:10*

10ئەمدى سەن ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئاپارغان ھەمراھلىرىڭنىڭ كۆز ئالدىدا ھېلىقى كوزىنى چېقىۋەتكىن؛

11شۇنداق قىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ بىرسى ساپالچىنىڭ كوزىسىنى قايتىدىن ھېچ ياسىيالمىغۇدەك دەرىجىدە چېقىۋەتكىنىدەك مەنمۇ بۇ خەلق ۋە بۇ شەھەرنى شۇنداق چېقىۋېتىمەن. ئۇلار جەسەتلىرىنى توفەتتە كۆمىدۇ، ھەتتا كۆمگۈدەك يەر قالمىغۇچە. ◘ 19:11 يەر. 7‏:32*

12مەن بۇ يەرنى ۋە بۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىمۇ مۇشۇنداق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ شەھەرنى توفەتكە ئوخشاش قىلىمەن. ◼ 19:12 +bd «توفەت»+bd* ــ بۇ يەر توغرۇلۇق 31:7نى ۋە ئىزاھاتنى كۆرۈڭ. «توفەت» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئوچاق» ھەم «ئۇيات» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە «تۈكۈرۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەر «ھىننومنىڭ ئوغلى (ئىبن-ھىننوم)نىڭ جىلغىسى»غا جايلاشقان، يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئىدى. خەلق ئاشۇ يەردە ئەخلەتلەرنى ۋە ناپاك نەرسىلەرنى تاشلاپ كۆيدۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنتايىن «ھارام»، ئەڭ بۇلغانغان جاي دەپ ھېسابلاندى.*

13يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئۆيلىرى، ــ يەنى ئۇلارنىڭ ئۆگزىلىرىدە تۇرۇپ ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇز-سەييارىلەرگە خۇشبۇي ياققان ۋە مەندىن باشقا يات ئىلاھلارغا شاراب ھەدىيەلىرىنى تۆككەن بارلىق ئۆيلىرى خۇددى توفەت دېگەن جايدەك بۇلغانغان جايلار بولىدۇ. ◘ 19:13 يەر. 7‏:18*

14ۋە يەرەمىيا پەرۋەردىگار ئۇنى بېشارەت بېرىشكە ئەۋەتكەن توفەتتىن قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ تۇرۇپ بارلىق خەلققە مۇنداق دېدى: