1شۇنداق دېيىلىدۇكى، بىرسى ئايالىنى قويۇۋەتسە، ئايال ئۇنىڭدىن ئاجراشسا ۋە كېيىن ئۇ باشقا ئەرگە ياتلىق بولغان بولسا، بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟ لېكىن سەن شۇنچە كۆپ ئاشنىلىرىڭ بىلەن بۇزۇقلۇق قىلىپ تۇرۇپ يەنە يېنىمغا قايتاي دەۋاتامسەن تېخى؟ ◼ 3:1 +bd «...بىرىنچى ئېرى ئۇنىڭ بىلەن قايتا يارىشىۋالسا بولامدۇ؟ بۇنداق ئىش بۇ زېمىننى مۇتلەق بۇلغىمامدۇ؟»+bd* ــ «قان.» 1:24-4-ئايەتلەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. ئەگەر پەيغەمبەر مەزكۇر بېشارەتتە بۇ ئىشنى كۆزدە تۇتقان بولسا، ئۇنداقتا بۇ 3-بابنىڭ ئومۇمىي مەنىسىگە قارىغاندا، خۇدا مۇشۇنداق ئىشلارنى (ئاجرىشىش ئاندىن قايتا توي قىلىش) يەھۇدىيلارغا مەنئى قىلغىنى بىلەن، مۇشۇ يەردە خۇدا «مېنىڭ ئايالىم بولغان ئىسرائىل»نىڭ ئۆز يېنىمغا قايتىپ كېلىدىغان يولى بار، دېگەن ئوخشايدۇ (14-22-ئايەتلەردە، ئاخىرقى زامانلاردا پەرۋەردىگار مۇشۇنداق چەكسىز رەھىم-شەپقەتنى ئىسرائىل ھەم يەھۇداغا كۆرسىتىدۇ، دېيىلىدۇ).
2بېشىڭنى كۆتۈرۈپ يۇقىرىغا قاراپ باق؛ ــ
3شۇنىڭ ئۈچۈن قاتتىق يامغۇرلار تۇتۇپ قېلىنىپ ساڭا بېرىلمىدى ھەمدە «كېيىنكى يامغۇرلار» ياغمىدى. لېكىن سەندە تېخى پاھىشە ئايالنىڭ قېلىن يۈزى بار، ئىزا تارتىشنى ھېچ بىلگۈڭ يوقتۇر. ◼ 3:3 +bd «كېيىنكى يامغۇر»+bd* ــ قانائاندا 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ.*
4ھەتتا سەن باياتىن ماڭا: «ئى ئاتام، ياشلىقىمدىن باشلاپ ماڭا يېتەكچى ھەمراھ بولۇپ كەلدىڭ!» ــ دەيسەن، ۋە: ــ
5«ئۇ ھەردائىم غەزىپىنى ساقلامدۇ؟ ئۇ غەزىپىنى ئاخىرغىچە تۇتامدۇ؟» ــ دەيسەن. مانا، سەن شۇنداق دېگىنىڭ بىلەن، لېكىن سەن قولۇڭدىن كېلىشىچە رەزىللىك قىلغانسەن.
6يوسىيا پادىشاھنىڭ كۈنلىرىدە پەرۋەردىگار ماڭا: «ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ بارلىق ئېگىز تاغقا چىقىپ ھەم بارلىق يېشىل دەرەخ ئاستىغا كىرىپ شۇ يەرلەردە پاھىشىدەك بۇزۇقلۇق قىلغان» ــ دېدى. ◼ 3:6 +bd «ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ نېمە قىلغانلىقىنى كۆردۈڭمۇ؟»+bd* ــ مۇشۇ ئايەتتە «ئىسرائىل» شىمالىي پادىشاھلىق، يەنى «ئون قەبىلە»نى كۆرسىتىدۇ. «بۇزۇقلۇق» ئاساسەن بۇتپەرەسلىكنى كۆرسىتىدۇ؛ 20:2دىكى ئىزاھاتنىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 3:6 يەر. 2:20*
7ــ «مەن: ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندىن كېيىن، چوقۇم يېنىمغا قايتىپ كېلىدۇ، ــ دېدىم؛ لېكىن ئۇ قايتىپ كەلمىدى. ئۇنىڭ ئاسىي سىڭلىسى، يەنى يەھۇدا بۇنى كۆردى؛
8لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ، ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا قورقمىدى، بەلكى ئۆزىمۇ بېرىپ پاھىشىلىك قىلدى. ◼ 3:8 +bd «لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى كۆرۈپ،...»+bd* ــ بەزى كونا كۆچۈرمىلەردە مۇشۇ يەردە «لېكىن ۋاپاسىز ئىسرائىلنىڭ بارلىق زىنا قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭغا تالاق خېتىنى بېرىپ ئۇنى قويۇۋەتكىنىمنى مەن كۆردۈم،...» دېيىلىدۇ.*
9شۇنداق بولدىكى، ئۆز بۇزۇقچىلىقىنى شۇنچە كىچىك ئىش دەپ قارىغاچقا، ئۇ ھەتتا تاش ۋە ياغاچ بىلەن زىنا قىلىپ زېمىننى بۇلغىۋەتتى.
10بۇلارنىڭ ھەممىسىگە قارىماي ئىسرائىلنىڭ ئاسىي سىڭلىسى يەھۇدا تېخى پۈتۈن كۆڭلى بىلەن ئەمەس، پەقەت ساختىلىق بىلەن يېنىمغا قايتىپ كەلگەندەك بولۇۋالدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
11پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: ــ «ۋاپاسىز ئىسرائىل ئۆزىنى ئاسىي يەھۇدادىن ھەققانىي كۆرسەتتى.
12بارغىن، شىمالغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى جاكارلاپ مۇنداق دېگىن: ــ
13پەقەت سېنىڭ قەبىھلىكىڭنى، ــ پەرۋەردىگار خۇدايىڭغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىڭنى، ئۇيان-بۇيان قاتراپ يۈرۈپ ئۆزۈڭنى ھەربىر يېشىل دەرەخ ئاستىدا يات ئىلاھلارغا بېغىشلىغانلىقىڭنى، شۇنىڭدەك ئاۋازىمغا ھېچ قۇلاق سالمىغانلىقىڭنى ئىقرار قىلساڭلا مەندىن رەھىم-شەپقەت كۆرىسەن* ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
14قايتىپ كېلىڭلار، ئى يولدىن چىققۇچى بالىلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن؛ سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا* مەن سىلەردىن تاللىغانلارنى، يەنى ھەرقايسى شەھەردىن بىردىن، ھەرقايسى جەمەتتىن ئىككىدىن پۇقرانى زىئونغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. ◼ 3:14 +bd «چۈنكى مەن سىلەرنى ھەقىقىي سۆيگۈچىدۇرمەن»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «چۈنكى مەن سىلەرگە ئەردۇرمەن».*
15مەن سىلەرگە كۆڭلۈمدىكىدەك خەلق پادىچىلىرىنى تەقسىم قىلىمەن؛ ئۇلار سىلەرنى دانالىق-بىلىم، ئەقىل-پاراسەت بىلەن بېقىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. ◘ 3:15 يەر. 23:4؛ ئەز. 34:23؛ ئەف. 4:11*
16شۇنداق بولىدۇكى، شۇ كۈنلەردە سىلەر زېمىندا كۆپىيىپ، كۆپ پەرزەنتلىك بولغىنىڭلاردا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى!» دەپ يەنە تىلغا ئالمايسىلەر؛ ئۇ ھېچ ئېسىڭلارغا كەلمەيدۇ، ئۇنى ھېچ ئەسلىمەيسىلەر ۋە ئۇنى ھېچ سېغىنىمايسىلەر؛ سىلەر باشقا بىر ساندۇقمۇ ياسىمايسىلەر. ◼ 3:16 +bd «(سىلەر) ئۇنى ھېچ سېغىنىمايسىلەر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ئۇنى ئىزدەپ تاۋاپ قىلمايدۇ». +bd «سىلەر باشقا بىر ساندۇقمۇ ياسىمايسىلەر»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار قايتىدىن شۇنداق قىلمايدۇ». دېمىسەكمۇ «ئەھدە ساندۇقى» ئىبادەتخانا تۈزۈمىنىڭ مەركىزى بولغاچقا، بۇ ئايەت بەلكىم ئىبادەتخانا ۋە ئۇنىڭغا باغلىق تۈزۈمنىڭ (قۇربانلىقلار، كاھىنلار، نۇرغۇن قائىدە-يوسۇنلار) يېڭى بىر ئەھدە بىلەن ئىناۋەتسىز قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 31:31-34 ۋە ئىزاھاتلارنى كۆرۈڭ.*
17شۇ تاپتا ئۇلار يېرۇسالېمنى «پەرۋەردىگارنىڭ تەختى» دەپ ئاتايدۇ؛ بارلىق ئەللەر ئۇنىڭغا يىغىلىدۇ، ــ يەنى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا، يېرۇسالېمغا يىغىلىدۇ؛ ئۇلار قەلبىدىكى رەزىل جاھىللىقىغا قايتىدىن ھېچ ئەگىشىپ ماڭمايدۇ.
18شۇ كۈنلەردە يەھۇدا جەمەتى ئىسرائىل جەمەتى بىلەن بىرلىكتە ماڭىدۇ؛ ئۇلار شىمال زېمىنىدىن بىللە چىقىپ مەن ئاتا-بوۋىلىرىغا مىراس بولۇشقا تەقدىم قىلغان زېمىنغا كېلىدۇ.
19مەن: «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ، ساڭا گۈزەل زېمىننى، يەنى كۆپلىگەن ئەللەرنىڭ زېمىنلىرى ئارىسىدىكى ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!» ــ دېدىم، ۋە: «سەن مېنى «مېنىڭ ئاتام» دەيسەن، ۋە مەندىن يۈز ئۆرۈمەيسەن!» ــ دېدىم. ◼ 3:19 +bd «مەن سېنى بالىلىرىم قاتىرىغا قويۇپ،..ئەڭ كۆركەم جاينى مىراس قىلىپ ئاتا قىلىشنى شۇنچىلىك خالايتتىم!»+bd* ــ پەرۋەردىگار مۇشۇ ئايەتتە ئىسرائىلغا ئۆزىگە سادىق بولغان ئايالىنىڭ سۈپىتىدە سۆزلەيدۇ.*
20لېكىن بەرھەق، ئاسىيلىق قىلغان ئايال ئۆز جۆرىسىدىن ئايرىلغاندەك، سىلەر ماڭا ئاسىيلىق قىلغانسىلەر، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
21يۇقىرى جايلاردىن بىر ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ! ئۇ بولسا ئىسرائىل جەمەتىدىكىلەرنىڭ يىغا-پەريادلىرى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆز يولىنى بۇرمىلىغان، پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئۇنتۇغان.
22ــ قايتىپ كېلىڭلار، ئەي يولدىن چىققۇچى بالىلار؛ مەن سىلەرنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشىڭلارغا شىپا بولىمەن.
23ــ بەرھەق، ئېگىزلىكلەردە ھەم تاغلاردا ئاڭلىتىلغان بۇتپەرەسلىكنىڭ* قىيقاس-سۈرەنلىرى بىھۇدە ئىشتۇر! بەرھەق، ئىسرائىلنىڭ قۇتقۇزۇش-نىجاتى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىنلادۇر. ◼ 3:23 +bd «بۇتپەرەسلىكنىڭ قىيقاس-سۈرەنلىرى»+bd* ــ «بۇتپەرەسلىك» ئەينى تېكىستتە يوق، بىراق بىزنىڭچە ئايەت بۇنى كۆرسىتىدۇ. بۇتپەرەسلىكتە بۇتلاردىن «ياردەم سوراش» ئۈچۈن قىيقاس-سۈرەن كۆتۈرۈش كېرەك ئىدى.* ◘ 3:23 زەب. 121:1*
24لېكىن ياشلىقىمىزدىن تارتىپلا، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەجرىنى، يەنى ئۇلارنىڭ كالا-قوي پادىلىرىنى، قىز-ئوغۇللىرىنى ئاشۇ ئۇيات-نومۇس يەپ كەتكەن؛ ◼ 3:24 +bd «ئاشۇ ئۇيات-نومۇس»+bd* ــ مۇشۇ ئىبارە «بائال» دېگەن ئىنتايىن يىرگىنچلىك مەبۇدنى كۆرسىتىدۇ. 11-باب، 13-ئايەتنى كۆرۈڭ.*