1بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يېرۇسالېمدىن يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەكونىياھ، يەھۇدا ئەمىر-شاھزادىلىرى، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەرنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا سۈرگۈن قىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى ئىككى سېۋەت ئەنجۈرنى «مانا كۆر» دەپ كۆرسەتكەن. ◘ 24:1 2پاد. 24:15؛ 2تار. 36:10*
2بىر سېۋەتتە دەسلەپكى پىشقان ئەنجۈردەك ئىنتايىن ياخشى ئەنجۈرلەر بار ئىدى؛ ئىككىنچى سېۋەتتە يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر بار ئىدى.
3ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا: «نېمە كۆردۈڭ، يەرەمىيا؟» ــ دەپ سورىدى. مەن: «ئەنجۈرلەرنى كۆردۈم؛ ياخشىلىرى بولسا ئىنتايىن ياخشىكەن؛ ناچارلىرى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئىكەن» ــ دېدىم.
4پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
5ئىسرائىلنىڭ خۇداسى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن يەھۇدادىن سۈرگۈن بولغانلارنى، يەنى مېنىڭ بۇ يەردىن كالدىيلەرنىڭ زېمىنىغا ئەۋەتكەنلىرىمنى بۇ ياخشى ئەنجۈرلەردەك ياخشى دەپ قارايمەن؛
6مەن ئۇلارغا ياخشى بولسۇن دەپ كۆزۈمنى ئۇلارغا تىكىمەن ۋە ئۇلارنى بۇ زېمىنغا قايتۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى غۇلىتىپ تاشلىمايمەن، بەلكى ئۇلارنى قۇرىمەن؛ ئۇلارنى يۇلۇپ تاشلىمايمەن، بەلكى تىكىپ ئۆستۈرىمەن.
7مەن ئۇلارغا مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدىغان، مېنى تونۇيدىغان بىر قەلبنى تەقدىم قىلىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ، مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن؛ چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن يېنىمغا قايتىدۇ. ◘ 24:7 قان. 30:6؛ يەر. 30:22؛ 31:33؛ 32:38،39؛ ئەز. 11:19؛ 36:26،27*
8لېكىن ناچار ئەنجۈرلەر، يەنى يېگىلى بولمايدىغان، ئىنتايىن ناچار ئەنجۈرلەر قانداق بولغان بولسا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بەرھەق، مەن يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيانى، ئەمىر-شاھزادىلىرىنى ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ قالغان قىسمىنى، بۇ زېمىندا قالغانلارنى ۋە مىسىردا تۇرۇۋاتقانلارنى شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىمەن؛ ◘ 24:8 يەر. 29:17*
9مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن؛ مەن ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن بارلىق جايلاردا ئۇلارنى رەسۋاچىلىقنىڭ ئوبيېكتى، سۆز-چۆچەك، تاپا-تەنىنىڭ ئوبيېكتى ۋە لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا تاپشۇرىمەن. ◼ 24:9 +bd «مەن ئۇلارنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ۋەھىمە سالغۇچى بىر ئوبيېكت بولۇشقا، كۈلپەتكە چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «مەن ئۇلارنى ھەرياق-ھەرياقلارغا يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھەيدىلىشكە، بالايىئاپەت چۈشۈشكە تاپشۇرىمەن....»* ◘ 24:9 قان. 28:25،37؛ 1پاد. 9:7؛ 2تار. 7:20؛ يەر. 15:4؛ 29:18؛ 34:17؛ 42:18*