يەرەمىيا 47:1-6 UIGB2010 - Bible AI

1پىرەۋن گازا شەھىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىلگىرى، يەرەمىيا پەيغەمبەرگە كەلگەن، پەرۋەردىگارنىڭ فىلىستىيلەر توغرىسىدىكى سۆزى: ــ ◼ 47:1 +bd «گازا»+bd* ــ فىلىستىيەنىڭ بەش چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرى.

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، شىمالدىن دولقۇنلۇق* سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ؛ ئۇ زېمىن ۋە ئۇنىڭدا تۇرغان ھەممىنىڭ ئۈستىدىن، شەھەر ۋە ئۇنىڭدا تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۈستىدىن تاشقىن بولۇپ باسىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى نالە-پەرياد كۆتۈرىدۇ، زېمىندا بارلىق تۇرۇۋاتقانلار ئازابتىن* نالە-زار قىلىدۇ؛ ◼ 47:2 +bd «شىمالدىن دولقۇنلۇق سۇلار ئۆرلەيدۇ؛ ئۇلار تېشىپ بىر كەلكۈن بولىدۇ»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، مۇقەددەس كىتابتا «كەلكۈن» زېمىننى بېسىپ كىرگەن زور قوشۇنغا ئوخشىتىلىدۇ. مۇشۇ «سۇلار» ئاۋۋال پىرەۋننىڭ قوشۇنى بولغان بولۇشى مۇمكىن، كەينىدىكى «كەلكۈن» پىرەۋننىڭ قوشۇنىنى تارمار قىلغان بابىللىقلاردىن ئىبارەت.

3تۇلپارلىرىنىڭ تۇياقلىرىنىڭ تاراقشىشلىرىنى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرىنى، چاقلىرىنىڭ گۈلدۈرلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئاتىلار ئۆز بالىلىرىدىن خەۋەر ئېلىشقىمۇ قوللىرى بوشاپ، ئارقىغىمۇ قارىمايدۇ. ◘ 47:3 يەش. 5‏:28؛ يەر. 4‏:13؛ 6‏:23*

4چۈنكى بارلىق فىلىستىيلەرنى نابۇت قىلىدىغان كۈن، ھەم تۇر ۋە زىدوننى ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك بارلىق قالغان ئادەملەردىن مەھرۇم قىلىدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛ چۈنكى پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ. ◼ 47:4 +bd «پەرۋەردىگار فىلىستىيلەرنى، يەنى كرېت ئارىلىدىن چىقىپ كەلگەنلەرنىڭ قالدۇقىنى نابۇت قىلىدۇ»+bd* ــ فىلىستىيلەر ئەسلىدە كرېت (ئىبرانىي تىلىدا «كافتور») ئارىلىدىن چىققانىدى. ئۇلار تۇردىكىلەر ھەم زىدوندىكىلەرگە «تۇغقان قەبىلىلەر» (فۆنىكىيىلىكلەر) بولغاچقا، تۇر ۋە زىدون ئاۋارىگە ئۇچرىغان بولسا، فىلىستىيلەر ئۇلارغا ياردەمگە چىققان بولاتتى. لېكىن فىلىستىيلەر نابۇت بولغان بولسا، «ئۇلارغا ياردەمدە بولغۇدەك ... ئادەملار» بولمايتتى.* ◘ 47:4 يەر. 25‏:22*

5گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ؛ ئاشكېلون شەھىرىدىكىلەر داڭ قېتىپ قالىدۇ؛ قاچانغىچە ئەتلىرىڭلارنى تىلىسىلەر، ئى فىلىستىيە كۈچلىرىدىن ئامان قالغانلار؟ ◼ 47:5 +bd «گازانىڭ ئۈستى تاقىرلىق بولىدۇ»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇنى «گازادىكىلەر قايغۇرۇپ چاچلىرىنى چۈشۈرىدۇ» دېگەن مەنىدە دەپ قارايدۇ. بىزنىڭچە بىرىنچى مەنىسى شەھەر خارابىلىك بولۇپ «تاقىر يەر» بولىدۇ. بۇ سۆز ئىككى بىسلىق بولۇپ ئىككىنچى مەنىدىمۇ بولۇشى مۇمكىن.

6ئاپلا، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى، سەن قاچانغىچە تىنمايسەن؟ ئۆز قىنىڭغا قايتقىن، ئارام ئېلىپ تىنچلانغىن!

© 2010 Institute for Bible Translation
/div>