يەرەمىيا 34:1-21 UIGB2010 - Bible AI

1بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار، پۈتۈن قوشۇنى ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بېقىنغان بارلىق پادىشاھلىقلار ۋە ئەللەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق شەھەرلەرگە جەڭ قىلغان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا كەلگەن سۆز: ــ ◘ 34:1 2پاد. 25؛ يەر. 52 *

2ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ زەدەكىيانىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، بۇ شەھەرنى بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇ ئۇنىڭغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. ◘ 34:2 يەر. 21‏:10؛ 32‏:29*

3سەن بولساڭ، ئۇنىڭ قولىدىن قاچالمايسەن؛ بەلكى سەن تۇتۇلۇپ ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن؛ سېنىڭ كۆزلىرىڭ بابىل پادىشاھىنىڭ كۆزلىرىگە قارايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز تۇرانە سۆزلىشىسەن ۋە سەن بابىلغا سۈرگۈن بولۇپ كېتىسەن. ◘ 34:3 يەر. 32‏:4*

4لېكىن، ئى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلا؛ پەرۋەردىگار سېنىڭ تۇغراڭدا مۇنداق دەيدۇ: ــ سەن قىلىچ بىلەن ئۆلمەيسەن؛

5سەن ئامان-تىنچلىقتا ئۆلىسەن؛ ئاتا-بوۋىلىرىڭ بولغان ئۆزۈڭدىن ئىلگىرىكى پادىشاھلار ئۈچۈن ماتەم تۇتۇپ خۇشبۇي ياققاندەك ئۇلار ئوخشاشلا سەن ئۈچۈنمۇ خۇشبۇي* ياقىدۇ؛ ئۇلار سەن ئۈچۈن: «ئاھ، شاھىم!» دەپ ماتەم تۇتىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق ۋەدە قىلغانمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◼ 34:5 +bd «سەن ئۈچۈن خۇشبۇي ياقىدۇ»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز بولسا «سەن ئۈچۈن كۆيدۈرىدۇ» دېگەنلىكتۇر. خەقلەرنىڭ كۆيدۈرگىنى بولسا، بىزنىڭچە خۇشبۇي بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتە تەۋرات ھەم ئىنجىلدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەرقانداق قۇربانلىق-ھەدىيە، نەزىر-چىراغنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، دەپ كۆرسىتىلىدۇ.*

6ئاندىن يەرەمىيا پەيغەمبەر بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىياغا يېرۇسالېمدا ئېيتتى.

7شۇ چاغدا بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدا ۋە يەھۇدادىكى قالغان شەھەرلەردە، يەنى لاقىشتا ۋە ئازىكاھتا جەڭ قىلىۋاتاتتى؛ چۈنكى يەھۇدادىكى مۇستەھكەم شەھەرلەر ئارىسىدىن پەقەت بۇلارلا ئىشغال بولمىغانىدى.

8پادىشاھ زەدەكىيا قۇللىرىمىزغا* ئازادلىق جاكارلايلى دەپ يېرۇسالېمدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن ئەھدىنى كېسىپ تۈزگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگاردىن تۆۋەندىكى بۇ سۆز يەرەمىياغا كەلدى ◼ 34:8 +bd «ئەھدىنى كېسىپ تۈزۈش»+bd* ــ كونا زامانلاردا ئىككى تەرەپ بىر-بىرى بىلەن ئەھدە تۈزمەكچى بولسا، ئاۋۋال كالا ياكى قوينى سويۇپ، نىمتە (ئىككى پارچە) قىلىپ پارچىلايتتى؛ ئاندىن ئىككى تەرەپ سويۇپ ئىككى پارچە قىلغان مالنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تەڭ ئۆتۈپ بىر-بىرىگە قەسەم قىلاتتى. بۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتى بەلكىم: «قايسىمىز ئەھدىنى بۇزساق، خۇدا ئۇنى بۇ سويغان مالغا ئوخشاش قىلسۇن!» دېمەكلىكتۇر. 18-20-ئايەتلەرنى كۆرۈڭ.* ◘ 34:8 مىس. 21‏:2*

9(ئەھدە بويىچە ھەربىرى ئۆز ئىبرانىي قۇللىرىنى، ئەر بولسۇن، قىز-ئايال بولسۇن، قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى؛ ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىينى قۇللۇقتا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى. ◼ 34:9 +bd «ئەھدە بويىچە ھەربىرى ئۆز ئىبرانىي قۇللىرىنى، ... قويۇۋېتىشى كېرەك ئىدى؛ ھېچقايسىسى ئۆز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىينى قۇللۇقتا قالدۇرماسلىقى كېرەك ئىدى»+bd* ــ مۇمكىنچىلىكى باركى، بۇ ئەھدە پەقەت بۇ ئەمىرلەرگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تۈزۈلگەنىدى. قەھەتچىلىك بولغان ۋاقىتتا، ئۆز قۇللىرىغا ئوزۇق بېرىش مەسئۇلىيىتىدىن قېچىپ، قۇللىرىنى كەتكۈزۈۋېتەتتى.*

10ئەھدىگە قوشۇلغان بارلىق ئەمىرلەر ۋە بارلىق خەلق شۇنىڭغا، يەنى ھەرقايسىمىز ئۆز قۇلى ياكى دېدىكىنى قويۇۋېتەيلى، ئۇلارنى قۇللۇقتا قالدۇرۇۋەرمەيلى دېگەن سۆزىگە بويسۇندى. ئۇلار بويسۇنۇپ ئۇلارنى قويۇۋەتتى.

11لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يولدىن يېنىپ قويۇۋەتكەن قۇل-دېدەكلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالدى. ئۇلار بۇلارنى قايتىدىن مەجبۇرىي قۇل-دېدەك قىلىۋالدى). ◼ 34:11 +bd «لېكىن ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ يولدىن يېنىپ قويۇۋەتكەن قۇل-دېدەكلەرنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالدى... قۇل-دېدەك قىلىۋالدى»+bd* ــ بۇ ۋەقە بابىلنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمنى قورشىۋېلىشتىن ۋاقىتلىق ۋاز كېچىپ مىسىر بىلەن جەڭ قىلىشقا كەتكەن ۋاقتىدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمىرلەر ۋە خەلق بەلكىم خەتەرلىك پەيت بىزدىن ئۆتۈپ كەتتى، خۇدادىن قورقۇۋېرىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، دېيىشى مۇمكىن ئىدى. 21-22-ئايەتلەرنى 35-باب، 5-7-ئايەتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇڭ.*

12ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

13ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنى مىسىرنىڭ زېمىنىدىن، يەنى «قۇللۇق ئۆيى»دىن چىقارغىنىمدا، ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزگەنىدىم؛

14شۇ ئەھدە بويىچە* ھەربىرىڭلار يەتتىنچى يىلىدا سىلەرگە ئۆزىنى ساتقان ھەرقايسى قېرىندىشىڭلار بولغان ئىبرانىي كىشىلىرىنى قويۇۋېتىشىڭلار كېرەك؛ ئۇ قۇللۇقۇڭدا ئالتە يىل بولغاندىن كېيىن، سەن ئۇنى ئازادلىققا قويۇۋېتىشىڭ كېرەك، دېگەنىدىم. لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار بۇنى ئاڭلىماي ھېچ قۇلاق سالمىغان. ◘ 34:14 مىس. 21‏:2؛ قان. 15‏:12*

15لېكىن سىلەر بولساڭلار، شۇ يامان يولدىن* يېنىپ، كۆز ئالدىمدا دۇرۇس ئىشنى كۆرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىغا «ئازاد بول» دەپ جاكارلىدىڭلار، شۇنىڭدەك ئۆز نامىم بىلەن ئاتالغان ئۆيدە ئەھدە تۈزۈدىڭلار؛

16لېكىن سىلەر يەنە يېنىپ مېنىڭ نامىمغا داغ كەلتۈرۈپ، ھەربىرىڭلار ئۆز رايىغا قويۇۋەتكەن قۇلنى ھەم ئىختىيارىغا قويۇۋەتكەن دېدەكنى قايتۇرۇۋېلىپ قايتىدىن ئۆزۈڭلارغا قۇل-دېدەك بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار.

17شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەر ماڭا قۇلاق سالمىدىڭلار، ھەربىرىڭلار ئۆز قېرىندىشىڭلارغا، ھەربىرىڭلار ئۆز يېقىنىڭلارغا ئازاد بولۇڭلار دەپ ھېچ جاكارلىمىدىڭلار؛ مانا، مەن سىلەرگە بىر خىل ئازادلىقنى ــ يەنى قىلىچقا، ۋاباغا ۋە قەھەتچىلىككە بولغان بىر ئازادلىقنى جاكارلايمەن؛ سىلەرنى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا بىر ۋەھشەت باسقۇچى قىلىمەن. ◘ 34:17 قان. 28‏:25؛ يەر. 15‏:4؛ 24‏:9،10*

18شۇنىڭ بىلەن مەن ئەھدەمنى بۇزغان، كۆز ئالدىمدا كېسىپ تۈزگەن ئەھدىنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى بولسا، ئۇلار ئۆزلىرى سويۇپ ئىككى پارچە قىلىپ، ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن ھېلىقى موزايدەك قىلىمەن؛

19يەھۇدانىڭ ئەمىرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەمىرلىرى، ئوردىدىكى ئەلەمدارلار، كاھىنلار، شۇنىڭدەك موزاينىڭ ئىككى پارچىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتكەن بارلىق خەلقنى بولسا،

20مەن ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارغا ۋە زېمىندىكى ھايۋانلارغا ئوزۇق بولىدۇ؛ ◘ 34:20 يەر. 7‏:33؛ 16‏:4؛ 19‏:7*

21يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا ۋە ئۇنىڭ ئەمىرلىرىنىمۇ دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا، جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ قولىغا، شۇنداقلا سىلەرگە ھۇجۇم قىلىشتىن چېكىنىپ تۇرغان بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن. ◘ 34:21 يەر. 37‏:11*