يەرەمىيا 22:1-29 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن: ــ ◼ 22:1 +bd «بارغىن، يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئوردىسىغا چۈشۈپ بۇ سۆزنى شۇ يەردە قىلغىن»+bd* ــ بىزنىڭچە، بۇ سۆز بەلكىم زەدەكىيادىن ئىلگىرىكى بىر پادىشاھقا ئېيتىلغان بولسا كېرەك، چۈنكى بۇ سۆز بىرخىل «قۇتقۇزۇش» ئۈمىدىنى ئېلىپ كېلەتتى؛ لېكىن 21-باب، 12-14ئايەتلەردە زەدەكىيا پەقەت «جازالاش»نى كۈتىدۇ (ئۇنىڭغا ئىككى خىل جازا ئېلىپ كېلىنىدۇ).*

2پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا، ئى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇچى، يەھۇدا پادىشاھى ــ سەن، ئەلەمدار-خىزمەتكارلىرىڭ ۋە مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىپ-چىقىدىغان خەلقىڭ، ــ

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزۈڭلار؛ بۇلانغان كىشىنى ئەزگۈچىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇڭلار؛ مۇساپىرلارنى، يېتىم-يېسىرلەرنى ۋە تۇل خوتۇنلارنى ھېچ خارلىماڭلار ياكى بوزەك قىلماڭلار، گۇناھسىز قانلارنى بۇ يەردە تۆكمەڭلار. ◘ 22:3 يەر. 7‏:6؛ 21‏:12*

4سىلەر بۇ ئەمرلەرگە ھەقىقەتەن ئەمەل قىلساڭلار، ئەمدى داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى ۋە خەلقى جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ ۋە ئاتلارغا مىنىپ بۇ ئۆينىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىپ چىقىشىدۇ. ◼ 22:4 +bd «داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھلار، يەنى ئۇلار، ئۇلارنىڭ ئەمەلدار-خىزمەتكارلىرى...»+bd* ــ مۇشۇ يەردىكى «ئۇلار» ئىبرانىي تىلىدا «ئۇ». مەلۇم بىر زاماندا داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغان پادىشاھ پەقەت بىر بولىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 22:4 يەر. 17‏:25؛ ۋەھ. 3‏:21*

5بىراق سىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىمىساڭلار، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بۇ ئوردا بىر خارابە بولىدۇ. ◼ 22:5 +bd «مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى..»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «مەن ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنكى...».*

6چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھىنىڭ ئۆيى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك بولغىنىڭ بىلەن، بەرھەق مەن سېنى بىر چۆل-باياۋان، ئادەملەر ۋاز كەچكەن شەھەرلەردەك قىلىمەن. ◼ 22:6 +bd «سەن ماڭا خۇددى گىلېئاد، لىۋاننىڭ چوققىسىدەك...»+bd* ــ گىلېئاد ۋە لىۋان گۈزەل ئورمانلىقلىرى بىلەن داڭقى چىققان جايلاردۇر. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، پادىشاھنىڭ ئوردىسى ھەرخىل ياغاچلار بىلەن بېزەلگەنىدى.*

7مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ. ◼ 22:7 +bd «مەن ھەربىرى ياخشى قوراللانغان ۋەيران قىلغۇچىلارنى ساڭا قارشى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار «ئېسىل كېدىرلىرىڭنى» كېسىۋېتىپ، ئوتقا تاشلايدۇ»+bd* ــ ئوردىدىكى چىرايلىق ياغاچ تۈۋرۈك-ياساقلار توغرۇلۇق يۇقىرىقى 6-ئايەتتىكى ئىزاھاتنى كۆرۈڭ.* ◘ 22:7 يەر. 15‏:6*

8نۇرغۇن ئەللەر بۇ شەھەردىن ئۆتۈپ، ھەربىرى يېقىنىدىن: «نېمىشقا پەرۋەردىگار بۇ ئۇلۇغ شەھەرنى بۇنداق قىلغاندۇ؟» دەپ سورايدۇ. ◘ 22:8 قان. 29‏:23؛ 1پاد. 9‏:8*

9ۋە ئۇلار جاۋابەن: «چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئەھدىسىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىغا كىرگەن» ــ دەيدۇ.

10ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار، چۈنكى ئۇ ئۆز يۇرتىغا ھېچقاچان قايتىپ كەلمەيدۇ. ◼ 22:10 +bd «ئۆلگىنىگە يىغلىماڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ-زارلىماڭلار؛ بەلكى سۈرگۈن بولغىنى ئۈچۈن قاتتىق يىغلاڭلار...»+bd* ــ (ئىزاھات: ــ تۆۋەندىكى 10-30-ئايەتلەر بولسا، يەھۇدانىڭ ئۈچ پادىشاھىنىڭ جازاسى توغرۇلۇق بېشارەتلەردىن ئىبارەت. شۇڭا، بېشارەتلەر مىلادىيەدىن ئىلگىرى 609-597-يىللار مەزگىلىدە بېرىلگەن؛ شۈبھىسىزكى، يەرەمىيانىڭمۇ بۇ يەردە ئۇلارنى بىر يەردە بايان قىلىشنىڭ مەقسىتى، بۇ ئەرزىمەس پادىشاھلارنى 23-بابتىكى بېشارەتتە كۆرسىتىلگەن «ھەقىقىي باققۇچى» ــ يەنى مەسىھ بىلەن سېلىشتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر. پادىشاھلار («خەلقنى باققۇچى») ئەيىبلىك (22)، يېرۇسالېمدىكىلەر ئۆزلىرىمۇ ئەيىبلىك (20-23)، چۈنكى ئۇلار بۇ پادىشاھلار («باققۇچىلار»)نىڭ ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇشىغا قىزىققان، ھەشەمەتلىك ئوردىسىدىن پەخىرلەنگەن؛ ئۇلار يەنە بۇ پادىشاھلارنىڭ چوقۇنغان بۇتلىرىغا چوقۇنغان، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ يات ئەلنىڭ پادىشاھلىرى («سېنىڭ ئاشنىلىرىڭ») بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىشىشلىرىنى تولۇق قوللىغان. ئۇنداق ئىتتىپاقلىشىش پەرۋەردىگارغا تايانماسلىقتىن ئىبارەت ئىدى).

11چۈنكى يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئاتىسى يوسىيانىڭ ئورنىغا تەختىگە ئولتۇرغان، بۇ يەردىن سۈرگۈن بولغان شاللۇم توغرۇلۇق پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ئۇ ھەرگىز بۇ يەرگە قايتمايدۇ؛ ◼ 22:11 +bd «شاللۇم»+bd* ــ يەھوئاھازنىڭ بىرىنچى ئىسمى، مەنىسى «ھېساب ئېلىش» بولغاچقا، يەرەمىيا بەلكىم ئۇنى مۇشۇ يەردە قەستەن ئىشلىتىدۇ؛ ئۇنىڭدىن ھېساب ئېلىنىدىغان بولىدۇ.*

12چۈنكى ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ. ◼ 22:12 +bd «ئۇ ئەسىر قىلىنىپ ئاپىرىلغان يۇرتتا ئۆلىدۇ، ئۇ بۇ زېمىننى ئىككىنچى كۆرمەيدۇ.»+bd* ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدا «2پاد.» 23:34نى كۆرۈڭ.*

13ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ قوشنىسىنى بىكار ئىشلىتىپ، ئەمگىكىگە ھېچقانداق ھەق بەرمەيدۇ؛ ◼ 22:13 +bd «ئۆيىنى ئادىلسىزلىق بىلەن، بالىخانا-راۋاقلىرىنى ئادالەتسىزلىك بىلەن قۇرغاننىڭ ھالىغا ۋاي!...»+bd* ــ بۇ يەھوئاكىمنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بېشارەت (13-19، 20-23) يەھوئاكىم توغرۇلۇق بېشارەت. «2پاد.» 34:23-6:24دىمۇ خاتىرىلەنگەن، پىرەۋن يەھوئاھازنى سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن ئۇكىسى يەھوئاكىمنى «قونچاق پادىشاھ» بولۇشقا تىكلىگەن. ئۇ ئون بىر يىل تەختكە ئولتۇرغان، رەزىل پادىشاھ ئىدى. يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇس يەھوئاكىمنىڭ ئۆلۈمى بېشارەتتەك بولغانلىقىنى خاتىرىلىگەن (يوسېفۇسنىڭ «قەدىمكى ئىشلار»ى، 10-باب، 3:6).* ◘ 22:13 لاۋ. 19‏:13؛ قان. 24‏:14،15؛ ھاب. 2‏:9*

14ئۇ: «ئۆزۈمگە كەڭتاشا بىر ئوردىنى، ئازادە راۋاقلار بىلەن قوشۇپ سالىمەن؛ تاملىرىغا دېرىزىلەرنى كەڭ چىقىرىمەن؛ تاملىرىنى كېدىر تاختايلار بىلەن بېزەيمەن، ئۆيلىرىنى پەرەڭ سىرلايمەن» ــ دەيدۇ. ئۇنىڭ ھالىغا ۋاي*!

15سەن كېدىر ياغىچىدىن ياسالغان تاختايلارنى چاپلاپ، ئاتا-بوۋىلىرىڭ* بىلەن بەسلەشسەڭ قانداقمۇ پادىشاھ بولۇشقا لايىق بولىسەن؟ سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟ شۇڭا ئۇ بۇنىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن. ◼ 22:15 +bd «سېنىڭ ئاتاڭ يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ، ئادالەت ۋە دۇرۇس ئىشلارنى يۈرگۈزگەن ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ «ئاتاڭ» بولسا دۇرۇس پادىشاھ يوسىيا ئىدى. «...يەپ-ئىچىشكە تەشەككۈر ئېيتىپ...» ئىبرانىي تىلىدا پەقەت سۆزمۇسۆز بولسا: «ئۇ يېگەن ۋە ئىچكەن...» دېيىلىدۇ.*

16ئۇ مۆمىنلەرنىڭ ۋە نامراتلارنىڭ دەۋاسىنى توغرا سورىغان؛ شۇڭا خەلقنىڭ ئەھۋالى ياخشى ئىدى. بۇنداق ئىش مېنى تونۇشتىن ئىبارەت ئەمەسمۇ؟» ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

17ــ بىراق كۆزۈڭ ۋە كۆڭلۈڭ بولسا پەقەت ئۆز جازانە-مەنپەئەتىڭگە ئېرىشىش، گۇناھسىزلارنىڭ قېنىنى تۆكۈش، زورلۇق-زۇمبۇلۇق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلىش پەيتىنى كۆزلەپ تىكىلگەندۇر.

18شۇڭا پەرۋەردىگار يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىم توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ خەلق ئۇنىڭ ئۆلۈمىدە: «ئاھ، ئاكام! ئاھ، سىڭلىم!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن: «ئاھ، بېگىم! ئاھ، ئۇنىڭ ھەيۋىسى!» دەپ ئاھ-زارلار كۆتۈرمەيدۇ؛ ◘ 22:18 يەر. 16‏:4، 5، 6*

19ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ. ◼ 22:19 +bd «ئۇ ئېشەكنىڭ دەپنىسىدەك كۆمۈلىدۇ، جەسىتى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىنىڭ سىرتىغا چۆرۈپ تاشلىنىدۇ»+bd* ــ يەھۇدىي تارىخشۇناس يوسېفۇسنىڭ دېگىنى بويىچە بولغاندا، نېبوقادنەسار ئۇنىڭ جەسىتىنى يېرۇسالېمنىڭ سېپىلىدىن سىرتقا تاشلىۋەتكەنىدى.* ◘ 22:19 يەر. 15‏:3؛ 36‏:30*

20لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر؛ چۈنكى سېنىڭ «ئاشنىلىرىڭ»نىڭ ھەممىسى نابۇت قىلىندى. ◼ 22:20 +bd «لىۋانغا چىقىپ پەرياد قىل، باشاندا ئاۋازىڭنى كۆتۈر، ئابارىمنىڭ چوققىلىرىدىنمۇ نالە كۆتۈر»+bd* ــ بۇ ئۈچ جاي (لىۋان، باشان، ئابارىم) ھەممىسى «يۇقىرى جاي»لار ئىدى. ئىسرائىلنىڭ ئېغىر بىر گۇناھى بولسا «يۇقىرى جاي»لارغا چىقىپ شۇ يەردە بۇتلارغا «تاۋاپگاھ» ياساپ ئۇلارغا چوقۇنۇشتىن ئىبارەت. لېكىن ئۇلارغا «ئاشنىلار» بولغان بۇتلارنىڭ ھەممىسى دۈشمەن تەرىپىدىن بۇزۇلىدۇ ياكى بۇلىنىپ كېتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ). «ئاشنىلار» ئىككىنچى مەنىسى بەلكىم ئۇلار ئىتتىپاقداش قىلماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).*

21مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم؛ لېكىن سەن: «ئاڭلىمايمەن!» ــ دېدىڭ. ياشلىقىڭدىن تارتىپلا بۇنداق قىلىپ مېنىڭ ئاۋازىمغا قۇلاق سالماسلىق دەل سېنىڭ يولۇڭ بولۇپ كەلگەن. ◼ 22:21 +bd «مەن ئامان-ئېسەن تۇرغىنىڭدا ساڭا ئاگاھلاندۇردۇم»+bd* ــ بۇ بەلكىم يەرەمىيادىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزلىرىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 22:21 يەر. 5‏:23؛ 7‏:23-28؛ 11‏:7، 8؛ 13‏:10، 11؛ 16‏:12؛ 17‏:23؛ 18‏:12؛ 19‏:15*

22شامال بارلىق «باققۇچى»لىرىڭغا «باققۇچى» بولۇپ ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشنىلىرىڭ سۈرگۈن بولۇشقا چىقىدۇ؛ بەرھەق، سەن شۇ چاغدا بارلىق رەزىللىكىڭ تۈپەيلىدىن خىجىل بولۇپ رەسۋا بولىسەن. ◼ 22:22 +bd «باققۇچىلار»+bd* ــ «باققۇچىلار»، شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار، ئاتالمىش «پەيغەمبەرلەر» ۋە كاھىنلارنى كۆرسىتىدۇ. «ئاشنىلار» بولسا بەلكىم ئۇلار چوقۇنغان بۇتلارنى ھەمدە يەنە ئۆزى بۇتلارغا چوقۇنغان ئىتتىپاقداش قىلماقچى بولغان «يات ئەللەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ (22-ئايەتنىمۇ كۆرۈڭ).*

23ئى «لىۋان»دا تۇرغۇچى، كېدىر دەرەخلىرى ئۈستىگە ئۇۋىلىغۇچى، سەن تولغاق تۇتقان ئايالنىڭ ئازابلىرىدەك، دەرد-ئەلەملەر بېشىڭغا چۈشكەندە قانچىلىك ئىڭراپ كېتەرسەن! ◼ 22:23 +bd «قانچىلىك ئىڭراپ كېتىسەن»+bd* ــ ياكى، «نېمىدېگەن ئېچىنارلىق بولارسەن-ھە!»*

24ئۆز ھاياتىم بىلەن قەسەم ئىچىمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن؛ ◼ 22:24 +bd «سەن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيا ھەتتا ئوڭ قولۇمدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك بولساڭمۇ، مەن سېنى شۇ يەردىن يۇلۇپ تاشلايمەن...»+bd* ــ بۇ بېشارەت (24-30) يەھوئاكىن (قىسقا ئىسمى، كونىيا) پادىشاھ توغرۇلۇقتۇر. يەھوئاكىن مىلادىيەدىن ئىلگىرى 597-يىلى ئاتىسى يەھوئاكىمنىڭ ئورنىنى بېسىپ، ئۈچ ئايلا تەختتە ئولتۇرغان. ئۇ رەزىل پادىشاھ بولۇپ، بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار تەرىپىدىن سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ ئىشلار «2پاد.» 34:23-6:24دە خاتىرىلەنگەن).

25مەن سېنى جېنىڭنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا ۋە سەن قورققان ئادەملەرنىڭ قولىغا، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قولىغا ۋە كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن.

26مەن سېنى ھەم سېنى تۇغقان ئاناڭ ئىككىڭلارنى ئۆزۈڭلار تۇغۇلمىغان يات بىر يۇرتقا چۆرۈۋېتىمەن؛ سىلەر شۇ يەردە ئۆلىسىلەر.

27جېنىڭلار قايتىپ كېلىشكە شۇنچە تەشنا بولغان بۇ زېمىنغا بولسا، سىلەر ھەرگىز قايتىپ كېلەلمەيسىلەر.

28كونىيا دېگەن بۇ كىشى چېقىلغان، نەزەرگە ئېلىنمايدىغان ساپال كوزىمۇ؟ ھېچكىم قارىمايدىغان بىر قاچىمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ئۇلار، يەنى ئۇ ۋە ئۇنىڭ نەسلى بولغانلار چۆرۈۋېتىلگەن، ئۇلار تونۇمايدىغان بىر يۇرتقا تاشلىۋېتىلىدۇ؟

29ئى زېمىن، زېمىن، زېمىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا!