1ئەمدى ئىممەرنىڭ ئوغلى، كاھىن پاشخۇر ــ ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە «ئامانلىق ساقلاش بېگى»مۇ ئىدى، يەرەمىيانىڭ بۇ بېشارەتلەرنى بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى.
2پاشخۇر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ئۇرغۇزدى ۋە ئۇنىڭ پۇتىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى «بىنيامىننىڭ يۇقىرى دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدىكى تاقاققا سالدى. ◼ 20:2 +bd «پاشخۇر يەرەمىيا پەيغەمبەرنى ... تاقاققا سالدى»+bd* ــ «تاقاق» ئىبرانىي تىلىدا «بۇرىغۇچ» دېگەن بولۇپ، پەقەت ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى تۇتۇپلا قالماي، يەنە بەلكىم بەدىنىنى بۇراپ ئادەمنى قىيىنايدىغان بىرخىل ئەسۋاب ئىدى.*
3ئىككىنچى كۈنى، پاشخۇر يەرەمىيانى تاقاقتىن بوشاتتى؛ يەرەمىيا ئۇنىڭغا: ــ پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى، دېدى. ◼ 20:3 +bd «پەرۋەردىگار ئىسمىڭنى پاشخۇر ئەمەس، بەلكى «ماگور-مىسسابىب» دەپ ئاتىدى»+bd* ــ «پاشخۇر»نىڭ مەنىسى بەلكىم «ئەركىنلىك». «ماگىر-مىسسابىب» ــ «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ» دېگەن مەنىدە.*
4ــ چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن سېنى ئۆزۈڭگە ۋە بارلىق ئاغىنىلىرىڭگە ۋەھىمە سالغۇچى ئوبيېكت قىلىمەن؛ ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ قىلىچى بىلەن يىقىلىدۇ؛ سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن بۇنى كۆرىسەن؛ مەن بارلىق يەھۇدانى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىپ ئېلىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇلارنى قىلىچ بىلەن ئۇرىدۇ.
5مەن بۇ شەھەرنىڭ ھەممە بايلىقلىرى ــ بارلىق مەھسۇلاتلىرى، بارلىق قىممەت نەرسىلىرى ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ بارلىق خەزىنىلىرىنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ ئۇلار ئۇلارنى ئولجا قىلىپ بۇلىۋېلىپ بابىلغا ئېلىپ كېتىدۇ. ◘ 20:5 يەر. 15:13؛ 17:3*
6سەن بولساڭ، ئى پاشخۇر، ھەممە ئۆيدىكىلىرىڭ بىرگە سۈرگۈن بولۇپ كېتىسىلەر؛ سەن بابىلغا كېلىسەن؛ سەن شۇ يەردە دۇنيادىن كېتىسەن، شۇ يەرگە كۆمۈلىسەن؛ سەن ھەم سېنىڭ يالغان بېشارەتلىرىڭگە قۇلاق سالغان ئاغىنىلىرىڭمۇ شۇنداق بولىدۇ.
7ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى قايىل قىلىپ پەيغەمبەرلىككە* كۆندۈردۈڭ، مەن شۇنداقلا كۆندۈرۈلدۈم؛ سەن مەندىن زور كەلدىڭ، شۇنداقلا غەلىبە قىلدىڭ؛ مەن پۈتۈن كۈن تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى بولىمەن؛ ھەممە كىشى مېنى مازاق قىلىدۇ. ◼ 20:7 +bd «سەن مېنى ... كۆندۈردۈڭ...»+bd* ــ «كۆندۈردۈڭ» دېگەن بۇ سۆزنى شەرھلەش سەل تەس. ئادەتتە ئۇ «ئېزىتقۇلۇق قىلىش»، «ئالداش» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. تەۋرات، «ھوش.» 14:2-ئايەتتە بولسا ئۇ «كۆڭۈل ئېلىش»نى بىلدۈرىدۇ. تۆۋەندىكى ئايەتلەر (8-13)گە قارىغاندا خۇدا يەرەمىيانى ھېچ ئالدىمىدى ــ ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ جاپا-مۇشەققەتلىكىنى ئالدىنئالا ئۇنىڭغا كۆرسەتكەن (مەسىلەن، 1-بابتا). شۇڭا بىزنىڭچە «كۆندۈرۈش» توغرا كېلىدۇ؛ شۇنداق دېگىنىمىز بىلەن، يەرەمىيا مۇشۇ يەردە بەلكىم، «ماڭا دۇچ كەلگەن جاپا-مۇشەققەتلەر ئەسلى ئويلىغىنىمدىن كۆپ»، «سەن مېنى ئالداپ قويدۇڭ» دېگەننى پۇرىتىپ دادلىغان بولۇشىمۇ مۇمكىن.*
8مەن قاچانلا سۆز قىلسام، «زوراۋانلىق ھەم بۇلاڭچىلىق كېلىدۇ» دەپ جاكارلىشىم كېرەك؛ شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى مېنى پۈتۈن كۈن ئاھانەت ۋە مەسخىرىنىڭ ئوبيېكتى قىلىدۇ. ◘ 20:8 يەش. 57:4*
9لېكىن مەن: «مەن ئۇنى تىلغا ئالمايمەن، ۋە ياكى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئىككىنچى سۆز قىلمايمەن» دېسەم، ئۇنىڭ سۆزى قەلبىمدە لاۋۇلداپ ئوت بولۇپ، سۆڭەكلىرىمگە قاپسالغان بىر يالقۇن بولىدۇ؛ ئىچىمگە سىغدۇرۇشقا ھالىم قالماي، ئېيتماي چىداپ تۇرالمايمەن.
10شۇنداق، قىلىۋېرىمەن، گەرچە مەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ پىچىرلاشقان قەستلىرىنى ئاڭلىساممۇ؛ تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ! «ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىڭلار! ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى!» دەپ، بارلىق ئۈلپەت-ھەمراھلىرىم پۇتلىشىپ كېتىشىمنى پايلاپ يۈرمەكتە؛ ئۇلار «ئۇ بەلكىم ئالدىنار، شۇنداق بولغاندا بىز ئۇنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمىز، ئۇنىڭدىن ئىنتىقام ئالالايمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. ◼ 20:10 +bd «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ماگور-مىسسابىب». 3-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.*
11لېكىن پەرۋەردىگار بولسا قۇدرەتلىك ۋە دەھشەتلىك بىر پالۋاندەك مەن بىلەن بىللىدۇر؛ شۇڭا ماڭا زىيانكەشلىك قىلغۇچىلار پۇتلىشىپ غەلىبە قىلالمايدۇ؛ ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغاچقا، قاتتىق خىجىل بولۇپ يەرگە قاراپ قالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ بۇ رەسۋاچىلىقى مەڭگۈلۈك بولۇپ، ھەرگىز ئۇنتۇلمايدۇ. ◘ 20:11 يەر. 1:8،19؛ 15:20؛ 17:18؛ 23:40*
12ئەمدى سەن، ئى ھەققانىيلارنى سىنايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانى ۋە قەلبىنى كۆرىدىغان ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە بولغان قىساسىڭنى ماڭا كۆرگۈزگەيسەن؛ چۈنكى مەن دەۋايىمنى ئالدىڭغا قويغانمەن. ◼ 20:12 +bd «ھەققانىيلارنى سىنايدىغان، ئىنساننىڭ ۋىجدانى ۋە قەلبىنى كۆرىدىغان...»+bd* ــ «ۋىجدان» ئىبرانىي تىلىدا «بۆرەك» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.* ◘ 20:12 يەر. 11:20؛ 12:3؛ 15:15؛ 18:19-23*
13پەرۋەردىگارنى كۈي ئېيتىپ ماختاڭلار، ئۇنى مەدھىيىلەڭلەر؛ چۈنكى ئۇ نامرات كىشىنى رەزىللىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغان. ◼ 20:13 +bd «ئۇ نامرات كىشىنى رەزىللىك قىلغۇچىلاردىن قۇتقۇزغان»+bd* ــ «نامرات كىشى» بەلكىم يەرەمىيانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.*
14مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈمگە لەنەت بولسۇن؛ ئاپام مېنى تۇغقان كۈنى مۇبارەك بولمىسۇن! ◘ 20:14 يەر. 15:10*
15ئاتامغا خەۋەر ئېلىپ: «ساڭا ئوغۇل بالا تۇغۇلدى!» دەپ ئۇنى ئالامەت شادلاندۇرغان ئادەمگە لەنەت بولسۇن! ◘ 20:15 ئايۇپ 3:3*
16بۇ ئادەم پەرۋەردىگار رەھىم قىلماي غۇلاتقان شەھەرلەردەك بولسۇن؛ ئۇ ئەتىگەندە نالە، چۈشتە ئالاقزادىلىك چۇقانلىرىنى ئاڭلىسۇن ــ ◼ 20:16 +bd «ئاتامغا خەۋەر ئېلىپ: «ساڭا ئوغۇل بالا تۇغۇلدى!» دەپ ئۇنى ئالامەت شادلاندۇرغان ئادەمگە لەنەت بولسۇن! (15-ئايەت) بۇ ئادەم پەرۋەردىگار رەھىم قىلماي غۇلاتقان شەھەرلەردەك بولسۇن...»+bd* ــ پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىنىڭ قايغۇ-ھەسرەتتىن چىققان بۇ ئاچچىق سۆزلىرىنى شۈبھىسىزكى، خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن بىز ئۈچۈن خاتىرىلىگىنى بىلەن، بىز: «خۇدا بۇلارنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرغان»، دەپ قارىمايمىز. پەيغەمبەرنىڭ بۇ سۆزلىرىنى خاتىرىلەشتىكى مەقسىتى بىزنىڭ پەيغەمبەرنىڭ شۇنچە قىينىلىپ كەتكەنلىكىنى ئوبدان چۈشىنىشىمىز ئۈچۈندۇر.* ◘ 20:16 يار. 19*
17چۈنكى ئۇ مېنى بالىياتقۇدىن چۈشكىنىمدىلا ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن؛ ئاپام مېنىڭ گۆرۈم بولسىئىدى، ئۇنىڭ قورسىقى مەن بىلەن تەڭ ھەمىشە چوڭ بولسىئىدى!