1يەھۇدا پادىشاھى يەھوئاكىمنىڭ تۆتىنچى يىلى، نېرىيانىڭ ئوغلى بارۇق يەرەمىيانىڭ ئاغزىغا قاراپ بۇ سۆزلەرنى ئورام قەغەزگە يازغىنىدا، يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا بۇ سۆزنى ئېيتقان: ــ
2«ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار سەن بارۇق توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ
3سەن: «ھالىمغا ۋاي! چۈنكى پەرۋەردىگار قايغۇمغا دەرد-ئەلەم قوشۇپ قويدى؛ مەن ئاھ-زارلار قىلىشتىن چارچىدىم، زادىلا ئارام تاپالمىدىم!» ــ دېدىڭ.
4ــ يەرەمىيا*، سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: ــ