يەشايا 46:1-13 UIGB2010 - Bible AI

1بەل بولسا تىز پۈكتى، نېبو ئېڭىشىۋاتىدۇ؛ ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاغلارنىڭ زېممىسىگە، كالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى؛ سىلەر كۆتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار ئەمدى ئۇلاغلارغا ئارتىلغان بولۇپ، ھالسىز ئۇلاغلارغا ئېغىر يۈك بولىدۇ! ◼ 46:1 \+bd «بەل»\+bd* ــ بابىلنىڭ «باش بۇت»ى، «نېبو» ئۇنىڭ «ئوغلى» ئىدى. مۇشۇ بېشارەتتە يەشايا پەيغەمبەر بابىل شەھىرى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشكەندە، خەقلەر بۇتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقا بىر يۇرتقا يۆتكىمەكچى بولغانلىقىنى ئالدىن ئالا كۆرىدۇ. شۇ جەرياندا بۇتلارنى يەرگە قويۇش كېرەك بولغاچقا، پەيغەمبەر «بەلنىڭ تىز پۈككەنلىكىنى، نېبونىڭ ئېڭىشىۋاتقانلىقى»نى كۆرۈپ مازاق قىلىدۇ. \+bd «ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرى ئۇلاغلارنىڭ زېممىسىگە، كالىلارنىڭ زىممىسىگە چۈشتى...»\+bd* ــ بۇتلار ئۇلاغنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەندەك قىلىدۇ. \+bd «سىلەر كۆتۈرگەن نەرسىلىرىڭلار»\+bd* ــ بابىلدىكى دىنىي مۇراسىملاردا، پۇقرالارنىڭ بۇتلارنى كۆتۈرۈپ كوچىلارنى ئايلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى. بىراق ئەسلىدە بابىللىقلار ھۆرمەت بىلەن «كۆتۈرگەن نەرسىلەر» ھازىر ئاددىي بوغچىلاردەك ئۇلاغلارغا ئارتىلدى.

2ئۇلار ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ، بەلكى ئۆزلىرى ئەسىرگە چۈشىدۇ. ◼ 46:2 \+bd «ئۇلار \+bdit ، يەنى بابىللىقلار ياكى ئۇلارنىڭ ئۇلاغلىرى\+bdit* ئېڭىشىدۇ، بىرلىكتە تىز پۈكىشىدۇ؛ ئۇلار مۇشۇ يۈكنى قۇتقۇزالمايدۇ،...»\+bd* ــ دېمەك، بۇتلار ئادەم ياكى ئۇلاغلارغا يۈك بولغان ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايلا قالماي، بەلكى ئۇلاغلارنىمۇ ھالسىزلاندۇرىدۇ.

3ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، شۇنداقلا ئىسرائىل جەمەتىنىڭ قالدىسى، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر، ــ ماڭا قۇلاق سېلىڭلار! ◼ 46:3 \+bd «ئى ياقۇپنىڭ جەمەتى، ... ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىكى چاغدىن تارتىپ ئۈستۈمگە ئارتىلغانلار، بالىياتقۇدىكى چاغدىن تارتىپ كۆتۈرۈلۈپ كەلگەنلەر...»\+bd* ــ ھەقىقىي خۇدا ئادەمنىڭ كۆتۈرۈشىگە موھتاج ئەمەس، بەلكى ئۆزى ئۆز خەلقىگە غەمخورلۇق قىلىپ ئۇلارنى كۆتۈرىدۇ.

4سىلەر قېرىغۇچىمۇ مەن يەنىلا شۇنداقتۇرمەن، چېچىڭلار ئاقارغۇچىمۇ مەن سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن؛ سىلەرنى ياسىغان مەندۇرمەن، سىلەرنى كۆتۈرىمەن؛ سىلەرنى يۈدۈپ قۇتقۇزىمەن.

5ئەمدى مېنى كىمگە ئوخشاتماقچى، ياكى كىمنى ماڭا تەڭ قىلماقچىسىلەر؟ ئۇنى ماڭا ئوخشاش دەپ، سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرماقچىسىلەر؟ ◘ 46:5 يەش. 40‏:18، 25

6ئۇلار بولسا ھەميانىدىن ئالتۇننى چېچىپ بېرىپ، كۈمۈشنىمۇ تارازىغا سالىدۇ، بىر زەرگەرنى ياللىۋالىدۇ، ئۇ بىر مەبۇدنى ياساپ بېرىدۇ؛ ئۇلار يىقىلىدۇ، دەرۋەقە چوقۇنىدۇ!

7ئۇلار ئۇنى مۈرىسىگە ئارتىدۇ، ئۇنى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئورنىغا قويىدۇ؛ ئاندىن ئۇ ئاشۇ يەردە ئۆرە تۇرىدۇ؛ ئۇ ئورنىدىن قوزغىلالمايدۇ؛ بىرسى ئۇنىڭغا يېلىنىپ تىلەيدۇ، لېكىن ئۇ جاۋاب بەرمەيدۇ؛ ئۇ كىشىنى ئاۋارىچىلىكىدىن قۇتقۇزمايدۇ. ◘ 46:7 يەش. 45‏:20

8مۇشۇ ئىشلارنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار؛ شۇنداقلا ئۆزۈڭلارنى ھەقىقىي ئەركەكلەردەك كۆرسىتىڭلار؛ ئى، ئىتائەتسىزلەر، بۇنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛

9ئىلگىرىكى ئىشلارنى، يەنى قەدىمدىن بولغان ئىشلارنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار؛ چۈنكى مەن تەڭرىدۇرمەن، باشقا بىرى يوقتۇر؛ مەن خۇدادۇرمەن، ماڭا ئوخشاشلار يوقتۇر؛ ◘ 46:9 يەش. 45‏:5، 14، 18، 21، 22؛ 48‏:12

10مەن: «مېنىڭ بېكىتكىنىم ئورۇنلىنىدۇ، كۆڭلۈمگە بارلىق پۈككەنلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرماي قويمايمەن» دەپ، ئىشنىڭ نەتىجىسىنى باشتىلا، ئالدىنئالا تېخى قىلىنمىغان ئىشلارنى ئايان قىلىپ ئېيتقۇچىدۇرمەن؛ ◘ 46:10 زەب. 33‏:11؛ پەند. 19‏:21؛ 21‏:30؛ ئىبر. 6‏:17

11كۈنچىقىشتىن يىرتقۇچ بىر قۇشنى، يەنى كۆڭلۈمگە پۈككىنىمنى ئادا قىلغۇچى بىر ئادەمنى يىراق يۇرتتىن چاقىرغۇچىدۇرمەن. بەرھەق، مەن سۆز قىلغان، بەرھەق، مەن ئۇنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن؛ بۇنى نىيەت قىلغانمەن، بەرھەق، مەن ئۇنى ۋۇجۇدقا چىقىرىمەن. ◼ 46:11 \+bd «كۈنچىقىشتىن يىرتقۇچ بىر قۇشنى ...يىراق يۇرتتىن چاقىرغۇچىدۇرمەن...»\+bd* ــ «يىرتقۇچ بىر قۇش» قورەشنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ بىر تەرىپىنىڭ ئەشەددىيلىكىنى خۇدا ئىسرائىلدىن يوشۇرمايدۇ.

12ئى ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار: ــ ◼ 46:12 \+bd «ھەققانىيلىقتىن يىراق كەتكەن جاھىللار»\+bd* ــ خۇدا يۇقىرىدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق 2:41-3، 25؛ 24:44-11:45دە ئىسرائىللارنى بابىلدىن كەلگۈسىدىكى «قورەش» دېگەن بىر پادىشاھ ئارقىلىق قۇتقۇزىمەن، دەپ جاكارلىقان. «جاھىللار» بولسا خۇدانىڭ بۇ «قورەش پىلان»ىنى ياقتۇرمايدىغان ئىسرائىللارنى كۆرسەتسە كېرەك؛ ئۇلارنىڭ ياقتۇرمايدىغانلىقى بولسا قورەش يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى پارس بولغانلىقى ئۈچۈن بولىدۇ.

13مەن ھەققانىيلىقىمنى يېقىن قىلىمەن، ئۇ يىراقلاشمايدۇ؛ شۇنىڭدەك مېنىڭ نىجاتىم ھەم كېچىكمەيدۇ؛ مەن زىئونغا نىجات يەتكۈزۈپ، ئىسرائىلغا جۇلالىق-گۈزەللىكىمنى تىكلەپ بېرىمەن». ◼ 46:13 \+bd «مەن ھەققانىيلىقىمنى يېقىن قىلىمەن، ئۇ يىراقلاشمايدۇ؛ شۇنىڭدەك مېنىڭ نىجاتىم ھەم كېچىكمەيدۇ؛ مەن زىئونغا نىجات يەتكۈزۈپ... بېرىمەن»\+bd* ــ خۇدا يەنىلا مېھىر-شەپقىتىنى كۆرسىتىپ، ھەتتا «جاھىللار»غىمۇ قورەشنىڭ ئىشلىرى ئارقىلىق نىجاتقا ئېرىشىشتىكى پۇرسەتنى كەلتۈرىمەن، دەيدۇ.

Scripture quotations taken from the Uyghur Bible (2010), Institute for Bible Translation / Uyghur Bible Translation Committee. Licensed under CC BY-SA 4.0 where published via eBible.
div>