يەرەمىيا 21:1-13 UIGB2010 - Bible AI

1پادىشاھ زەدەكىيا مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇرنى ھەم مائاسېياھنىڭ ئوغلى، كاھىن زەفانىيانى ئەۋەتكەندە، يەرەمىياغا پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى مۇنۇ بىر سۆز كەلدى: ــ ◼ 21:1 +bd «مالكىيانىڭ ئوغلى پاشخۇر»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ 20-بابتىكى «پاشخۇر» ئەمەس؛ لېكىن بۇ پاشخۇرمۇ كېيىنكى ۋاقىتلاردا يەرەمىياغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان ئادەم بولىدۇ (25:29-27نى كۆرۈڭ). «زەفانىيا» بولسا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل كۆزقارىشى يوق بولغان يەنە بىر «يۇمىلاق تاۋۇز»غا ئوخشايدۇ. (29:29دىكى ۋەقەنى كۆرۈڭ). ئۇ بەلكىم ئاخىردا بابىلنىڭ «قاراۋۇل بېگى» تەرىپىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغان «زەفانىيا»غا ئوخشاش ئادەم ئىدى (24:52-27نى كۆرۈڭ).*

2ئۇلار*: «بىز ئۈچۈن پەرۋەردىگاردىن ياردەم سورىغىن؛ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكەنكى* كارامەت قىلغان ئىشلىرى بويىچە، بىزگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئۇنى يېنىمىزدىن ياندۇرارمىكىن؟» ــ دەپ سورىدى*.

3يەرەمىيا ئۇلارغا: ــ زەدەكىياغا مۇنداق دەڭلار، ــ دېدى)

4ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن قوللىرىڭلار تۇتقان، سىلەرنى قورشىۋالغان بابىل پادىشاھى ھەم كالدىيلەرگە سېپىل سىرتىدا جەڭ قىلىشقا ئىشلىتىدىغان، جەڭ قوراللىرىڭلارنى قايرىۋېتىمەن ۋە بۇلارنى بۇ شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا يىغىۋالىمەن؛ ◼ 21:4 +bd «كالدىيلەر»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «كالدىيلەر» بابىللىقلارنى، بولۇپمۇ بابىل لەشكەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.*

5مەن ئۆزۈممۇ سوزۇلغان قولۇم ۋە كۈچلۈك بىلىكىم بىلەن، غەزىپىم بىلەن، قەھرىم بىلەن ۋە ھەسسىلەنگەن ئاچچىقىم بىلەن سىلەرگە جەڭ قىلىمەن!

6مەن بۇ شەھەردە تۇرۇۋاتقانلارنى، ئىنسان بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ئۇرىمەن؛ ئۇلار دەھشەتلىك بىر ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ.

7ئاندىن كېيىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، خىزمەتكارلىرىنى، خەلقنى، يەنى بۇ شەھەردە ۋابادىن، قىلىچتىن ۋە قەھەتچىلىكتىن قېلىپ قالغانلار بولسا، مەن ئۇلارنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا ۋە جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ نېبوقادنەسار ئۇلارنى قىلىچ تىغى بىلەن ئۇرىدۇ؛ ئۇ نە ئۇلارنى ئايىمايدۇ، نە ئۇلارغا ئىچىنى ھېچ ئاغرىتمايدۇ، نە رەھىم قىلمايدۇ.

8لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئالدىڭلاردا ھايات يولى ۋە مامات يولىنى سالىمەن؛ ◼ 21:8 +bd «لېكىن سەن بۇ خەلققە مۇنداق دېيىشىڭ كېرەك»+bd* ــ «بۇ خەلق» يېرۇسالېمدا قامىلىپ قالغان خەلقنى كۆرسىتىدۇ.*

9كىم بۇ شەھەردە قالماقچى بولسا، قىلىچ، قەھەتچىلىك ۋە ۋابا بىلەن ئۆلىدۇ؛ لېكىن كىم شەھەردىن چىقىپ، سىلەرنى قورشىۋالغان كالدىيلەرگە تەسلىم بولسا، ئۇ ھايات قالىدۇ؛ ئۇنىڭ جېنى ئۆزىگە ئالغان ئولجىدەك بولىدۇ. ◘ 21:9 يەر. 38‏:2*

10چۈنكى مەن بۇ شەھەرگە ياخشىلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يامانلىق قىلىش ئۈچۈن يۈزۈمنى قاراتقۇزدۇم، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ئۇ بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، ئۇ ئۇنى ئوت سېلىپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

11ۋە يەھۇدا پادىشاھىنىڭ جەمەتى توغرۇلۇق پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار: ــ

12ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار، بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ بولمىسا، قىلغانلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن، قەھرىم پارتلاپ، ئوتتەك ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ؛ ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ؛ ◼ 21:12 +bd «ئى داۋۇتنىڭ جەمەتى، ...: ــ ھەر ئەتىگەندە ئادالەت بىلەن ھۆكۈم چىقىرىڭلار»+bd* ــ قارىغاندا، پادىشاھنىڭ سوتلىرى ئەتىگەندە ئۆتكۈزۈلەتتى. يەنە كېلىپ «ھەر ئەتىگەندە» دېگەن ئىبارە بەلكىم «ئادالەت بىرىنچى ئىش بولسۇن، ھەر كۈنىدە ئەڭ مۇھىم ئىش بولسۇن» دېگەن كۆچمە مەنىدە ئىشلىتىلگەن بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 21:12 يەر. 22‏:3*

13مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى جىلغا ئۈستىدە، تۈزلەڭلىكتىكى قىيادا ئولتۇرغۇچى، يەنى «كىم ئۈستىمىزگە چۈشۈپ ھۇجۇم قىلالىسۇن، كىم ئۆيلىرىمىزگە بېسىپ كىرەلىسۇن؟!» دېگۈچى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◼ 21:13 +bd «جىلغا ئۈستىدە... قىيادا ئولتۇرغۇچى...»+bd* ــ بىزنىڭچە بۇ ئوردىدا ئولتۇرغان پادىشاھ-ئەمىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەسلىدە پادىشاھ ئوردىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، يېرۇسالېمدىكى ئىككى تاغ ئارىسىدىكى كىچىك جىلغا «تۈزلەڭلىك» قىلىپ تىندۇرۇلغان ئاندىن ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوردا قۇرۇلغان. شۇنداق قىلىپ كىدرون جىلغىسى ئۈستىدە ــ يەنى «پەلەككە تاقاشقان» بىر ئىنتايىن بىخەتەر جايدا ــ ئوردا كۆرۈنەتتى. دېمەك، بۇ سۆزلەر پادىشاھ ھەم ئوردىدىكىلەرگە ئېيتىلغان بولۇشى كېرەك.