يەرەمىيا 37:1-20 UIGB2010 - Bible AI

1بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار زەدەكىيانى يەھۇدانىڭ زېمىنىغا پادىشاھ قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ يوسىيانىڭ ئوغلى يەھوئاكىمنىڭ ئوغلى كونىيانىڭ ئورنىغا ھۆكۈم سۈردى. ◼ 37:1 +bd «كونىيا»+bd* ــ «يەكونىياھ»نىڭ باشقا بىر ئاتىلىشى.*

2ئۇ، ياكى خىزمەتكارلىرى، ياكى زېمىندىكى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىگە ھېچ قۇلاق سالمىدى.

3پادىشاھ زەدەكىيا شەلەمىيانىڭ ئوغلى يەھۇكالنى ھەم كاھىن مائاسېياھنىڭ ئوغلى زەفانىيانى يەرەمىيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا بىز ئۈچۈن دۇئا قىلغايسەن» ــ دېگۈزدى

4(شۇ چاغدا يەرەمىيا زىنداندا قاماقلىق ئەمەس ئىدى؛ ئۇ خەلق ئارىسىغا چىقىپ-كىرىشكە ئەركىن ئىدى.

5پىرەۋننىڭ قوشۇنى مىسىردىن چىققانىدى؛ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان كالدىيلەر بۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ كەتكەنىدى). ◼ 37:5 +bd «پىرەۋننىڭ قوشۇنى مىسىردىن چىققانىدى؛ يېرۇسالېمنى قورشىۋالغان كالدىيلەر بۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ كەتكەنىدى»+bd* ــ شۇ ۋەقە بەلكىم مىلادىيەدىن ئىلگىرى 588-يىلى بولغانىدى؛ «پىرەۋن» مىسىرنىڭ پادىشاھى پىرەۋن-خوفرانى كۆرسىتىدۇ (30:44نى كۆرۈڭ).* ◘ 37:5 يەر. 34‏:21*

6ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ

7ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ سىلەرنى ماڭا ئىلتىجا قىلدۇرۇپ ئىزدەشكە ئەۋەتكەن يەھۇدا پادىشاھىغا مۇنداق دەڭلار: ــ مانا، سىلەرگە ياردەم بېرىمىز دەپ چىقىپ كەلگەن پىرەۋننىڭ قوشۇنى بولسا، ئۆز زېمىنىغا، يەنى مىسىرغا قايتىپ كېتىدۇ.

8ئاندىن كالدىيلەر بۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىپ جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلىدۇ، ئۇنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىدۇ.

9پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالداپ: «كالدىيلەر بىزدىن چېكىنىپ كەتكەن» ــ دېمەڭلار؛ ئۇلار كەتكەن ئەمەس!

10چۈنكى گەرچە سىلەر ئۆزۈڭلارغا جەڭ قىلىدىغان كالدىيلەرنىڭ تولۇق قوشۇنىنى ئۇرۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ ۋە ئۇلارنىڭكىدىن پەقەت يارىلانغانلارلا قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەربىرى يەنىلا ئۆز چېدىرىدىن تۇرۇپ بۇ شەھەرنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتكەن بولاتتى.

11پىرەۋننىڭ قوشۇنى تۈپەيلىدىن كالدىيلەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمدىن چېكىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا، شۇ ۋەقە يۈز بەردى: ــ

12يەرەمىيا بىنيامىندىكى زېمىنغا يول ئېلىپ، شۇ يەردىكى يۇرتداشلىرى ئارىسىدىن ئۆز نېسىۋىسىنى ئىگىلەش ئۈچۈن يېرۇسالېمدىن چىققاندا،

13ئۇ «بىنيامىن دەرۋازىسى»غا يەتكەندە، ھانانىيانىڭ نەۋرىسى، شەلەمىيانىڭ ئوغلى كۆزەت بېگى ئىرىيا شۇ يەردە تۇراتتى؛ ئۇ: «سەن كالدىيلەرگە چېكىنىپ تەسلىم بولماقچىسەن!» دەپ ئۇنى تۇتۇۋالدى.

14يەرەمىيا: «يالغان! مەن كالدىيلەر تەرەپكە قېچىپ تەسلىم بولماقچى ئەمەسمەن!» ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئۇنىڭغا قۇلاق سالمىدى؛ ئىرىيا يەرەمىيانى قولغا ئېلىپ ئۇنى ئەمىرلەر ئالدىغا ئاپاردى.

15ئەمىرلەر بولسا يەرەمىيادىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغۇزۇپ، ئۇنى دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىدىكى قاماقخانىغا سولىدى؛ چۈنكى ئۇلار شۇ ئۆينى زىندانغا ئايلاندۇرغانىدى. ◼ 37:15 +bd «ئەمىرلەر بولسا يەرەمىيادىن غەزەپلىنىپ ئۇنى ئۇرغۇزۇپ،...»+bd* ــ مۇشۇنداق رەزىللىك قىلغان ئەمىرلەر زەدەكىيا پادىشاھلىقىدىكى ئەمىرلەر ئىدى. 36-بابتا كۆرسىتىلگەن، خۇدادىن قورققان ياخشى ئەمىرلەر بولسا، يەھوئاكىم پادىشاھلىقىدىكى ئەمىرلەر ئىدى؛ بۇ ۋەقەدىن ئىلگىرىلا ئۇلار يەكونىياھ پادىشاھ بىلەن بىللە (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 597-يىلى) بابىلغا سۈرگۈن بولغانىدى.*

16يەرەمىيا زىنداندىكى بىر گۇندىخانىغا قامىلىپ، شۇ يەردە ئۇزۇن كۈنلەر ياتقاندىن كېيىن،

17زەدەكىيا پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ شۇ يەردىن ئوردىسىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇ شۇ يەردە ئاستىرتىن ئۇنىڭدىن: «پەرۋەردىگاردىن سۆز بارمۇ؟» دەپ سورىدى. يەرەمىيا: «بار؛ سەن بابىل پادىشاھىنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىسەن» ــ دېدى.

18يەرەمىيا زەدەكىيا پادىشاھقا ئىلتىجا قىلىپ: ــ «مەن ساڭا ياكى خىزمەتكارلىرىڭغا ياكى بۇ خەلققە نېمە گۇناھ قىلغىنىمغا، بۇ زىندانغا قاماپ قويدۇڭلار؟

19سىلەرگە بېشارەت بېرىپ: «بابىل پادىشاھى ساڭا ياكى بۇ زېمىنغا جەڭ قىلىشقا چىقمايدۇ!» دېگەن پەيغەمبەرلىرىڭلار قېنى؟» ــ دېدى

20ــ «ئەمدى ئى پادىشاھ تەقسىر، سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىشىڭنى ئۆتۈنىمەن؛ ئىلتىجايىم ئالدىڭدا ئىجابەت بولسۇن، دەپ ئۆتۈنىمەن؛ دىۋانبېگى يوناتاننىڭ ئۆيىگە مېنى قايتقۇزمىغايسەن؛ سەن ئۇنداق قىلساڭ، شۇ يەردە ئۆلىمەن».