1شۇ يىلدا، يەھۇدا پادىشاھى زەكەرىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يەنى تۆتىنچى يىلى، بەشىنچى ئايدا، ئاززۇرنىڭ ئوغلى، گىبېئون شەھىرىدىكى ھانانىيا پەيغەمبەر، كاھىنلار ۋە بارلىق خالايىق ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە ماڭا: ــ
2ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرىۋەتتىم! ◼ 28:2 +bd «مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرۇۋەتتىم!»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، بۇ ساختا پەيغەمبەرنىڭ سۆزى يەرەمىيا 27-بابتا «نېبوقادنەسارنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىنى قوبۇل قىلىشىڭلار كېرەك» ۋە «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە قالغان قاچا-قۇچىلارمۇ ئېپكېتىلىدۇ» دېگەن بېشارەتنى ئىنكار قىلىشتىن ئىبارەت.*
3بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مۇشۇ يەردىن ئېپكەتكەن، بابىلغا ئاپارغان، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى بولسا، ئىككى يىل ئۆتمەيلا مەن مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ ئېپكېلىمەن؛ ◘ 28:3 يەر. 27:16*
4ۋە مەن يەھۇدا پادىشاھى، يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى يەكونىياھنى يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى بىلەن تەڭ مۇشۇ يەرگە قايتۇرۇپ بېرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى مەن بابىل پادىشاھىنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرۇۋېتىمەن!» ــ دېدى.
5ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر كاھىنلار ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرغان بارلىق خالايىق ئالدىدا ھانانىيا پەيغەمبەرگە سۆز قىلدى.
6يەرەمىيا پەيغەمبەر مۇنداق دېدى: «ئامىن! پەرۋەردىگار شۇنداق قىلسۇن! پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشارەت بەرگەن سۆزلىرىڭنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنكى، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىدىكى قاچا-قۇچىلار ۋە يەھۇدادىن بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى مۇشۇ يەرگە قايتۇرسۇن!
7لېكىن ئۆز قۇلىقىڭغا ۋە بارلىق خەلقنىڭ قۇلىقىغا سېلىپ قويۇلىدىغان مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى ئاڭلا!
8ــ مېنىڭ ۋە سېنىڭدىن بۇرۇن، قەدىمدىن تارتىپ بولغان پەيغەمبەرلەرمۇ نۇرغۇن پادىشاھلىقلار ۋە ئۇلۇغ دۆلەتلەر توغرۇلۇق، ئۇرۇش، ئاپەت ۋە ۋابالار توغرۇلۇق بېشارەت بېرىپ كەلگەن؛
9تىنچلىق-ئاۋاتلىق توغرۇلۇق بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەر بولسا، شۇ پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، ئۇ ھەقىقەتەن پەرۋەردىگار ئەۋەتكەن پەيغەمبەر دەپ تونۇلغاندۇر!».
10ئاندىن ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرۇۋەتتى. ◼ 28:10 +bd «يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇق»+bd* ــ 2:27نى كۆرۈڭ.*
11ھانانىيا خەلق ئالدىدا سۆز قىلىپ: «پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا ئوخشاش، ئىككى يىل ئۆتمەيلا بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن!» ــ دېدى.
12ھانانىيا پەيغەمبەر يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ بوينىدىكى بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ ئۇنى سۇندۇرۇۋەتكەندىن بىرئاز كېيىن، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
13بارغىن، ھانانىياغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «سەن ياغاچتىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سۇندۇرغىنىڭ بىلەن، لېكىن ئۇنىڭ ئورنىغا تۆمۈردىن بولغان بويۇنتۇرۇقنى سېلىپ قويدۇڭ!
14چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن شۇنىڭغا بۇ بارلىق ئەللەرنىڭ بوينىغا تۆمۈردىن ياسالغان بويۇنتۇرۇقنى سالىمەنكى، ئۇلار بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ بەرھەق، ئۇلار ئۇنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ؛ مەن ئۇنىڭغا ھەتتا دالادىكى ھايۋانلارنىمۇ تەقدىم قىلغانمەن». ◘ 28:14 يەر. 27:6*
15ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر ھانانىيا پەيغەمبەرگە: «قۇلاق سال، ھانانىيا! پەرۋەردىگار سېنى ئەۋەتكەن ئەمەس! سەن بۇ خەلقنى يالغانچىلىققا ئىشەندۈرگەنسەن!
16شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: مانا، مەن سېنى يەر يۈزىدىن ئەۋەتىۋېتىمەن! سەن دەل مۇشۇ يىلدا ئۆلىسەن، چۈنكى سەن ئادەملەرنى پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىشقا دەۋەت قىلغانسەن». ◼ 28:16 +bd «سېنى يەر يۈزىدىن ئەۋەتىۋېتىمەن»+bd* ــ خۇدا بۇ ساخات پەيغەمبەرنى ئەسلىدە «ئەۋەتكەن ئەمەس» لېكىن ھازىر ئۇ ئۇنى «ئۆلۈمگە ئەۋەتىدۇ!»!* ◘ 28:16 قان. 13:6؛ يەر. 29:32*