يەشايا 20:1-5 UIGB2010 - Bible AI

1ئاسۇرىيەنىڭ سەردارى بولغان* «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى ئاسۇرىيە پادىشاھى سارگون ئۇنى ئەۋەتكەن (ئۇ ئاشدودقا قارشى جەڭ قىلىپ ئۇنى ئىشغال قىلدى): ــ ◼ 20:1 +bd «ئاسۇرىيەنىڭ سەردارى بولغان «تارتان» ئاشدود شەھىرىگە كېلىپ مۇھاسىرە قىلغان يىلى»+bd* ــ مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 715-يىلى فىلىستىيلەرنىڭ بىر پايتەختى بولغان ئاشدود مىسىرنىڭ قۇترىتىشى بىلەن ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىدىكى ئاسارەتلەرنى بۇزۇپ ئىسيان كۆتۈردى. ئىككى يىل ئىچىدە ئۇلار يەنە مەغلۇپ بولدى. مىسىر توختىماي ئۇلارنى قۇترىتىپ، قوراللىق ياردەم بېرىشنى ۋەدە قىلىپ، ئەلچىلەرنى موئابقا، ئېدوم ھەم يەھۇداغا ئەۋەتتى، ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسىگە قارشى بىر ئىتتىپاقنى ئوتتۇرىغا چىقارماقچى بولدى. بىراق مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 711-يىلى ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ئاشدود شەھىرىنى ئىشغال قىلدى. مىسىر ئۇلارغا ھېچ ياردەم قىلمىدى. خۇدا يەشايا ئارقىلىق ئىسرائىلغا خۇداسىز، تايانچىسىز مىسىرغا تايىنىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ھەم مۇنداق قىلىشنىڭ بىھۇدە ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.*

2ــ شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ئارقىلىق سۆز قىلغانىدى.

3ۋە پەرۋەردىگار ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: ــ

4ئوخشاشلا مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن، يالىڭاچ ھەم يالاڭ ئاياغ، كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن مىسىرنى شەرمەندىلىكتە قالدۇرۇپ، يالاپ ئېپكېتىلىدۇ. ◼ 20:4 +bd «مىسىرلىق ئەسىرلەر ۋە ئېفىئوپىيەلىك سۈرگۈنلەر ياش بولسۇن، قېرى بولسۇن... كاسىسى ئوچۇق ھالدا ئاسۇرىيە پادىشاھى تەرىپىدىن ... يالاپ ئېپكېتىلىدۇ»+bd* ــ شۇ بېشارەت بەلكىم 701-يىلى، يەنى ئاسۇرىيە بىلەن مىسىر سوقۇشقان ئەلتەكەھ دېگەن يەردە بولغان جەڭدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئاسۇرىيە مىسىردىكى ھەم ئېفىئوپىيەدىكى نۇرغۇن ئەسىرلەرنى ئېپكەتكەن.*

5ئۇلار بولسا قورقۇشۇپ، ئۆز تايانچىسى بولغان ئېفىئوپىيەدىن ۋە پەخرى بولغان مىسىردىن ئۈمىدسىزلىنىپ كېتىدۇ.

© 2010 Institute for Bible Translation
iv>