1پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ ◼ 30:1 +bd «پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز..»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا «يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش» ھەم «قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش»نى جاكارلاشقا چاقىرغان (10:1). ئۇ «يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش ۋە ئۆرۈش» توغرۇلۇق بېشارەتلەر بەرگەندىن كېيىن، ھازىر ئۇنىڭغا «قۇرۇش ۋە تېرىپ ئۆستۈرۈش» توغرۇلۇق بېشارەتلەر (30-33-بابلار) بېرىلىدۇ.*
2ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن؛ ◼ 30:2 +bd «مەن ساڭا ھازىر دەيدىغان مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىمنى يازمىغا يازغىن»+bd* ــ «مۇشۇ بارلىق سۆزلىرىم» بەلكىم 30-31بابلاردا كۆرۈلىدۇ. سۆزلەر بەلكىم چۈش ئارقىلىق يەرەمىياغا تاپشۇرۇلغان (26:31نى كۆرۈڭ). ئۇلار ئەسلى ئايرىم ئورام كىتابچە بولۇشى كېرەك ئىدى.*
3چۈنكى مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن خەلقىم ئىسرائىل ھەم يەھۇدانى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا تەقدىم قىلغان زېمىنغا قايتۇرىمەن، ئۇلار ئۇنىڭغا ئىگە بولىدۇ.
4پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل توغرۇلۇق ۋە يەھۇدا توغرۇلۇق دېگەن سۆزلىرى تۆۋەندىكىدەك: ــ
5چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
6سوراڭلار، شۇنى كۆرۈپ بېقىڭلاركى، ئەر بالا تۇغامدۇ؟ مەن نېمىشقا ئەمدى تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ھەربىر ئەر كىشىنىڭ چاتىرىقىنى قولى بىلەن تۇتقانلىقىنى كۆرىمەن؟ نېمىشقا يۈزلىرى تاتىرىپ كەتكەندۇ؟ ◘ 30:6 يەر. 4:31؛ 6:24*
7ئايھاي، شۇ كۈنى دەھشەتلىكتۇر! ئۇنىڭغا ھېچقانداق كۈن ئوخشىمايدۇ؛ ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر؛ لېكىن ئۇ ئۇنىڭدىن قۇتقۇزۇلىدۇ. ◼ 30:7 +bd «ئۇ ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنىدۇر»+bd* ــ «ياقۇپ» مۇشۇ يەردە ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىل خەلقىنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە. بېشارەت بابىلدىن قايتۇرۇلۇشىنى كۆرسەتكىنى بىلەن، «ياقۇپنىڭ ئازاب-ئوقۇبەت كۈنى»نىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئاخىرقى زاماندا بولسا كېرەك.* ◘ 30:7 يو. 2:11؛ زەف. 1:15*
8شۇ كۈنىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇكى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن، ئاسارەتلىرىڭنى بۇزۇپ تاشلايمەن، يات ئادەملەر ئۇنى ئىككىنچى قۇللۇققا چۈشۈرمەيدۇ. ◼ 30:8 +bd «مەن ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى بوينۇڭدىن ئېلىپ سۇندۇرۇۋېتىمەن»+bd* ــ «ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىنى» دېگىنى مۇشۇ يەردە ئاۋۋال نەبوقادنەسارنىڭ قۇللۇقىنى، ھەمدە ئاخىرقى زاماندىكى بابىل پادىشاھى «دەججال»نىڭ قۇللۇقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ.*
9شۇنىڭ ئورنىدا ئۇلار پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ھەمدە مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھىنىڭ قۇللۇقىدا بولىدۇ. ◼ 30:9 +bd «مەن ئۇلار ئۈچۈن قايتىدىن تىكلەيدىغان داۋۇت پادىشاھى...»+bd* ــ «داۋۇت پادىشاھى» شۈبھىسىزكى، داۋۇتنىڭ ئۆزىدىن ئۇلۇغ بولغان ئەۋلادى قۇتقۇزغۇچى-مەسىھنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 30:9 ئەز. 34:23،24؛ 37:24؛ ھوش. 3:5*
10ئەمدى سەن، ئى قۇلۇم ياقۇپ، قورقما، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئالاقزادە بولما، ئى ئىسرائىل؛ چۈنكى مانا، مەن سېنى يىراق يەرلەردىن، سېنىڭ نەسلىڭنى سۈرگۈن بولغان زېمىندىن قۇتقۇزىمەن؛ ياقۇپ قايتىپ كېلىدۇ، ئارام تېپىپ ئازادە تۇرىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇنى قورقۇتمايدۇ. ◘ 30:10 يەش. 41:13؛ 43:5؛ 44:1؛ يەر. 46:28*
11چۈنكى مەن سېنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن سەن بىلەن بىللىدۇرمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ مەن سېنى تارقىتىۋەتكەن ئەللەرنىڭ ھەممىسىنى تۈگەشتۈرسەممۇ، لېكىن سېنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن؛ پەقەت ئۈستۈڭدىن ھۆكۈم چىقىرىپ تەربىيە-ساۋاق بېرىمەن؛ سېنى جازالىماي قويۇپ قويمايمەن. ◘ 30:11 يەش. 27:8؛ يەر. 4:27؛ 5:10،18؛ 10:24؛ 46:28؛ پەند. 11:4؛ ئەز. 7:19؛ زەف. 1:14-16، 18؛ دان. 9:26-27؛ يەش. 10:22-23؛ 22:28؛ ناھ. 9:1*
12چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ زېدەڭ داۋالىغۇسىز، سېنىڭ ياراڭ بولسا ئىنتايىن ئېغىردۇر. ◘ 30:12 يەر. 10:19؛ 15:18*
13سېنىڭ دەۋايىڭنى سورايدىغان ھېچكىم يوق، ياراڭنى تاڭغۇچى يوقتۇر، ساڭا شىپالىق دورىلار يوقتۇر؛
14سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان؛ ئۇلار سېنىڭ ھالىڭنى ھېچ سورىمايدۇ. چۈنكى مەن سېنى دۈشمەندەك زەرب بىلەن ئۇرغانمەن، رەھىمسىز بىر زالىمدەك ساڭا ساۋاق بولسۇن دەپ ئۇرغانمەن؛ چۈنكى سېنىڭ قەبىھلىكىڭ ھەددى-ھېسابسىز، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغان. ◼ 30:14 +bd «سېنىڭ بارلىق ئاشنىلىرىڭ سېنى ئۇنتۇغان»+bd* ــ «ئاشنىلىرىڭ» مۇشۇ يەردە (1) ئىسرائىلغا «سىلەرگە ئىتتىپاقداش بولايلى» دېگەن بۇتپەرەس ئەللەرنى (2) يەھۇدادىكىلەر چوقۇنغان ھەم تايانغان بۇتلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.* ◘ 30:14 يەر. 22:20*
15نېمىشقا زېدەڭ تۈپەيلىدىن، دەرد-ئەلىمىڭ داۋالىغۇسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن پەرياد كۆتۈرىسەن؟ قەبىھلىكىڭنىڭ ھەددى-ھېسابسىز بولغانلىقىدىن، گۇناھلىرىڭ ھەددىدىن زىيادە بولغانلىقىدىن، مەن شۇلارنى ساڭا قىلغانمەن. ◘ 30:15 يەر. 5:6؛ 13:17*
16لېكىن سېنى يۇتۇۋالغانلارنىڭ ھەممىسى يۇتۇۋېلىنىدۇ؛ سېنىڭ بارلىق كۈشەندىلىرىڭ بولسا سۈرگۈن بولىدۇ؛ سېنى بۇلىغانلارنىڭ ھەممىسى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ؛ سېنى ئوۋ قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئوۋلىنىدىغان قىلىمەن. ◘ 30:16 مىس. 23:22؛ يەش. 41:11؛ يەر. 10:25*
17چۈنكى مەن ساڭا تېڭىق تېڭىپ قويىمەن ۋە يارىلىرىڭنى ساقايتىمەن ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ چۈنكى ئۇلار سېنى: «غېرىب-بىچارە، ھېچكىم ھالىنى سورىمايدىغان زىئون دەل مۇشۇدۇر» دەپ ھاقارەتلىگەن.
18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
19شۇ جايلاردىن تەشەككۈر كۈيلىرى ۋە شاد-خۇراملىق سادالىرى ئاڭلىنىدۇ؛
20ئۇلارنىڭ بالىلىرى قەدىمدىكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ جامائىتى ئالدىمدا مەزمۇت تۇرغۇزۇلىدۇ؛
21ئۇلارنىڭ بېشى ئۆزلىرىدىن بولىدۇ،
22ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر،
23مانا، پەرۋەردىگاردىن چىققان بىر بوران-چاپقۇن!