1خەلقىمگە تەسەللى بېرىڭلار، تەسەللى بېرىڭلار، دەپلا يۈرىدۇ خۇدايىڭلار؛
2يېرۇسالېمنىڭ قەلبىگە سۆز قىلىپ ئۇنىڭغا جاكارلاڭلاركى،
3ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى!
4بارلىق جىلغىلار كۆتۈرۈلىدۇ،
5پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدۇ،
6ــ ئاڭلاڭلار، بىر ئاۋاز «جاكارلا» دەيدۇ؛
7ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ،
8ئوت-چۆپ سولىشىدۇ، گۈل خازان بولىدۇ؛
9ــ ئى زىئونغا خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچى، يۇقىرى بىر تاغقا چىققىن؛
10مانا، رەب پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىدە كېلىۋاتىدۇ،
11قويچىدەك ئۇ ئۆز پادىسىنى باقىدۇ؛
12كىم دەريا-ئوكيانلارنىڭ سۇلىرىنى ئوچۇمىدا ئۆلچەپ بەلگىلىگەن،
13كىم پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا يوليورۇق بەرگەن؟
14ئۇ كىم بىلەن مەسلىھەتلەشكەن،
15مانا، ئۇنىڭ ئالدىدا ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن چېلەكتە قالغان بىر تامچا سۇدەك،
16پۈتكۈل لىۋان بولسا قۇربانگاھ* ئوتىغا،
17ئەل-يۇرتلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنەرسە ئەمەستۇر؛
18ئەمدى سىلەر تەڭرىنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟
19بىر بۇتقىمۇ؟!* ئۇنى ھۈنەرۋەن قېلىپقا قۇيۇپ ياسايدۇ؛
20يوقسۇللارنىڭ بېغىشلىغۇدەك ئۇنداق ھەدىيىلىرى بولمىسا، چىرىمەيدىغان بىر دەرەخنى تاللايدۇ؛
21سىلەر بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟ سىلەرگە ئەزەلدىن ئېيتىلمىغانمىدۇ؟ يەر-زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟
22ئۇ يەر-زېمىننىڭ چەمبىرىكىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىدۇ،
23ئۇ ئەمىرلەرنى يوققا چىقىرىدۇ؛
24ئۇلار تىكىلدىمۇ؟ ئۇلار تېرىلدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ غولى يىلتىز تارتتىمۇ؟
25ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچىسىلەر؟
26كۆزلىرىڭلارنى يۇقىرىغا كۆتۈرۈپ، قاراڭلار!
27ــ نېمىشقا شۇنى دەۋېرىسەن، ئى ياقۇپ؟
28سىلەر بىلمىگەنمۇسىلەر؟ ئاڭلاپ باقمىغانمۇسىلەر؟
29ئۇ ھالىدىن كەتكەنلەرگە قۇدرەت بېرىدۇ؛
30ھەتتا يىگىتلەر ھالىدىن كېتىپ چارچاپ كەتسىمۇ،