1ــ «بۇ يوللىرىمدىن بۇرۇلاي!» دېسەڭ، ئى ئىسرائىل ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار ــ ئەمدى مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل! ئەگەر بۇ يىرگىنچلىكلىرىڭنى كۆزۈمدىن نېرى قىلساڭ، ۋە شۇنداقلا يولدىن يەنە تېنەپ كەتمىسەڭ، ◼ 4:1 +bd «مېنىڭ يېنىمغا بۇرۇلۇپ قايتىپ كەل!»+bd* ــ بۇ ئىبارە بەلكىم «سەللىمازا توۋا قىل»، «ئىككىلەنمە!»، «ئالا كۆڭۈللۈك بولما!» دېگەن مەنىنى ئىنتايىن تەكىتلەيدۇ.
2ــ ئەگەر سەن: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكىنىڭدە، ئۇ قەسەم ھەقىقەت، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن بولسا، ئۇنداقتا يات ئەللەرمۇ ئۇنىڭ نامىدا ئۆزلىرىگە بەخت تىلىشىدۇ ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ پەخىر-شۆھرىتى قىلىدۇ. ◘ 4:2 يار. 22:18؛ يەش. 48:1*
3چۈنكى پەرۋەردىگار يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ــ «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار! ◼ 4:3 +bd «بوز يېرىڭلارنى چېپىپ ئاغدۇرۇڭلار؛ تىكەنلىك ئارىسىغا ئۇرۇق چاچماڭلار!»+bd* ــ بۇ سىرلىق ئايەت يەھۇدادىكىلەرنى نادان دېھقانلارغا، ئۇلارنىڭ ھاياتلىرىنى ئاختارما يەرگە ئوخشىتىدۇ. «نېمىشقا ھاياتىمىزدىن ھېچقانداق بەخت، مۇۋەپپەقىيەت يوق؟» دەپ سورىسا، «سىلەر ئۇرۇقلىرىنى تىكەنلەر ئارىسىغا تېرىغان دېھقانلارغا ئوخشاش، ھېچ ھوسۇللۇق بولمايسىلەر» دەپ جاۋاب بېرىلىدۇ، ئەلۋەتتە. دېھقانلار ھوسۇل كۆرۈش ئۈچۈن بوز يەرلىرىنى چېپىپ، تىكەنلەرنى يۇلۇپ تاشلىشى كېرەك بولغىنىغا ئوخشاش، يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنى قوزغاپ قاتتىق توۋا قىلىشى كېرەك، ئاندىن بەختنىڭ ھوسۇلىنى كۆرىدۇ.* ◘ 4:3 ھوش. 10:12*
4ئۆزلىرىڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىدا سۈننەت قىلىڭلار؛ قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار، ئى يەھۇدادىكىلەر ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقانلار! ــ بولمىسا، مېنىڭ قەھرىم پارتلاپ ئوت بولۇپ سىلەرنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ؛ قىلمىشلىرىڭلارنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى ئۆچۈرەلەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ. ◼ 4:4 +bd «قەلبىڭلارنى سۈننەت قىلىڭلار»+bd* ــ سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «قەلبىڭلاردىكى خەتنىلىكنى ئېلىپ تاشلاڭلار». دېمىسەكمۇ، ئىسرائىللار ئەتلىرىدە سۈننەت قىلىنغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرى توۋىسىز قاتتىق ئىدى؛ شۇڭا پەيغەمبەر: «+bd قەلبىڭلارنى+bd* سۈننەت قىلىڭلار» دەپ ئاگاھ بېرىدۇ.* ◘ 4:4 قان. 10:16؛ 30:6؛ يەش. 65:5*
5ــ يەھۇدادا مۇشۇلارنى ئېلان قىلىپ، يېرۇسالېمدا: ــ «زېمىن-زېمىندا كاناي چېلىڭلار!» ــ دەپ جاكارلاڭلار؛
6زىئوننى كۆرسىتىدىغان بىر تۇغنى تىكلەڭلار؛ دەرھال قېچىڭلار، كېچىكىپ قالماڭلار! چۈنكى مەن كۈلپەت، يەنى زور بىر ھالاكەتنى شىمالدىن ئېلىپ كېلىمەن.
7شىر ئۆز چاتقاللىقىدىن چىقتى، «ئەللەرنى يوقاتقۇچى» يولغا چىقتى؛ ئۇ ئۆز جايىدىن چىقىپ زېمىنىڭنى ۋەيران قىلىشقا كېلىدۇ؛ شەھەرلىرىڭ ۋەيران قىلىنىپ، ئادەمزاتسىز بولىدۇ. ◘ 4:7 يەش. 5:29؛ يەر. 2:15؛ 5:6*
8بۇ سەۋەبتىن ئۆزلىرىڭلارغا بۆز كىيىم ئوراڭلار، داد-پەرياد كۆتۈرۈپ نالە قىلىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى بىزدىن يانمىدى! ◘ 4:8 يەش. 32:12*
9شۇ كۈنى شۇنداق بولىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ پادىشاھنىڭ يۈرىكى، ئەمىرلەرنىڭ يۈرىكىمۇ سۇ بولۇپ كېتىدۇ، كاھىنلار ئالاقزادە بولۇپ، پەيغەمبەرلەر تەئەججۈپلىنىدۇ.
10ــ ئاندىن مەن: ــ ئاھ، رەب پەرۋەردىگار! بەرھەق سەن بۇ خەلقنى، جۈملىدىن يېرۇسالېمنى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دەپ ئالدىدىڭ؛ ئەمەلىيەتتە بولسا قىلىچ جانغا يېتىپ كەلدى، دېدىم. ◼ 4:10 +bd «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى: «سىلەر ئامان-تىنچ بولىسىلەر» دېگەن سۆزلەر ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىدۇر (14:6، 11:8 قاتارلىقلارنى كۆرۈڭ).*
11ــ شۇ چاغدا بۇ خەلققە ۋە يېرۇسالېمغا مۇنداق دېيىلىدۇ: «چۆل-باياۋاندىكى ئېگىزلىكلەردىن چىققان ئىسسىق بىر شامال خەلقىمنىڭ قىزىنىڭ يولىغا قاراپ چۈشىدۇ؛ لېكىن ئۇ خامان سورۇشقا ياكى دان ئايرىشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ! ◼ 4:11 +bd «خەلقىمنىڭ قىزى»+bd* ــ شۇنداقلا «پاك +bd قىزىم+bd* بولغان خەلقىم»، «زىئون +bd قىزى+bd*» قاتارلىق ئىبارىلەر خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە ياكى باشقا خەلق (مەسىلەن، «مىسىرنىڭ +bd قىزى+bd*»، (11:46))قە بولغان مېھىر-شەپقىتىنى، ئۇلارغا باغلىغان مۇھەببىتىنى كۆرسىتىدىغان مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.*
12ــ بۇنىڭدىن ئەشەددىي بىر شامال مەندىن چىقىدۇ؛ مانا، مەن ھازىر ئۇلارغا جازا ھۆكۈملىرىنى جاكارلايمەن.
13مانا، ئۇ توپ بۇلۇتلاردەك كېلىدۇ، ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قارا قۇيۇندەكتۇر، ئۇنىڭ ئاتلىرى بۈركۈتلەردىن تېزدۇر!
14ــ «ئى يېرۇسالېم، ئۆز قۇتۇلۇشۇڭ ئۈچۈن قەلبىڭنى رەزىللىكتىن يۇيۇۋەت؛ قاچانغىچە كۆڭلۈڭگە بىھۇدە ئوي-خىياللارنى پۈكۈپ تۇرىسەن؟ ◘ 4:14 يەش. 1:16*
15چۈنكى دان دىيارىدىن، ئەفرائىمدىكى ئېگىزلىكلەردىنمۇ ئازاب-كۈلپەتنى ئېلان قىلىدىغان بىر ئاۋاز ئاڭلىتىلىدۇ: ــ
16ئۇلار: ئەللەرگە ئېلان قىلىڭلار، يېرۇسالېمغىمۇ ئاڭلىتىڭلار: ــ مانا، قورشاۋغا ئالغۇچىلار يىراق ييۇرتتىن كېلىۋاتىدۇ! ئۇلار يەھۇدا شەھەرلىرىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈشكە تەييار! ــ دەيدۇ.
17ئېتىزلىقنى مۇداپىئە قىلىۋاتقانلاردەك، ئۇلار يېرۇسالېمنى قورشىۋالىدۇ؛ چۈنكى ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.
18سېنىڭ يولۇڭ ۋە قىلمىشلىرىڭ مۇشۇلارنى ئۆز بېشىڭغا چۈشۈردى؛ بۇ رەزىللىكىڭنىڭ ئاقىۋىتىدۇر؛ بەرھەق، ئۇ ئازابلىقتۇر، يۈرىكىڭگىمۇ سانجىيدۇ!».
19ــ مەن*: «ئاھ، ئىچ-باغرىم! ئىچ-باغرىم! تولغاققا چۈشتۈم! ئاھ، كۆڭلۈم ئازابلاندى! يۈرىكىم دۈپۈلدەۋاتىدۇ، سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايمەن؛ چۈنكى مەن كاناينىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايمەن؛ جەڭ چۇقانلىرى جېنىمغا سانجىدى. ◘ 4:19 يەش. 21:4؛ يەر. 8:23*
20ئاپەت ئۈستىگە ئاپەت چۈشتى! پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولدى؛ چېدىرلىرىم دەقىقىدە بەربات قىلىندى، پەردىلىرىم ھايت-ھۇيتنىڭ ئىچىدە يىرتىپ تاشلاندى! ◼ 4:20 +bd «چېدىرىلىم» ... «پەردىلىرىم»...+bd* ــ يەرەمىيا پەيغەمبەر خەلقىنىڭ ئازابلىرىنى ئۆزىنىڭكى دەپ ھېس قىلىپ، «خەلقىمنىڭ چېدىرلىرىم» ۋە «خەلقىمنىڭ پەردىلىرى» دېمەي، بەلكى «چېدىرىلىم» ۋە «پەردىلىرىم» توغرۇلۇق سۆزلەيدۇ.*
21قاچانغىچە تۇغقا قاراپ تۇرۇشۇم، جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىشىم كېرەك؟» ــ دېدىم*.
22ــ «چۈنكى مېنىڭ خەلقىم ناداندۇر؛ ئۇلار مېنى ھېچ تونۇمىغان؛ ئۇلار ئەقلى يوق بالىلار، ئۇلار ھېچ يورۇتۇلمىغان؛ رەزىللىككە نىسبەتەن ئۇلار دانادۇر، ئەمما ياخشىلىققا نىسبەتەن ئۇلار بىلىمسىزدۇر».
23ــ «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى؛ ◼ 4:23 +bd «مەن يەر يۈزىگە قارىدىم؛ مانا، ئۇ شەكىلسىز ۋە قۇپ-قۇرۇق بولدى؛ ئاسمانلارغىمۇ قارىدىم، ئۇ نۇرسىز قالدى...»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، بۇ ئايەتتىكى ۋە تۆۋەندىكى ئايەتتىكى ئىشلار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە روھتا كۆرسىتىلگەن ئالامەت كۆرۈنۈشتۇر. بۇ كۆرۈنۈش: (1) ئىسرائىل زېمىنى بابىللىقلارنىڭ تاجاۋۇزلۇقى ئاستىدا بولىدىغان ۋەيرانە ھالىتىنى؛ ۋە (2) شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاخىرقى زامانلاردىكى ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھالەت خۇدا جاھاننى ياراتقىنىدا يەر-زېمىننىڭ ئاۋۋالقى شەكىلسىز، تەرتىپسىز ھالىتىگە ئوخشايدۇ.*
24تاغلارغا قارىدىم، مانا، ئۇلار زىلزىلىگە كەلدى، بارلىق دۆڭلەر ئەشەددىي سىلكىنىپ كەتتى.
25قاراپ تۇرىۋەردىم، ۋە مانا، ئىنسان يوق ئىدى، ئاسماندىكى بارلىق ئۇچار-قاناتلارمۇ ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالدى.
26مەن قارىدىم، مانا، باغ-ئېتىزلار چۆل-باياۋانغا ئايلاندى، بارلىق شەھەرلەر پەرۋەردىگار ئالدىدا، يەنى ئۇنىڭ قاتتىق غەزىپى ئالدىدا ۋەيران بولدى.
27چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ «پۈتكۈل زېمىن ۋەيران بولىدۇ؛ ئەمما مەن ئۇنى پۈتۈنلەي يوقاتمايمەن. ◘ 4:27 يەر. 5:10،18؛ 30:11؛ 46:28*
28بۇنىڭ تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزى ماتەم تۇتىدۇ، يۇقىرىدا ئاسمان قارىلىق بىلەن قاپلىنىدۇ؛ چۈنكى مەن شۇنداق سۆز قىلدىم، مەن شۇنداق نىيەتكە كەلگەنمەن؛ مەن ئۇنىڭدىن ئۆكۈنمەيمەن، ئۇنىڭدىن ھېچ يانمايمەن؛
29ئاتلىقلار ۋە ئوقيالىقلارنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنى بىلەن ھەربىر شەھەردىكىلەر قېچىپ كېتىدۇ؛ ئۇلار چاتقاللىقلارغا كىرىپ مۆكۈۋالىدۇ، تاشلار ئۈستىگە چىقىۋالىدۇ؛ بارلىق شەھەرلەر تاشلىنىپ ئادەمزاتسىز قالىدۇ.
30ــ سەن، ئى ھالاك بولغۇچى، نېمە قىلماقچىسەن؟ گەرچە سەن پەرەڭ كىيىملەرنى كىيگەن بولساڭمۇ، ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلەرنى تاقىغان بولساڭمۇ، كۆز-قاشلىرىڭنى ئوسما بىلەن پەردازلىغان بولساڭمۇ، ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ بىكاردۇر؛ سېنىڭ ئاشىقلىرىڭ سېنى كەمسىتىدۇ؛ ئۇلار جېنىڭنى ئىزدەۋاتىدۇ. ◼ 4:30 +bd «ئۆزۈڭنى ياسىغىنىڭ»+bd* ــ بەلكىم يەھۇدا يات ئەللەردىن يار-يۆلەك ئىزدىگەندە يالاقچىلىق قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.*