يەرەمىيا 33:1-25 UIGB2010 - Bible AI

1يەرەمىيا تېخى قاراۋۇللارنىڭ ھويلىسىدا قاماپ قويۇلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى ئۇنىڭغا ئىككىنچى قېتىم كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

2ئىشنى قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگار، ئىشنى شەكىللەندۈرگۈچى ھەم ئۇنى بېكىتكۈچى مەنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن ــ پەرۋەردىگار مېنىڭ نامىمدۇر ــ ◼ 33:2 +bd «ئىشنى قىلغۇچى»+bd* ــ نېمە ئىش ئىكەنلىكى بەلكىم كېيىنكى 4-26-ئايەتلەردە تەسۋىرلىنىدۇ.*

3ماڭا ئىلتىجا قىل، مەن ساڭا جاۋاب قايتۇرىمەن، شۇنداقلا سەن بىلمەيدىغان، بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا ئايان قىلىمەن.

4چۈنكى دۈشمەننىڭ* دۆڭ-پوتەيلىرىگە ھەم قىلىچىغا تاقابىل تۇرۇشقا ئىستىھكاملار قىلىش ئۈچۈن چېقىلغان بۇ شەھەردىكى ئۆيلەر ۋە يەھۇدا پادىشاھلىرىنىڭ ئوردىلىرى توغرۇلۇق ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ

5«كالدىيلەر بىلەن قارشىلىشىمەن» دەپ شەھەرگە كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، پەقەت مەن غەزىپىم ۋە قەھرىمدە ئۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر، خالاس. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن يۈزۈمنى بۇ شەھەردىن ئۆرۈپ يوشۇرغانمەن. ◼ 33:5 +bd ««كالدىيلەر بىلەن قارشىلىشىمەن» دەپ شەھەرگە كىرگەنلەر... پەقەت مەن غەزىپىم ۋە قەھرىمدە ئۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن بۇ ئۆيلەرنى تولدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەنلەر، خالاس. ئۇلارنىڭ بارلىق رەزىللىكى تۈپەيلىدىن يۈزۈمنى بۇ شەھەردىن ئۆرۈپ يوشۇرغانمەن»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر ئايەتتىكى باشقا خىل تەرجىمىلەرنى ئۇچرىتىشى مۇمكىن. لېكىن ئومۇمىي مەنىسى تەرجىمىمىزنىڭكىدەك بولىدۇ.*

6ھالبۇكى مانا، مەن بۇ شەھەرگە شىپا قىلىپ دەردىگە دەرمان بولىمەن؛ مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن، ئۇلارغا چەكسىز ئارامبەخش ھەم ھەقىقەتنى يېشىپ ئايان قىلىمەن. ◼ 33:6 +bd «ھالبۇكى مانا، مەن بۇ شەھەرگە شىپا قىلىپ دەردىگە دەرمان بولىمەن؛ مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن، ...»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، خۇدا يەرەمىياغا ئېيتقان «بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلار» بۇ ئايەتتىن باشلاپ ئۇنىڭغا ئېچىپ كۆرسىتىلىدۇ.*

7مەن يەھۇدانى ھەم ئىسرائىلنى سۈرگۈندىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن؛ ئۇلارنى ئاۋۋالقىدەك قۇرۇپ چىقىمەن. ◘ 33:7 يەر. 24‏:6؛ 31‏:4؛ 32‏:44*

8مەن ئۇلارنى مەن بىلەن قارشىلىشىپ گۇناھقا پېتىپ سادىر قىلغان بارلىق قەبىھلىكىدىن پاكلاندۇرىمەن، مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھقا پېتىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بارلىق قەبىھلىكلىرىنى كەچۈرىمەن؛ ◘ 33:8 يەر. 31‏:34*

9يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپاتنى ئاڭلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ شەھەر* كىشىنى شادلاندۇرۇپ، ئۆزۈمگە مەدھىيەلەرنى قوزغاپ، شان-شەرەپ كەلتۈرۈپ نام-شۆھرەت ھاسىل قىلىدۇ؛ ئەللەر مەن ئۇلارغا يەتكۈزگەن بارلىق ئىلتىپات ۋە ئارامبەخشلىكتىن مەندىن* قورقۇپ تىترەيدىغان بولىدۇ.

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مۇشۇ يەر توغرۇلۇق: «ئۇ بىر خارابىلىك، ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولدى!» دەيسىلەر ــ دۇرۇس. لېكىن خارابە بولغان، ئادەمزاتسىز، ئاھالىسىز، ھايۋاناتسىز بولغان يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا

11يەنە تاماشىنىڭ ساداسى، شاد-خۇراملىق ساداسى ۋە تويى بولۇۋاتقان يىگىت-قىزنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ، شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە «تەشەككۈر قۇربانلىقلىرى»نى ئاپارغانلارنىڭ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتىڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار مېھرىباندۇر، ئۇنىڭ مۇھەببىتى مەڭگۈلۈكتۇر» دەيدىغان ئاۋازلىرى قايتىدىن ئاڭلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن سۈرگۈن بولغانلارنى قايتۇرۇپ زېمىندىكى ئاۋاتلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◘ 33:11 يەر. 7‏:34*

12چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ خارابە بولغان ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولغان بۇ يەردە ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە قوي باققۇچىلارنىڭ ئۆز پادىلىرىنى ياتقۇزىدىغان قوتانلىرى قايتىدىن بار بولىدۇ. ◼ 33:12 +bd «خارابە بولغان ئادەمزاتسىز ۋە ھايۋاناتسىز بولغان بۇ يەردە ۋە ئۇنىڭ بارلىق شەھەرلىرىدە قوي باققۇچىلارنىڭ ئۆز پادىلىرىنى ياتقۇزىدىغان قوتانلىرى قايتىدىن بار بولىدۇ»+bd* ــ 4-، 10- ۋە بۇ 12-ئايەتتە، پەرۋەردىگار يەرەمىياغا «سەن بىلىپ باقمىغان ھەم بۈيۈك ھەم تىلسىمات ئىشلارنى ساڭا كۆرسىتىمەن» دېگەن ۋەدىسى بويىچە، كەلگۈسى زاماندا كارامەت ئىشلارنى كۆرسىتىدىغان ئۈچ بېشارەت بىزگە تونۇشتۇرۇلىدۇ.*

13جەنۇبىي* تاغلىقتىكى شەھەرلەردە، غەربتىكى* يەھۇدانىڭ «شەفەلاھ» ئېگىزلىكىدىكى شەھەرلەردە، جەنۇبىي باياۋانلاردىكى شەھەرلەردە، بىنيامىننىڭ يۇرتىدا، يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلىرىدا ۋە يەھۇدانىڭ شەھەرلىرىدىمۇ قوي پادىلىرى ئۇلارنى سانىغۇچىنىڭ قولى ئاستىدىن قايتىدىن ئۆتىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◼ 33:13 +bd «سانىغۇچىنىڭ قولى ئاستىدىن ئۆتۈش»+bd* ــ بەلكىم قويلار قوتانغا قايتىپ كىرگەندە، ئۇلاردىن ھېچقايسىسىنىڭ كەم قالماسلىقى ئۈچۈن تەكشۈرۈلۈشتۇر.*

14مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن ئىسرائىل جەمەتىگە ھەم يەھۇدا جەمەتىگە ئېيتقان شەپقەتلىك ۋەدەمگە ئەمەل قىلىمەن. ◘ 33:14 يەر. 29‏:10*

15شۇ كۈنلەر ۋە ئۇ چاغدا مەن داۋۇت نەسلىدىن «ھەققانىي شاخ»نى زېمىندا ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن؛ ئۇ زېمىندا توغرا ھۆكۈم ۋە ھەققانىيلىق يۈرگۈزىدۇ. ◼ 33:15 +bd «... ئۇ چاغدا مەن داۋۇت نەسلىدىن «ھەققانىي شاخ»نى زېمىندا ئۆستۈرۈپ چىقىرىمەن...»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېسىدە باركى، خۇدا داۋۇت پادىشاھ-پەيغەمبەرگە: «قۇتقۇزغۇچى-مەسىھ» سېنىڭ نەسلىڭدىن چىقىدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن (مەسىلەن، «2سام.»، 7-بابنى، زەبۇردىكى 18-، 45- ۋە 72-كۈيلەرنى ھەم مەزكۇر كىتاب 5:23نىمۇ كۆرۈڭ).* ◘ 33:15 يەر. 23‏:5*

16شۇ كۈنلەردە يەھۇدا قۇتقۇزۇلىدۇ، يېرۇسالېم ئارامبەخشتە تۇرىدۇ؛ شۇ چاغدا* يېرۇسالېم: «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزدۇر» دېگەن نام بىلەن ئاتىلىدۇ.

17چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ داۋۇتنىڭ ئىسرائىل جەمەتىنىڭ تەختىگە ئولتۇرۇشقا لايىق نەسلى ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ،

18ياكى لاۋىيلاردىن بولغان كاھىنلاردىن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى مېنىڭ ئالدىمدا دائىم سۇنىدىغان ئادەم ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. ◘ 33:18 يەر. 17‏:26*

19پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

20پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر مېنىڭ كۈندۈز بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ۋە كېچە بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزۇپ، كۈندۈز ۋە كېچىنى ئۆز ۋاقتىدا كەلمەيدىغان قىلىپ قويساڭلار،

21شۇ چاغدا مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلۇپ، ئۇنىڭغا: «ئۆز تەختىڭگە ھۆكۈم سۈرىدىغان بىر ئوغلۇڭ دائىم بولىدۇ» دېگىنىم ئەمەلگە ئاشۇرۇلمايدۇ ۋە خىزمەتكارلىرىم، كاھىنلار بولغان لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەم بۇزۇلغان بولىدۇ.

22ئاسمانلاردىكى قوشۇنلار بولغان يۇلتۇزلارنى ساناپ بولغىلى بولمىغاندەك، دېڭىزدىكى قۇملارنى ئۆلچەپ بولغىلى بولمىغاندەك، مەن قۇلۇم داۋۇتنىڭ نەسلىنى ۋە ئۆزۈمگە خىزمەت قىلىدىغان لاۋىيلارنى كۆپەيتىمەن.

23پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

24بۇ خەلقنىڭ: «پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان بۇ ئىككى جەمەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تاشلىدى» دېگىنىنى بايقىمىدىڭمۇ؟ شۇڭا ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى: «كەلگۈسىدە ھېچ بىر ئەل-دۆلەت بولمايدۇ» دەپ كۆزگە ئىلمايدۇ. ◼ 33:24 +bd «پەرۋەردىگار ئۆزى تاللىغان بۇ ئىككى جەمەتتىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى تاشلىدى...»+bd* ــ «ئىككى جەمەت» شۈبھىسىزكى، ئىسرائىل ۋە يەھۇدانى، يەنى خۇدانىڭ پۈتۈن خەلقىنى كۆرسىتىدۇ؛ دېمەك، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقى ئۆزىنىڭ كېلەچىكى توغرۇلۇق ئۈمىدسىزلىنىپ كەتكەن. بەزى ئالىملار «ئىككى جەمەت» «داۋۇت جەمەتى ھەم لاۋىي جەمەتى»نى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ لېكىن بىزنىڭچە كېيىنكى «مېنىڭ خەلقىمنى ... كۆزگە ئىلمايدۇ» دېگەن ئىبارە ھەم 25-، 26-ئايەتلەر «ياقۇپنىڭ نەسلى»نى، يەنى خۇدانىڭ پۈتۈن خەلقى (ئىسرائىل ۋە يەھۇدا)نى كۆرسەتكەچكە، 24-ئايەتمۇ پۈتۈن خەلقنى كۆرسىتىشى كېرەك.*

25پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مېنىڭ كۈندۈز ۋە كېچىنى بېكىتكەن ئەھدەم ئۆزگىرىپ كەتسە، ياكى ئاسمان-زېمىندىكى قانۇنىيەتلەرنى بېكىتمىگەن بولسام،