يەشايا 37:1-37 UIGB2010 - Bible AI

1شۇنداق بولدىكى، ھەزەكىيا بۇنى ئاڭلىغاندا، كىيىم-كېچەكلىرىنى يىرتىپ، ئۆزىنى بۆز بىلەن قاپلاپ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىردى. ◼ 37:1 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيى»+bd* ــ ئۇنىڭ (سۇلايمان پادىشاھ قۇرغان) ئىبادەتخانىسى.*

2ئۇ ئوردىنى باشقۇرىدىغان ئېلىئاكىم، ئوردا دىۋانبېگى شەبنا ۋە كاھىنلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى بۆز يېپىنچاقلىغان پېتى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرگە ئەۋەتتى.

3ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ

4ئۆز خوجىسى بولغان ئاسۇرىيە پادىشاھى تىرىك خۇدانى مازاق قىلىشقا ئەۋەتكەن راب-شاكەھنىڭ گەپلىرىنى پەرۋەردىگار خۇدايىڭ نەزىرىگە ئېلىپ تىڭشىسا، بۇلارنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار خۇدايىڭ شۇ گەپلەر ئۈچۈن ئۇنىڭ دەككىسىنى بېرەرمىكىن؟ شۇڭا قېپ قالغان قالدىلار ئۈچۈن ئاۋازىڭنى كۆتۈرۈپ، بىر دۇئايىڭنى بەرسەڭ»» ــ دېدى.

5شۇ گەپلەر بىلەن ھەزەكىيانىڭ خىزمەتكارلىرى يەشايانىڭ ئالدىغا كەلدى.

6يەشايا ئۇلارغا: ــ

7مانا، مەن ئۇنىڭغا بىر روھنى كىرگۈزىمەن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىغۋانى ئاڭلاپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ. ئۇ ئۆز زېمىنىدا تۇرغاندا ئۇنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرگۈزىمەن» ــ دەڭلار» ــ دېدى.

8راب-شاكەھ كەلگەن يولى بىلەن قايتىپ ماڭغاندا، ئاسۇرىيە پادىشاھىنىڭ لاقىش شەھىرىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى؛ ئاسۇرىيە پادىشاھى لىبناھ شەھىرىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانىدى.

9ئاندىن پادىشاھ: «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىدى. شۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندا ئۇ يەنە ھەزەكىياغا ئەلچىلەرنى مۇنداق خەت بىلەن ئەۋەتتى: ــ ◼ 37:9 +bd «ئېفىئوپىيە پادىشاھى تىرھاكاھ سىزگە قارشى جەڭ قىلماقچى بولۇپ يولغا چىقتى»+bd* ــ بۇ ئىش ئەمەلىيەت ئەمەس، ھەمدە شۇ چاغدا مۇمكىن بولمىغانىدى. بىراق خۇدا ئۆزى ئەۋەتكۈزگەن «ئالدامچى روھ»نىڭ تەسىرى بىلەن ئۇنى ئىشەندۈرگەن.*

10«سىلەر يەھۇدا پادىشاھى ھەزەكىياغا مۇنداق دەڭلار: ــ

11مانا، سەن ئاسۇرىيە پادىشاھلىرىنىڭ ھەممە ئەل-يۇرتلارنى نېمە قىلغانلىرىنى، ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقىنى ئاڭلىغانسەن؛ ئەمدى ئۆزۈڭ قانداقمۇ قۇتقۇزۇلىسەن؟ ◼ 37:11 +bd «ئۇلارنى ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلغانلىقى ئاڭلىغانسەن»+bd* ــ «ئىلاھ-بۇتلىرىغا ئاتاپ ھالاك قىلىش» دېگەن سۆز، ئىبرانىي تىلىدا پەقەت بىر سۆز بىلەنلا، يەنى ««ھارام» قىلىش» ياكى ««ھەرەم» قىلىش» بىلەنلا ئىپادىلىنىدۇ.*

12ئاتا-بوۋىلىرىم ھالاك قىلغان ئەللەرنى بولسا، ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرى قۇتقۇزغانمۇ؟ گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرىدىكىلەرنىچۇ؟ تېلاسساردا تۇرغان ئېدەنلەرنىچۇ؟

13خامات پادىشاھى، ئارپاد پادىشاھى، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرى قېنى؟»». ◼ 37:13 +bd «گوزان، ھاران، رەزەف شەھىرى.. تېلاسسار... خامات..، ئارپاد ...، سەفارۋائىم، خېنا ھەم ئىۋۋاھ...»+bd* ــ (12-13-ئايەتلەردە كۆرسىتىلگەن) مۇشۇ شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى خەرىتىدىن كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى بىزگە بۈگۈنگە قەدەر نامەلۇم.*

14ھەزەكىيا خەتنى ئەكەلگۈچىلەرنىڭ قولىدىن ئېلىپ ئوقۇپ چىقتى. ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا خەتنى يېيىپ قويدى.

15ھەزەكىيا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ

16«ئى كېرۇبلار ئوتتۇرىسىدا تۇرغان، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ئىسرائىلنىڭ خۇداسى: ــ

17ئى پەرۋەردىگار، قۇلىقىڭنى تۆۋەن قىلىپ ئاڭلىغايسەن؛ كۆزۈڭنى ئاچقايسەن، ئى پەرۋەردىگار، كۆرگەيسەن؛ سەنناخېرىبنىڭ ئادەم ئەۋەتىپ مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئېيتقان ھەممە گەپلىرىنى ئاڭلىغايسەن!

18ئى پەرۋەردىگار، ئاسۇرىيە پادىشاھلىرى ھەقىقەتەن ھەممە يۇرتلارنى ۋە شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلارنىمۇ خارابە قىلىپ، ◼ 37:18 +bd «شۇلارغا بېقىندى بولغان يۇرتلار..»+bd* ــ ئىبرانىي تىلىدا سۆزمۇسۆز تەرجىمە قىلغاندا «بېقىندى» دېگەن سۆز يوق. باشقا بىرخىل تەرجىمىسى «شۇلارغا ئائىت». بىز شەرھلەش ئۈچۈن «بېقىندى» قوشتۇق.*

19ئۇلارنىڭ ئىلاھ-بۇتلىرىنى ئوتقا تاشلىۋەتكەن؛ چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى ئىلاھ ئەمەس، بەلكى ئىنسان قولى بىلەن ياسالغانلار، ياغاچ ۋە تاش، خالاس؛ شۇڭا ئاسۇرىيەلىكلەر ئۇلارنى ھالاك قىلدى.

20ئەمدى، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، جاھاندىكى بارلىق ئەل-يۇرتلارغا سېنىڭ، پەقەت سېنىڭلا پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىزنى ئۇنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن!».

21شۇنىڭ بىلەن ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا ھەزەكىياغا سۆز ئەۋەتىپ مۇنداق دېدى: ــ

22پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا دېگەن سۆزى شۇدۇركى: ــ

23سەن كىمنى مازاق قىلىپ كۇپۇرلۇق قىلدىڭ؟

24قۇللىرىڭ ئارقىلىق سەن رەبنى مازاق قىلىپ: ــ

25ئۆزۈم قۇدۇق كولاپ سۇ ئىچتىم؛

26ــ سەن شۇنى ئاڭلاپ باقمىغانمىدىڭ؟

27شۇنىڭ بىلەن ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلار كۈچسىزلىنىپ،

28بىراق سېنىڭ ئولتۇرغىنىڭنى، ئورنۇڭدىن تۇرغىنىڭنى، چىقىپ-كىرگىنىڭنى ۋە ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكىنىڭنى بىلىمەن؛

29ماڭا قارشى غالجىرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ، ھاكاۋۇرلىشىپ كەتكەنلىكىڭنىڭ قۇلىقىمغا يەتكىنى تۈپەيلىدىن،

30ئى ھەزەكىيا*، شۇ ئىش ساڭا ئالامەت بېشارەت بولىدۇكى، ــ

31يەھۇدا جەمەتىدىكى قۇتۇلغان قالدىسى بولسا يەنە تۆۋەنگە قاراپ يىلتىز تارتىدۇ،

32چۈنكى يېرۇسالېمدىن بىر قالدىسى،

33شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسۇرىيە پادىشاھى توغرۇلۇق مۇنداق دەيدۇ: ــ

34ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا،

35ــ چۈنكى ئۆزۈم ئۈچۈن ۋە مېنىڭ قۇلۇم داۋۇت ئۈچۈن بۇ شەھەرنى ئەتراپىدىكى سېپىلدەك قوغداپ قۇتقۇزىمەن». ◘ 37:35 2پاد. 20‏:6*

36شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى چىقىپ، ئاسۇرىيەلىكلەرنىڭ بارگاھىدا بىر يۈز سەكسەن بەش مىڭ ئەسكەرنى ئۇردى. مانا، كىشىلەر ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆردى! ◼ 37:36 +bd «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى»+bd* ــ تەۋرات دەۋرىدە ئىنتايىن ئالاھىدە شەخس ئىدى. بەزى ئىشلاردا ئۇ خۇدانىڭ ئورنىدا كۆرۈنەتتى (مەسىلەن، «يار.» 18-بابنى كۆرۈڭ).* ◘ 37:36 2پاد. 19‏:35*

37شۇڭا ئاسۇرىيە پادىشاھى سەنناخېرىب چېكىنىپ، يولغا چىقىپ، نىنەۋە شەھىرىگە قايتىپ تۇردى.

© 2010 Institute for Bible Translation
div>