1پەرۋەردىگار يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بابىل توغرۇلۇق، يەنى كالدىيلەرنىڭ زېمىنى توغرۇلۇق ئېيتقان سۆز: ــ
2ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار، تۇغ كۆتۈرۈڭلار؛ جاكارلاڭلار، ئۇنى يوشۇرماڭلار! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى!» ــ دەڭلار. ◼ 50:2 +bd «ئەللەر ئارىسىدا شۇ خەۋەرنى ئېلان قىلىپ جاكارلاڭلار...! ــ «بابىل ئىشغال قىلىندى؛ بەل بولسا خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، ماردۇك پاتىپاراق بولۇپ كەتتى؛ بابىلنىڭ ئويما بۇتلىرى خىجالەتكە قالدۇرۇلدى، يىرگىنچلىك نەرسىلىرى پاتىپاراقچىلىققا چۈشتى»+bd* ــ بابىل شەھىرىنىڭ ئىشغال قىلىنىشى ئىسرائىلنىڭ بىرىنچى سۈرگۈنىدىن 70 يىل كېيىن (مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 539-يىلى) پارس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بولغان. «بەل» ھەم «ماردۇك» (ياكى «مېروداق») بابىلدىكى ئىككى چوڭ بۇتنىڭ ئىسمى ئىدى.* ◘ 50:2 يەش. 46:1؛ يەر. 51:44*
3چۈنكى شىمالدىن ئۇنىڭغا جەڭ قىلماقچى بولغان بىر ئەل كېلىدۇ؛ ئۇ ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋەيران قىلىدۇ، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ؛ ئىنسان ھەم ھايۋانمۇ قېچىپ كېتىدۇ، ئۇلار يوق بولىدۇ.
4شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىل خەلقى كېلىدۇ، ئۇلار ھەم يەھۇدا خەلقى بىلەن بىللە كېلىدۇ، ئۇلار يىغلىغان ھالدا مېڭىپ پەرۋەردىگار خۇداسىنى ئىزدەشكە كېلىدۇ.
5ئۇلار زىئوننىڭ يولىنى سورايدۇ، يۈزلىرىنى ئۇنىڭغا قارىتىپ: «ھەرگىز ئۇنتۇلماس مەڭگۈلۈك بىر ئەھدە بىلەن ئۆزىمىزنى پەرۋەردىگارغا باغلايلى» ــ دەيدۇ.
6ــ مېنىڭ خەلقىم ئازغان قويلاردۇر؛ ئۇلارنىڭ باققۇچىلىرى ئۇلارنى ئازدۇرغان، ئۇلارنى تاغلاردا تېنىتىپ يۈرگەن؛ ئۇلار تاغدىن دۆڭگە كېزىپ يۈرۈپ، ئۆز ئارامگاھىنى ئۇنتۇغاندۇر.
7ئۇلارنى ئۇچراتقانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، كۈشەندىلىرى ئۇلار توغرۇلۇق: «بىزدە بۇ ئىشلاردا* ھېچ گۇناھ يوق، چۈنكى ئۇلار ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ئۈمىدى بولغان پەرۋەردىگار، يەنى ھەققانىيلىقنىڭ يايلاق-تۇرالغۇسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان!» ــ دېگەن. ◘ 50:7 يەر. 31:23*
8ئى خەلقىم*، بابىل ئوتتۇرىسىدىن قېچىڭلار، كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى تاشلاپ چىقىڭلار، پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار. ◼ 50:8 +bd «ئى خەلقىم، بابىل ئوتتۇرىسىدىن قېچىڭلار، ... پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار»+bd* ــ بۇ سۆزگە قارىغاندا ئوتتۇرا شەرقتىكى بەزى پادىچىلار تېكىلەرنى قوي پادىلىرىغا «يېتەكچى رول»دا ئىشلىتىدۇ. شۇڭا «پادىنى يېتەكلىگۈچى تېكىلەردەك بولۇڭلار» دېگىنى، «بىرىنچى بولۇپ بابىلدىن چىقىپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇڭلار» دېگەن مەنىدە.* ◘ 50:8 يەش. 48:20؛ يەر. 51:6؛ ۋەھ. 18:4*
9ــ چۈنكى مانا، شىمالىي زېمىندىن بابىلغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان زور بىر توپ ئۇلۇغ ئەللەرنى قوزغايمەن؛ ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭغا قارشى سەپكە قوشىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بابىل شۇ يەردىن چىققانلار تەرىپىدىن ئەسىرگە چۈشىدۇ. ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر مەرگەنلەرنىڭكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەڭدىن قۇرۇق قول كەلمەيدۇ. ◼ 50:9 +bd «ئۇلارنىڭ ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى باتۇر مەرگەنلەرنىڭكىدەك بولىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى جەڭدىن قۇرۇق قول كەلمەيدۇ»+bd* ــ دېمەك، بەتلەنگەن ھەربىر ئوقى زايە كەتمەيدۇ. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئوقلىرىنىڭ ھەممىسى جەڭدىن قولى قۇرۇق (ئولجىسىز) قايتىپ كەلمەيدىغان باتۇر جەڭچىلەردەك بولىدۇ...».*
10كالدىيە بولسا ئولجا بولىدۇ؛ ئولجا ئالغان بارلىق بۇلىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قانائەتلىنىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
11ــ چۈنكى سىلەر شادلانغانسىلەر، سىلەر يايراپ كەتكەنسىلەر، ئى مىراسىم بولغان خەلقىمنى* بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچىلار! چۈنكى سىلەر چىمەندە تۇرغان موزايلاردەك سەكرىگەنسىلەر، ئايغىرلاردەك خۇشاللىقتىن كىشنىگەنسىلەر!
12ئەمدى ئانا يۇرتۇڭ* زور خىجالەتكە قالدۇرۇلىدۇ؛ رەسۋاچىلىق سېنى تۇغقۇچىنى قاپلايدۇ؛ مانا، ئۇ ئەللەرنىڭ داشقىلى، ــ بىر جاڭگال، قاغجىراق يەر ۋە چۆل-باياۋان بولۇپ قالىدۇ.
13پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ ھېچ ئاھالىسى بولمايدۇ، بەلكى تولۇق تاشلىۋېتىلگەن بولىدۇ؛ بابىلدىن ئۆتىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ بارلىق يارا-ۋابالىرى تۈپەيلىدىن ۋەھىمىگە چۈشۈپ ئۇش-ئۇش قىلىدۇ. ◘ 50:13 يەر. 49:17*
14بابىلغا جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىدا سەپكە تىزىلىڭلار، بارلىق ئوقياچىلار؛ ئۇنىڭغا ئېتىڭلار، ئوقلارنى ھېچ ئايىماڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھ سادىر قىلغان.
15ئۇنىڭ ئەتراپىدا جەڭ چۇقانلىرىنى كۆتۈرۈڭلار؛ ئۇ تەسلىم بولۇپ قول كۆتۈرىدۇ؛ مۇنارلىرى ئۆرۈلىدۇ، سېپىللىرى غۇلىتىلىدۇ؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالغان قىساسىدۇر. ئۇنىڭدىن قىساس ئېلىڭلار؛ ئۇ باشقىلارغا نېمە قىلغان بولسا ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار. ◘ 50:15 ۋەھ. 18:6*
16بابىلدىن ئۇرۇق تېرىغۇچى ھەم ھوسۇل ۋاقتىدىكى ئورغاق سالغۇچىلارنى يوق قىلىڭلار؛ زۇلۇمكارنىڭ قىلىچىنىڭ قورقۇنچى تۈپەيلىدىن بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئانا يۇرتىغا قاچسۇن! ◼ 50:16 +bd «بۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆز ئېلىگە قايتىپ، ھەربىرى ئۆز ئانا يۇرتىغا قاچسۇن!»+bd* ــ «ھەربىرى... ھەربىرى...» بەلكى بابىلدا «قارا ئەمگەك» قىلغان چەتئەللىك ئەمگەكچىلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇلار نۇرغۇن يەھۇدىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەلۋەتتە.*
17ئىسرائىل تارقىتىۋېتىلگەن قوي پادىسىدۇر؛ شىرلار ئۇلارنى ھەيدىۋەتكەن؛ دەسلەپتە ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھى ئۇلارنى يەپ كەتكەن، ئاخىرىدا بۇ بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار ئۇنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىپ غاجىلىغان.
18شۇڭا ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنى جازالىغىنىمدەك، مەن بابىل پادىشاھىنى ھەم زېمىنىنى جازالايمەن. ◘ 50:18 2پاد. 19:35، 37؛ يەش. 37:36، 38*
19مەن ئىسرائىلنى قايتىدىن ئۆز يايلىقىغا قايتۇرىمەن، ئۇ كارمەل تېغىدا، باشان زېمىنىدا ئوزۇقلىنىدۇ، ئۇنىڭ جېنى ئەفرائىم تېغى ئۈستىدە ھەم گىلېئاد زېمىنىدا قانائەتلىنىدۇ.
20شۇ كۈنلەردە، شۇ چاغدا، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئىسرائىلنىڭ قەبىھلىكى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ يەھۇدانىڭ گۇناھلىرى ئىزدەلسە، ھېچ تېپىلمايدۇ؛ چۈنكى مەن قالدۇرغان قالدىسىنى كەچۈرۈم قىلىمەن.
21ــ مېراتائىمنىڭ زېمىنىغا زەرب بىلەن جەڭ قىلىشقا، پېكودتا تۇرۇۋاتقانلارغىمۇ جەڭ قىلىشقا چىقىڭلار؛ ئۇلارنى ۋەيران قىلىڭلار، قالدۇقىنىمۇ ھالاك قىلىڭلار، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن نېمىنى ساڭا بۇيرۇغان بولسام شۇنى ئادا قىلىڭلار. ◼ 50:21 +bd «مېرىئاتائىمنىڭ زېمىنى»+bd* ــ «مېراتائىم» بولسا بابىل زېمىنىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەر. ئىسمى «ئىككى ھەسسىلىك ئاسىيلىق» دېگەن مەنىدە، بابىلنىڭ خاراكتېرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەتەي مىسالغا ئېلىنغان بولۇشى كېرەك. «پېكود»دىكىلەر ئارامىيەدىكى خەلق بولۇپ، بابىلغا ئىتتىپاقداش ئىدى؛ «پېكود»نىڭ مەنىسى «جازا»دۇر.
22جەڭ سادالىرى بابىل* زېمىنىدا ئاڭلىنىدۇ؛ ئۇ زور ھالاكەتنىڭ ساداسىدۇر!
23ئەسلىدە پۈتكۈل يەر يۈزىنى ئۇرغان بازغان شۇ دەرىجىدە سۇندۇرۇپ چېقىۋېتىلدىغۇ! بابىل ئەللەر ئارىسىدا شۇنچە بىر دەھشەت باسقۇچى بولۇپ چىققانتىغۇ! ◼ 50:23 +bd «بازغان»+bd* ــ باشقا كۆپ ئەللەرنى ئۇرۇۋەتكەن بابىلنى كۆرسىتىدۇ.*
24مەن ساڭا تۇزاق قۇردۇم؛ سەن، ئى بابىل، ھېچ بىلمەيلا ئۇنىڭغا تۇتۇلدۇڭ؛ پەرۋەردىگار بىلەن قارشىلىشىشىڭ تۈپەيلىدىن سەن تېپىلىپ تۇتۇلدۇڭ.
25پەرۋەردىگار قورال ئامبىرىنى ئېچىپ، غەزىپىدىكى قوراللىرىنى ئېلىپ چىقاردى؛ چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان رەب پەرۋەردىگار كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا قىلىدىغان ئىشى باردۇر.
26ئۇنىڭ ھەر چەت-چەتلىرىدىن كېلىپ ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىڭلار، ئامبارلىرىنى ئېچىۋېتىڭلار؛ ئۆنچىلەرنى دۆۋىلىگەندەك ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ ۋەيران قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار! ◼ 50:26 +bd «...ئامبارلىرىنى ئېچىۋېتىڭلار؛ ئۆنچىلەرنى دۆۋىلىگەندەك ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ ۋەيران قىلىڭلار؛ ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار!»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «... ئاش-بۇغداينى ساقلىغان ئامبارلىرىنى ئېچىڭلار؛ ئۇنى خارابە-خارابە قىلىپ دۆۋىلەپ تاشلاپ، ئۇنىڭ ھېچنېمىسىنى قالدۇرماڭلار!».*
27ئۇنىڭ بارلىق تورپاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار! ئۇلار سويۇلۇشقا چۈشسۇن! ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ كۈنى، يەنى جازالىنىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ◼ 50:27 +bd «ئۇنىڭ بارلىق تورپاقلىرىنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار!»+bd* ــ «تورپاقلىرى» بەلكىم ھەم بابىلنىڭ سەرخىل مال-ۋارانلىرىنى كۆرسەتكەن ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭ سەرخىل لەشكەرلىرىگە سىمۋول قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.*
28ئاڭلاڭلار! زىئونغا كېلىپ، پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىساسىنى، يەنى ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىنى جاكارلايدىغان، بابىل زېمىنىدىن قاچقان پاناھ ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاڭلار!
29بابىلغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئوقياچىلارنى، يەنى بارلىق كاماننى ئەگكۈچىلەرنى چاقىرىڭلار؛ بابىلنىڭ ئەتراپىدا بارگاھ قۇرۇپ قورشىۋېلىڭلار؛ ھېچكىمنى قاچقۇزماڭلار؛ ئۆز قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈڭلار؛ ئۇ نېمىلەرنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭغىمۇ شۇنى قىلىڭلار؛ چۈنكى ئۇ پەرۋەردىگارغا ــ ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچىغا قارشى كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى. ◘ 50:29 ۋەھ. 18:6، 7*
30شۇڭا ئۇنىڭ يىگىتلىرى كوچىلىرىدا يىقىلىدۇ؛ شۇ كۈنىدە ئۇنىڭ بارلىق جەڭچى پالۋانلىرى يوقىتىلىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◘ 50:30 يەر. 49:26*
31مانا، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن، ئى كۆرەڭلەپ كەتكۈچى، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ چۈنكى سېنىڭ كۈنۈڭ، يەنى مەن يېنىڭغا يېقىن كېلىپ جازالايدىغان كۈن يېتىپ كەلدى؛
32كۆرەڭلەپ كەتكۈچى پۇتلىشىپ يىقىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قايتىدىن يۆلەپ تۇرغۇزمايدۇ؛ بەرھەق، مەن ئۇنىڭ شەھەرلىرىگە ئوت ياقىمەن، ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ يۇتۇپ كېتىدۇ.
33ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ ئىسرائىللار يەھۇدالار بىلەن بىللە ئېزىلىپ خورلۇقنى كۆرگەن؛ ئۇلارنى ئەسىر قىلغانلار ئۇلارنى قاتتىق قاماپ تۇتقانىدى؛ ئۇلارنى قويۇۋېتىشنى رەت قىلغان.
34لېكىن ئۇلارنىڭ ھەمجەمەت-قۇتقۇزغۇچىسى كۈچلۈكتۇر؛ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دەۋاسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن سورايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارنىڭ زېمىنىغا ئاراملىق بېرىدۇ، بابىلدىكىلەرگە ئارامسىزلىق يەتكۈزىدۇ.
35كالدىيلەر ئۈستىگە، بابىلدا تۇرۇۋاتقانلار ئۈستىگە ھەمدە بابىلنىڭ ئەمىرلىرى ۋە دانىشمەنلىرى ئۈستىگە قىلىچ چۈشىدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛
36قىلىچ پالچىلار ئۈستىگە چۈشكەندە، ئۇلار ھاماقەت-ئەخمەقلەردەك كۆرۈنىدۇ؛ قىلىچ ئۇلارنىڭ پالۋانلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ؛
37قىلىچ ئۇلارنىڭ ئاتلىرى ئۈستىگە، جەڭ ھارۋىلىرى ئۈستىگە، ئۇلارنىڭ سەپلىرىدە تۇرغان بارلىق يات لەشكەرلەر ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار ئاياللاردەك بولىدۇ؛ قىلىچ خەزىنىلىرى ئۈستىگە چۈشىدۇ، ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنىدۇ.
38قۇرغاقچىلىق ئۇلارنىڭ سۇلىرى ئۈستىگە چۈشۈپ، ئۇلار قۇرۇپ كېتىدۇ؛ بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلار تۈپەيلىدىن تەلۋىشىپ كەتكەن. ◼ 50:38 +bd «بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولۇپ، ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلار تۈپەيلىدىن تەلۋىشىپ كەتكەن»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «بۇلارنىڭ سەۋەبى زېمىنى ئويما بۇتلارغا تولغان، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچلۇق مەبۇدلىرىنى داڭلاپ كەتكەنىدى».*
39شۇڭا چۆلدىكى جانىۋارلار ۋە چىلبۆرىلەر بىرلىكتە شۇ يەردە تۇرىدۇ؛ شۇ يەردە ھۇۋقۇشلار ماكانلىشىدۇ؛ ئۇ مەڭگۈگە ئادەمزاتسىز بولىدۇ، دەۋردىن-دەۋرگە ھېچ ئاھالىلىك بولمايدۇ.
40خۇدا سودوم ۋە گوموررانى ئەتراپىدىكى شەھەرلىرى بىلەن بىللە ئۆرۈۋەتكىنىدەك، ھېچكىم شۇ يەردە تۇرمايدۇ، ئىنسان بالىلىرى شۇ يەردە ئولتۇراقلاشمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◘ 50:40 يار. 19:24؛ يەر. 49:18؛ يەش. 19:13؛ ئام. 11:4*
41ــ مانا، شىمالدىن بىر خەلق، ئۇلۇغ بىر ئەل چىقىپ كېلىدۇ؛ يەر يۈزىنىڭ چەت-چەتلىرىدىن نۇرغۇن پادىشاھلار قوزغىلىدۇ. ◘ 50:41 يەر. 6:22،30*
42ئۇلار ئوقيا ھەم نەيزىنى تۇتۇپ قوراللىنىدۇ؛ ئۇلار ۋەھشىي، ھېچ رەھىم كۆرسەتمەيدىغان بولىدۇ؛ ئاتلىرىغا مىنگەندە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرى دېڭىزدەك شاۋقۇنلايدۇ؛ ئۇلار جەڭگە ئاتلاتقان ئادەملەردەك سەپ-سەپ بولۇپ، ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى، ئى بابىل قىزى!
43بابىل پادىشاھى ئۇلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپلا قوللىرى تىترەپ بوشاپ كېتىدۇ؛ غەم-قايغۇ ئۇنى تۇتىدۇ، تولغاققا چۈشكەن ئايالدەك ئازابلار ئۇنى بېسىۋالىدۇ. ◘ 50:43 يەر. 49:24*
44مانا، ئىئوردان دەرياسى بويىدىكى چاۋار-چاتقاللىقتىن چىقىپ، دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار بويىدىكى يايلاقتىكى قويلارنى تارقاتقان بىر شىردەك مەن بابىلدىكىلەرنى* بەدەر قاچقۇزىمەن. ئەمدى كىمنى خالىسام مەن ئۇنى ئۇنىڭ ئۈستىگە تىكلەيمەن؛ چۈنكى ماڭا كىم تەڭ كېلەلەيدۇ؟ كىم مېنىڭدىن ھېساب ئېلىشقا مېنى چاقىرالايدۇ؟ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرالايدىغان پادا باققۇچى بارمۇ؟ ◼ 50:44 +bd «دائىم ئېقىپ تۇرىدىغان شۇ سۇلار»+bd* ــ ئىئوردان دەرياسىنىڭ سۇلىرى ئۆزى.* ◘ 50:44 ئايۇپ 41:2؛ يەر. 49:19،22*
45شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ بابىلنى جازالاشتىكى مەقسىتىنى، شۇنىڭدەك كالدىيلەرنىڭ زېمىنىنى جازالاش نىيىتىنى ئاڭلاڭلار: ئۇلارنىڭ پادا كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ؛ بەرھەق، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن پەرۋەردىگار* ئۇنىڭ يايلىقىنى ۋەيرانە قىلىدۇ. ◼ 50:45 +bd «ئۇلارنىڭ پادا كىچىكلىرىمۇ تارتىپ ئېپكېتىلىدۇ»+bd* ــ ياكى «ھەتتا پادا كىچىكلىرىمۇ ئۇلارنى ئېپكېتىدۇ».* ◘ 50:45 يەر. 49:20*