1پەرۋەردىگاردىن يەرەمىياغا مۇنداق بىر سۆز كەلدى: ــ
2پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدىكى دەرۋازىدا تۇرۇپ مۇشۇ سۆزنى جاكارلاپ: «پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار، ئى پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن مۇشۇ دەرۋازىلاردىن كىرىۋاتقان بارلىق يەھۇدالار!» ــ دېگىن.
3ــ «ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ يوللىرىڭلار ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزىتىڭلار؛ شۇنداق بولغاندا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە مۇقىم تۇرغۇزىمەن. ◘ 7:3 يەر. 7:3؛ 18:11؛ 26:13*
4«پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!» دەپ ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتمەڭلار. ◼ 7:4 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى دەل مۇشۇدۇر!»+bd* ــ شۈبھىسىزكى، ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى بىرخىل «تىلتۇمار»دەك، «خۇدا بىزگە ئۆز ئىبادەتخانىسىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، نېمە يامانلىق قىلىشىمىزدىن قەتئىينەزەر ھېچكىم بىزگە تەگمەيدۇ» ــ دېگەندەك ئويلىغانىدى.*
5ئەگەر سىلەر ھەقىقەتەن يوللىرىڭ ھەم قىلمىشلىرىڭلارنى تۈزەتسەڭلار، ــ ئەگەر كىشىلەر ۋە قوشناڭلار ئارىسىدا ئادالەت يۈرگۈزسەڭلار، ◘ 7:5 يەر. 5:28*
6ــ ئەگەر سىلەر مۇساپىر، يېتىم-يېسىر ھەم تۇل خوتۇنلارنى بوزەك قىلىشتىن، مۇشۇ يەردە گۇناھسىز قانلارنى تۆكۈشتىن، ــ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزۈپ، باشقا ئىلاھلارغا ئەگىشىپ كېتىشتىن قول ئۈزسەڭلار، ــ ◘ 7:6 يەش. 10:1، 2؛ 59:7*
7شۇنداق قىلغىنىڭلاردا مەن سىلەرنى مۇشۇ يەردە، يەنى مەن ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا قەدىمدىن تارتىپ مەڭگۈگىچە تەقدىم قىلغان بۇ زېمىندا مۇقىم تۇرىدىغان قىلىمەن.
8لېكىن مانا، سىلەر ھېچقانداق پايدا يەتكۈزمەيدىغان ئالدامچى سۆزلەرگە تايىنىپ كەتكەنسىلەر.
9ئەمدى نېمە دېگۈلۈك؟! ئوغرىلىق، قاتىللىق، زىناخورلۇق قىلىپ، ساختا قەسەم ئىچىپ، بائالغا ئىسرىق يېقىپ ۋە سىلەر ھېچ تونۇمىغان يات ئىلاھلارغا ئەگىشىپ، ◼ 7:9 +bd «بائالغا ئىسرىق يېقىپ...»+bd* ــ «بائال» دېگەن ئىنتايىن يىرگىنچلىك بىرخىل بۇت.*
10ئاندىن مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆيگە كىرىپ مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ: «بىز قۇتقۇزۇلغان!» دەمسىلەر؟! مۇشۇ لەنەتلىك ئىشلاردا تۇرۇۋېرىش ئۈچۈن قۇتقۇزۇلغانمۇسىلەر؟!
11مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان مۇشۇ ئۆي سىلەرنىڭ نەزىرىڭلاردا بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىمۇ؟! مانا، مەن ئۆزۈم بۇ ئىشلارنى كۆرگەنمەن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. ◘ 7:11 مات. 21:13؛ مار. 11:17؛ لۇقا 19:46*
12شۇڭا، مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، خەلقىم ئىسرائىلنىڭ رەزىللىكى تۈپەيلىدىن ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار! ◼ 7:12 +bd «مەن ئەسلىدە ئۆز نامىمدا تۇرالغۇ قىلغان شىلوھ دېگەن جايغا بېرىپ، ... ئۇنى نېمە قىلىۋەتكەنلىكىمنى كۆرۈپ بېقىڭلار!»+bd* ــ ئىسرائىل قانائانغا (پەلەستىنگە) كىرگەندىن كېيىن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياسالغان «مۇقەددەس چېدىر» ئاۋۋال شىلوھ دېگەن جايغا تىكلەنگەن. «1شام.» 4-بابنى كۆرۈڭ.* ◘ 7:12 1سام. 4:11؛ زەب. 78:60*
13ئەمدى ھازىر، سىلەر مۇشۇنداق قىلمىشلارنى سادىر قىلغىنىڭلار تۈپەيلىدىن، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم، لېكىن سىلەر ھېچ قۇلاق سالمىدىڭلار؛ مەن سىلەرنى چاقىردىم، لېكىن سىلەر ماڭا جاۋاب بەرمىدىڭلار ــ ◼ 7:13 +bd «مەن سىلەرگە تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ سۆز قىلىپ كەلدىم»+bd* ــ خۇدانىڭ «تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ،... » دېگەن سۆزلىرى بەلكىم ئۇنىڭ ئىشتىن خېلى ئاۋۋال، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ بەزى ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ قايتا-قايتا، ئىزچىل ھالدا مەلۇم بىر ئىشنى كۆرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.* ◘ 7:13 2تار. 36:15؛ پەند. 1:24؛ يەش. 65:12؛ 66:4؛ يەر. 7:21-28*
14ئەمدى مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن؛ ◼ 7:14 +bd «مەن شىلوھدىكى ئۆينى قانداق قىلغان بولسام، سىلەر تايانغان، شۇنداقلا نامىم قويۇلغان بۇ ئۆينى ۋە مەن سىلەرگە ھەم ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا تەقدىم قىلغان بۇ زېمىننىمۇ شۇنداق قىلىمەن»+bd* ــ خۇدا دۈشمەنلەرنىڭ ۋاستىسى بىلەن شىلوھ دېگەن جايدىكى مۇقەددەس چېدىرىنى ئۆز شان-شەرىپىدىن جۇدا قىلغان ۋە شۇنداقلا ئىسرائىلنى مەغلۇپ قىلغان («1سام.» 4-باب، «زەب.»، 40:78نى كۆرۈڭ).*
15مەن سىلەرنىڭ بارلىق قېرىنداشلىرىڭلار، يەنى ئەفرائىمنىڭ بارلىق نەسلىنى ھەيدىۋەتكىنىمدەك سىلەرنىمۇ كۆزۈمدىن يىراق ھەيدەيمەن.
16ئەمدى سەن، يەرەمىيا*، بۇ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلما، ئۇلار ئۈچۈن نالە-پەرياد كۆتۈرمە ياكى تىلەك تىلىمە، مېنىڭ ئالدىمدا تۇرۇپ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى* ھېچ تىلىمە، چۈنكى مەن ساڭا قۇلاق سالمايمەن. ◘ 7:16 مىس. 32:10؛ يەر. 11:14؛ 14:11*
17ئۇلارنىڭ يەھۇدا شەھەرلىرىدە ۋە يېرۇسالېم كوچىلىرىدا نېمە قىلغانلىرىنى كۆرۈۋاتمامسەن؟
18بالىلار ئوتۇن تېرىدۇ، ئاتىلار ئوت قالايدۇ، ئاياللار قەستەن مېنى رەنجىتىشكە «ئاسماننىڭ خانىشى» ئۈچۈن پوشكاللارنى سېلىشقا خېمىرنى يۇغۇرىدۇ، شۇنىڭدەك يات ئىلاھلارغا شاراب ھەدىيەلىرىنى قۇيىدۇ. ◼ 7:18 +bd «ئاسماننىڭ خانىشى»+bd* ــ دېمىسەكمۇ، «ئاسماننىڭ خانىشى» بىرخىل ئايال بۇت ئىدى.* ◘ 7:18 يەش. 65:11؛ يەر. 8:2؛ 19:13؛ 44:19؛ يەر. 44:19*
19ئازابلىنىپ غەزەپلىنىدىغىنى مەنمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار؛ ــ ئۆز يۈزلىرىگە شەرم چاپلاپ، ئازابلىنىدىغىنى ئۆزلىرى ئەمەسمۇ؟
20شۇڭا رەب پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ مانا، مېنىڭ غەزىپىم ۋە قەھرىم مۇشۇ جايغا تۆكۈلىدۇ؛ ئىنسان ئۈستىگە، ھايۋان ئۈستىگە، دالادىكى دەرەخلەر ئۈستىگە، تۇپراقتىكى مېۋىلەر ئۈستىگە تۆكۈلىدۇ؛ ئۇ ھەممىنى كۆيدۈرىدۇ، ئۇنى ھېچ ئۆچۈرەلمەيدۇ.
21ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى مۇنداق دەيدۇ: ــ بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار! ◼ 7:21 +bd «بېرىۋېرىڭلار، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلىرىڭلارنى باشقا قۇربانلىقلارغا قوشۇپ قويۇڭلار، بارلىق گۆشلىرىنى يەۋېلىڭلار!»+bd* ــ ئوقۇرمەنلەر بەلكىم بىلىدۇكى، «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لارنىڭ بارلىق گۆشلىرى «خۇداغا پۈتۈنلەي ئىبادەت سۈپىتىدە ئاتالسۇن» دەپ قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلەتتى. مۇشۇ يەردە مۇقەددەس روھ يەرەمىيا ئارقىلىق: «قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ئەھمىيەتسىز، شۇڭا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لارنىڭ گۆشلىرىنى كۆيدۈرسەڭلارمۇ، يېسەڭلارمۇ، ماڭا بەرىبىر» دەپ ئىسرائىلغا ھەجۋىي، كىنايىلىك گەپ قىلىدۇ.* ◘ 7:21 يەش. 1:11؛ يەر. 6:20؛ ئام. 5:21*
22چۈنكى مەن ئۇلارنى مىسىر زېمىنىدىن قۇتقۇزۇپ چىقارغان كۈنىدە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا «كۆيدۈرمە قۇربانلىق»لار ياكى باشقا قۇربانلىقلار توغرىسىدا گەپ قىلمىغان ۋە ياكى ئەمر بەرمىگەنىدىم؛
23بەلكى مەن ئۇلارغا مۇنداق ئەمر قىلىپ: «ئاۋازىمغا قۇلاق سېلىڭلار، شۇنداق قىلىپ مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر؛ مەن ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق بولسۇن دەپ بۇيرۇغان بارلىق يولدا مېڭىڭلار» ــ دەپ بۇيرۇغانىدىم. ◘ 7:23 مىس. 19:5؛ لاۋ. 26:12؛ قان. 6:3*
24لېكىن ئۇلار ھېچ ئاڭلىمىغان، ماڭا ھېچ قۇلاق سالمىغان، بەلكى ئۆز رەزىل كۆڭلىدىكى جاھىللىقى بىلەن ئۆز خىيال-خاھىشلىرىغا ئەگىشىپ مېڭىۋەرگەن؛ ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان. ◼ 7:24 +bd «ئۇلار ئالدىغا ئەمەس، بەلكى كەينىگە ماڭغان»+bd* ــ باشقا بىرخىل تەرجىمىسى: «ئۇلار ماڭا يۈز ئالدىنى قىلماي، بەلكى ماڭا كەينىنى قىلغان».* ◘ 7:24 يەر. 2:27؛ 3:17؛ 16:12؛ 32:33*
25ئاتا-بوۋىلىرىڭلار مىسىر زېمىنىدىن چىققاندىن تارتىپ بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر مەن قۇللىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنى يېنىڭلارغا ئەۋەتىپ كەلدىم؛ مەن ھەركۈنى تاڭ سەھەردە ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئۇلارنى ئەۋەتىپ كەلدىم.
26لېكىن خەلقىم ئاڭلىمىغان، ھېچ قۇلاق سالمىغان؛ ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلغان؛ رەزىللىكتە ئاتا-بوۋىلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. ◘ 7:26 نەھ. 9:17،29؛ يەر. 17:23؛ 19:15*
27سەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا ئېيتىسەن؛ لېكىن ئۇلار ساڭا قۇلاق سالمايدۇ؛ سەن ئۇلارنى توۋا قىلىشقا* چاقىرىسەن، لېكىن ئۇلار جاۋاب بەرمەيدۇ.
28ــ سەن ئۇلارغا: ــ «پەرۋەردىگار خۇداسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىغان ۋە ھېچ تۈزىتىشنى قوبۇل قىلمىغان خەلق دەل مۇشۇ!» ــ دەيسەن. ئۇلاردىن ھەقىقەت-ۋاپالىق يوقاپ كەتتى؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئېغىزىدىنمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى. ◘ 7:28 يەر. 5:1-3*
29چېچىڭنى چۈشۈرۈپ ئۇنى تاشلىۋەت؛ يۇقىرى جايلاردا بىر مەرسىيە ئوقۇغىن؛ چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز غەزىپىنى چۈشۈرمەكچى بولغان بۇ دەۋرنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. ◘ 7:29 ئايۇپ 1:20؛ يەش. 15:2؛ يەر. 16:6*
30چۈنكى يەھۇدادىكىلەر كۆز ئالدىمدا رەزىللىك قىلغان، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ ئۇلار مېنىڭ نامىمدا ئاتالغان ئۆيگە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى ئەكىرىپ ئۇنى بۇلغىغان؛
31ۋە ئۆز ئوغۇل-قىزلىرىنى ئوتتا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈش ئۈچۈن «ھىننومنىڭ ئوغلى»نىڭ جىلغىسىدىكى توفەتنىڭ يۇقىرىدىكى جايلارنى قۇرغان؛ بۇنداق ئىشنى مەن ھېچ بۇيرۇمىغانمەن، ئۇ ئويۇمغا ھېچ كىرىپ باقمىغاندۇر. ◼ 7:31 +bd «توفەت»+bd* ــ «توفەت» دېگەن سۆز ئىبرانىي تىلىدا «ئوچاق» ھەم «ئۇيات» دېگەننىمۇ بىلدۈرىدۇ. ئۇ يەنە «تۈكۈرۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭىغىمۇ ئوخشاپ كېتىدۇ. بۇ يەر «ھىننومنىڭ ئوغلى (ئىبن-ھىننوم)نىڭ جىلغىسى»غا جايلاشقان، يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ جەنۇبىي تەرىپىدە ئىدى. خەلق ئاشۇ يەردە ئەخلەتلەرنى ۋە ناپاك نەرسىلەرنى تاشلاپ كۆيدۈرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنتايىن «ھارام»، ئەڭ بۇلغانغان جاي دەپ ھېسابلاندى.
32شۇڭا، مانا، شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ «توفەت» ياكى «ئىبن-ھىننومنىڭ جىلغىسى» ئەمدى ھېچ تىلغا ئېلىنمايدۇ، بەلكى «قەتل جىلغىسى» دېيىلىدۇ؛ چۈنكى ئۇلار توفەتتە جەسەتلەرنى يەر قالمىغۇچە كۆمىدۇ.
33بۇ خەلقنىڭ جەسەتلىرى ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلارنىڭ ۋە زېمىندىكى جانىۋارلارنىڭ تائامى بولىدۇ؛ ئۇلارنى ئۆلۈكلەردىن قورقۇتۇپ ھەيدەيدىغان ھېچكىم بولمايدۇ. ◘ 7:33 قان. 28:26؛ يەر. 34:20*