يەرەمىيا 49:1-38 UIGB2010 - Bible AI

1ئاممونىيلار توغرۇلۇق. پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىلنىڭ پەرزەنتلىرى يوقمىكەن؟ ئۇنىڭ مىراسخورلىرى يوقمىدۇ؟ ئەمدى نېمىشقا مىلكوم گادنىڭ زېمىنىغا ۋارىسلىق قىلدى، مىلكومغا تەۋە بولغان خەلق نېمىشقا گادنىڭ شەھەرلىرىدە تۇرىدۇ؟ ◼ 49:1 +bd «مىلكوم»+bd* ــ ئاممونىيلار چوقۇنغان بۇت ئىدى. گاد بولسا ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بىرى؛ ئۇلارغا ئەسلىدە تەقسىم قىلىنغان زېمىن ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقى تەرىپىدە ئىدى. يەرەمىيا بېشارەت بەرگەن ۋاقىتتا، گادتىكىلەر خېلى بالدۇر ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن سۈرگۈن بولغانىدى. كېيىن ئەسلىي قوشنىلىرى بولغان ئاممونىيلار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى. خۇدا ئۇلارغا: «بۇ زېمىننى ئۆز خەلقىمگە تەقسىم قىلغانىدىم، ئۇلار قايتىپ كېلىپ ئۇنىڭغا قايتىدىن ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ.* ◘ 49:1 ئام. 1‏:13*

2شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئاممونىيلارنىڭ رابباھ شەھىرىدە جەڭ سادالىرىنى ئاڭلىتىمەن؛ ئۇ خارابىلىك دۆڭ بولىدۇ؛ تەۋە شەھەرلىرى ئوت قويۇپ كۈيدۈرۈلىدۇ؛ ئىسرائىل قايتىدىن ئۆزلىرىنى ئىگىلىۋالغانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◘ 49:2 ئام. 1‏:14*

3ــ زارلاڭلار، ئى ھەشبون! چۈنكى ئايى شەھىرى خارابە قىلىنغان! رابباھ قىزلىرى، ئۆزۈڭلارغا بۆز رەختنى باغلاپ ماتەم تۇتۇڭلار؛ سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار؛ چۈنكى مىلكوم ۋە ئۇنىڭ كاھىنلىرى، ئۇنىڭغا تەۋەلىك ئەمىرلىرى سۈرگۈن بولىدۇ. ◼ 49:3 +bd «سېپىل ئىچىدە ئۇيان-بۇيان پاتىپاراق يۈگۈرۈڭلار»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۆزۈڭلار تىتما-تىتما تىلىنغان ھالدا ئۇيان-بۇيان يۈگۈرۈڭلار». +bd «مىلكوم»+bd* ــ ئاممونىيلارنىڭ بىر بۇتى ئىدى. باشقا ئىسمى «مولەك» ئىدى.* ◘ 49:3 يەش. 32‏:12؛ يەر. 4‏:8؛ 6‏:26؛ 48‏:7؛ ئام. 15:1*

4نېمىشقا كۈچ-ھەيۋىتىڭنى داڭلايسەن؟ سېنىڭ كۈچۈڭ ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ، ئى: «كىم ماڭا يېقىنلىشىشقا پېتىنالىسۇن؟» دەپ ئۆز بايلىقلىرىڭغا تايانغان، ئاسىيلىق قىلغۇچى قىز! ◘ 49:4 يەر. 21‏:13؛ 48‏:7*

5مانا، مەن بارلىق ئەتراپىڭدىكىلەردىن ۋەھشەت چىقىرىپ ئۈستۈڭگە چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭ بىلەن سىلەر ھەربىرىڭلار ھەيدىۋېتىلىسىلەر، ئالدى-كەينىڭگە قارىماي قاچىسىلەر؛ قاچقانلارنى يەنە يىغقۇچى ھېچكىم بولمايدۇ.

6لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئاممونىيلارنى سۈرگۈنلۈكىدىن قايتۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

7ئېدوم توغرۇلۇق: ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟! ◼ 49:7 +bd «ئېدوم توغرۇلۇق: ...»+bd* ــ بۇ بېشارەت (7-22)نىڭ تەۋراتتىكى «ئوبادىيا» دېگەن قىسىم بىلەن كۆپ ئورتاق يەرلىرى بار. ئوبادىياغا «قوشۇمچە سۆز»ىمىزدە چۈشەندۈرگىنىمىزدەك ئىشىنىمىزكى، يەرەمىيا پەيغەمبەر خۇدانىڭ يوليورۇقى بىلەن ئىلگىرىكى پەيغەمبەر ئوبادىيانىڭ بېشارىتىدىكى كۆپ سۆزلەرنى نەقىل كەلتۈرىدۇ. ئىككى بېشارەتنىڭ بەزى يەرلىرى ئوخشىمىغاچقا، سۆزلىرىدىكى پەرقلەرنى تېپىپ سېلىشتۇرۇشنىڭ كۆپ ئەھمىيىتى بار. +bd «تېماندا ھازىر دانالىق تېپىلمامدۇ؟ دانىشمەنلىرىدىن نەسىھەت يوقاپ كەتتىمۇ؟ ئۇلارنىڭ دانالىقىنى دات بېسىپ قالغانمۇ؟!»+bd* ــ تېمان ئېدومدىكى چوڭ شەھەر. ئېدومدىكىلەر ئۆز دانىشمەنلىرى بىلەن ئىنتايىن مەغرۇرلىناتتى.* ◘ 49:7 ئ‍وب. 8*

8بۇرۇلۇپ قېچىڭلار، پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى دېداندا تۇرۇۋاتقانلار! چۈنكى مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن. ◼ 49:8 +bd «پىنھان جايلار»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «چوڭقۇر جايلار» دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئۇ بەلكىم ھەرخىل غار-ئۆڭكۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. +bd «مەن ئەساۋغا تېگىشلىك بالايىئاپەتنى، يەنى ئۇنى جازالايدىغان كۈنىنى بېشىغا چۈشۈرىمەن»+bd* ــ ئېدومنىڭ باشقا ئىسمى «ئەساۋ» ئىدى. مۇشۇ بېشارەتتە «ئېدوم» ياكى «ئەساۋ» ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئېدوملۇقلارنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 49:8 يەر. 25‏:23*

9ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟ ئوغرىلار كېچىلەپ يېنىڭغا كىرسىمۇ، ئۇلار ئۆزلىرىگە چۇشلۇقلا بۇزۇپ، ئوغرىلايدۇ ئەمەسمۇ؟ ◼ 49:9 +bd «ئۈزۈم ئۈزگۈچىلەر يېنىڭغا كەلسىمۇ، ئۇلار ئازراق ۋاساڭلارنى قالدۇرىدۇ ئەمەسمۇ؟»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە ئۈزۈم ھوسۇلىنى ئالغاندا ئۈزگۈچىلەر كەمبەغەللەرنىڭ تېرىۋېلىشى ئۈچۈن بىرئاز ۋاساڭلارنى قالدۇرۇش كېرەك ئىدى («لاۋ.» 10:19). ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردە بۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان.* ◘ 49:9 ئ‍وب. 5*

10مەن ئەساۋنى يالىڭاچلىۋېتىمەن، ئۇ يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالمىغۇچە دالدا جايلىرىنى ئېچىپ تاشلايمەن؛ ئۇنىڭ نەسلى، قېرىنداشلىرى ھەم قوشنىلىرى يوقايدۇ؛ ئۇ ئۆزى يوق بولىدۇ.

11لېكىن يېتىم-يېسىرلىرىڭنى قالدۇر، مەن ئۇلارنىڭ ھاياتىنى ساقلايمەن؛ تۇل خوتۇنلىرىڭ ماڭا تايانسۇن.

12چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، غەزىپىمنىڭ* قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچمەي قالمايدىغان يەردە، سەن جازالانماي قالامسەن؟ سەن جازالانماي قالمايسەن؛ سەن چوقۇم ئۇنىڭدىن ئىچىسەن. ◼ 49:12 +bd «غەزىپىمنىڭ قەدەھىدىن ئىچىشكە تېگىشلىك بولمىغانلار»+bd* ــ يەھۇدا ئەمەس، بەلكى تاجاۋۇزچىلارنىڭ ئۆتەر يولىغا «تاسادىپىي» ئۇدۇل كېلىپ قالغان، يەھۇدانىڭ ۋە باشقا ئەللەرنىڭ گۇناھلىرى بىلەن مۇناۋەتسىز بولغان باشقا ئەللەرنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.*

13چۈنكى ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بوزراھ دەھشەت باسىدىغان ھەم رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكتى، خارابىلىك ۋە لەنەت سۆزى بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى دائىملىق خارابىلىك بولىدۇ. ◼ 49:13 +bd «ئۆز نامىم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى...»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «ئۆزۈم بىلەن قەسەم ئىچكەنمەنكى». +bd «بوزراھ ... رەسۋا قىلىنىدىغان بىر ئوبيېكت»+bd* ــ «بوزراھ» بەلكىم ئېدومدىكى ئەڭ مۇھىم شەھەر بولۇشى مۇمكىن ئىدى.*

14مەن پەرۋەردىگاردىن شۇ بىر خەۋەرنى ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇم، ــ ۋە بىر ئەلچى ئەللەر ئارىسىغا ئەۋەتىلگەنىدى ــ

15مانا، مەن سېنى ئەللەر ئارىسىدا كىچىك،

16سېنىڭ ئۆزگىلەرگە دەھشەت سالىدىغانلىقىڭ،

17ــ ۋە ئېدوم تولىمۇ ۋەھىمىلىك بولىدۇ؛

18سودوم، گوموررا ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىرگە ئۆرۈۋېتىلگەندەك ئېدوممۇ شۇنداق بولىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. ◘ 49:18 يار. 19‏:25؛ يەر. 50‏:40؛ ئام. 4‏:11*

19مانا، ئىئوردان دەرياسىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى* تارقاتقان بىر شىردەك مەن ئېدومدىكىلەرنى* بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئېدومنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ ◼ 49:19 +bd «دائىم ئېقىۋاتقان شۇ سۇلار»+bd* ــ ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۆزى.* ◘ 49:19 ئايۇپ 41‏:2؛ يەر. 12‏:5؛ 50‏:44*

20شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئېدومنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك تېماندىكىلەرنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ پادا كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. ◼ 49:20 +bd «ئۇلارنىڭ پادا كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ»+bd* ــ ياكى «ھەتتا پادا كىچىكلىرىمۇ ئۇلارنى ئېپكېتىدۇ».* ◘ 49:20 يەر. 50‏:45*

21ئۇلارنىڭ يىقىلىپ كەتكەن ساداسىنى ئاڭلاپ يەر يۈزىدىكىلەر تەۋرىنىپ كېتىدۇ؛ نالە-پەريادلىرى «قىزىل دېڭىز»غىچە ئاڭلىنىدۇ.

22مانا، بىرسى بۈركۈتتەك قانات يېيىپ پەرۋاز قىلىپ، بوزراھ ئۈستىگە شۇڭغۇپ چۈشىدۇ. شۇ كۈنى ئېدومدىكى پالۋانلارنىڭ يۈرىكى تولغاققا چۈشكەن ئايالنىڭ يۈرىكىدەك بولىدۇ. ◼ 49:22 +bd «بوزراھ»+bd* ــ ئىنتايىن يۇقىرى قىيا تاش ئۈستىگە، «بۈركۈتنىڭ چاڭگىلى»دەك جايلاشقانىدى.* ◘ 49:22 يەر. 48‏:40،41*

23دەمەشق توغرۇلۇق: ــ

24دەمەشق زەئىپلەشتى، قېچىشقا بۇرۇلىدۇ؛ ئۇنى ۋەھىمە باسىدۇ؛ ئازابلار تولغاققا چۈشكەن ئايالنى تۇتقاندەك، ئازاب ۋە دەرد-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ. ◘ 49:24 يەر. 4‏:31؛ 6‏:24؛ 30‏:6*

25نام-داڭقى چىققان يۇرت، مەن ھۇزۇر ئالغان شەھەر شۇ دەرىجىدە تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ!

26شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ، جەڭگىۋار پالۋانلار شۇ كۈنى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار؛

27ــ ھەم مەن دەمەشقنىڭ سېپىلىگە بىر ئوت ياقىمەن، ئۇ بەن-ھادادنىڭ ئوردىلىرىنى يۇتۇۋالىدۇ. ◼ 49:27 +bd «بەن-ھاداد»+bd* ــ دەمەشقنىڭ كۆپلىگەن پادىشاھلىرىنىڭ ئىسمى ئىدى.* ◘ 49:27 ئام. 1‏:4،14*

28بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار يەڭگەن كېدار توغرۇلۇق ھەم ھازورنىڭ پادىشاھلىقلىرى توغرۇلۇق سۆز: ــ

29ھۇجۇم قىلغانلار ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى ھەم پادىلىرىنى ئېلىپ كېتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ چېدىر پەردىلىرى، بارلىق قاچا-قۇچا، تۆگىلىرىنى بۇلاپ كېتىدۇ؛ خەق ئۇلارغا: «تەرەپ-تەرەپلەرنى ۋەھىمە باسىدۇ!» دەپ ۋارقىرايدۇ.

30قېچىپ كېتىڭلار، بەدەر تىكىپ پىنھان جايلاردىن تۇرالغۇ تېپىپ تۇرۇڭلار، ئى ھازوردىكىلەر، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار سىلەرگە جەڭ قىلىشقا قەست قىلغان، سىلەرگە قاراپ نىيىتى بۇزۇلغان.

31ــ ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ◼ 49:31 +bd «ئورنۇڭدىن تۇر، سېپىل-دەرۋازىلارغا ئىگە بولمىغان ئارامخۇدا ياشاپ، تىنچ-ئامان تۇرغان ئەلگە جەڭ قىلىشقا چىق؛ ئۇلار يالغۇز تۇرىدۇ»+bd* ــ بۇ سۆزمۇ بەلكىم نېبوقادنەسارنىڭ قوشۇنىغا ئېيتىلىشى مۇمكىن. كېدار ۋە ھازوردىكىلەر چېدىرلاردا تۇرۇپ، ھېچ سېپىل-دەرۋازىلىق بولغان ئەمەس.*

32ــ ئۇلارنىڭ تۆگىلىرى ئولجا، توپ-توپ مال-ۋارانلىرى غەنىيمەت بولىدۇ؛ مەن چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەرنى تۆت شامالغا تارقىتىمەن، ئۇلارنىڭ بېشىغا ھەر ئەتراپىدىن كۈلپەت چۈشۈرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ◼ 49:32 +bd «چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگەنلەر»+bd* ــ «چېكە چاچلىرىنى چۈشۈرگۈش» كېداردىكىلەر ھەم ھازوردىكىلەرنىڭ ئادىتى بولسا كېرەك ئىدى.* ◘ 49:32 يەر. 9‏:25؛ 25‏:23*

33ــ ھازور بولسا چىلبۆرىلەرنىڭ تۇرالغۇسى، مەڭگۈگە ۋەيرانە بولىدۇ. ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ. ◘ 49:33 يەر. 9‏:10؛ 10‏:22*

34يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا، پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەرگە ئېلام توغرۇلۇق ئېيتقان سۆزى: ــ

35ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسىنى سۇندۇرىمەن. ◼ 49:35 +bd «ئېلامنىڭ غوللۇق كۈچى بولغان ئوقياسى...»+bd* ــ ئېلام ھازىرقى ئىران زېمىنىدا تۇرغان بىر خەلق ئىدى. ئېلامنىڭ قوشۇنىنىڭ چەنلەپ ئاتىدىغان، دەھشەتلىك مەرگەن ئوقياچىلىرى بىلەن داڭقى چىققانىدى.*

36ئاسمانلارنىڭ تۆت چېتىدىن تۆت شامالنى چىقىرىپ ئېلامنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرىمەن؛ مەن ئۇلارنى بۇ تۆت شامالغا تارقىتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېلامدىن ھەيدەلگەنلەرنىڭ بارمايدىغان ئەل-مەملىكەتلەر قالمايدۇ.

37مەن ئېلامنى دۈشمەنلىرى ئالدىدا ھەم جېنىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئالدىدا دەككە-دۈككىگە چۈشۈرىمەن؛ دەھشەتلىك غەزىپىمنى بېشىغا تۆكۈپ، كۈلپەتلەرنى چۈشۈرىمەن؛ ئۇلارنى بەربات قىلغۇچە مەن قىلىچنى ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتىمەن.

38مەن ئۆز تەختىمنى ئېلامدا تىكلەيمەن، شۇ يەردىن پادىشاھى ۋە شاھزادىلىرىنى يوق قىلىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.