1يوسىيانىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلىدا (يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بىرىنچى يىلىدا) يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى توغرۇلۇق يەرەمىياغا كەلگەن سۆز، ــ
2بۇ سۆزنى يەرەمىيا پەيغەمبەر يەھۇدانىڭ بارلىق خەلقى ۋە يېرۇسالېمدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ
3ئاموننىڭ ئوغلى، يەھۇدا پادىشاھى يوسىيانىڭ ئون ئۈچىنچى يىلىدىن باشلاپ بۈگۈنكى كۈنگىچە، بۇ يىگىرمە ئۈچ يىل پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ماڭا كېلىپ تۇرغان ۋە مەن تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇنى سىلەرگە سۆزلەپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛
4ۋە پەرۋەردىگار سىلەرگە بارلىق خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ ئۇ تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلگەن؛ لېكىن سىلەر قۇلاق سالماي ھېچ ئاڭلىمىدىڭلار. ◘ 25:4 يەر. 7:13،25؛ 11:7،8،10؛ 13:10،11؛ 16:12؛ 17:23؛ 18:12؛ 19:15؛ 22:21*
5ئۇلار: «سىلەر ھەربىرىڭلار يامان يولۇڭلاردىن ۋە قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكىدىن توۋا قىلىپ يانساڭلار، مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان زېمىندا تۇرۇۋېرىسىلەر. ◘ 25:5 2پاد. 17:13؛ يەر. 18:11؛ 35:15؛ يۇن. 3:8*
6باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ قۇللۇقىدا بولۇپ چوقۇنماڭلار؛ مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرمەڭلار؛ مەن سىلەرگە ھېچ يامانلىق كەلتۈرمەيمەن» ــ دەپ جاكارلىغان. ◼ 25:6 +bd «قوللىرىڭلار ياسىغانلار...»+bd* ــ مۇشۇ سۆزلەر ياكى ياسىغان بۇتلارنى ياكى يامان قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ.*
7لېكىن سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، مېنى قوللىرىڭلار ياسىغانلار بىلەن غەزەپلەندۈرۈپ ئۆزۈڭلارغا زىيان كەلتۈردۈڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
8شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىغان بولغاچقا،
9مانا، مەن شىمالدىكى ھەممە جەمەتلەرنى ۋە مېنىڭ قۇلۇمنى، يەنى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرتىمەن، ئۇلارنى بۇ زېمىنغا، ئۇنىڭدا بارلىق تۇرۇۋاتقانلارغا ھەمدە ئەتراپتىكى ھەممە ئەللەرگە قارشىلىشىشقا ئېلىپ كېلىمەن؛ مەن مۇشۇ زېمىندىكىلەر ۋە ئەتراپتىكى ئەللەرنى* پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ، ئۇلارنى تولىمۇ ۋەھىمىلىك قىلىمەن ھەم ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى، دائىملىق بىر خارابىلىك قىلىمەن؛ ◘ 25:9 يەر. 19:8*
10مەن ئۇلاردىن تاماشىنىڭ ساداسىنى، شاد-خۇراملىق ساداسىنى، تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزىنىڭ ئاۋازىنى، تۈگمەن تېشىنىڭ ساداسىنى ۋە چىراغ نۇرىنى مەھرۇم قىلىمەن؛ ◘ 25:10 يەش. 24:7؛ يەر. 7:34؛ 16:9؛ ئەز. 26:13*
11بۇ پۈتكۈل زېمىن ۋەيرانە ۋە دەھشەت سالغۇچى ئوبيېكت بولىدۇ، ۋە بۇ ئەللەر بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولىدۇ. ◼ 25:11 +bd «بۇ ئەللەر...»+bd* ــ يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق ئەللەرنى كۆرسىتىدۇ (9-ئايەتنى كۆرۈڭ). «بابىل پادىشاھىنىڭ يەتمىش يىل قۇللۇقىدا بولۇش» توغرۇلۇق «قوشۇمچە سۆز»ىمىزنى كۆرۈڭ.*
12ۋە شۇنداق بولىدۇكى، يەتمىش يىل توشقاندا، مەن بابىل پادىشاھىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئېلىنىڭ بېشىغا، شۇنداقلا كالدىيلەرنىڭ زېمىنى ئۈستىگە ئۆز قەبىھلىكىنى چۈشۈرۈپ، ئۇنى مەڭگۈگە خارابىلىك قىلىمەن. ◘ 25:12 2تار. 36:22؛ ئەزرا 1:1؛ يەر. 29:10؛ دان. 9:2*
13شۇنىڭ بىلەن مەن شۇ زېمىن ئۈستىگە مەن ئۇنى ئەيىبلىگەن بارلىق سۆزلىرىمنى، جۈملىدىن بۇ كىتابتا يېزىلغانلارنى، يەنى يەرەمىيانىڭ بارلىق ئەللەرنى ئەيىبلىگەن بېشارەتلىرىنى چۈشۈرىمەن.
14چۈنكى كۆپ ئەللەر ھەم ئۇلۇغ پادىشاھلار بۇ پادىشاھ ھەم قوۋملىرىنىمۇ* قۇل قىلىدۇ؛ مەن ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ۋە قوللىرى ياسىغانلىرى بويىچە ئۇلارنى جازالايمەن. ◼ 25:14 +bd «بۇ پادىشاھ ھەم قوۋملىرىنىمۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۇلارنىمۇ» دېيىلىدۇ. بىزنىڭچە بۇ «بابىل پادىشاھى ھەم قوۋملىرى»نى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 25:14 يەر. 27:7*
15چۈنكى ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار ماڭا ئالامەت كۆرۈنۈشتە* مۇنداق دېدى: ــ مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن؛ ◼ 25:15 +bd «مېنىڭ قولۇمدىكى غەزىپىمگە تولغان قەدەھنى ئېلىپ، مەن سېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزگىن»+bd* ــ بۇ سۆزلەرنى خۇدا يەرەمىياغا ئالامەت كۆرۈنۈشتە ئېيتقان، دەپ قارايمىز.* ◘ 25:15 يەر. 13:12*
16ئۇلار ئىچىدۇ، ئۇيان-بۇيان ئىرغاڭلايدۇ ۋە مەن ئۇلار ئارىسىغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن ساراڭ بولىدۇ.
17شۇڭا مەن بۇ قەدەھنى پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن ئالدىم ۋە پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتكەن بارلىق ئەللەرگە ئىچكۈزدۈم،
18ــ يەنى يېرۇسالېمغا، يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىگە، ئۇنىڭ پادىشاھلىرىغا ۋە ئەمىر-شاھزادىلىرىگە، يەنى ئۇلارنى بۈگۈنكى كۈندىكىدەك بىر خارابە، ۋەھىمە، ئۇش-ئۇش ئوبيېكتى بولۇشقا ھەم لەنەت سۆزلىرى بولۇشقا قەدەھنى ئىچكۈزدۈم؛ ◼ 25:18 +bd «بۈگۈنكى كۈندىكىدەك»+bd* ــ بۇ ئىبارە بەلكىم بېشارەت ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن قوشۇلغان؛ بولمىسا، باشقا بىر مەنە: «بۈگۈنكى كۈنىدىمۇ بۇ ئىشلار بولغىلى تۇردى» بولۇشى مۇمكىن.*
19مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە، خىزمەتكارلىرىغا، ئەمىر-شاھزادىلىرىغا ھەم خەلقىگە ئىچكۈزدۈم؛ ◘ 25:19 يەر. 46*
20بارلىق شالغۇت ئەللەر، ئۇز زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، فىلىستىيلەرنىڭ زېمىنىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئاشكېلوندىكىلەر، گازادىكىلەر، ئەكروندىكىلەرگە ۋە ئاشدودنىڭ قالدۇقلىرىغا ئىچكۈزدۈم؛ ◼ 25:20 +bd «بارلىق شالغۇت ئەللەر»+bd* ــ بەلكىم مىسىردا تۇرغان، مىسىرلىقلار بىلەن «ئارىلىشىپ كەتكەن» باشقا مىللەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 25:20 يەر. 47:4-7*
21ئېدومدىكىلەر، موئابدىكىلەر ۋە ئاممونىيلار، ◘ 25:21 يەر. 48؛ 49:1-22*
22تۇرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ھەم زىدوننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، دېڭىز بويىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ◼ 25:22 +bd «دېڭىز بويىدىكى بارلىق پادىشاھلار»+bd* ــ بەلكىم تۇر ۋە زىدون بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان، ئۇلارغا بېقىنغان «ئوتتۇرا دېڭىز» بويىدىكى پادىشاھلارنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 25:22 يەر. 47:4*
23دېداندىكىلەر، تېمادىكىلەر، بۇزدىكىلەر ۋە چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرۈۋەتكەن ئەللەر، ◘ 25:23 يەر. 9:25؛ 49:8*
24ئەرەبىيەدىكى بارلىق پادىشاھلار ۋە چۆل-باياۋاندا تۇرۇۋاتقان شالغۇت ئەللەرنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ◘ 25:24 يەر. 49:31*
25زىمرىدىكى بارلىق پادىشاھلار، ئېلامدىكى بارلىق پادىشاھلار، مېدىئالىقلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى، ◘ 25:25 يەر. 49:34*
26شىمالدىكى بارلىق پادىشاھلارغا، يىراقتىكى بولسۇن، يېقىندىكى بولسۇن، بىر-بىرلەپ ئىچكۈزدۇم؛ جاھاندىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ئىچكۈزدۈم؛ ئۇلارنىڭ ئارقىدىن شېشاقنىڭ پادىشاھىمۇ قەدەھنى* ئىچىدۇ. ◼ 25:26 +bd «شېشاقنىڭ پادىشاھى»+bd* ــ بابىلنىڭ پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبرانىي تىلى ئېلىپبەسىدە «بابىل» (بابىلون) دېگەن سۆز، «شېشاق» دېگەن سۆزنىڭ «تەتۈر»ىسى؛ يەنى، ئىبرانىي تىلىدا 2-ھەرپ «ب»نى ھەرپلەرنى ئاخىرىدىن سانىغاندا، 2-ھەرپ («ش») بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ. بارلىق باشقا ھەرپلەرنى «تەتۈر»ىسى بىلەن ئوخشاش يولدا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
27ئاندىن سەن ئۇلارغا: «ئىسرائىلنىڭ خۇداسى، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىچىڭلار، مەست بولۇڭلار، قۇسۇڭلار، مەن ئاراڭلارغا ئەۋەتكەن قىلىچ تۈپەيلىدىن يىقىلىپ قايتىدىن دەس تۇرماڭلار» ــ دېگىن.
28ۋە شۇنداق بولىدۇكى، ئۇلار قولۇڭدىن ئېلىپ ئىچىشنى رەت قىلسا، سەن ئۇلارغا: «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر چوقۇم ئىچىسىلەر!» ــ دېگىن.
29چۈنكى مانا، مەن ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان شەھەر ئۈستىگە ئاپەت چۈشۈرگىلى تۇرغان يەردە، سىلەر جازالانماي قالامسىلەر؟ سىلەر جازالانماي قالمايسىلەر؛ چۈنكى مەن يەر يۈزىدە بارلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە قىلىچنى چۈشۈشكە چاقىرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ◘ 25:29 1پېت. 4:17*
30ئەمدى سەن يەرەمىيا*، ئۇلارغا مۇشۇ بېشارەتنىڭ سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاكارلىغىن: ــ
31ساداسى يەر يۈزىنىڭ چەتلىرىگىچە يېتىدۇ؛
32ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
33پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر يەرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ياتىدۇ؛ ئۇلارغا ماتەم تۇتۇلمايدۇ، ئۇلار بىر يەرگە يىغىلمايدۇ، ھېچ كۆمۈلمەيدۇ؛ ئۇلار يەر يۈزىدە تېزەكتەك ياتىدۇ. ◼ 25:33 +bd «پەرۋەردىگار ئۆلتۈرگەنلەر يەرنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە ياتىدۇ...»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ بېشارەت بابىل ئىمپېرىيەسىنىڭ پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بىتچىت قىلىنىشىدىن ئاخىرقى زامانغا ئاتلاپ، شۇ كۈنلەردىكى ۋەقەلەرنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 25:33 يەر. 16:4*
34ئى باققۇچىلار، زارلاڭلار، نالە كۆتۈرۈڭلار!
35پادا باققۇچىلىرىنىڭ باشپاناھى،
36باققۇچىلارنىڭ ئازابلىق پەريادى،
37پەرۋەردىگارنىڭ دەھشەتلىك غەزىپى تۈپەيلىدىن،