يەشايا 36:1-21 UIGB2010 - Bible AI

1ھەزەكىيانىڭ ئون تۆتىنچى يىلى شۇنداق بولدىكى، ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب يەھۇدانىڭ بارلىق قەلئە-قورغانلىق شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى ئىشغال قىلدى. ◼ 36:1 +bd «راب-شاكەھ»+bd* ــ بەلكىم ئاسۇرىيەنىڭ پادىشاھىنىڭ باش مەسلىھەتچىسىنىڭ ئادەتتىكى ئۇنۋانى بولۇشى مۇمكىن.* ◘ 36:1 2پاد. 18‏:13؛ 2تار. 32‏:1*

2ئاندىن ئاسۇرىيە پادىشاھى «راب-شاكەھ» دېگەن سەردارنى* چوڭ بىر قوشۇن بىلەن لاقىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇ كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشىغا كېلىپ تۇردى. ◼ 36:2 +bd «كىر يۇغۇچىلارنىڭ ئېتىزىنىڭ بويىدىكى يولدا، يۇقىرى كۆلچەكنىڭ نورىنىڭ بېشى»+bd* ــ مۇشۇ جاي ئەسلىدە دەل يەشايا ئاھاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاسۇرىيەنىڭ تاجاۋۇزى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان جاي (7-بابنى كۆرۈڭ).* ئاسۇرىيە ئىمپېرىيەسى - مىلادىيەدىن ئىلگىرى 650-يىلى|src="assyrianempire-uara-01.jpg" size="span" ref="«يەش.» 2:36" *

3شۇنىڭ بىلەن ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردىنىڭ دىۋانبېگى بولغان شەبنا ۋە ئاسافنىڭ ئوغلى، ئوردا مىرزىبېگى بولغان يوئاھلار ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى

4‏-5 ۋە راب-شاكەھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ

6مانا، سەن يېرىقى بار ئاشۇ قومۇش ھاسا، يەنى مىسىرغا تايىنىسەن! بىرسى ئۇنىڭغا يۆلەنسە، ئۇنىڭ قولىغا سانجىپ كىرىدۇ؛ مانا مىسىر پادىشاھى پىرەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسى شۇنداق بولىدۇ! ◘ 36:6 ئ‍ەز. 29‏:6، 7*

7ئەگەر سەن ماڭا: «بىز خۇدايىمىز بولغان پەرۋەردىگارغا تايىنىمىز» ــ دېسەڭ، ھەزەكىيا ئۆزى يەھۇدادىكىلەرگە ۋە يېرۇسالېمدىكىلەرگە: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ پەرۋەردىگارغا* ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟ ◼ 36:7 +bd «ھەزەكىيا ...: «سىلەر پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتگاھ ئالدىدىلا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشىڭلار كېرەك» دەپ، شۇ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان «يۇقىرى جايلار»نى ھەم قۇربانگاھلارنى يوق قىلىۋەتتىغۇ؟ ئۇلار ئاشۇ پەرۋەردىگارنىڭ يۇقىرى جايلىرى ئەمەسمىدى؟»+bd* ــ مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىنغان قانۇنغا ئاساسەن، ئىسرائىللار پەقەت يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىكى قۇربانگاھتىلا قۇربانلىق قىلىشقا بولاتتى. ئەسلىدە ھەزەكىيا مۇشۇ پەرمانغا ئاساسەن: (1) بۇتپەرەسلىك قىلىدىغان قۇربانگاھلارنى ھەم (2) خاتا يول بىلەن «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ» قۇرۇلغان، ئىبادەت قىلىشقا بېغىشلانغان «يۇقىرى جايلار»نى يوقاتقان. راب-شاكەھ شۇ گەپ بىلەن ئۇنى ئاڭلىغۇچى ئىسرائىللارنى قايمۇقتۇرماقچى ئىدى، ئەلۋەتتە.*

8ئەمدى خوجام ئاسۇرىيە پادىشاھى بىلەن بىر توختامغا كەل: ــ «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!» ◼ 36:8 +bd «ئەگەر سەندە ئاتقا مىنەلىگۈدەك ئەسكەرلىرىڭ بولسا، مەن ساڭا ئىككى مىڭ ئاتنى بىكارغا بېرەي!»+bd* ــ بۇ كىنايىلىك گەپ، ئەلۋەتتە. ئادەتتىكى چاغلاردا يەھۇدادا ئاتلار ناھايىتى ئاز ئىدى. ئۇرۇش ۋاقتىدا تېخىمۇ ئازلاپ كېتەتتى. ئاتلىق ئەسكەرلەر ئەمەس، ھەتتا ئاددىي ئەسكەرلەرمۇ ناھايىتى ئاز ئىدى.*

9سەندە ئۇنداقلار بولمىسا، خوجامنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان بىر لەشكەر بېشىنى قانداقمۇ چېكىندۈرەلەيسىلەر؟! سەن جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلارنى ئېلىش ئۈچۈن مىسىرغا تايىنىسەن تېخى!

10مەن ئەمدى مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرۋەردىگارسىز كەلدىممۇ؟ پەرۋەردىگار دەرۋەقە ماڭا: «مۇشۇ زېمىننى ھالاك قىلىشقا چىققىن!» ــ دېدى!»»

11ئېلىئاكىم، شەبنا ۋە يوئاھ راب-شاكەھگە: ــ

12بىراق راب-شاكەھ: ــ

13ئاندىن راب-شاكەھ ئىبرانىي تىلىدا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ «ئۇلۇغ پادىشاھ، يەنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قويۇڭلار!» ــ دەپ ۋارقىرىدى.

14«پادىشاھ مۇنداق دەيدۇ: ــ

15ئۇنىڭ سىلەرنى: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى جەزمەن قۇتقۇزىدۇ؛ مۇشۇ شەھەر ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمەيدۇ» دەپ پەرۋەردىگارغا تاياندۇرۇشىغا يول قويماڭلار!».

16ھەزەكىياغا قۇلاق سالماڭلار؛ چۈنكى ئاسۇرىيە پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ: ــ

17تا مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، نېنى بار ھەم ئۈزۈمزارلىرى بار بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار! ◼ 36:17 +bd «مەن كېلىپ سىلەرنى بۇغدايلىق ھەم شارابلىق بىر زېمىنغا، ــ زېمىنىڭلارغا ئوخشاش بىر زېمىنغا ئاپىرىپ قويغۇچە يەپ-ئىچىۋېرىڭلار!»+bd* ــ مۇشۇ گەپلەر چىرايلىق بولغىنى بىلەن مەنىسى ئېنىقكى: ــ «مېنىڭ ئەسىرلىرىم، قۇللىرىم بولىسىلەر!» دېگەنلىك. يۇقىرىدا ئېيتقىنىمىزدەك، ئاسۇرىيە پادىشاھى ئۇچىغا چىققان ھىيلىگەر ئالدامچى ئىدى.*

18ھەزەكىيانىڭ سىلەرگە: ــ «پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ» دەپ ئىشەندۈرۈشىگە يول قويماڭلار! ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنىڭ بىرى ئۆز زېمىنىنى ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانمۇ؟

19خامات ۋە ئارپاد دېگەن يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ سەفارۋائىم شەھىرىنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قېنى؟ ئۇلار سامارىيەنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزغانمۇ؟!

20مۇشۇ ئەل-يۇرتلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىدىن ئۆز زېمىنىنى قۇتقۇزغان زادى كىم بار؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»».

21ئاڭلىغۇچىلار سۈكۈت قىلىپ ئۇنىڭغا جاۋابەن ھېچقانداق بىر سۆز قىلمىدى؛ چۈنكى پادىشاھنىڭ بۇيرۇقى شۇكى: ــ

© 2010 Institute for Bible Translation
div>