1شۇ ۋاقىتتا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.
2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان؛ مەن كېلىپ ئۇلارنى ئارام تاپقۇزىمەن. ◼ 31:2 +bd «قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق، يەنى ئىسرائىل، چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان»+bd* ــ «ئىسرائىل» مۇشۇ يەردە ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 722-يىلى ئۆزىگە سۈرگۈن قىلغان ئون قەبىلىنى كۆرسىتىدۇ. «قىلىچتىن ئامان قالغان خەلق» يەنە بابىلغا سۈرگۈن بولغان يەھۇدانى كۆرسىتىدۇ (50:51نى كۆرۈڭ). «چۆل-باياۋاندا ئىلتىپاتقا ئىگە بولغان» دېگەن سۆزلەر، ئىسرائىل مىسىردىن قۇتقۇزۇلۇپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ نۇرغۇن كارامەت ئىشلارنى كۆرگەندەك، مۇشۇ سۈرگۈن بولغان ئىسرائىل بىلەن يەھۇدا بابىل ۋە باشقا شىمالىي تەرەپلەردىن تەڭ قۇتقۇزۇلۇپ، چۆل-باياۋاندىن ئۆتۈپ خۇدانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن نۇرغۇن كارامەت ئىشلارنى كۆرىدۇ.*
3پەرۋەردىگار يىراق يۇرتتا بىزگە كۆرۈنۈپ: «مەن سېنى مەڭگۈ بىر مۇھەببەت بىلەن سۆيۈپ كەلدىم؛ شۇڭا مەن ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىق بىلەن سېنى ئۆزۈمگە تارتىپ كەلگەنمەن.
4مەن سېنى قايتىدىن قۇرىمەن، شۇنىڭ بىلەن سەن قۇرۇلىسەن، ئى ئىسرائىل قىزى! سەن قايتىدىن داپلىرىڭنى ئېلىپ شاد-خۇرام قىلغانلارنىڭ ئۇسسۇللىرىغا چىقىسەن. ◘ 31:4 يەر. 30:19*
5سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ. ◼ 31:5 +bd «سەن قايتىدىن سامارىيەنىڭ تاغلىرى ئۈستىگە ئۈزۈمزارلار تىكىسەن؛ ئۇلارنى تىككۈچىلەر ئۆزلىرى تىكىپ، مېۋىسىنى ئۆزلىرى يەيدۇ»+bd* ــ ئۈزۈمزارنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۇزۇن ۋاقىت كېرەك بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى شۇ چاغنىڭ ئامان-تىنچلىق كۈنلەر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 31:5 يەش. 65:21*
6چۈنكى ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: «تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا ئىبادەت قىلىشقا زىئونغا چىقايلى!» ــ دەپ نىدا كۆتۈرىدىغان كۈنى كېلىدۇ. ◼ 31:6 +bd «ئەفرائىمنىڭ ئېگىزلىكىدە تۇرغان كۆزەتچىلەر: ...»+bd* ــ «ئەفرائىم» دېگەنلىك مۇشۇ يەرنى «ئىسرائىل»، يەنى «شىمالىي پادىشاھلىق»نى كۆرسىتىدۇ (شىمالىي پادىشاھلىقتىكى ئون قەبىلە بەزى ۋاقىتلاردا قىسقىچە «ئەفرائىم» دەپ ئاتالغان). «ئىسرائىل» يەھۇدادىن ئايرىلىپ چىققان ۋاقتىدا، ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى ئۆز پۇقرالىرىنى بۇرۇنقىدەك يەھۇدا بىلەن بىللە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا ئىبادەت قىلسا، ئۇنداقتا ئۆزىدىن يۈز ئۆرۈپ كېتىشى ياكى يالتىيىشى مۇمكىن دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ يېرۇسالېمغا بارماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ «ئىبادەتخانا»سىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا بۇتلارنى سالغان. مۇشۇ بېشارەت، كەلگۈسىدە مۇشۇنداق ھەسەتخورلۇق مەۋجۇت بولمايدۇ، يەھۇدا ۋە ئەفرائىمنىڭ خۇدانىڭ ئىبادىتىدە قەلبى بىر بولىدۇ، دەيدۇ. +bd «كۆزەتچىلەر»+bd* ــ بۇلارنىڭ ئادەتتىكى بۇرچى، دۈشمەنلەرنىڭ يېقىن كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ئاگاھ بېرىش. لېكىن شۇ كۈنلەر تىنچ-ئامان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ بىردىنبىر بۇرجى «يېڭى ئاي»نى بايقاپ، بايرام-ھېيتلارنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك يېرۇسالېمغا چىقايلى، دەپ جاكارلاشتىن ئىبارەت بولىدۇ.* ◘ 31:6 يەش. 2:2، 3؛ مىك. 4:2*
7چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
8مانا، مەن ئۇلارنى شىمالىي يۇرتلاردىن ئېپكېلىمەن،
9ئۇلار يىغا-زارلار كۆتۈرۈپ كېلىدۇ،
10پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى ئەللەر،
11چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنى بەدەل تۆلەپ قۇتۇلدۇرغان،
12ئۇلار كېلىپ زىئوندىكى ئېگىزلىكلەردە شاد-خۇراملىقتا توۋلايدۇ،
13شۇ چاغدا قىزلار ئۇسسۇلدا شادلىنىدۇ،
14مەن كاھىنلارنى مولچىلىق بىلەن تويغۇزىمەن،
15پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ
16پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا* مۇنداق دەيدۇ: ــ يىغا-زارىڭنى توختات، كۆزلىرىڭنى ياشلاردىن تارت؛ چۈنكى مۇنۇ تارتقان جاپايىڭدىن مېۋە بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۇلار دۈشمەننىڭ زېمىنىدىن قايتىدۇ؛
17بەرھەق، كېلەچىكىڭ ئۈمىدلىك بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ۋە سېنىڭ بالىلىرىڭ يەنە ئۆز چېگرىسىدىن كىرىپ كېلىدۇ.
18مەن دەرۋەقە ئەفرائىمنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئۆكۈنۈپ:
19چۈنكى بىز توۋا قىلدۇرۇلۇشىمىز بىلەن ھەقىقەتەن توۋا قىلدۇق؛
20ــ ئەفرائىم ماڭا نىسبەتەن جان-جىگەر بالام ئەمەسمۇ؟
21ــ شۇڭا ئۆزۈڭگە يول بەلگىلىرىنى بېكىتىپ قويغىن؛
22سەن قاچانغىچە تېنەپ يۈرىسەن، ئى يولدىن چىققۇچى قىزىم؟
23ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئۇلارنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرگىنىمدە يەھۇدانىڭ زېمىنىدا ۋە شەھەرلىرىدە خەقلەر يەنە يېرۇسالېم توغرۇلۇق*: «پەرۋەردىگار سېنى بەختلىق قىلغاي، ئى ھەققانىيلىق تۇرغان جاي، پاك-مۇقەددەسلىكنىڭ تېغى!» دەيدىغان بولىدۇ. ◘ 31:23 يەر. 50:7*
24شۇ يەردە يەھۇدا ــ شەھەرلىرىدىكىلەر، دېھقانلار ۋە پادا باققۇچى كۆچمەن چارۋىچىلار ھەممىسى بىللە تۇرىدۇ.
25چۈنكى مەن ھېرىپ كەتكەن جان ئىگىلىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقىمەن، ھەربىر ھالىدىن كەتكەن جان ئىگىلىرىنى يېڭىلاندۇرىمەن.
26ــ مەن يەرەمىيا* بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن. ◼ 31:26 +bd «ــ مەن يەرەمىيا بۇنى ئاڭلاپ ئويغاندىم، ئەتراپقا قارىدىم، ناھايىتى تاتلىق ئۇخلاپتىمەن»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ ئايەت كەلگۈسىدىكى ئىسرائىلنىڭ ئەھۋالىنى كۆرسىتىپ: «ئۇلار شۇ چاغدا: «بىز ھازىر ئويغىنىپ ئەتراپقا قارىساق، ياخشى ئۇيقۇدىن بەھرىمەن بولدۇق» دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. بىزنىڭچە بەلكىم خۇدانىڭ سۆزى يەرەمىياغا چۈشىدە كەلگەندۇر.*
27مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىدە ۋە يەھۇدا جەمەتىدە ئىنسان نەسلىنى ۋە ھايۋانلارنىڭ نەسلىنى تېرىپ ئۆستۈرىمەن.
28شۇنداق بولىدۇكى، مەن ئۇلارنى يۇلۇش، سۆكۈش، ھالاك قىلىش، ئاغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارغا نەزىرىمنى سالغاندەك، مەن ئۇلارنى قۇرۇش ۋە تىكىپ ئۆستۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۇلارغا نەزىرىمنى سالىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
29شۇ كۈنلەردە ئۇلار يەنە: «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ» دېگەن مۇشۇ ماقالنى ھېچ ئىشلەتمەيدۇ. ◼ 31:29 +bd «ئاتىلار ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەن، شۇڭا بالىلارنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ»+bd* ــ دېمەك، ئاتا-بوۋىمىز يامان ئىش قىلغان، بىراق بىز ئۇنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى، خۇدانىڭ جازاسىنى كۆرىمىز. 30-ئايەتنى كۆرۈڭ.* ◘ 31:29 ئەز. 18:2، 3*
30چۈنكى ھەربىرسى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلىدۇ؛ ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ. ◼ 31:30 +bd «ئاچچىق-چۈچۈك ئۈزۈملەرنى يېگەنلەرنىڭ بولسا، ئۆزىنىڭ چىشى قېرىق سېزىلىدۇ»+bd* ــ بۇ 30-ئايەتتىكى ماقال 29-ئايەتتىكى مەقۇلنىڭ ئەكسىدۇر. «ئەزاكىيال پەيغەمبەر» كىتابىدا ئىزاھلىغىنىمىز («قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە، «ئەز.» 12:18 توغرۇلۇق ئېيتىلغان)دەك، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ گۇناھلىرى بالا-ئەۋلادلىرىغا مەلۇم بىر تەسىرى باردۇر، دەپ ئەكس ئېتىدۇ؛ لېكىن خۇدا ھازىر يېڭى ئەھدىنى (31-34نى كۆرۈڭ) ئۇلار بىلەن تۈزمەكچى بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ خۇدا بىلەن ئالاھىدە مۇناسىۋەت-دوستلۇقى بار بولىدۇ، ئۆتكەندىكى ئىشلار ئۇلارغا ھېچقانداق تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.*
31مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى بىلەن يېڭى ئەھدە تۈزىمەن؛ ◘ 31:31 ئىبر. 8:8*
32بۇ ئەھدە ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزۈشكەن ئەھدىگە ئوخشىمايدۇ؛ شۇ ئەھدىنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىنى قولىدىن تۇتۇپ مىسىردىن قۇتقۇزۇپ يېتەكلىگىنىمدە ئۇلار بىلەن تۈزگەنىدىم؛ گەرچە مەن ئۇلارنىڭ يولدىشى بولغان بولساممۇ، مېنىڭ شۇ ئەھدەمنى ئۇلار بۇزغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
33چۈنكى شۇ كۈنلەردىن كېيىن، مېنىڭ ئىسرائىل جەمەتى بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەم مانا شۇكى:
34شۇندىن باشلاپ ھېچكىم ئۆز يېقىنىغا ياكى ئۆز قېرىندىشىغا: ــ «پەرۋەردىگارنى تونۇغىن» دەپ ئۆگىتىپ يۈرمەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىدىن چوڭىغىچە ھەممىسى مېنى تونۇپ بولغان بولىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرىمەن ھەمدە ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ھەرگىز ئېسىمگە كەلتۈرمەيمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◘ 31:34 يەش. 54:13؛ يەر. 33:8؛ مىك. 7:18؛ يـۇھ. 6:45؛ روس. 10:43*
35قۇياشنى كۈندۈزدە نۇر بولسۇن دەپ بەرگەن، ئاي-يۇلتۇزلارنى كېچىدە نۇر بولسۇن دەپ بەلگىلىگەن، دولقۇنلىرىنى شارقىرىتىپ دېڭىزنى قوزغايدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ (ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇنىڭ نامىدۇر): ــ ◘ 31:35 يار. 1:16؛ يەش. 51:15*
36ــ مۇشۇ بەلگىلىگەنلىرىم مېنىڭ ئالدىمدىن يوقاپ كەتسە، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئەمدى ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ مېنىڭ ئالدىمدىن بىر ئەل بولۇشتىن مەڭگۈگە قېلىشى مۇمكىن.
37پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ يۇقىرىدا ئاسمانلار مۆلچەرلەنسە، تۆۋەندە يەر ئۇللىرى تەكشۈرۈلۈپ بىلىنسە، ئەمدى مەن ئىسرائىلنىڭ بارلىق ئەۋلادلىرىنىڭ قىلغان ھەممە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلاردىن ۋاز كېچىپ تاشلىغۇچى بولىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
38مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شەھەر مەخسۇس ماڭا ئاتىلىپ «ھانانىيەلنىڭ مۇنارى»دىن «دوقمۇش دەرۋازىسى»غىچە قايتىدىن قۇرۇلىدۇ؛
39ئۆلچەم تانىسى قايتىدىن ئۆلچەش ئۈچۈن شۇ يەردىن «گارەب دۆڭى»گىچە، ئاندىن گوئاتقا بۇرۇلۇپ سوزۇلىدۇ؛