1پەرۋەردىگار*: ــ يېرۇسالېمنىڭ رەستە-كوچىلىرىدا ئۇيان-بۇيان ئايلىنىپ يۈگۈرۈڭلار، ئوبدان كۆرۈپ بىلىۋېلىڭلار؛ مەيدانلىرىدىن ئىزدەپ كۆرۈڭلار؛ ئادالەت بىلەن ئىش كۆرىدىغان، ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئىنتىلىدىغان بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ شەھەرنى* كەچۈرىمەن!
2گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، دېدى*. ◼ 5:2 +bd «...بىرلا ئادەمنى تاپساڭلار، شۇندا مەن بۇ شەھەرنى كەچۈرىمەن! (1-ئايەت)...گەرچە ئۇلار: «پەرۋەردىگارنىڭ ھاياتى بىلەن!» دەپ قەسەم ئىچكەن بولسىمۇ، ئۇلار يالغاندىن سۆزلەيدۇ، دېدى»+bd* ــ كېيىن، يەرەمىيا بىرنەچچە شۇنداق ئادىل، سادىق ئادەملەر (مەسىلەن، بارۇق، ئاھىكام، ئەبەد-مەلەك) بىلەن تونۇشقان. لېكىن پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا ئۇ مۇشۇنداقلارنى تاپالمىغان.*
3ــ ئى پەرۋەردىگار، كۆزۈڭ ئادالەت-بىتەرەپلىكنى ئىزدەپ يۈرىدۇ ئەمەسمۇ؟ سەن بۇلارنى ئۇردۇڭ، لېكىن ئۇلار ئازابلانمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى نابۇت قىلىپ تۈگەشتۈردۈڭ، لېكىن ئۇلار تەربىيە قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىپ كەلدى؛ ئۇلار يۈزلىرىنى تاشتىن قاتتىق قىلدى، ئۇلار يولىدىن يېنىشنى رەت قىلىدۇ» ◘ 5:3 يەش. 1:5؛ 9:12؛ يەر. 2:30*
4ــ مەن: «شۈبھىسىزكى، بۇنداق قىلغانلار پەقەت نامراتلار، ئۇلار نادانلار؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلمەيدۇ» ــ دېدىم.
5ــ «مەن مۆتىۋەرلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇلارغا سۆزلەيمەن؛ چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى، خۇداسىنىڭ ھۆكۈم-كۆرسەتمىلىرىنى بىلىدۇ». بىراق ئۇلارمۇ بويۇنتۇرۇقنى ئۈزۈل-كېسىل بۇزۇپ، رىشتىلىرىنى ئۈزۈپ تاشلىغان.
6ــ شۇڭا ئورماندىن چىققان بىر شىر ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ؛ شەھەرلەردىن چىققان ھەربىرى تىتما-تىتما قىلىنىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاسىيلىقلىرى كۆپىيىپ، ۋاپاسىزلىقلىرى ئاۋۇيدۇ. ◼ 5:6 +bd «ئورماندىن چىققان بىر شىر ...، باياۋاندىن چىققان بىر بۆرە ...؛ يىلپىز شەھەرلەرگە قاراپ پايلايدۇ»+bd* ــ بۇ ئايەتتىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار كۆچمە مەنىدە بولۇپ دۈشمەنلەرنى كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە.* ◘ 5:6 يەر. 4:7*
7مەن زادى نېمىگە ئاساسەن سېنى كەچۈرىمەن؟ سېنىڭ بالىلىرىڭ مەندىن ۋاز كېچىپ، خۇدا ئەمەسلەرگە قەسەم ئىچمەكتە؛ مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ. ◼ 5:7 +bd «مەن ھەممە ھاجەتلىرىدىن چىققان بولساممۇ، لېكىن ئۇلار زىناخورلۇق قىلىپ، پاھىشىلەرنىڭ ئۆيىگە توپ-توپ بولۇپ مېڭىۋاتىدۇ»+bd* ــ بۇ ئايەت بەلكىم روھىي جەھەتتىكى ۋاپاسىزلىقنى كۆرسىتىدۇ. خۇدا ئىسرائىلنى «مېنىڭ ئايالىم» دەپ ئاتايدۇ (10:2، 3-بابنى كۆرۈڭ). 8-ئايەت جىسمانىي جەھەتتىكى زىناخورلۇقنىمۇ كۆرسىتىدۇ.*
8ئۇلار سەمرىگەن ئىشقۋاز ئايغىرلار، ئۇلار ھەربىرى ئۆز يېقىنىنىڭ ئايالىغا ھەۋەس قىلىپ كىشنەۋاتىدۇ. ◘ 5:8 ئەز. 22:11*
9بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ ◘ 5:9 يەر. 5:29؛ 9:9*
10ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، تاللىرىنى ۋەيران قىلىڭلار؛ لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماڭلار؛ شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر؛ ◼ 5:10 +bd «ئۇنىڭ ئۈزۈم چۈنەكلىرىدىن ئۆتۈپ، .... شاخلىرىنى قىرىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر»+bd* ــ بۇ ئايەتنىڭ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇنىڭ سېپىللىرىغا يامىشىپ چىقىپ ۋەيرانچىلىق قىلىڭلار، لېكىن ئۇلارنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلىۋەتمەڭلار؛ ئىستىھكاملىرىنى ئېلىپ تاشلاڭلار، چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا تەۋە ئەمەستۇر».* ◘ 5:10 يەر. 18:5؛ 4:27؛ 11:30؛ 46؛28؛ يەش. 8:27*
11چۈنكى ئىسرائىل جەمەتى ۋە يەھۇدا جەمەتى ماڭا مۇتلەق ۋاپاسىزلىق قىلدى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◘ 5:11 يەر. 3:20*
12ئۇلار: «ئۇ ھېچنېمە قىلمايدۇ! بىزگە ھېچ ئاپەت چۈشمەيدۇ؛ نە قىلىچ نە قەھەتچىلىكنى كۆرمەيمىز!» ــ دەپ پەرۋەردىگاردىن تېنىپ كەتتى.
13پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس؛ پەرۋەردىگارنىڭ* سۆز-كالامى ئۇلاردا يوقتۇر؛ ئۇلارنىڭ سۆزلىرى ئۆز بېشىغا يانسۇن! ◼ 5:13 +bd «پەيغەمبەرلەر بولسا پەقەت بىر شامالدىن ئىبارەت بولىدۇ، خالاس»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «روھ» ۋە «شامال» بىر سۆز بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. شۇبھىسىزكى، «پەيغەمبەرلەر» ئۆزلىرىنى «بىزگە خۇدانىڭ روھى تولدۇرۇلغان» دەيدۇ، لېكىن خۇدا ئۇلارنى پەقەت «شامالغا تولدۇرۇلغان» دەيدۇ.*
14شۇڭا پەرۋەردىگار، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان خۇدا ماڭا مۇنداق دەيدۇ: ــ بۇ خەلق مۇشۇ سۆزنى قىلغىنى ئۈچۈن، مانا، مەن ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىمنى ئوت، بۇ خەلقنى ئوتۇن قىلىمەنكى، ئوت ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ◘ 5:14 يەر. 1:9-10*
15ــ مانا، مەن يىراقتىن بىر ئەلنى ئېلىپ كېلىمەن، ئى ئىسرائىل جەمەتى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇ كۈچلۈك بىر ئەل، قەدىمىي بىر ئەل، تىلىنى سەن بىلمەيدىغان ۋە گەپلىرىنى سەن ھېچ چۈشەنمەيدىغان بىر ئەل بولىدۇ؛ ◘ 5:15 قان. 28:49؛ يەر. 1:15؛ 6:22*
16ئۇلارنىڭ ئوقدېنى يوغان ئېچىلغان بىر گۆردۇر؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى باتۇر پالۋانلاردۇر.
17ئۇلار ھوسۇلىڭنى ۋە نېنىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، كالا-قوي پادىلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ، ئۈزۈم تاللىرىڭنى ۋە ئەنجۇر دەرەخلىرىڭنى يەپ كېتىدۇ؛ ئۇلار سەن تايانغان مۇستەھكەم شەھەرلىرىڭنى قىلىچ بىلەن ۋەيران قىلىدۇ. ◘ 5:17 لاۋ. 26:16؛ قان. 28:31،33*
18ھالبۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ شۇ كۈنلەردىمۇ سىلەرنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرمەيمەن. ◘ 5:18 يەر. 10:5؛ 4:27؛ 11:30؛ 46؛28*
19شۇ چاغدا خەلقىڭ*: «پەرۋەردىگار خۇدايىمىز نېمىشقا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بېشىمىزغا چۈشۈرگەن؟» ــ دەپ سورىسا، ئەمدى سەن يەرەمىيا* ئۇلارغا: «سىلەر مەندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆز زېمىنىڭلاردا يات ئىلاھلارنىڭ قۇللۇقىدا بولغىنىڭلاردەك، سىلەر ئۆز ۋەتىنىڭلار بولمىغان بىر زېمىندا يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر» ــ دېگىن. ◼ 5:19 +bd «يات بولغانلارنىڭ قۇللۇقىدا بولىسىلەر»+bd* ــ «يات بولغانلار» بەلكىم ئىككى بىسلىق سۆزلەر بولۈپ، ھەم «يات بۇتلار» ھەم «يات ئادەملەر»نىمۇ كۆرسىتىدۇ.* ◘ 5:19 يەر. 16:10*
20ــ ياقۇپنىڭ جەمەتىدە شۇنى جاكارلىغىنكى ۋە يەھۇدا ئارىسىدا شۇنى ئېلان قىلغىنكى،
21«بۇنى ئاڭلاڭلار، ئى نادان ۋە ئەقلى يوق، كۆزى تۇرۇپ كۆرمەيدىغان، قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمايدىغان بىر خەلق: ــ ◘ 5:21 يەش. 6:9*
22مەندىن قورقمامسىلەر؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ دېڭىز سۈيى ئۈچۈن ساھىلنى مەڭگۈلۈك چەكلىمە قىلىپ، «بۇ يەردىن ئۆتمە» دەپ بېكىتكەن مېنىڭ ئالدىمدا تەۋرىمەمسىلەر؟ مانا، دولقۇنلىرى ئۆركەشلىگىنى بىلەن ئۇلار ساھىل ئۈستىدىن ھېچ غەلىبە قىلمايدۇ؛ شاۋقۇنلىغىنى بىلەن بۇ چەكتىن ھەرگىز ھالقىپ ئۆتەلمەيدۇ. ◘ 5:22 ئايۇپ 38:10، 11؛ زەب. 33:7-8؛ 104:9*
23لېكىن بۇ خەلقنىڭ جاھىل ۋە ئاسىيلىق كۆڭلى باردۇر؛ ئۇلار يولدىن چىقىپ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ كەتتى.
24ئۇلار كۆڭلىدە: «ئۆز ۋاقتىدا يامغۇرلارنى، يەنى ئاۋۋالقى ھەم كېيىنكى يامغۇرلارنى بەرگۈچى، بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى پەرۋەردىگار خۇدايىمىزدىن ئەيمىنەيلى» دېگەننى ھېچ دېمەيدۇ. ◼ 5:24 +bd «ئاۋۋالقى يامغۇر»...«كېيىنكى يامغۇر»...+bd* ــ «ئاۋۋالقى يامغۇر» ئادەتتە 11-ئايدا يېغىپ، تۇپراقنى يۇمشىتىدۇ، يەرنى ھەيدەپ ئۇرۇق سېلىشقا تەييارلىنىدۇ. «كېيىنكى يامغۇر» بولسا پەلەستىندە 3- ياكى 4-ئايدا ياغىدۇ، ئەتىيازلىق زىرائەتلەرنى پىشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. بۇ يامغۇرلار بولمىسا ھېچ ھوسۇل بولمايدۇ. +bd «بىزگە ھوسۇل پەسلىنى بېكىتىپ ئامان-ئېسەن ساقلىغۇچى»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «بىزگە ھوسۇل پەسلىدىكى ھەپتىلەرنى ساقلىغۇچى...».* ◘ 5:24 قان. 11:14*
25سىلەرنىڭ قەبىھلىكلىرىڭلار مۇشۇ ئىشلارنى سىلەرگە نېسىپ قىلمىغان؛ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار سىلەردىن بەرىكەتنى مەھرۇم قىلغان.
26چۈنكى خەلقىم ئارىسىدا رەزىللەر باردۇر؛ ئۇلار پىستىرمىدا ياتقان قىلتاقچىلاردەك پايلاپ يۈرىدۇ؛ ئۇلار تۇزاق سېلىپ، ئادەملەرنى تۇتۇۋالىدۇ.
27تۇتقان قۇشلارغا تولغان قەپەستەك، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدامچىلىقتىن ئېرىشكەن ماللار بىلەن تولغان؛ ئۇلار شۇ يول بىلەن بۈيۈك ھەم باي بولۇپ كەتتى.
28ئۇلار سەمرىپ، پارقىراپ كەتتى؛ بەرھەق، ئۇلار رەزىل ئىشلارنى قىلىشقا ماھىر بولۇپ كەتتى؛ ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ؛ نامراتلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ھۆكۈمنى ئۇلار چىقارمايدۇ. ◼ 5:28 +bd «ئۇلار ئۆز مەنپەئەتىنى كۆزلەپ خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىمايدۇ...»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى بولسا: «ئۇلار خەقلەرنىڭ دەۋاسىنى، ھەتتا يېتىم-يېسىرلەرنىڭ دەۋاسىنى سورىغىنى بىلەن ھەرگىز ئۇنى ئادىل سورىمايدۇ».* ◘ 5:28 قان. 32:15؛ يەش. 1:23؛ زەك. 7:10*
29بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن ئۇلارنى جازالىماي قويامدىم؟! ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مېنىڭ جېنىم مۇشۇنداق بىر ئەلدىن قىساس ئالماي قويامدۇ؟ ◼ 5:29 +bd «جازالىماي قويامدىم»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا «يوقلىمامدىم؟!».* ◘ 5:29 يەر. 5:9؛ 9:9*
30زېمىندا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە يىرگىنچلىق بىر ئىش سادىر قىلىنغانكى ــ