1شۇنداق بولدىكى، يەرەمىيا ئۇلارنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە سۆزلىرىنى بارلىق خەلققە ئېيتىپ تۈگەتتى (خۇداسى پەرۋەردىگار يەرەمىيانى ئۇلارغا بۇ بارلىق سۆزلەرنى ئېيتىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن)، ــ
2شۇنىڭ بىلەن ھوشىيانىڭ ئوغلى ئازارىيا ۋە كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە شۇنداقلا بارلىق ھالى چوڭ ئادەملەر يەرەمىياغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن يالغان ئېيتىۋاتىسەن! خۇدايىمىز پەرۋەردىگار سېنى بىزگە: «سىلەر مىسىردا ئولتۇراقلىشىش ئۈچۈن بارماڭلار!» دېيىشكە ئەۋەتكەن ئەمەس؛ ◼ 43:2 +bd «ھوشايانىڭ ئوغلى ئازارىيا»+bd* ــ بۇ ئادەم 1:42دىكى «ھوشايانىڭ ئوغلى يەزانىيا» دېگەن ئادەم بىلەن بىر بولۇشى مۇمكىن.*
3بەلكى نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق چوقۇم سېنى بىزگە قارشىلاشتۇرۇپ، بىزنى كالدىيلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇشقا كۈشكۈرتمەكتە؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدۇ ياكى بىزنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىدۇ».
4شۇنىڭ بىلەن كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان، لەشكەر باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ۋە بارلىق خەلق پەرۋەردىگارنىڭ: «يەھۇدا زېمىنىدا تۇرۇپ قېلىڭلار» دېگەن ئاۋازىغا قۇلاق سالمىدى؛
5بەلكى كارېئاھنىڭ ئوغلى يوھانان ۋە بارلىق لەشكەر باشلىقلىرى ھەيدىۋېتىلگەن بارلىق ئەللەردىن يەھۇدا زېمىنىدا ئولتۇراقلىشىشقا قايتىپ كەلگەن يەھۇدانىڭ پۈتۈن قالدىسىنى،
6يەنى ئەرلەر، قىز-ئاياللار، بالىلار ۋە پادىشاھنىڭ قىزلىرىنى، جۈملىدىن قاراۋۇل بېگى نېبۇزار-ئادان ئاھىكامنىڭ ئوغلى گەدالىياغا تاپشۇرغان ھەربىر كىشىنى ھەمدە يەرەمىيا پەيغەمبەر ھەم نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇقنى ئېلىپ،
7مىسىر زېمىنىغا كىرىپ كەلدى؛ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە ئىتائەت قىلمىدى. ئۇلار تاھپانەس شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.
8پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى يەرەمىياغا تاھپانەستە كېلىپ مۇنداق دېگەندە: ــ
9يەھۇدىيلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا، قولۇڭغا بىرنەچچە چوڭ تاشلارنى ئېلىپ پىرەۋننىڭ تاھپانەستىكى ئوردىسىنىڭ كىرىش يولىنىڭ يېنىدىكى خىشلىق يولدىكى سېغىز لايغا كۆمۈپ يوشۇرۇپ،
10ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن مېنىڭ قۇلۇم بولغان بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسارنى چاقىرىپ ئېپكېلىمەن، ئۇ مەن كۆمۈپ يوشۇرغان بۇ تاشلار ئۈستىگە ئۆز تەختىنى سالىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۈستىگە شاھانە چېدىرىنى يېيىپ تىكىدۇ. ◘ 43:10 يەر. 25:9؛ 27:6*
11ئۇ كېلىپ مىسىر زېمىنىدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلىدۇ؛ سۈرگۈن بولۇشقا بېكىتىلگەنلەر سۈرگۈن بولىدۇ؛ قىلىچقا بېكىتىلگەنلەر قىلىچلىنىدۇ. ◼ 43:11 +bd «ئۇ (نېبوقادنەسار) كېلىپ مىسىر زېمىنىدا جەڭ قىلىدۇ؛ ئۆلۈمگە بېكىتىلگەنلەر ئۆلىدۇ»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى «ئۆلۈم» بەلكىم ۋابانى كۆرسىتىدۇ. 2:15نىمۇ كۆرۈڭ.* ◘ 43:11 يەر. 15:2؛ زەك. 11:9*
12مەن مىسىردىكى بۇتلارنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت ياقتۇرغۇزىمەن؛ ئۇ ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ، بۇتلىرىنى ئېلىپ سۈرگۈن قىلىدۇ؛ قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ؛ ئۇ شۇ يەردىن ئامان-ئېسەن چىقىدۇ. ◼ 43:12 +bd «قوي پادىچىسى ئۆز تونىنى كىيگەندەك نېبوقادنەسارمۇ مىسىر زېمىنىنى ئۆزىگە كىيىۋالىدۇ»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇ (نېبوقادنەسار) قوي پادىچىسى ئۆز تونىدىكى پىتلارنى تەرگەندەك مىسىر زېمىنىدىن ھېچنەرسە قالدۇرماي ھەممىنى تېرىۋالىدۇ». ئايەتتىكى ئىبرانىي تىلى ئىككى بىسلىق بولغاچقا، ئىككىلا تەرجىمىسى بەلكىم توغرا بولۇشىمۇ مۇمكىن. يەنە شۇنى دېيىشىمىز كېرەككى، قويلار ۋە قوي پادىچىلىرى مىسىرلىقلارغا ئىنتايىن يىرگىنچىلىك بولغان («يار.» 34:46نى كۆرۈڭ). شۇنىڭ بىلەن بېشارەت مىسىرلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن كىنايىلىك، ئېغىر گەپ بولۇشى كېرەك ئىدى.*