يەرەمىيا 51:1-63 UIGB2010 - Bible AI

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مەن بابىلنى سوقىدىغان ھەم «لەب-كاماي»دا تۇرۇۋاتقانلارنى سوقىدىغان بىتچىت قىلغۇچى شامالنى قوزغاپ چىقىرىمەن؛ ◼ 51:1 +bd «لەب-كاماي»+bd* ــ كالدىيەنى بىر كىنايىلىككىنايىلىك «شىفىر» ئارقىلىق كۆرسىتىدۇ. شىفىرنى ئىپادىلەش يولى بولسا، «كالدىيە» دېگەن سۆزنىڭ ھەربىر ھەرپىنى ئىبرانىي تىلىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە ئارقىدىن ئوقۇلغان ھەرپ بىلەن ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت. (مەسىلەن، ئۇيغۇر تىلىدا بولسا، «ئا»نى «ي» بىلەن، «ئە»نى «ئى» بىلەن ئالماشتۇرغانغا ئوخشاش). «لەب-كاماي» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى ئىبرانىي تىلىدا «تەتۈرچىلىك قىلغانلارنىڭ قەلبى»، «ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ قەلبى» دېگەننى بىلدۈرىدۇ، بۇ ئىنتايىن كىنايىلىك گەپتۇر.

2مەن بابىلغا يات ئادەملەرنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇلار ئۇنى سورۇۋېتىدۇ، زېمىنىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىدۇ؛ ئۇنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشكەن كۈنىدە ئۇلار ئۇنىڭغا تەرەپ-تەرەپتىن قارشىلىشىشقا كېلىدۇ. ◘ 51:2 يەر. 4‏:11؛ 15‏:7*

3ئۇنىڭ ئوقياچىلىرىغا كىرىچنى تارتقۇدەك، ئورنىدىن تۇرغۇچىلارغا دۇبۇلغا-ساۋۇت كىيگۈدەك پۇرسەت بەرمەڭلار؛ ئۇنىڭ يىگىتلىرىنىڭ ھېچقايسىسىنى ئاياپ قويماڭلار؛ ئۇنىڭ پۈتكۈل قوشۇنىنى بىتچىت قىلىڭلار.

4كالدىيلەرنىڭ زېمىنىدا سانجىلغانلار، كوچىلىرىدا قىلىچلانغانلار يىقىلسۇن! ◘ 51:4 يەر. 49‏:26*

5چۈنكى ئىسرائىل ياكى يەھۇدامۇ ئۆز خۇداسى تەرىپىدىن، يەنى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن ئەمەس؛ چۈنكى بابىلنىڭ* زېمىنى ئىسرائىلدىكى مۇقەددەس بولغۇچى ئالدىدا سادىر قىلغان گۇناھ بىلەن تولغاندۇر.

6بارلىق ئەللەر*، بابىل ئىچىدىن قېچىڭلار، ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! ئۇنىڭ قەبىھلىكىگە چېتىلىپ قېلىپ ھالاك بولماڭلار؛ چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان ۋاقتىدۇر؛ ئۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ. ◼ 51:6 +bd «بارلىق ئەللەر، بابىل ئىچىدىن قېچىڭلار، ئۆز جېنىڭلارنى ئېلىپ بەدەر قېچىڭلار! ... چۈنكى بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساس ئالىدىغان ۋاقتىدۇر؛ ئۇ قىلمىشىنى ئۆز بېشىغا قايتۇرىدۇ»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزلەر «بارلىق ئەللەر»گە ئەمەس، بەلكى ئىسرائىلغا ئېيتىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. 45-ئايەتتە ئەھۋال شۇنداق بولىدۇ، لېكىن بىزنىڭچە مۇشۇ يەردە بابىلدا ھەربىر ئەللەرگە ئېيتىلىدۇ. چۈنكى 9-ئايەتتە قاچقانلار «ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى» دېيىشىدۇ.* ◘ 51:6 يەر. 50‏:8،15،28؛ ۋەھ. 18‏:4*

7بابىل پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى پۈتكۈل جاھاننى مەست قىلغۇچى ئالتۇن قەدەھ بولغان؛ ئەللەر ئۇنىڭ شارىبىدىن ئىچكەن؛ ئەللەر شۇنىڭ بىلەن ساراڭ بولۇپ كەتكەن. ◼ 51:7 +bd «ئەللەر .... ساراڭ بولۇپ كەتكەن»+bd* ــ بەلكىم بابىلنىڭ گۇناھىغا چېتىلىپ، شۇنىڭدەك جازاسىغىمۇ چېتىلىپ قېلىپ تولىمۇ دەككە-دۈككىگە چۈشىدۇ.* ◘ 51:7 ۋەھ. 18*

8بابىل تۇيۇقسىز يىقىلىپ بىتچىت بولىدۇ؛ ئۇنىڭغا ئاھ-زار كۆتۈرۈڭلار! ئۇنىڭ ئازابلىرى ئۈچۈن تۇتىيا ئېلىڭلار؛ ئۇ بەلكىم ساقايتىلارمىكىن؟ ◘ 51:8 يەش. 21‏:9؛ يەر. 8‏:22؛ ۋەھ. 14‏:8؛ 18‏:2*

9ــ «بىز بابىلنى ساقايتماقچىدۇق، لېكىن ئۇ ساقايمىدى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى؛ چۈنكى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم جازاسى ئاسمانغا تاقىشىپ، كۆككە يېتىدۇ». ◼ 51:9 +bd «بىز بابىلنى ساقايتماقچىدۇق، لېكىن ئۇ ساقايمىدى؛ ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىپ ھەممىمىز ئۆز يۇرتىمىزغا قايتايلى»+bd* ــ قارىغاندا بۇ سۆزلەر بابىل ئارىسىدا تۇرغان يات ئەللەرنىڭ ئېيتىدىغان سۆزلىرى. «ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىرىلىدىغان ھۆكۈم جازاسى ئاسمانغا تاقىشىپ، كۆككە يېتىدۇ» دېگەننى، خۇدانىڭ جازالىرىنى قوزغىغان، كونا زاماندىكى بابىل (بابەل)لىقلار قۇرماقچى بولغان «ئاسمانغا تاقىشىدىغان» مۇنار بىلەن سېلىشتۇرۇش پايدىلىق ئىش بولىدۇ. («يار.» 1:11-9نى كۆرۈڭ).* ◘ 51:9 يەر. 46‏:11*

10ــ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر؛ كېلەيلى، زىئوندا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى جاكارلايلى!» ◼ 51:10 +bd «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرگەندۇر»+bd* ــ بەزى ئالىملار بۇ سۆزنى «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزۇپ ئازاد قىلغاندۇر» دەپ تەرجىمە قىلىدۇ. لېكىن «تسەدەكاھ» (ھەققانىيلىق) تەۋراتتىكى باشقا ھېچ يەردە شۇنداق مەنىدە تېپىلمايدۇ. بىزنىڭچە بۇ سۆز ئىسرائىلنىڭ (ھەممىمىزگە ئوخشاش) ئۆزىنىڭ ھېچقانداق ھەققانىيلىقى بولمىغاچقا، خۇدا ئۇلارغا ھەققانىيلىق ئېلىپ كېلىدۇ، دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئايەتتىكى ھەققانىلىق ئۆزلىكىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدادىن كېلىدۇ؛ «پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىمىزدۇر» ــ بۇ مەسىھ-قۇتقۇزغۇچىنىڭ، شۇنىڭدەك يېڭى يېرۇسالېمنىڭ بىر نامىدۇر. 6:23نى ھەم 16:33نى كۆرۈڭ. +bd «كېلەيلى، زىئوندا پەرۋەردىگار خۇدايىمىزنىڭ قىلغان ئىشىنى جاكارلايلى!»+bd* ــ 9-ئايەتتىكى سۆزلەرنى كەلگۈسىدە بابىلدىن قاچىدىغان يات ئەللەر ئېيتىدۇ؛ 10-ئايەتتىكى سۆزلەرنى شۈبھىسىزكى، كەلگۈسىدە قانائان (پەلەستىن)غا قايتىپ كېلىدىغان ئىسرائىلنىڭ قالدىسى ئېيتىدۇ.*

11ــ ئوقلارنى ئۇچلاڭلار! قالقانلارنى تۇتۇڭلار! پەرۋەردىگار مېدىئانىڭ پادىشاھلىرىنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى؛ چۈنكى ئۇنىڭ نىيىتى بابىلغا قارشىدۇر، ئۇنى بەربات قىلىش ئۈچۈندۇر؛ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ قىساسىدۇر، يەنى ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن ئالغان قىساسىدۇر. ◘ 51:11 يەر. 46‏:4؛ 50‏:28*

12بابىلنىڭ سېپىللىرىغا قارىتىپ جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار؛ كۆزەتنى تېخىمۇ چىڭراق قىلىڭلار، كۆزەتچىلەرنى بابىلنى چۆرىدىتىپ* سەپتە تۇرغۇزۇڭلار؛ بۆكتۈرمە قويۇڭلار؛ چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلدىكىلەرنىڭ جازاسى توغرۇلۇق نېمىلەرنى دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى كۆڭلىدە پەملەپ، ئۇنى ئادا قىلىدۇ.

13ــ ئى ئەلۋەك سۇلار ئۈستىدە تۇرغۇچى، بايلىقلىرى نۇرغۇن بولغۇچى، ئەجىلىڭ يېتىپ كەلدى، جېنىڭ ئۆلچىنىپ ئۈزۈلۈش ۋاقتى توشتى.

14ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئۆزى بىلەن قەسەم قىلىپ: «توپ-توپ چېكەتكىلەردەك مەن سېنى ئادەملەر بىلەن تولدۇرىمەن؛ ئۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن غەلىبە تەنتەنىلىرىنى كۆتۈرىدۇ» دېدى. ◘ 51:14 ئام. 6‏:8*

15ــ ئۇ بولسا يەر-زېمىننى كۈچ-قۇدرىتى بىلەن ياساپ،

16ئۇ ئاۋازىنى قويۇۋەتسە، ئاسمانلاردا سۇلار شاۋقۇنلايدۇ؛

17بۇ بۇتپەرەسلەرنىڭ* ھەربىرى ئەقىلسىز، بىلىمدىن مەھرۇملاردۇر؛

18ئۇلار بىمەنىلەردۇر، مازاق ئوبيېكتىدۇر؛

19ياقۇپنىڭ نېسىۋىسى بولغۇچى بۇلاردەك ئەمەستۇر؛

20سەن ئىسرائىل* مېنىڭ گۆرزەم،

21سېنىڭ بىلەن ھەم ئات ھەم ئات مىنگۈچىنى بىتچىت قىلىمەن؛

22سېنىڭ بىلەن ھەم ئەر ھەم ئايالنى بىتچىت قىلىمەن؛

23سېنىڭ بىلەن ھەم پادىچى ھەم قوي پادىسىنى بىتچىت قىلىمەن؛

24ــ مەن كۆز ئالدىڭلاردا بابىلنىڭ ھەم بارلىق كالدىيلەرنىڭ زىئوندا قىلغان بارلىق رەزىللىكىنى ئۆز بېشىغا چۈشۈرۈپ ياندۇرىمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار.

25ــ مانا، مەن سەن بابىلغا* قارشىمەن، ئى پۈتكۈل يەر يۈزىنى ھالاك قىلغۇچى تاغ؛

26شۇنىڭ بىلەن ئۇلار سەندىن بۈرجەك چىقىرىش ئۈچۈنمۇ تاش تاپالمايدۇ،

27ــ زېمىندا جەڭ تۇغىنى كۆتۈرۈڭلار،

28ئۇنىڭغا جەڭ قىلىشقا ئەللەرنى تەييارلاڭلار،

29شۇنىڭ بىلەن يەر يۈزى تەۋرىنىپ ئازابلىنىدۇ؛ چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بابىلغا قارشى باغلىغان نىيەتلىرى، يەنى بابىلنىڭ زېمىنىنى ھېچ ئادەم تۇرمايدىغان چۆل-باياۋان قىلىۋېتىش نىيىتى ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ.

30بابىلدىكى پالۋانلار ئۇرۇشتىن قول ئۈزىدۇ؛

31يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقان بىر چاپارمەن يەنە بىر چاپارمەنگە، بىر خەۋەرچى يەنە بىر خەۋەرچىگە بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىدىلا ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭغا: ــ

32دەريا كېچىكلىرى ئىگىلىۋېلىندى،

33چۈنكى ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ

34‏-35 زىئوندا تۇرغۇچى قىز: ــ «بابىل پادىشاھى نېبوقادنەسار مېنى يۇتۇپ،

36شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ

37بابىل بولسا دۆۋە-دۆۋە خارابىلەر،

38ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياش شىرلاردەك ھۇۋلىشىدۇ،

39ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◼ 51:39 +bd «ئۇلارنىڭ كەيپىياتى قىزىپ كەتكەندە، مەن ئۇلارغا بىر زىياپەت تەييارلاپ قويىمەنكى، ئۇلارنى مەست قىلىۋېتىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يايراپ-ياشناپ كېتىدۇ، ــ ئاندىن مەڭگۈگە ئۇيقۇغا غەرق بولۇپ، قايتىدىن ھېچ ئويغانمايدۇ»+bd* ــ بۇ بېشارەتنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىنى يەنە «دان.» 5-بابتا كۆرۈڭ.*

40بوغۇزلاشقا يېتىلىگەن قوزىلاردەك ۋە بىللە يېتىلەنگەن قوچقارلار ھەم تېكىلەردەك مەن ئۇلارنى بوغۇزلاشقا چۈشۈرىمەن.

41شېشاقنىڭ ئىشغال قىلىنغانلىقىغا قارا!

42دېڭىز بابىل ئۈستىدىن ئۆرلەپ كەتتى؛

43ئۇنىڭ شەھەرلىرى ئادەمنى دەھشەت باسىدىغان ئوبيېكت،

44مەن بابىلدا بەلنى جازالايمەن؛

45ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىڭلار، ئى خەلقىم!

46سىلەر زېمىندا ئاڭلىنىۋاتقان پىتنە-ئىغۋادىن يۈرىكىڭلارنى سۇ قىلماڭلار ۋە قورقماڭلار؛

47شۇڭا مانا، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى،

48شۇنىڭ بىلەن ئاسمان ۋە زېمىن ۋە ئۇلاردا بار بولغانلار بابىل ئۈستىدىن شادلىقتىن ياڭرايدۇ؛

49بابىل تۈپەيلىدىن پۈتكۈل يەر يۈزىدىكى ئۆلتۈرۈلگەنلەر يىقىلغاندەك،

50قىلىچتىن قاچقانلار، يىراق كېتىڭلار، ھايال بولماڭلار؛

51«بىز خىجالەتكە قالدۇق، چۈنكى ھاقارەتكە ئۇچرىدۇق؛

52شۇڭا شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار،

53بابىل ئاسمانلارغا كۆتۈرۈلگەن بولسىمۇ،

54بابىلدىن نالە-پەريادنىڭ ئاۋازى،

55چۈنكى پەرۋەردىگار بابىلنى ھالاك قىلماقچى بولىدۇ؛

56چۈنكى ھالاك قىلغۇچى ئۇنىڭغا، يەنى بابىلغا جەڭ قىلىشقا كېلىدۇ،

57ــ مەن ئۇنىڭ ئەمىرلىرى، دانىشمەنلىرى، ۋالىيلىرى، ھۆكۈمدارلىرى ۋە پالۋانلىرىنى مەست قىلىمەن؛

58ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ

59يەھۇدا پادىشاھى زەدەكىيا تەختكە ئولتۇرغان تۆتىنچى يىلى، بابىلغا بارغىنىدا ماھسېياھنىڭ نەۋرىسى، نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى). يەرەمىيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا سۆز تاپىلىغان. ◼ 51:59 +bd «نېرىيانىڭ ئوغلى سېرايا زەدەكىياغا ھەمراھ بولۇپ بارغان (سېرايا باش غوجىدار ئىدى)،...»+bd* ــ سېرايا بارۇقنىڭ ئاكىسى ياكى ئۇكىسى ئىدى. 12:32دە ئۇنىڭ بوۋىسى «مائاسېياھ» دېيىلىدۇ.*

60يەرەمىيا ئورام قەغەزگە بابىلنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بارلىق كۈلپەتلەرنى، ــ يەنى بابىل توغرۇلۇق پۈتۈكلۈك بۇ بارلىق سۆزلەرنى يازغانىدى؛

61ۋە يەرەمىيا سېراياغا مۇنداق دېدى: ــ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ چىقىپ ۋە: ــ

62«پەرۋەردىگار، سەن بۇ جاي توغرۇلۇق: ــ مەن ئۇنى يەكسان قىلىمەنكى، ئۇنىڭدا ھېچكىم، نە ئىنسان نە ھايۋان تۇرمايدىغان، مەڭگۈگە بىر ۋەيرانە بولىدۇ ــ دېگەنسەن» ــ دەيسەن؛

63شۇنداق قىلىپ بۇ يازمىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تاش تېڭىپ، ئەفرات دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا چۆرۈۋەت،